kizilgul يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:56:58

ئۈرۈمچىدىكى ئايال قەلەمكەشلەر 70 ياشلىق ئايال يازغۇچىنى تەبرىكلىدى

http://7qiz.com/attachments/month_1103/1.GIF



بۈگۈن 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى خاسىيەتلىك بىر يەكشەنبە بولدى.
بۈگۈن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى خېلىلا سوغۇق، ئەتىيازنىڭ مۇزدەك شامىلى يۈزلەرگە نەشتەردەك ئۇرۇلۇپ تۇرسىمۇ ، يۈرەكلىرى ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرغان ئايال قەلەمكەشلەرنىڭ دوستانە يىغىلىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن ئىدى.
ئاتاغلىق يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت خانىم باشلىق بىر قىسىم ئايال قەلەمكەشلەر ئۈرۈمچدىكى مەلۇم بىر چايخانىغا يىغىلىپ ، ئاياللار بايرىمىنى ۋە بۇ يىل 70ياشقا توشقان بولسىمۇ سىياقىدىن 50 لەرگە كىرگەندەك روھلۇق ھەم ياش كۆرۈنىدىغان داڭلىق يازغۇچى تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىمنى قىزغىن تەبرىكلىدى. پائالىيەت ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق داۋام قىلدى.
ئايشەم ئەخمەت خانىم ئاياللار  بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، يېرىم ئەسىرلىك دوستى، بۈگۈنكى پائاليەتنىڭ ئەزىز مېھمىنى تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىمنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى، تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ، بۇ دوستىنى تەبرىكلىدى. سورۇن ئەھلى قىزغىن ئالقىشلار بىلەن تەبرىكنى جانلاندۇردى. سورۇنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئاچا-سىڭىللار ئۆز ئارا شېرىن سۆزلىرى ۋە كۆڭۈل سوغاتلىرى بىلەن تۇرسۇنئاي خانىمنى ۋە بىر-بىرىنى تەبرىكلەشتى. شائىرەلەر شېئىر ئوقۇپ ، ئۆز ئارا ئۇسسۇل ئوينىشىپ ، بايرامغا ۋە تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىمنىڭ 70يېشىغا تەنتەنە قىلىشتى. تۇرسۇنئاي يۇنۇس خانىم، ئايشەم ئەخمەت خانىملار سورۇنغا قاتناشقان ياش قەلەمكەشلەرگە تۇرمۇش، ئىجادىيەت، پەرزەنت تەربىيىسى، ئۆزىنى كۈتۈش، ساغلام ، گۈزەل خانىملاردىن بولۇش ھەققىدە نەسىھەتلەر قىلدى. سورۇن ئەھلى بۇ پائالىيەتنى ئاددى تەبرىك ياكى يىغىلىش ئەمەس بەلكى، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ، تەجىربە ئۆگىنىش ، چوڭلارنى ھۈرمەتلەش، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشنىڭ دەرسخانىسى دەپ ھېسابلىدى.
پىقىر شۇ سورۇن قاتناشچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ بايرامنى ئەھمىيەتلىك بايرام دەپ ھېسابلاپ شېئىر ئوقۇدى ۋە ئاخىرىدا بۇ خۇشاللىقتىن تورداشلار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىستەپ ، بۇ ئاددىي يازمىنى يوللىدى.
تۆۋەندە پائالىيەتتىن قىسمەن  كۆرۈنۈشلەر :


ئەسكەرتىش : سېرىق پوپايكا كىيگەن خانىم دەل تۇرسۇنئاي يۇنۇس


http://7qiz.com/attachments/month_1103/3.GIF


http://7qiz.com/attachments/month_1103/2.GIF

jahandar يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:45:54

بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ!:loveliness:
ئاپپاينىڭ تىنىنىڭ سالامەت،ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
رەسىمنىڭ سىغىمى بەك چوڭكەن،تىمىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، بولسا قىسمەتكام ئوڭشاپ قويغان بولسا!

tiwix يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 18:36:08

بۇئاياللار بايرىمى  ھارپىسىدا  ئېلىپ  بارغان    پائالىيىتى ھەجەپمۇ  بىر  ئەھمىيەتلىك  پائالىيەت  بوپتۇ.......
بارلىق يازغۇچى  قەلەمكەش ھەدىلىرىمىز ، ئاپىلىرىمىز شۇندالا  مومىلىرىمىزنىڭ ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش  بىلەن  بىرگە ئۇلارنىڭ  قەلىمىگە  بەركەت ، تېنىگە  سالامەتلىك ، ئائىلىسىگە بەخىت خاتىرجەملىك ، تۇرمۇشىغا خوشاللىق  تىلەيمەن ~

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:28:05

بايرامدا رېستۇراندا يەپ- ئىچىش شەرت بولمىغاندىن كېيىن، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى قىلسىمۇ بولىدۇ، ئىشلىرىڭىلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

peacelife212 يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 22:54:36

قايسىسى ئايشەم ئەخمەت ئاپپاي ؟
بارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم بۇلۇشىن تىلەيمەن.

kizilgul يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 08:55:15

زەڭگەر  (ھاۋارەڭ) مايكا كىيگىنى ئايشەم ئەخمەت خانىم بولىدۇ.
مەن ئايرىپ كۆرسىتەي دېسەم ،رەسىم نورمال چىقمايۋاتىدۇ.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:09:33

تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ، بارلىقىڭلارغا سالامەتلىك ۋە خۇشاللىق يار بولسۇن ھەدە!

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:12:02

jahandar بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:45 دە يوللىغان http://7qiz.com/images/common/back.gif

بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ!:loveliness:
ئاپپاينىڭ تىنىنىڭ سالامەت،ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشىنى تىلەيمەن.
رەسىمنىڭ سىغىمى بەك چوڭكەن،تىمىنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، بولسا قىسمەتكام ئوڭشاپ قويغان بولسا!




ئوڭشاپ قويۇلدى.

Qismet يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 11:14:00

kizilgul بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 08:55 دە يوللىغان http://7qiz.com/images/common/back.gif
زەڭگەر  (ھاۋارەڭ) مايكا كىيگىنى ئايشەم ئەخمەت خانىم بولىدۇ.
مەن ئايرىپ كۆرسىتەي دېسەم ،رەسىم نورمال چىقمايۋاتىدۇ.


تەھرىرلەپ قويۇلدى.

قەھۋە يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:14:56

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بايرام بوپتۇ. بۇلار ئۈچۈن خۇشاللىقنىڭ ئۆزى دەل شۇ يەردە. ئۆزى كۆيگەن، سۆيگەن كەسپى توغرىسدا سۆھبەتلىشىپ، چاي ئىچىشكەچ پاراڭلاشسا بۇ تولىمۇ مەنىلىك سۆھبەت بولىدۇ. قارىغاندا بۇ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بايرىمى بەك ئەھمىيەتلىك ئۆتۈپتۇ. ئۇلارنىڭ قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيلى!
بەت: [1] 2
: ئۈرۈمچىدىكى ئايال قەلەمكەشلەر 70 ياشلىق ئايال يازغۇچىنى تەبرىكلىدى