يېڭى تېما
پرىنتېر

ئۇيغۇر قىزىغا

ئۇيغۇر قىزىغا

ئۇيغۇر قىزىغا


ساداقەتجان ھاجى


سەن ئۈچۈن چېچىلار قۇياشنىڭ نۇرى.
سەن ئۈچۈن ئېچىلار باغدىكى گۈللەر.
سەن دىگەن ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدان، غۇرۇرى.
سەن ئۈچۈن ياڭرايدۇ ئەڭ ئېسىل كۈيلەر.

قۇشلارمۇ سەن ئۈچۈن قىلىدۇ پەرۋاز.
سەن ئۈچۈن ئالەمنىڭ قوينىدۇر كەڭرى.
ھۆرلەرمۇ ھۆسنۈڭدىن ئالغاندۇر ئەنداز.
سەن ئۈچۈن دۇنيانى ياراتقان تەڭرى.

نەۋائى سەن ئۈچۈن شېئىر يازىدۇ.
سەن ئۈچۈن دەريادا ئاقىدۇ تاھىر.
پەرھاتمۇ سەن ئۈچۈن تاغنى قازىدۇ.
سەن ئۈچۈن مەنمۇ جان بېرىمەن ئاخىر !


(مەنبە: «ئشچىلار ۋاقت گېزىتى» 2000-يىل 29-نويابىر)
************************

TOP

بۇ شئېر بوپ قۇيىدىكەن

TOP

قەدەم مەرھابا ئەزىز مىھمان ، شېئىرىڭىزدىن كۆڭلىمىز تەسەللى تاپتى  قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە ئاپىرىن .

TOP

يېڭى تېما