1#
چوڭ ئوتتۇرا
كىچىك يوللانغان ۋاقتى 2009-3-23 09:24
تېما يوللىغۇچىنىڭ يازمىلىرىنىلا كۆرۈش
ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىغا نەسىھەت
ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىغا نەسىھەت
بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر.
ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىز ئىسلام تەلىماتلىرىنى ئۆزىڭىزگە يېتەكچى، شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلماي تۇرۇپ، نىشان قىلغان غايىڭىزغا يىتەلمەيسىز ۋە ئالىي ئورنىڭىز ۋە يۇقىرى مەرتىۋىڭىزنى ساقلاپ قالالمايسىز. ئىسلام دىنى بولسا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتكە تولغان مۇھەببەتنى ئورنىتىشقا، بارلىق رەزىللىكلەردىن ساقلاشقا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.
قەدىرلىك سىڭلىم! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئالقىشقا ئېرىشەي دېسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىڭىزنى ساقلاپ قىلىڭ. ئائىلىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇشقا بەكرەك كۆڭۈل بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىڭىزدە ئۈلگىلىك ئانا بولۇشقا مۇناسىپ سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ. شۇندىلا چوقۇم پەخىرلىك ئانا بولۇپ ئۆز بەختىڭىزنى تاپالايسىز. باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنەي دېسىڭىز، پۈتۈن بەدىنىڭىزنى ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە يۆگەشكە سەل قارىماڭ. ئىپپەتلىك بولۇڭ، شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادا يۈزىڭىز يورۇق بولىدۇ ۋە تۇرمۇش يولدىشىڭىزنىڭ يۈزىگىمۇ تەبەسسۇم بىلەن قارىيالايسىز. جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر يىرگىنىشلىك ئەخلاقسىزلىقلارغا ئاۋاز قوشماڭ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«ئىي ئاياللار! سىلەر ئۆز ئائىلەڭلەرنى ئاۋات قىلىڭلار. ئىپتىدائىي نادانلىق دەۋرىدىكىدەك ئۆزۈڭلارنى بازارغا سىلىپ يۇرۇپ يىرگىنىشلىك ئۆتمۈشنى تەكرارلىماڭلار» يەنە بىر ئايەتتە: «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ بەندىلەرگە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» ئەھزاب سۈرىسى 59- ئايەت.
بىر پۈتۈن ئىسلاھات ئۈچۈن كەلگەن ئىسلام دىنى پاك ۋە ساغلام، ھەقىقىي ئىنسانى پەزىلەتكە تولغان گۈزەل جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھايۋانىي شەھۋانىيلىققا تولغان بۇزۇق، ئىنسانىي ئەخلاقتىن چەتنىگەن جەمئىيەتكە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئىنكار قىلىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلسا ئۇلاردىكى پاكلىق ۋە ئاياللارغا خاس نازاكەت دەپسەندە قىلىنغان بولۇپ، شۇ جەمئىيەتتىكى ئەرلەرنىڭ بۇزۇلۇشى ئەخلاقتىن چەتنىشى دىنىي ۋە مىللىي غۇرۇرنىڭ يوقىلىشىدىكى ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
قىز-خانىملىرىمىز پاك ۋە ئىپپەتلىك، ھايالىق، ئېتىقاتلىق، غۇرۇرلۇق، ھەقىقەتپەرۋەر، مىللى ئۆرپ-ئادەتنى ھۆرمەتلەيدىغان بولسا، پەرزەنتلىرىمىزمۇ يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بىلەن تەربىيىلىنىدۇ ۋە كېلىچەك جەمئىيىتىمىزدە ياراملىق يېتىشكەن ئوغلانلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدە گەپ يوق. چۈنكى، جەمئىيىتىمىزدىكى قىز-خانىملار مىللەتنىڭ ئانىسى ۋە تەربىيىچىسى، تەربىيىچى يېتەرلىك ئەخلاققا ئىگە بولسا تەربىيىلەنگۈچى ئەلۋەتتە بۈيۈك پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ چىققۇسى.
داۋامى بار ...خەت چەكلىمىسى بولغاچ بىراقلا يوللىغىلى بولمىدى.