يېڭى تېما
پرىنتېر

ئاياللار ۋە قان تىپى

ئاياللار ۋە قان تىپى

ئاياللار ۋە قان تىپى

                               '' ئا''  قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى
ئالاھىدىلىكى: مۇلايىم، ئېغىر - بېسىق، زىل، كەمتەر، مېھرىبان، ھەمكارلىشىشقا، قۇربان بېرىشكە تەييار، جىمغۇر.
كەمچىلىكى: ھەممە ئىشتىن غەم يەپ، تەشۋىشلىنىپلا يۈرىيدۇ، ئىرادىسى ئاجىز، ئاسانلا ھېسسىياتقا بېرىلىپ كېتىدۇ، زىيادە مىسكىن، ئۈمۈدسىز، نۇمۇسچان، بېكىنمىچىلىكى ئېغىر.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە ئىشىنىشى كەمچىل، شۇڭا، ئاسانلىقچە باشقىلارغىمۇ ئىشەنمەيدۇ.

                              '' ئو ''  قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى
ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ، ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇ. جانلىق ، تىتىك، پۈتۈن ۋۇجۇدى ھاياتى كۈچكە تولغان بولۇپ، ئەمەلىيەتچىل، كەڭ قورساق، ئوچۇق - يورۇق ، تۈز كېلىدۇ.
كەمچىلىكى: جاھىل، ئۆزۈمچىلىك خاھىشى زىيادە كۈچلۈك.
تىپىك ئالاھىدىلىكى: ئۆزىنى زىيادە مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى دائىم مۇشۇ ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

                           '' ب ''  قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى
ئالاھىدىلىكى: بىغەم، خۇشخۇي، تېتىك، نازۇك، ئۈمىدۋار، قاينام - تاشقىنلىقنى خالايدۇ.
كەمچىلىكى: ھەممىگە تەڭ ئىسىلىۋالىدۇ. ئاسانلا ئىرادە قىلغان ئىشىدىن يېنىپ قالىدۇ.قاپ يۈرەك، ئىرادىسىز، ھەمىشە نام قازىنىشنى قوغلىشىدۇ. كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن ئىرادىسى بوشىشىپ قالىدۇ. ئىش - ھەرىكىتىنى سەل چەكتىن ئاشۇرىۋىتىدۇ.
تىپىك ئالاھىدىلىكى:ئۆزىنى ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئىدىيىسى بەك كۈچلۈك.

                       '' ئا  ب ''  قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى
ئالاھىدىلىكى:چۈشىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك. مۇلايىم، يېقىملىق، قىزغىن، كېلىشتۈرۈشكە ماھىر، ھېسداشلىققا، ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا، باشقىلار ئۈچۈن قۇۇربان بېرىش روھىغا باي.  
كەمچىلىكى:مىجەزى ئىتتىك ئۆزگىرىپ قالىدۇ. ئاسانلا  ئاچچىقلىنىدۇ، چىچىلاڭغۇراق، ھەدىسىلا ئۇنىڭدىن - بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ يۈرىيدۇ، سەل سۆرەلمىرەك.
تىپىك ئالاھىدىلىكى:  '' ئا''  قان تىپىدىكى ئاياللار   بىلەن  ''ب ''  قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ  ئارىسىدىراق.
مەنبە؛  رىشتە مۇنبىرى

TOP

مېنى بەك جاھىل دەپتۇ دېمىسىمۇ شۇ ، جاھىللىقىمدىن ئاناممۇ مېنى جاھىل قىزىم دەيدۇ ...

TOP

مەنمۇ شۇنداق ..............

TOP

يېڭى تېما
يېقىندا زىيارەت قىلغىنىڭىز ...