1#
چوڭ ئوتتۇرا
كىچىك يوللانغان ۋاقتى 2009-3-21 11:17
تېما يوللىغۇچىنىڭ يازمىلىرىنىلا كۆرۈش
خانىم،ئېرىڭىزنىڭ قەلبىنى چۈشىنەمسىز؟
خانىم،ئېرىڭىزنىڭ قەلبىنى چۈشىنەمسىز؟
قىينانىڭىز ۋە بالىڭىز ئالدىدا ئېرىڭىز بىلەن ئۇرۇشماڭ. قىينانىڭىز بىەن چىقىشىپ ئۆتۈڭ.
سىز ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ كېتەلمەيسىز. شۇڭا ئۇنىڭغا قېرىنداشلىق ھەم دوستلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋاقىت بېرىشىڭىز كېرەك.
ئېرىڭىز سىزگە ياردەملىشىپ بىرەر ئىش قىلىپ بەرسە، مەيلى ئۇ ياخشى قىلسۇن ياكى ياخشى قىلالمىسۇن ئۇنىڭ قىزغىنلىقىغا ھەرگىز سۇغۇق سۇ سەپمەڭ، ئۇنى ھەر ۋاقىت ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇڭ. چۈنكى ئېرىڭىز سىزنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىڭىزغا مۇھتاج.
ئەرلەر ئادەتتە كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئوڭايلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنىڭ ئالدىدا تەگەپ ئولتۇرماڭ.
ئەرلەر ئادەتتە ئاياللىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ئارلىشىۋالماڭ.
ئېرىڭىزنىڭ سىرىنى چۇقۇم ساقلاڭ. ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ يۈرمەڭ. ئۇنداق قىلىسڭىز ئۇ سىزدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ۋە سىزگە ھېچقانداق سىرىنى دېمەيدىغان بولىدۇ.
ئەرلەر يۈز-ئابرۇيغا بەك ئېتىبار بېرىدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ يۈزىنى تۆكۈدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.