يېڭى تېما
پرىنتېر

ئاياللار سوغۇق سۇنى ئاز ئىشلىتىشى كېرەك

ئاياللار سوغۇق سۇنى ئاز ئىشلىتىشى كېرەك

ئاياللار سوغۇق سۇنى ئاز ئىشلىتىشى كېرەك
يېقىندا 15 مىڭ ئائىلىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان < سۇ ئىشلىتىش ، ساغلاملىقنى تەكشۈرۈش > نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، مەملىكىتىمىزدىكى 40 ياشتىن يۇقۇرى ئاياللارنىڭ 80% ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بوغۇم ياللۇغى ۋە ھەر خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ ، بۇ كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى < باش جىنايەتچى > دەل سوغۇق سۇ ئىكەن .
مۇتەخەسىسسلەرنىڭ قارىشىچە ، ياز پەسىلدىمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى تۆۋەن بولغاچقا ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئاياللاردا بوغۇم ئاغرىش ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلىدىكەن . ئاياللار قاچا -قۇمۇچ ، كۆكتات ۋە كىيىم -كېچەكلەرنى يۇيغاندا سوغۇق سۇ ئىشلىتىدۇ . ھەمىشە سوغۇق سۇ بىلەن ھەپىلەشكەندە بوغۇم ياللۇغى ، ئاشقازاننى سوغۇق قاپلاپ كېتىش ۋە تۇرلۇك ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن . بولۇپمۇ قىشتا سوغۇق سۇدا كىر يۇغاندا ئېغىر دەرىجىدىكى رېماتىزىم خارەكتىرلىك بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدىكەن . بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان مەزگىلىدە ئاياللار سوغۇق سۇ بىلەن ھەپىلەشسە كۆپ خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن .
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، ياۋرۇپا ۋە ئامېركىدىكى دولەتلەرنىڭ سوغۇق ۋە ئىسسىق سۇدىن پايدىلىنىش نىسپىتى 9:1 بولسا ، ئەكسىچە جۇڭگۇدا 1:9 بولغان . ياۋرۇپا ۋە ئامېركىدا سوغۇق سۇنى پەقەت ئىچىملىك ۋە ماشىنا ، ھاجەتخانىلارنى تازلاشقا ئىشلىتىدىكەن . باشقا ئىشلاردا ئىسسىق سۇ ئىشلىتىدىكەن .ئەكسىچە جۇڭگۇدا بولسا ئادەتتە ئىسسىق سۇ ئىچىملىك ۋە يۇيۇنۇشقىلا ئىشلىتىدۇ .
ئاياللار تۈرلۈك بوغۇم ياللۇغى ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ( بولۇپمۇ ھامىلدارلىق ، تۇغۇت ، ھەيىز مەزگىلىدىكى ئاياللار ) ئامال بار ئىسسىق سۇ ئىشلىتىشى ، سۇغۇق سۇدىن يىراق تۇرۇشى لازىم

TOP

مۇنبەر باشقۇرغۇچىنىڭ خاپابولماي تەكرار ئەۋەتىلىپ قالغان تىمامنى ئۆچۈرۋتىشىنى ئۈمىد قىلمەن.
بۇندىن كىيىن ئامال بار بۇنداق خاتالىق سادىر قىلماسلىققا تىرشىمەن.

TOP

قەدىمىڭىزگە مەرھابا،  guljetin ، تەكرار تېمىڭىز ئۆچۈرۈلدى.
«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ!

TOP

بۇلىدىكەن.

TOP

يېڭى تېما
يېقىندا زىيارەت قىلغىنىڭىز ...