يىلتىز تارىخ يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشىدىكى ئۈچ چوڭ سەۋەب

گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشىدىكى ئۈچ چوڭ سەۋەب

ۋاقتى: 2015-12-16 ئاۋاتلىقى: 2067 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشىدىكى ئۈچ چوڭ سەۋەب

يەھۇدىيلار ئەقىل-پاراسەتلىكلىكى ھەم ئۆملۈك روھى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. نۇرغۇن كىشىلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشنىڭ سەۋەبىنى بىلىدۇ، لېكىن ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ چوڭ قىرغىنچىلىقنىڭ ئېلىپ بېرىشىنىڭ سەۋەبى بىرلا ئەمەس، بۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاز دېگەندە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەب بار.



1.دىننىڭ قارمۇ-قارشىلىقى: تارىختا يەھۇدىيلار داڭلىق يەھۇدىيلار پادىشاھلىقىنى قۇرغان، بۇ پادىشاھلىق كېيىن رىم ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن يوقىتىلغان. يەھۇدىيلار پادىشاھلىقى يوقىتىلغاندىن كېيىن يەھۇدىيلار خېلى ئۇزۇن مەزگىل سەرگەردانلىق تۇرمۇشى كەچۈرگەن. غەرب ئەللىرىدە يەھۇدىيلار ئىزچىل تۈردە چەتكە قېقىلغان، چۈنكى خىرىستىئان دىنىنىڭ تەسىرى زور بولغان ياۋروپادا كىشىلەر ئىسانى كىرىستقا مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەر دەل يەھۇدىيلار دەپ قارىغان، دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك ياۋروپالىقلار يەدۇدىيلارغا ئىزچىل تۈردە ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قاراپ كەلگەن.


يەھۇدىيلار بىلەن گېرمانلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۈچلۈك مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بار. يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى «پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاللانغان قەۋم» دەپ قارايدۇ. گېرمانلار بولسا نەچچە ئەسىر رەھبەرلىك قىلغان، ئىلگىرى رىم ئېمپىرىيىسىنى قۇرغان، شۇڭا ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى پۈتۈن غەرب خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ باشچىسى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىدىن شۇنچە ئىپتىخارلىنىدىغان بۇ ئىككى مىللەت بىر تاغدىكى ئىككى يولۋاسقا ئوخشايدۇ.
گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئىزچىل تۈردە ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستىكى بار، لېكىن ئوخشاشلا كېلىپ چىقىشى ئاددىي بولمىغان بۇ مىللەتكە قارىتا ئۇلارنىڭمۇ ئەلۋەتتە نارازىلىق ھېسسىياتى بار، دىن ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇ خىل پەرقلەر ئىككى مىللەتنىڭ سىغىشالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.


2. ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش ئادىتى: 1918-يىلى ئاخىرلاشقان 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەھۇدىيلار تۇيۇقسىز بېيىپ كەتتى، ئۇلار پۈتۈن ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي تۇمۇرىنى ئىگىلىدى، چوڭ بانكا ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدىيلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەر يەھۇدىيلاردىن نارازى بولۇشقا باشلىدى.



1929-يىلى پۈتۈن ياۋروپا ئىقتىسادىي كىرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، گېرمانىيىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدۇ. لېكىن شۇ چاغدا گېرمانىيىدىكى پۇلدار يەھۇدىيلار پۇل چىقىرىپ دۆلەتنىڭ قىيىن مەزگىلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىشنى خالىمىدى، ھەتتا كالا سۈتى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاندا يەھۇدىي سودىگەرلەر كالا سۈتلىرىنى تۆكۈۋېتىشكە رازى بولدىكى، باھاسىنى چۈشۈرۈپ نامراتلارغا سېتىپ بېرىشنى خالىمىدى. بۇ ئىشلار گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.



3. ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ پارتلىشى: ئىقتىسادىي كىرىزىس داۋامىدا گېرمانىيىلىكلەرنىڭ يەھۇدىي سودىگەرلەرگە بولغان نارازىلىقى كۈچىيىپ كەتتى. ھىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن جەمئىيەتنىڭ يەھۇدىيلارغا بولغان نارازىلىق ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپ «گېرمانلار ئالىي ئىرق، يەھۇدىيلار ئەڭ تۆۋەن ئىرق» دىگەن سەپسەتىنى ھەدەپ تەشۋىق قىلدى. ھىتلېر يەنە دۆلەت ئىچىدىكى يەھۇدىيلار بىلەن گېرمانلارنىڭ دىنىي زىددىيىتى ۋە ئىقتىسادىي زىددىيىتىدىن پايدىلىنىپ مىللىي ئۆچمەنلىكنى تەشۋىق قىلدى، «ۋېرسال خىتابنامىسى»نىڭ ئىمزالىنىشىنى يەھۇدىيلارغا ئارتىپ قويدى. بۇ سەۋەبلەر بىلەن ھىتلېر ئوڭۇشلۇق ھالدا مەملىكەت ئىچىدە يەھۇدىيلارغا قارشى دولقۇننى قوزغىدى، ئاندىن بىر مەيدان ئىرقىي يوقىتىش خارەكتىرلىك قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ باردى.


مەنبە: خاندان سالونى

بايانات

تارىخ ئۆگىنىپ ئەسلىمىزنى ئونۇتمايلى!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى