nawriza يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 19:33:31

نەۋرىزە: كۆك چۆچۈرىسىگە مەرھەممەت!!!!

بۈگۈن سىلەرگە ھەممىمىز ياقتۇردىغان بېدە چۆچىرىسنى ئېتىپ بەرمەكچىمەن. چۈنكى بىدە چىقىدىغان ۋاقت بولۇپ قالدى. بېدە چۆچىرىسى « كۆك چۆچىرىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ

كۆك چۆچىرىسىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، كىشىگە بىر خىل كۆكلەم تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. ئەتىيازدا مىجەزنى تەڭشەيدۇ، قاننى تازىلايدۇ. ئومۇمەن سالامەتلىككە پايدىلىق.

كېتىدىغان خۇرۇچ: ئاق ئۇن، بېدە، كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي.
خېمىر؛ ئادەتتىكى چۆچۈرنىڭ خېمىرىدەك يۇغۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ.
قىيما؛ بىدىنى 10 مىنوتتەك تۇز سۈيىگە چىللاپ قويۇپ ئاندىن يۇساق بەك پاكىزە بولىدۇ. ئاندىن بېدىنى تازا يۇمشاق چانايمىز. ئۇنىڭغا يېتەرلىك تۇز، قوي ماي سېلىپ مىجىيمىز. قوي ماينىڭ تېتىغانلىغىنى
بىلىش ئۈچۈن، قىيمىنىڭ ھالىتىگە قارايمىز. قىيما چېچىلماي تىك ھالەتتە تۇرىشى لازىم. چۈنكى بېدىنىڭ تەبىئىيىتى بەك سوغاق بولغىنى ئۈچۈن، قويماينى ئارتۇغراق سالمىساق، ، ھەم تەمسىز، ھەم بەكلا سوغاققا مايىل بولۇپ كېتىدۇ. بەزىلەر گۆش قوشۇپمۇ ئېتىدىكەن. بىراق نەق ئۆزىنىڭ تەمى بىلەن يىگەن ياخشى. ئۆزىڭىز خالىغاننى قىلىڭ!

خېمىر بەك نېپىز يېيىلىشى كېرەك. پىشقاندىن كېيىن ئىچىدىكى بېدە كۆرۈنۈپ تۇرسۇن. چۆچىرىنى تۈككەن ۋاقتىمىزدا ئادەتتىكى چۆچىرىدىن سەل چوڭراق تۈگسەك ياخشى بولىدۇ ئىچىگە قىيما جىقراق پاتىدۇ.

پىشۇرۇش ئۇسۇلى؛ بەزىلەر چۆچىرىنىڭ سۈيىنى ئايرىم تەييارلىۋېلىپ، چۆچىرىنى شۇ سۇغا سالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى. چۆچىرىنى سۇغىلا سېلىپ بىر ئىكى قاينىغاندىن كېيىنلا، چويلا بىلەن تاۋاققا سۇزۈپ ئېلىپ، ئۇنى يەنە ئازاراق كۆيدۈرۈلگەن قۇيرۇق ماي بىلەن ئېلەشتۈرۈپلا يىسىڭىز، بەكمۇ يېيىشلىك، ئۆز تەمى بىلەن بولىدۇ. خېمىر ئالاھىدە نېپىز يېيىلغىنى ئۈچۈن بەكلا تېز پىشىدۇ. پىشۇرۇش جەريانىدا سارغايتىۋەتمەڭ. تەركىۋىدىكى پايدىلىق ماددىلار يوقاپ كېتىدۇ، ھەم ئۆز تەمىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.

ئۇنداقتا كۆك چۆچىرىسى پىشتى. چوڭلار« يىلدا بىر قېتىم ئېغىز تەگمەك بار» دەپ ئەتىۋارلىق دەرىجىسىنى
تەكىتلەپ كەلگەن. ئۇنداقتا ھەممىڭلارنىڭ ئېغىز تېگىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!!!
قېنى مەرھەممەت!

