يېڭى تېما
پرىنتېر

مۇنبەر ئەزالىرىغا خەت

باشقۇرغۇچى qismet بۇ تېمىنى نادىرلىغان ۋاقتى 2009-3-23 12:56

مۇنبەر ئەزالىرىغا خەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر!
مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزاسى Ayturan نىڭ «مۇنبەر مەسئۇلىغا بىر پارچە خەت» نامىدىكى يازمىسىنى كۆردۇق. بۇ يازمىغا تۆۋەندىكىچە جاۋاب بېرىشنى لايىق تاپتۇق.
1. باشقۇرغۇچى  ۋە تېما تەستىقلاش مەسىلىسى
بىز مۇنبىرىمىز قۇرۇلۇش بىلەنلا باشقۇرغۇچى تەيىنلەشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق. مۇنبىرىمىز مەلۇم جەرياننى بېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، قايسى ئەزانىڭ مۇنبىرىمىزگە باشقۇرغۇچى بولسا بولىدىغانلىقى ئۆزلۈكىدىن مەلۇم بولۇپ قالىدۇ. باشقۇرغۇچىنى بىز تەيىنلىگەندىن ۋاقتى كەلگەندە ، مۇنبەر ئەزالىرى ئۆزى سايلىغىنى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھەم شۇ ۋاقىتتا تېما تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويساق مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ قارىدۇق.
2. مۇنبەر قائىدە – تۈزۈمى مەسىلىسى
مۇنبىرىمىزدە سەھىپىلەر تەسىس قىلىندى. ئەلۋەتتە ئەزالىرىمىزنى شۇ سەھىپىگە ماس يازمىلارنى يوللىيالايدۇ، دەپ قارىدۇق.
پات ئارىدا مۇنبەر ئىشلىتىش قوللانمىسى، مۇنبەر قائىدە – تۈزۈملىرى، مۇنبەر ئەزالىرى سايلاپ چىققان مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.
3. مۇنبەرنىڭ سۈرئەت مەسىلىسى
بۇ مەسىلە پات ئارىدا ھەل قىلىنىدۇ.
4. ...
باشقا ئەھۋاللار مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىغىچە ئايرىم – ئايرىم تېما سۈپىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. ئاڭغىچە پىكىر – تەلەپلەرگە، مەسلىھەتلەرگە ئېھتىياجلىقمىز، رەھمەت.

ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم تورى
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ!

TOP

رەھمەت سىلەرگە .كۆپ جاپا چەكتىڭلار ...

TOP

باشقا ھەممەجەھەتتىن ياخشىكەن.ئېچىلىش سۈرئىتىنى تىزراق قىلىۋەتسەڭلار باشقا پىكىر يوق.

TOP

ئاچقاندىكىن چۇقۇم ئومدان بۇلۇشى كېرەك شۇڭا ھەممىمىز كۇچ چىقارغۇدەك يېرى بولسا قاراپ تۇرمايمىز.

TOP

مۇنبەردە ھەركەتچان باش سۈرەت چىقارغىلى بولمامدۇ نىمە؟ ئەسلىدە باش سۈرىتىمدىكى  ئىۋۇ بۇش بىلەن لادىن قول تۇتىشىپ بىللە يۈگىرەيتى ، ھازىر قارىسام جىملا تۇرىدۇ

TOP

يېڭى تېما
يېقىندا زىيارەت قىلغىنىڭىز ...