مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 12:13:49

بىلىقىز سۇلايماننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

/ad/biliqiz1.jpg
/ad/biliqiz3.jpg
/ad/biliqiz2.jpg

بىلىقىز سۇلايمان 1983-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىنى تاماملاپ، ئۈرۈمچى چوڭلار مائارىپ ئىنىستىتوتى (ھازىرقى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنۋېرىستېتى) غا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئىزچىل تۈردە «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، «يېزىقچىلىق»، «بالىلار ئەدەبىياتى»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»، «چەتئەل ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇ كىچىكىدىنلا شېئىرىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلاشېئىر ئىجادىيىتىنى باشلىغان. تۇنجى شېئىرى:  «تاپتىم» ناملىق غەزىلى 1980 – يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى »بېتىدە ئېلان قىلىنغان.
شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوقتىلىق ئەدەبىي ژورناللاردىن «تارىم»، «يېڭى قاشتېشى»، «تۇرپان»قاتارلىق ژورناللار ۋە «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە ھەم «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ئۇنۋېرىسال ژورناللاردا شئىرلىرى ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىپ تۇرغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى «تاللانغان
100شېئىر»، «بۇلبۇللار نەزمىسى»، «توي چاچقۇسى»قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ 30 نەچچە يىللىق شېئىر ئىجادىيىتىنىڭ يىغىندىسى بولغان «گۈل لىرىكىسى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى تەييارلاپ، نەشىرگە تاپشۇردى.  ئۇ يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر ھەققىدە»، «‹بىر› سانىنىڭ ئالاھىدە مەنىلىرى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى شەكىلداش قوشۇمچىلار توغرىسىدا»، «شەرت رايىدىكى پېئىللارتوغرىسىدا»، «ئۇيغۇر تىلىدىكى كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنگەن سۆزلەرنىڭ جۈملىدىكى رولى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىكى ئەخلاق كۆز قارىشى توغرىسىدا»، « ‹ئۇيغۇر تىلى› دەرسلىك كىتابلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە ئۇنى تۈزىتىش توغرىسىدا»، «ئوقۇش ـــ يېزىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى»، «تاۋار ئېلانچىلىقىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا»، «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق كۆپ قىسىملىق رادىئو دىراممىسىنىڭ مۇۋەپپەققىيىتى»، «كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان ‹ساخاۋەت› » قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ئىلمىي ۋە مۇلاھىزە ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بەلگىلىك تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش روھىنى نامايەن قىلدى.
ئاپتورنىڭ يەنە ئۆزىنىڭ 20 نەچچە يىللىق تەجىربە ۋە تەتقىقاتىغا ئاساسەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ئوقۇتۇش تەجىرىبىلىرى ۋە تەتقىقاتىغا تۈزۈپ چىققان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق دەرسلىك كىتابى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئىچكى دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ قوللىنىلدى.
ئاپتور يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ھازىرقى جەمئىيەتكە تەدبىقلاش، ھازىرقى جەمئىيەتنى چۈشىنىش ئاساسىدا توپلىغان تەجىرىبىلىرىگە ئاساسەن، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ «ئەخلاق گۈلىستانى»، «مائارىپ باغچىسى»، «ئاياللار دۇنياسى» پروگراممىلىرى ۋە مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان «تۇرمۇش» پروگراممىلىرىدا مەسلىھەت بېرىپ، كەڭ رادىئو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىدە بەلگىلىك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.
ئاپتور ھازىر ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ دوتسېنتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر
يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزىقچىلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېما ئاپتورنىڭ  ماقۇللىقى  بىلەن مۇنبىرىمىزگە يوللانغان، ئەگەر باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئاپتورنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 12:43:45

ئايال دېگەن...

ئايال دېگەن باھاردىكى غۇنچىدۇر،
پەرۋىش قىلغىن ئۇنى گويا باغۋەن بوپ.
ئاسرىغىن سەن ئۇنى جۇد ھەم بوراندىن،
تۇزىمىسۇن ئېچىلمايلا خازان بۇپ.


