peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:05:46

بۆرەك، ئوبىرنى، زەيتۇن يېغى

بۆرەك، ئوبىرنى، زەيتۇن يېغى
ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر بۆرەك كىسلىنى داۋالاش بەكمۇ تەس،داۋالىدى دىگەن تەغدىردىمۇ، ئاساسەن ئىقتىسادقا بېرىپ تاقىلىدۇ، بۆرەك زەئىپلەشتى ياكى كاردىن چىقتى دىگەن گەپ،بۆرەك زەئىپلەشسە كاردىن چىقسا، قان تازىلاتماي بولمايدۇ،ھەپتىدە ئىككى قېتىم ، ئېغىر بولغاندا 3 قېتىم، پۇل بولمىسا، قان تازىلىتىشقىمۇ ئامال يوق، ئۈلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان گەپ،
بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن زور ئىقتىساد كېتىدۇ، ۋاڭ يەنناغا ئوخشاش ھەقسىز بۆرەك تەقدىم قىلسىغۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز، ئۇنداق بولمىسا، مۇۋاپىق كېلىدىغان تەييار بۆرەكنى سىزگە كىم تەغدىم قىلىدۇ دەيسىز، شۇ بۆرەكنى تەغدىم قىلغان تەغدىردىمۇ يەنە ئوپىراتسىيە ھەققى، ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى كۈتۈنۈش ۋە باشقا ھەقلەر خېلى ھاللىق ئائىلىنىمۇ ھالسىرىتىپ قويىدۇ، نامرات بولسا ئۈلۈمگە يول ئالماقتىن باشقا ئامال يوق،گەرچە تور،گېزىت،ژورنال ئارقىلىق جەميەتتىن ئانچە مۇنچە ياردەم قىلدى دىگەندىمۇ بىراقلا يۈزمىڭ ياكى ئىككى يۈز مىڭ پۇلنىڭ بىراقلا يىغىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە.....
ئەمدى بۆرەكنى قانداق ئاسرايمىز، بىز باشقىسىنى قىلالمىساقمۇ، ئەڭ ئەقەللىسى كىچىك تاھارەت قىستىغاندا ۋاقتىدا ھاجەت قىلايلى. ئوبىرنىغا ۋاقتىدا بارايلى، ھەقسىز ئوبىرنىغا بارالمىساق، ھەقلىق بولسىمۇ ۋاقتىدا ئوبىرنىغا بېرىپ سۈيدۈكنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتەيلى. چۈنكى، قان بەدەننى ئايلىنىپ،بۆرەككە كەلگەندە بۆرەك قان تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ، كۈرۈڭ بۇ كارامەتنى كىچىككىنە مۇشتۇمچىلىك كەلمەيدىغان بىر ئەزا قان تازىلاۋاتىدۇ، سۈنئى قان تازىلاش ئۈسكىنسىنى تېلۋىزۇردا ياكى دوختۇرخانىلاردا كۆرگەنلەر ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ خېلىلا چوڭ، شۇنداق تۇرۇقلۇق،بۆرەكنىڭ فۇنكىسسىيىسىنى تۇللۇق ئۇرۇنلاپ كەتمەيدۇ، قاراڭ، رەب نىڭ ھېكمىتىگە، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىغا.
شۇنداق قاندىكى ناچار نەرسىلەر بۆرەك ئارقىلىق تازىلىنىپ، سۈيدۈك قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق نەرسىلەر چىقىرىپ تاشلىنىش ئۈچۈن سۈيدۈك خالتىسىدا ساقلىنىپ تۇرىدۇ، بۆرەك داۋاملىق قاننى تازىلاپ تۇرىدۇ، مىنۇت،سىكۇنىتلاپ، شۇڭا ئادەم بولغان بىز شۇ كاللمىزدا كىچىك تاھارەتتىن ئىبارەت
ھىس تۇيغۇ شەكىللەنگەن ھامان ۋاقتىدا ئوبىرنىغا بېرىڭ،ۋاقتىدا ئوبىرنىغا بېرىش، يۈزمىڭ يۈئەن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك پۇلنى دوختۇرخانىغا بەرگەنگە قارىغاندا، گاڭسا جىسا بۇلۇپ،نامرات بولغانغا قارىغاندا كۆپ ياخشى ۋە ئاقىلانە تاللاشتۇر..كۈندۇزى كۆپرەك سۇ ئىچىپ بىرىڭ، ئاخشىمى ئازراق سۇ ئىچىڭ، كۈندۈزى سۇ ئىچىش بۆرەكتە تاش پەيدا بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنى قايناقسۇ، ھەرگىزمۇ سوغاقسۇ ياكى ئسىپىرتلىق سۇ ئەمەس. زەيتۇن يېغى، دۇنيادىكى ئەڭ ئىسل ياغ دەپ تەرىپىلەنمەكتە، ئۇنىڭ كىسەل داۋالاش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى، چۈنكى ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان تۇيۇنمىغان كىسلاتا ۋە باشقا ماددىلار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە رولى ناھايىتى چوڭ، بىزدە ماينى ماي ئالىدۇ دەيدىغان گەپ بار، يەنى سۇپۇننىمۇ مايدا،ياغدا ياسايدۇ، ھايۋانات يېغى ۋە ئۈسۈملۈك يېغى، شۇنىڭغا كىيىملەرنى سۇپۇندا يۇيغاندا چۇقۇم پاكىز چايقاش كېرەك، ياكى چوشقا يېغى ئىشلىتىلمىگەن يەرلىك كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان سۇپۇننى ئىشلىتىش كېرەك، زەيتۇن يېغى بولسا، ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇق مايلارنى پارچىلاپ، مىڭە قان تۇمۇر تۇسۇلۇش، قاندىكى ياغ ماددىسى ئارتىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش دىگەن كىسەللەرگە ئالاھىدە ئۈنۈمى بار، كۈندە زەيتۇن يېغىدىن ئىككى قۇشۇق يەپ بەرسە ئادەمنى ساغلام قىلىپ، يۇقۇردا دىيىلگەن كىسەللەرگە ئۈنۈملۈك شىپا بولىدۇ، ئۇندىن باشقا دىئابىت كىسىلىگىمۇ بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار.شۇڭا ماي مىقدارى ئېشىپ كەتكەن، سەمىرىپ كەتكەن، جىگەرنى ماي قاپلاپ كەتكەن، قان تۇمۇر مىڭە تۇسۇلۇش كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار زەيتۇن يېغى يەپ بىرىڭ،كۈندە ئىككى قۇشۇق،بىراقلا يىيەلمىسىڭىز، سوغۇق سەيگە ئارىلاشتۇرۇپ يەڭ، تاماق ئىتىپ يىسىڭىز تېخى ياخشى،ئىقتىسادى قۇربىتىڭىز يەتسە، چۈنكى، زەيتۇن يېغى بىر قەدەر قىممەترەك، لېكىن، دورىغا سېلىشتۇرغاندا ئەرزان توختامدىكى.
بۇنى ئۈزىڭىز قارار قىلىڭ.مىسال: ۋېلىسپىت رىمونت قىلىدىغان بىر يەكەنلىك كىشى 40 يېشىدا ۋاپات بولدى، سەۋەبى ، ۋاقتىدا ئوبىرنىغا بارمىغان ،بارالمىغان ھەر قېتىم بارماقچى بولغاندا، ۋېلىسپىت رىمونت قىلدۇرىدىغانلار كەپ قالغان، شۇنداق قىلىپ، نەچچە سائەتلەپ سۈيدۈكنى قىستاپ تۇرغان، ۋاقتىدا كىچىك تاھارەتنى ۋاقتىدا قىلمىغان، سۈيدۈكنى بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرۋەتمىگەن، نەتىجىدە بۆرەك كاردىن چىققان، سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەن ئاخىرىدا ھاياتىنى نابۇت قىلغان. بىر ئىككى يۈئەن ئۈچۈن، بۆرەك كاردىن چىقىپ،ۋاقتىدا كىچىك تاھارەت قىلمىغانلىقى، ئوبىرنىغا ۋاقتىدا بارمىغانلىقى سەۋەبلىك،
سۈيدۈكتىن ئىبارەت بەدەن ئەخلىتى ۋاقتىدا سىرتقا چىقىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ،بىر ئىككى يۈئەن ، ئاخىرى ياشلا تۇرۇپلا ھالەك بولغان.
يۇقاردىكى مەزمۇنلارنى دەپ بەرگۈچى: ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىن تۇرغۇن.
مۇنبەرگە يوللىغۇچى: بارماقلىرىم، ئاڭلىغىنى: قۇلاقلىرىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:37  

باران يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:25:42

RE: بۆرەك ۋە زەيتۇن يېغى

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:05 static/image/common/back.gif
بۆرەك، ئوبىرنى، زەيتۇن يېغى
ھەممىمىز بىلىمىز ھازىر بۆ ...

مېنىڭچە تېمىنى «بۆرەك ۋە زەيتۈن يېغى» دەپ ئالغان تۈزۈك .«ئوبىرنى» ئاتالغۇسى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يوق .پەقەت ئاغىزاكى تىلدىلا ئازتولا ئۇچرايدۇ .

faeza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى 22:48:17

ناھايىتى ياخشى تىمىكەن . ئەڭ ياخشىسى بۇ تىمىنى تىما ئىگىسى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاپ قۇيۇڭ ! ھەممە ئادەم پايدىلانسۇن ، بەك ئاددى ھەم بەك مۇھىم ئىشكەن بۇ !

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:41:44

زەيتۇن يېغى بەدەندىكى توكسىننى تازىلاش رولى بار . شۇڭا قەۋزىيەت بولغانلار قۇرۇقلا ئىستىمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەت كېسەللىكگە پايدىلىق . ئۇنىڭدىن سىرت تاماقنى مايلىقراق يەيدىغانلار باشقا مايلارنى ئىشلەتكەندىن زەيتۇن يېغى ئىشلەتسە يۇقىرى قان بېسىم ، قاندىكى ماي تەركىبىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
ھازىر كۆپىنچە ياشلاردا بۆرەك ئاجىزلىقى ، بەزىبىر سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ، جنىسىي يول كېسەللىكلىرى ئېغىرلاپ قالدى ، مەنچە سەۋەبى ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ خىزمەت بېسىمى ،تۇرمۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .  مەسىلەن بانكا ، دوختۇرخانا ، شوپۇرلۇق ،دىگەندەك قوپماي ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ئورۇنلاردىكىلەر تازىلىق ئۆيىگىمۇ خالىغان ۋاقتىدا بارالمايدۇ ، يەنە ھازىرقى ياش ئۆسمۈرلىرىمىز تورخانىغا بىر كىرىپ كەتسە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كىرىشىپ ،تازىلىق ئۆيىگىمۇ كىرىشكە ۋاقتى چىقمايدۇ ...شۇنداق ئەھۋاللار ئۇزاق داۋاملاشقاندا بەدەندىكى چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك زەھەرلىك ماددىلار بەدەنگە تارقىلىپ بەزىبىر كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ئىش شۇ ....:L
peacelife212 نىڭ بۇنداق ئاددىي ئەمما تۇرمۇشىمىزدا ئۆزىمىز دېققەت قىلمايدىغان نۇقتىلاردىن ئويلىنىپ يازغان تېمىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم . ئەھمىيەتلىك تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن peacelife212 :victory: بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 09:44  

RUZEBAK يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 10:12:34

زەيتۇن يېغې  دېگەن نې قانداق  چۇشېنېمېز؟؟؟؟؟

قاپلان يوللانغان ۋاقتى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 22:13:58

رەھمەت . بىلىدىغانلىرىم يەنە كۆپەيدى.:) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاپلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى 12:03  

بەت: [1]
: بۆرەك، ئوبىرنى، زەيتۇن يېغى