كىچىك ۋاقىتتىكى ئويۇنلار
قارايدىغان بولساق ، ھازىر توردىكىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ، 30 ياش بىلەن 18 ياش ئارلىقىدىكى ياشلاركەن .ھازىر ئۇچۇر تور تەرەققىيات دەۋرىدە بۇرۇنقى ئىشلارنى ئاساسەن ئۇنتۇدۇق ، لېكىن بەزى تاتلىق ئەسلىمىلەرنى ئۇنۇتماق قىيىن ..............شۇ ئەسلىمىلەرنى بىر ئەسلەپ باقايلى.......
بۇ ئويۇننى ئاقسۇدا ئالامباي دەيدۇ ، باشقا تەرەپتە مەرمەر دەمدىكىن .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_593ef7bc8afb1b4.jpg
رەڭلىك مەرمەر ئويناپ باققانمۇ ؟
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_da4b1a82efee4fe.jpg
سۈزۈك مەرمەرچۇ ؟
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_1abb26812e2a9dc.jpg
بۇنى دېمىسەممۇ نۇر چۆگىلىتىش دەيمىزغۇ ؟ مۇزلۇقلاردا سوقاشتۇرۇپ ئويناپ كېتەتتۇق ......
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_1acfb1e7818fe25.jpg
قېنى كىمنىڭ يامان ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_3210a76502b8d44.jpg
رەگەتكە ، يامان نەرسىتى جۇما .....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_9352775ab168879.jpg
رەگەتكىنىڭ سىزمىسى، يېنىدىكى بۈركۈت ئاتىدىغان قۇرال .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_2df76cf823214ce.jpg
سۇ تاپانچىسى ، شۇ ۋاقىتلاردىكى 2 موچەنلىك ئىلغار قۇراللار ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_530c82c84ef1467.jpg
شۇ ۋاقىتتىكى تاسمىلىق قۇرال ، قەغەزنى قاتلاپ قىزلارغا ئاتاتتۇق ، قىزلار مۇئەللىمگە ئەرىز قىلسا ، خانىمدىن پەشۋا تېپىك يەيتتۇق .....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_3eb68bcf051e9d5.jpg
تاسمىسى ئۈزۈلۈپ كەتسە ، مانا تەييار جۇما ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_4958ce0d0b30d24.jpg
ما تاپانچا بىلەنغۇ خوشۇم يوقتى ، ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئالاھىدىلىكى يوق .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_6fef69bffcaea1d.jpg
چىۋىن ئاتىدىغان 81 تىپلىق قۇرال
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_0bd74e43544e520.jpg
كېرەكسىز پولات سىمدىن ياساپ بىرەتتى دادام ، سىزگىچۇ ؟
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_ad3f9e949765fe2.jpg
بۇ ئۇيۇننىڭ ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ ، ئىشقىلىپ خەت يېزىپ تۇشۇپ قالغان دەپتىرىمنى مۇشۇ ئۇيۇنغا سەرىپ قىلاتتىم .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_06b75064c426cf3.jpg
تەپسىلى قاراڭ ، يادىڭىزدا بارمىكىن .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_4a620d0657d5818.jpg
بۇنى كىچىك ۋاقتىمىزدا ياڭخەر دەيتتۇق ، ئىسسىق سوغۇققا قارىماي ئوينايتتۇق ، چىدىماسلىق قىلسا ، كىچىككىنە قەغەزنى دەپ قاش قاپاق ياراتتۇق .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_2a79d3bda947616.jpg
بۇنىڭ ئىسمى چىرايلىق ئىدى ، ئۆگىنىش قىلىش قۇرالى دەپ ، ئەمىلىيەتتە ئويۇن ئوينايتتۇق.
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_b6631ad675a3f3f.jpg
شۇ زامانلاردىكى( شىئاۋ باۋاڭ ) ماركىلىق ئويۇنچۇق
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_0710a9f5d4bb06b.jpg
ئاشۇ ئۇيۇنچۇقتا ئوينايدىغان ، خۇڭدۇلۇ ناملىق ئويۇن .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_30a3d3c4fe01539.jpg
بۇ ئويۇنمۇ بوپ قوياتتى ، ھە .....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_d6cc4608c0799bf.jpg
ئويلاپ باقسام ، شۇ ۋاقىتتىكى ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقنىڭ قەتتىلام تايىنى يوقكەنتۇق .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_3711900aa7bc281.jpg
ئويناش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئويۇن ، موگو ......
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_b050f0f1e764c93.jpg
مەكتىپىدە دەرەخ يوقلار بۇ ئويۇننىڭ نېمىلىكىنى ، قانداق ئوينايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ؟ قېنى دەپ بېقىڭ قانداق ئوينايدۇ ؟
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_7aa23bdeb31e36f.jpg
ئېشەك دەمدۇق بۇ ئويۇننى ؟
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_82aacff4546f293.jpg
ئاتقا مىنىپ كۈچ سىنىشىش ، ئەلۋەتتە مىنىدىغىنىمىز ئات ئەمەس .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_3fef36024ca58af.jpg
ئىلاستىكىلىق رىزىنكە نەيچىگە سۇ قاچىلايتتۇق ، ئۇچىغا كېرەكتىن چىققان ماي قەلەمنىڭ پولات ئۇچىنىڭ شارىكىنى چىقىرىپ ئۇلايتتۇق ، بۇنداق سۇ چېچىش ئويۇنچىقى خېلى مودا بولغان .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_af2bbc5fc6469fa.jpg
نان يە دەپ بەرگەن 5 موچەنگە ، ماۋۇ كېرەكسىز تامغىنى ئېلىپ ، ئۇقۇغۇچىلىرىمنىڭ دەپتەرلىرىگە ئىمزايىمنى قويۇپ بېرەتتىم ، يېرىم كۈن ئاچ قورساق يۈرەتتىم ، ھەي كىچىكلىك .......
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_43d5f5079b904d7.jpg
ماۋۇ پىۋىلارنىڭ ئېغىزىنى تۈزلەپ ، تەڭگە قىلىپ ئوينايتۇق .......
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_18ea825023b5a0b.jpg
ئاچقۇچلارغا ئېسىۋالىدىغان ، ئەڭ ئىلغار قۇراشتۇرما ئويۇن .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_062d599747ab8aa.jpg
قىزلارنىڭ پولاتتەك قاتتىق قوچىقى ، ھازىرغۇ مامۇقتەك يۇمشاق بولاپ كەتتى ، ھەي مەمۇرچىلىق ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_fc6740570baa6af.jpg
سۈرتۈپ قويساق ، 5 سىكۇنىتتىن كېيىن ئېتىلىدىغان پوجاڭزا ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_e92c6ccdf8d4fd4.jpg
بۇرۇن چەمبەر ھەيدەيتتۇق ، ھازىر ماشىنا ھەيدەيمەندە ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_4d8270cb12cecd3.jpg
ما نەرسە يادىڭىزدىدۇ ؟
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_5121558462ccefe.jpg
مۇشۇ ئويۇننى ئوينايمەن دەپ ، ئۆيدە ئاپامدىن ، مەكتەپتە مۇئەللىمدىن تىل ئاڭلايتتىم .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_ddc75b948bc0ce8.jpg
كېيىن بۇنىڭ ، ئاچقۇچقا ئاسىدىغىنىمۇ چىقتى دېسە .....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_146531d34f7aaa9.jpg
بۇ پاقا يادىڭىزدىدۇ ؟ تولغاپ قويساق خېلى يەرگىچە سەكرەيتتى
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_256ec08a6a82ea9.jpg
قىممەتلىكى مۇشۇ تايىنى يوق ئويۇننىڭ ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_7837721b0836ab3.jpg
بۇنىمۇ ئويناپ باققان بولغۇيتىڭىز ، ئىچىگە قارىسىڭىز ھەرخىل مەنزىرە ، ھەرخىل كۆرىنىش چىقاتتى
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_8ff98c61430d256.jpg
بۇنى قاتلاپ باققانمۇ ؟
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_b55155d2bf1fd68.jpg
قەھرىمان ناملىق رەڭ قەلىمى ، بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ مۇشۇنداق ئىدى ، مەن رەڭ قەلەم ئىشلەتكىدەك بولغۇچە بازاردىن يوق بولدى
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_83b5d03e12fc51a.jpg
كېپىنەك ماركىلىق خاتىرە دەپتەر ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_d280b01754ee1f5.jpg
ئۇچلۇغۇچ قەلەم ، ھەممىنى سالاتتۇق ، يۈتسە يىغلايتتۇق ، دېگەندەك ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_563c3aacf1f3bd7.jpg
سۈپۈرگىسى ، ئۆچۈرگۈچى بار ، قەلەم ئۇچلۇغۇچ ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_95ec661aaa12962.jpg
ئەرزان باھالىق ئۆچۈرگۈچ .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_96127c5881977b0.jpg
قىممەت باھالىقى ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_869010109ad223f.jpg
شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ ئىلغار قاتناش قۇرالى ، يۇڭجۇ ماركىلىق ۋېلسىپىت .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_e7a1c8b3b437858.jpg
دادىمىز مىنسە ، بىز مىنمەي قالساق بولماس ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_4ff656fa6f83f44.jpg
بەخىت ماركىلىق موتسىكىلىت ، شۇ ۋاقىتتىكى پۇلدارلار مىنەتتىغۇ دەيمەن ھە ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_601d95b0a91d2ab.jpg
جىئەنلىباۋ ، بايراملىق ئىچىملىكىم ئىدى مىنىڭ ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_67037039465fe32.jpg
ساۋاقداشلار ئارا داڭلىنىپ سۈمۈرىدىغان ، تەملىك سۇ ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_90b112cfb713bf0.jpg
قۇناق ، گۈرۈچ ئېتىلدۇرىدىغان بوۋايلار ، ھازىر يوقاپ كەتتى دېسە ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_e4df8718daa777e.jpg
پاختا كەمپۈت ، ئامراق ئىدىم .....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_6042d32ec96ec07.jpg
چوڭ - چوڭ ماركىلىق ، سېغىز.....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_b82bed93c10f1cb.jpg
ھازىر بەلكىم ئاسارى ئەتىقە سۈپىتىدە ساقلىنىدىغان ، سۈرەت ئاپاراتى ....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_e8880e87888bce4.jpg
ساغلاملىقتىن مەسلىھەت دەپ لاۋزا ئېلان چىقمايدىغان رادىئو
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_3460de16a2e4447.jpg
بۇرۇنقى ئەڭ ئىلغار ھاۋا تەڭشىگۈچ ، ئەينى ۋاقىتتا شامالدۇرغۇچ دەيتتۇق .
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_88f4a3ca3086e74.jpg
چاقىرغۇ ئىشىلتىپ باققان بولغۇيتىڭىز ؟ 126 مىدى ياكى مالەنتەينىڭمۇ ؟
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_798a121ac59d01a.jpg
بەزىلەرنىڭ ھېيىتلىق ئايىغى ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_255fd02cd84b040.jpg
يېزىۋاتقان يېزىقىمىزنى مۇشۇنىڭدىن ئۆگىنىپ كىتەتتۇق ھە ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_14_23c9491b8b814ba.jpg
بىكار تۇرماي لېيفىڭدىن ئۆگىنەتتۇق ، 3-ئاي كەلسە لېيفىڭنىڭ روھى خوشلىقىدىن كالچىيىپ كېتەتتى
http://til.cc/bbs/attachment/43_14_9cae0b4f738c79e.jpg
تۆۋەندىكى كارتونلار قويۇلسا ، ئىشلىنىۋاتقان تاپشۇرۇقلار ، ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتەتتى ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_14_9218a2b37368af1.jpg
ھېلىقى ئەقىللىق يىشۇ ، كۆرپىسىگە سىيىپ قويىدىغان ...
http://til.cc/bbs/attachment/43_14_d2aed2fcf0a6cc9.jpg
كېلىش مەنبەسى: تىل مۇنبىرى. توغرا دەيسىز بۇرۇن ئۇيۇنلار ھەقىقەتەن ئاددى بولسىمۇ ناھايتى كۇڭۇللۇك ئوينايتۇق،مىنىڭ
كىچىك ۋاختىمغا قايتقۇم كىلىپ كەتتى.....:hug: ھا ھا ھا~!
ئاۋۇ ۋەلسپىتنى كۆرۈپ قىزىق گەپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى...
ئەينى چاغلاردا، بىلىشىمچە ۋەلسپىتنىڭ داڭلىقلىرىدىن "يوڭجيۇ(مەڭگۈلۈك)" بىلەن "فېي گې (كەپتەر)" ماركىلىق ئىككى خىلى بار ئىدى... كىچىك چاقلىق دوموسكىلار يوق دىيەرلىك ئىدى..
ھا ھا ھا ھا~! بىر يىگىت بىر قىزغا مۇھەببەتلىشىش تەكلىبى قويۇپ خەت يازسا، ئۇ قىز جاۋاپ خەتكە "يوڭجيۇ مۇ ياكى فېيگې مۇ؟؟" دەپلا يېزىپتۇ... يىگىت چۈشەنمەي ۋەلىسپىتىمنى سوراۋاتقان چېغى دەپ "فېيگې" دېسە... قىز قوشۇلماپتىكەن... سەۋەبىنى ئۇقساق، ماڭا بولغان مۇھەببىتىڭىز "يوڭجيۇ(مەڭگۈلۈك)" ئەمەسكەن دەپ ئۇنىماپتىكەنمىش...:L
[ سامسىپەز بۇ يازمىنى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى 15:44 دە تەھرىرلىگەن. ] بالىلىقنى بىر ئەسلەپ چىقتىم دىسە..ئاھ غەمسىز كۈنلەر كەلسەڭچۇ قايتىپ ... سامسىپەز ئاجايىپ قىزىقارلىق ئىنكاسلارنى يازىسىز ھە!:lol
مەر-مەر ئويناشقا مەن خېلى ئۇستا ئىدىم. لېكىن نەۋرە ئاكامغا يېتەلمەيتتىم. باشقا بالىلاردىن ئاران تەستە ئۇتقان مەر-مەرلىرىمنى بىردەمدىلا ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ قاراپ ئولتۇراتتىم دېسە!:(
نۇرنىمۇ قىز بالا بولۇشۇمغا قارىماي خېلى ئويناپ قويىدىغان.:lol
قىش كەلسە ئىنىمغا نۇرنى مەن ئېتىپ بېرەتتىم. ئىچى ئازراق كاۋاك يۇمىلاق تۆمۈر تېپىۋالسام شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ مۇمنى ئېرىتىپ پەچەت نۇردىن بىرنى ياسىۋېتەتتىم ما ياغاچ نۇرلار تۆمۈردە ياسىغان نۇرلاردەك قىزىمايدۇ. بىردەم چۆگىلىسىلا توختاپ قالىدۇ. تۆمۈر ياسىغان نۇرنى بىردەم تازا ھەيدەپ قىزىتىۋېتىپ قامچا سالماي قاراپ تۇرساڭمۇ خېلى ئۇزاق ئۆزى چۆرگىلەيدۇ.
رەگەتكىنىمۇ يامان ئەمەس ياساپ ئويناپ قوياتتىم. بىر چاغدا نەۋرە ئاكام ئبىر رەگەتكە كۆتۈرۈپ كەپتۇ. قارىسام ئاچىسى شۇنداق ياخشى ئىكەن. مېنىڭمۇ ئىچىم قىزىرىپ شۇنداقتىن بىرنى تاپمىسام دەپ مەكتەپتىن قويۇۋەتكەندىن كېيىن يېرىم كۈن مەھەللەنىڭ ئېتىزلىرىدىكى شاپتۇللارنىڭ شاخلىرىنى ئارىلاپ چىققانىدىم.:lol
قالغان ئويۇنلار توغرۇلۇق ئەتە توختىلاي كەچ بوپ قاپتۇ.:P
بالىلىقتىكى ئويۇنلارمەر-مەرمەر-مەر ئويناشقا مەن خېلى ئۇستا ئىدىم. لېكىن نەۋرە ئاكامغا يېتەلمەيتتىم. باشقا
بالىلاردىن ئاران تەستە ئۇتقان مەر-مەرلىرىمنى بىردەمدىلا ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ
قاراپ ئولتۇراتتىم دېسە
!
نۇرنىمۇ قىز بالا بولۇشۇمغا قارىماي خېلى ئويناپ قويىدىغان
.
قىش
كەلسە ئىنىمغا نۇرنى مەن ئېتىپ بېرەتتىم. ئىچى ئازراق كاۋاك يۇمىلاق تۆمۈر
تېپىۋالسام شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ مۇمنى ئېرىتىپ پەچەت نۇردىن بىرنى ياسىۋېتەتتىم ما
ياغاچ نۇرلار تۆمۈردە ياسىغان نۇرلاردەك قىزىمايدۇ. بىردەم چۆگىلىسىلا توختاپ
قالىدۇ. تۆمۈر ياسىغان نۇرنى بىردەم تازا ھەيدەپ قىزىتىۋېتىپ قامچا سالماي قاراپ
تۇرساڭمۇ خېلى ئۇزاق ئۆزى چۆرگىلەيدۇ
.
رەگەتكىنىمۇ يامان ئەمەس ياساپ ئويناپ
قوياتتىم. بىر چاغدا نەۋرە ئاكام ئبىر رەگەتكە كۆتۈرۈپ كەپتۇ. قارىسام ئاچىسى
شۇنداق ياخشى ئىكەن. مېنىڭمۇ ئىچىم قىزىرىپ شۇنداقتىن بىرنى تاپمىسام دەپ مەكتەپتىن
قويۇۋەتكەندىن كېيىن يېرىم كۈن مەھەللەنىڭ ئېتىزلىرىدىكى شاپتۇللارنىڭ شاخلىرىنى
ئارىلاپ چىققانىدىم
.سۇ تاپانچىسىمۇ ئۇ ۋاقىتلاردا بەكلا ئەتىۋار بولۇپ، تۇنجى ئوينىغان سۇ تاپانچام ئاكام ئۆزى ئويناش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭا بەرگەن يېشىل سۇ تاپانچىسى ئىدى.شۇ سۇ تاپانچىسىنى ھەممە دوستلىرىمغا كۆز-كۆز قىلىغىنىمنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ.قىش كەلسە مورنىمۇ خېلى ئويناپ قوياتتىم. تەتىل ۋاقىتلار بولغاندىكىن ئوقۇمايدىغان كىتابلىرىمىزنى قاتلاپ مور ياساشنى باشلىۋېتەتتۇق بىر-بىرىمىزدىن ئۇتۇپ ئوينايدىغان ئويۇن ئىدى.ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناشقا مەندەك ئامراق ئادەم يوقتى. خوڭدۇلۇنى بىز رامبو دەيدىغان بۇ ئويۇننى دەسلىۋىدە ئوينىغاندا تەسرەك بىلىنگەنىدى. ئۈچلا ئادىمى بولغاچقا سەككىز مەيداننى ھەرگىز ئازات قىلغىلى بولمايتتى. بىر كۈنى ئاكام ئادەم سانىنى كۆپيتىشنى ئۈگۈنىۋاپتىكەن شۇنىڭ بىلەن
ئىككى كىشىلىك قىلىپ قويۇپ سەككىز مەيداندىكى ئۆتكەللەرنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتتۇق. كېيىنچە سەككىز مەيداننى ئادەمنى ئاز ئىشلىتىپ ئازات قىلىشتا بەسلىشىدىغان قائىدىنى چىقارغانىدۇق. مەن سەككىز مەيداننى 13 ئادەم ئازات قىلاتتىمئ ئەڭ ئۇستىسى ئاكام ئىدى. 10 ئادەم بىلەن سەككىز مەيداننى شۇنداق تېزلا ئازات قىلىۋېتەتتى.شاڭجولودىمۇ بەك مۇشلىشىدىغان ئىككى كىشىلىك قىلىپ قويۇپ ئويناپ كەتكەنلىرىمىز....بۇ ئويۇننىڭ ئۆتكەللىرىدىن ئۆتمەك خېلى تەس.موگونىغۇ دەھشەت ئويناپ قوياتتۇق. 4-مەيداندا ئادەمنى بىر قاچىلىۋالساق سەككىز مەيدانىدىكى ئۆتكەللەردىن تەمتىرىمەي ئۆتۈپ كېتىدىغان. ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكەلدىن تۇنجى قېتىم ئاكام ئۆتكەندە خۇشاللىقتا سەكرىشىپ كەتكەنىدۇق.قۇراشتۇرمىنى ئويناشقا خۇشۇم يوقتى. باشقىلار بىردەمدە قوراشتۇرغان نەرسىنى مەن بىرەر سائەت ھەپىلىشىپمۇ قوراشتۇرالمايىتتىم. بولمىسا كاللام خېلى ئىشلەپ قويىدىغان...قول ئويۇنچۇقىنى دەسلىۋىدە كۆرگەندە بەكلا ھەيران قالغانىدىم. بۇنى يا توكقا چاتمىسا يا تېلېۋىزورغا چاتمىسىمۇ ماي سېلىپ قويسىلا چىقىدىكىنا؟!كېيىنچە بۇنىڭغىمۇ ھەيران قالمايدىغان ئويناشقا ئۇستا بوپ كەتتىم.سەكرەتمە پاقىنى روزا ھېيىتتا سېتىۋېلىپ ئوينىغانىدىم. مەھەللىمىزنىڭ با ش تەرىپىدە كەنتە خانىقاسى بار ئىدى. ھەر ھېيىتتا مۇشۇ خانىقانىڭ ئالدى بەكلا قىزىپ كېتەتتى. كىچىك بالىلار ئوينايدىغان ئويۇنچۇق، يەيدىغان ئۇششاق يىمەكلىك ھەممىسى ئەكىلەتتى. سەكرەتمە پاقىنى سېتىۋېلىپ كەچلىكى ئۆيىمىزدىكى ئۈستەلنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزىگە بەك چېلىقمايدىغان يېرىدە قويۇپ قويۇپتىمەن. ئانام نېمە ئىزدىگەن بولغۇيدى. مەن بۇ سەكرەتمە پاقىنىڭ ئاچقۇچىنى تولغاپ قويۇپ ماڭدۇرىۋەتمەيلا قويۇپ چىقىپ كېتىپتىمەن. ئانامنىڭ قولى شۇنداق تېگىشىگىلا سەكرەپ كېتىپتىكەن ئانام شۇنداق قورقۇپ كېتىپتۇ. قايىتىپ كىرگەندىن كېيىن تازا تىل ئاڭلىغان. بۇنداق دۇربۇننىمۇ تولا ئېلىپ نەچچە كۈندىلا بۇزۇپ تاشلايدىغان. بەزىلىرىدە مەنزىرىلەر چىقاتتى بەزىلىرىدە غەرىبكە ساياھەتتىكى ئالۋاستىلارنىڭ رەسىملىرى چىقاتتى.خېمەن، يىشيۇلار مەن ئەڭ ئامراق ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان كارتونلار ئىدى. ھازىر نەدىكى بىر كارتونلارنى بېرىدىكەن. شۇ يەنە خاسبىنىڭ خەتەرلىك سەرگۈزەشتىسى دەپ بىر كارتون بولدىغان تىۋىگو دەيدىغان قىزىقارلىق سوزۇپ گەپ قىلىدىغان بىر ئەسكى بار ئىدى. شۇ چىقسىلا جىلە بوپ كېتەتتىم.