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:34:21

دادام بەك ئامراق بولغاچقىمۇ بىزنىڭ ئۆيدە بەك كۆپ ئېتىلەتتى، بىراق مەن ئۆزۈم قول سېلىپ بىرەر قېتىم ئېتىپ باقماپتىكەنمەن، قېنى مۇشۇ كۆرسەتمىلەر بويىچە بىر ئېتىپ باقارمەن، قاملىشىپ قاسا كېلەر قېتىم نەۋرۇزە ھەدە سىزنى چاقىرىمەن جۇمۇ:lol

dilroh يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 23:32:25

مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى 22:34 دە يوللىغان /images/common/back.gif
دادام بەك ئامراق بولغاچقىمۇ بىزنىڭ ئۆيدە بەك كۆپ ئېتىلەتتى، بىراق مەن ئۆزۈم قول سېلىپ بىرەر قېتىم ئېتىپ باقم ...


ۋۇي ئىتىپ باقمىدىم دەيسىزغۇ  ھەدە  دەرھال قالماشتۇرۇپلا ئەمەس ئوخشۇتۇپ ئىتىشنى ئۆگۈنىڭ  

بۇ قىش چىقمايدىغانلا قىش بولدىمۇ بىدە كۆرگىلى بولارمۇ بۇ ئايدا ھى ھى رەھمەت تىمىڭىزغا تىما يوللانلىغان ھەدە :lol

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 00:01:27

قېنى كىم ئىتىدۇ، بىز ئەرلەر ئېغىز تىگەيلى، تەييارغا ھەييار بولايلى. ھاھاھ...
نەۋرىزە ھەدەمگە رەھمەت.

nazinin يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 09:18:19

ماۋۇ تېمىنى  ئوقۇپ بولغۇچە ئاغزىمغا سېرىق سۇ كېلىپ كەتتى .
كۆك چۆچۈرىسى يەيدىغانغىمى ئاز قالدى مانا .....

سامسىپەز يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:00:52

سامسا ياقسا قانداق بولار؟
   كوك سامسىسى ياكى رەڭلىك سامسا... دەپ ئىسىم قويۇپ..  يېقىپ باقىدىغان ئىشمىكىن....:D

anar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 19:38:34

سامسىپەز بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى 15:00 دە يوللىغان /images/common/back.gif
سامسا ياقسا قانداق بولار؟
   كوك سامسىسى ياكى رەڭلىك سامسا... دەپ ئىسىم قويۇپ..  يېقىپ باقىدىغان ئىشمىكىن....:D
كۆكنىڭ سۈيىنى سىقىپ خېمىرنى شۇنىڭدا يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ بېقىڭ ، پۇل بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
قايسى بىر يىلى غۇلجىدىكى چوڭ ئاپامغا ياردەملەشكەچ ئۆگىنىۋالغان ، بۇ يىل يەنە بىر قول سېلىپ سىناپ باقىمەن :loveliness:

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 01:11:29

يېرىم كېچىدە كىم مېنى بۇنداق تېمىنى كۆرسۇن دەپتىكەن، قورسۇقۇم ئېچىپ تۇرغارندا ئەجەپ بىر:Q

makanmusic يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 15:48:53

كۆك چىقىپتىمۇ؟ نەدە سېتىۋىتىپتۇ؟ كونسولدا ياكى سەنشىخاڭدا كۆرمىدىمغۇ؟
ئەتكەنلەر ئۆيۈڭلەرگە چاقارساڭلار بېرىپ يەپ كىلىلى:P

خۇشچىراي يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 12:09:42

بۈگۈن مەن ئىتەي دەپ تەييارلىق قىلىپ قۇيۇپ ئىشقا كەلدىم ،كەچتە ھەممىڭلار بېرىڭلار تازا بىر مىھمان قىلاي .
بەت: [1] 2
: نەۋرىزە: كۆك چۆچۈرىسىگە مەرھەممەت!!!!