ئاغرىتمىغىن ئۇنىڭ نازۇك دىلىنى،
تىل تەككۈزمە ئايا خۇددى ئۆزۈڭدەك.
ھاياتىڭدا مەنا بولماس ئۇنىڭسىز،
كۆرۈش ئۈچۈن ساڭا كېرەك كۆزۈڭدەك.


ئۇ بولمىسا ئۆيۈڭدە نە خۇشاللىق،
بولماس تاماق، چېيىڭنىڭمۇ لەززىتى.
بوران ئۇچار شۇ ئايالسىز ئۆيۈڭدىن،
ئۇنىڭ بىلەن ئۆمرۈڭ بەخت جەننىتى.


دەپ قالمىغىن ئۇنى ئۇستا بىر ئاشپەز،
ياكى ماھىر بالا تۇغۇپ باققۇچى.
ھاياتلىقتا ئۇ گۈزەل بىر پەرىشتە،
يۈرىكىڭگە ئىشق ئوتى ياققۇچى.


ئۆتسە بەزەن ئۇنداق-مۇنداق سەۋەنلىك،
كەچۈر ئۇنى قورسىقىڭنى كەڭرى تۇت.
تىترىمىسۇن نازۇك تېنى ياپراقتەك،
قەھرىڭ بولۇپ گويا ئاڭا نەشتەر-جۇد.
1998-يىل 14-ئۆكتەبىر  ئۈرۈمچى

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 12:48:38

گۈللەرگە قاراپ...

تارتىدۇ قەلبىمنى بۇ كەڭ زىمىندە،
قىپ –قىزىل ئوتقاشتەك جۇلالىغان گۈل.
چاچىدۇ قېتىدىن ئېسىل خۇشپۇراق،
مەن گويا پۇراقتىن مەستانە بۇلبۇل.


مەن ئامراق گۈللەرگە گۈل سۆيۈپ ئۆستۈم،
گۈل بىلەن بىزەلگەن مېنبىڭ دىيارىم.
بالىلىق چاغدىلا قوزغالغان ئىدى،
گۈلباغنى كېزىشكە دىلدا خۇمارىم.


تىنمايتتىم ئۇ چاغلار كېپىنەك قوغلاپ،
ۋە بەزى گۈللەرنى ئۈزۈپ پۇرايتتىم.
-نە ئۈچۈن چىرايلىق ھەم خۇشپۇراق-دەپ،
ئاتامدىن جىدەللەپ سۇئال سورايتتىم.


دەر ئىدى ئاتاممۇ –گۈدەك سەن –قىزىم،
بىلىسىەن چوڭ بولساڭ بۇنى سەن كېيىن،
ئۆتمەي بۇ ھاياتتا قان –تەر ئاققۇزۇپ،
ھەر ئىشنىڭ تەكتىنى بىلىشىڭ قىيىن.


مەن ئۆسۈپ چوڭ بولدۇم كۆرۈپ قىزىل گۈل،
مەپتۇنمەن ئۇ چاچقان خۇشبۇي پۇراققا.
چاچاركەن مەڭگۈگە ئىپار ھىدىنى،
بولغاچقا يىلتىزى ئانا تۇپراقتا.


مەنمۇ ئۆز مېھنىتىم،ئىجادىم بىلەن،
ۋەتىنىم باغرىدا گۈل بولۇپ ئۆسسەم،
بەختىمدىن سۆيۈنۈپ چېچىپ خۇشپۇراق،
باراقسان شاخلىسام –ۋايىغا يەتسەم.


1983-يىل 29-نويابىر ئۈرۈمچى


ئالدانغان دوستۇمغا

سېنى رەنجىتتى ئۇ نامەرت كۆزۈڭنى تولدۇرۇپ ياشقا،
توساتتىن كەلدى بۇ دەرتلەر سېنىڭدەك بىر قەلەم قاشقا.