كىچىك ۋاقتىمىزدا بىر كۈن شۇنداق ئۇزۇن بولغىيمىتىكىن تاڭ، بىر ئويناپ چىقىپ كەتسەك، شۇنداق ئۇزاااااااق يەرلەرگە بېرىپ ئالەمنى مالەم قىلىپ بوپ ھېرىپ قارىساق يەنە كۈن پارقىراپ تۇراتتى، مەكتەپتىن قويۇپ بەرسە بوينىمىزغا سومكىمىزنى ئېسىۋېلىپ ئۆيگە بارىدىغان يولدىكى بارلىق دۇكان ساراي ئېگىز بىنالارنىڭ ھەممە يەرلىرىنى ئارىلاپ ئادەم توپلاشقان يەرلەرگە قىسىلىپ كىرىپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ، يوللاردا گاھ يۈگۈرۈپ گاھ ئالدىغا، گاھ ئارقىغا مېڭىپ ئۆيگە بىر ۋاقىتتا باراتتۇق، يەنە شۇنداق تۇرۇپمۇ ئەتىسى سەھەردە تۇرۇپ تاڭ سۈزۈلمەستە مەكتەپكە بېرىۋالاتتۇق، قىش كۈنلىرى ئۆيىمىزدىن سومكىمىزغا سېلىۋالغان نان، گازىر پۇرچاقلىرىمىنى چىقىرىشىپ مەززە قىلىشقاچ سىنىپتىكى مەشكە ئوت قالاپ كەچتە كۆرگەن كىنولىرىمىنىڭ رىۋايىتىنى سۆزلەيتۇق....:D ھەي گۈزەل سەبىيى باللىلىقىم نەلەرگە كەتكەنسەن، ھەجەپمۇ سىغىندىمغۇ سىنى :'( :'( :'( نەقىل:
بۇنى دېمىسەممۇ نۇر چۆگىلىتىش دەيمىزغۇ ؟ مۇزلۇقلاردا سوقاشتۇرۇپ ئويناپ كېتەتتۇق ......
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_1acfb1e7818fe25.jpg
*************************
بۇنى بىز «پىلدىرلىغۇچ» دەپ ئاتايتۇق. بەك ئېسىل ئويۇنچۇقتە بۇ!
*************************
رەگەتكە ، يامان نەرسىتى جۇما .....
http://til.cc/bbs/attachment/43_12_9352775ab168879.jpg
بىز رەگەتكىنى «سوزماق» دەپمۇ ئاتايتۇق.
جۇلالىق، ئادەمنى كۆڭلۈللۈك مەنزىرىگە باشلايدىغان تېما ئەكەپسىز. ھەممەيلەن شۇ تاپتا 10-11 ياش چاغلىرىمىزغا قايتقاندەك بولدۇق. بەزىدە بالىلىقنى ئەسلەش، ئۆتمۈشنى ياد ئېتىپ تۇرۇشمۇ كىشىگە ھوزۇر بېرىدىكەن. بالىلىقىم كەلسەڭچۇ يېنىپ،
بالىلىققا ئالسامچۇ قېنىپ.
مانا نۇرغۇنلىرىمىز بالىلارنى بېقىپ ئولتۇرۇپتۇق، شۇ بالىلىرىمىزنى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇ بالىلىقىنى ئەسلەر ھەقىچان....
بەت:
[1]
2