قارا ساچىڭ گويا سۇمبۇل،يېنىپ تۇرغان كۆزۈڭ چولپان،
يۈزۈڭ كۆركەم قىزىل ئالما ۋە ياكى ئىدى تولغان.


جامالىڭغا بولۇپ شەيدا سېنى ئازدۇردى ئۇ شەيتان،
ئۆزۈڭمۇ بايقىماي باشتا ئۇنىڭغا ئالدىنىپ قالغان.


بىھۇدە تۆكمىگىن ياشىڭ،ئىچىڭدىن ئاھ ئۇرۇپ مۇنچە،
ئايا ئايدەك جامالىڭنى زامان سۆيگەن گۈزەل غۇنچە.


سېنى تاشلاپتۇ ئۇ نامەرت بولۇر خار بارسا ھەر جايغا،
بولاماس تەڭ ھامانە ئۇ سېنىڭدەك بىر گۈزەل ئايغا.


ئۇنامەرت قەلبىدىن ئۆچتىڭ تۈمەنلەر قەلبىدە شاھ سەن،
رەزىل –پاسىق نىيەتلەردىن خالاس قەلبىڭ گۈزەل، پاكسەن.


كۆڭۈل كۆكسىڭنى سەن كەڭ  تۇت،قۇتۇلدۇڭ بىر قاباھەتتىن،
خۇشال ،ئەركىن ھايات ئۆتكۈز ئېچىپ ۋاراق يېڭى بىر بەتتىن.


كۈلەر ئۆمرۈڭ پاراغەتتە سېنىڭمۇ ئۆز خىلىڭ باردۇر،
ساڭا يار بۇ ئېسىل دەۋران ،ۋاپادار ئۆز ئېلىڭ باردۇر.

1985-يىل 6-مارت ئۈرۈمچى

ۋاپاسىزغا

سېلىپ ئىشقى-پىراق دىلغا يۈرەمسەن شۇنچە پەرۋاسىز؟
ئازاپ چەكسەم يۈتۈپ قانلار كۈلەمسەن شۇنچە پەرۋاسىز؟


كەسىپ قىلغانمىدىڭ شۇ داق ۋاپاغا بىۋاپالىقنى،
ئازاپلاپ ساپ گۈزەل دىلنى يۈرەمسەن شۇنچە پەرۋاسىز؟


ئۆزۈڭ سالغان ئىدىڭ باشتا مېنى ئالداپ بۇ كويلارغا،
مۇھەببەت ئەھلىنى شۇنداق كۆرەمسەن شۇنچە پەرۋاسىز؟


تۇمۇزدا سۇ بېرەيمەن دەپ قۇرۇتتۇڭ بەلكى بوستاننى،
سېنىڭ كۆڭلۈڭ گويا بىر چۆل شۇڭا سەن شۇنچە پەرۋاسىز.


«ئېشەكتۇر ئىشقىسىز ئىنسان» دىگەنكەن قايسى بىر دانا،
ساداقەت ئەھدىنى خەستەك بىلەمسەن شۇنچە پەرۋاسىز؟


ئەزەلدىن ئوت بىلەن سۇدەك ھەۋەس بىلەن گويا سۆيگۈ،
مۇھەببەت ئەھلىگە قاپقان قۇرامسەن شۇنچە پەرۋاسىز؟


ئۆزۈڭ تاپتىڭ بۇ «ھېكمەت»نى كۈتەر ئاقىۋەت بىر كۈن،
گويا قاپقاندىكى كىيىك بولامسەن شۇنچە پەرۋاسىز؟


ئورارسەن تېرىدىڭ بىر كۈن ئېلىپ ھەققىڭ نىسىۋەڭنى،
بۇ ئۆمرۈڭنى خاراپ ئەيلەپ سولامسەن شۇنچە پەرۋاسىز؟

1986-يىل 27-يانىۋار ئۈرۈمچى

دىلەيسەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 12:56:19

يارايسىز مەرۋەرى، مانا ئەمدى خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ھەقىقىي خانىم- قىزلار سورۇنى بوپتۇ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت، مانا مۇشۇنداق نەتىجە ياراتقان ۋە يارىتىۋاتقان خانىم- قىزلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىش، ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، ھاياتلىق يولىمىزغا ماياك قىلىشقا بولىدۇ!
ھارمىغايسىلەر ئاچىلار، سىلەر بىزنىڭ پەخىرلىرىمىز!

Jilwe يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:37:30

رەسىم نورمال ئەمەسكەن ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز مەرۋەرى .  بۇ ھەدىمىز توغرىسىدا تۇنجى بىلىشىم بوپتۇ ، بەلكىم تور نامى بولسا ئىسىمدىمىكىن .رەھمەت ئەجرىڭىزگە !

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:55:48

ئەمەليەتتە رەسىم مەندە شۇنداق نورمال، لېكىن كۆپىنچە دوستلاردا چىقماپتۇ، بەلكىم مەن رەسىم يوللىغان بوشلۇقنىڭ كاشلىسى بولسا كېرەك، كەچتە قىسمەت ئەپەندىم كەلسە بىۋاستە ئۆزىمىزنىڭ بوشلىقىغا يوللاش ئارقىلىق بۇ گۈزەل خانىمنى سىلەر بىلەن دىدارلاشتۇرىمىز ھى ھى ھى ھى
جىلۋە، بىلىقىز ھەدىمىز قىزىلگۈل نامى بىلەن مۇنبەرگە قەدەم تەشىرىپ قىلدى، ۋاقتى يار بەرسىلا دوستلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشتىكى يولۇققان مەسىلىرىگە قولىدىن كېلىشىچە مەسلىھەت بېرىشكە ماقۇل بولدى.
مەن مۇنبەر قۇرغۇچىسى، مەسئۇللىرى ۋە باشقۇرغۇچى شۇنداقلا بارلىق ئەزالار نامىدىن بىلىقىز ھەدەمنى قىزغىن قارىشى ئالىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي! تېنىڭىز سالامەت بولغاي!

ئاھۇ يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 13:59:27

بىلىقىز ئاچامغا چىن كۆڭلىمدىن سالام يوللايمەن.شائىرەنىڭ"گۈل لېرىكىسى" نامىلىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ يىل ئاخىرىغىچەبىز بىلەن يۈز كۆرىشىشى ئۈچۈن  ئالدىراۋاتىمەن.رەھمەت مەرۋەرى :handshake

مەرۋەرى يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 14:05:58

رەھمەتنى مەن سىزگە ئېيتسام توغرا بولىدۇ ئاھۇ، سىز بولمىغان بولسىڭىز بۇ ھەدىمىز بىلەن مەن نەلەردە يۈرۈپ تونۇشاتتىم دەيسىز، ھەممىسى سىزنىڭ تۆھپىڭىز!:handshake

گۈلسەنەم يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 15:30:50

تالاشماڭلارچۇ بولدى، بەك بولمىسا مەنلا ئالاي بۇ تۆھپىنى:lol ، بۇ ھەدىمىزنىڭ رادىئودىكى سۆزىنى مەن بىر قېتىم ئاڭلىغان، بەك سالماق سوزلەيدىكەن، سىزنىڭمۇ ئىشلىرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن:handshake !!!

kizilgul يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى 16:14:48

يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىدىكى سىڭىللارغا مەندىن ئوتلۇق سالام!
خىزمەتتىن ۋە ئائىلە ئىشلىرىدىن بوشىغان ۋاقىتلاردا بۇ مۇنبەرگە كىرىپ ،ئېسىل يازمىلاردىن ھوزۇرلانغاچ،قىزغىن،تىرىشچان سىڭىللىرىم بىلەن پىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن خۇرسەنمەن.
  ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت،ئائىلەڭلار  بەختلىك بولغاي!
بەت: [1] 2
: بىلىقىز سۇلايماننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى