يېڭى تېما
پرىنتېر

سەت "ئاياللار نىمىشقا "سەت"

سەت "ئاياللار نىمىشقا "سەت"

سەت «ئاياللار نىمىشقا«سەت›




                                                                  سەت "ئاياللار نىمىشقا "سەت"
                                                                              سىدىق يۈسۈپ
ئايال بولسا ئۇنىڭدا ئاياللىق پۇرىقىنىڭ بولىشى ناتايىن ،ئاياللارنىڭ چىرايلىق بولىشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاياللىق پۇرىقىدىن دېرەك بەرمەياۇ .چىرايلىق دىگەن ئاددى ،پۇراق دىگەن مۇرەككەپ بولىدۇ .
پۇراق دىگىنىمىز ،بىر خىل ئىچكى پەزىلەت بۇلۇپ ئۇ بىر خىل شەكىل بىلەن ئىپادىلىنىشكە مۇھتاج.ئاياللارنىڭ گۇزەللىكنى سۇيۇشى ،ئۇلاردا پۇراقىنىڭ بارلىقىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىشى .بىز گەرچە گۇزەللىكىنى سويمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك دىسەكمۇ ،لىكىن ھەمىشە گۇزەللىكىنى جايىدا ئىپادىلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئادەمگە مەنىسىزلىك پۇرقى بىرىپ قۇيىدىغان ئاياللارمۇ كوپ ئۇچىرايدۇ .
ئاياللىق پۇرقىغا ئىگە ئاياللار گىرىم قىلغاندا ،قانداق گىرىم قىلىشنى ،قاچان ەىرىم قىلىشنى بىلىدۇ ،چۇنكى ئۇلار مۇۋاپىق بولۇشنىڭ ئولچىمىنى ئىگىلىگەن ،ئەكسىچە بولغان ئاياللار ئالى دەرجىلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى سورگەن بولسىمۇ نەتىجىدە يەنىلا يۇزىدىكى نوقسانلارنى يۇشۇرۇپ قالالمايدۇ .
ئاياللىق پۇرىقى بار ئاياللار كىيىم - كىچەكلەرنى يارشىملىق كىيىدۇ .،ئاياللىق پۇرىقى يوق ئاياللار كىيىم -كىيىشتە قارغۇلاچە مۇدا ،ئالى دەرجىلىك بۇلۇشنى قوغلۇشۇپ ئۇزىدىكى جەلىپكارلىقنى يۇقۇتۇپ قۇيىدۇ .شۇڭا بەزى كىشلەردە سەت ئاياللار كوپىيىپ كىتىۋاتىدۇ دىگىنى ئاساسسىز ئەمەس.
تۇرمۇشتا يانا شۇنداق ئاياللار باركى ئۇلارنىڭ تەبى گۇزەللىكىدىن ئىچ قانداق نوقسان تاپالمايمىز لىكىن جاۋۇلداقلىقى تۇپەيلىدىن سەت كورنىدۇ ،ھەم گەپ تۇشۇپ چېقىمىچىلىق قىلىپ ئاياللىق پۇرىقىنى يۇقۇتۇپ تەبى گۇزەللىكىنى يۇقۇتىدۇ .
كەسىپتىكى ئاياللار بولسا ئۇزىنىڭ گۇزەل چىرايى بىلەن ئەمەس بەلكى بىلىم ئىقتىدارى بىلەن جەمىيەتتە تىگىشلىك ئۇرۇنغا ئىگە بۇلۇپ كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت قازانغان .لىكىن قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار ئايال ھەم ئانا ،ئۇلارمۇ تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سۇغاقلىرىنى بېشىدىن كەچۇرگەن .ئايىلىنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى ئۇلارغا يۇكلەنگەن ،ئۇلار ئەرلەرگە قارغاندا كوپ بەدەل تۇلەيدۇ ، يۇكى ئېغىر .ئاياللار ئىرىشكەن ھەر بىر نەتىجگە ئەرلەردىن بىر ھەسسە ئارتۇق ئەجىر سىڭدۇرگەن بولىدۇ .
كىشلەرگە سەمىمى مۇئامىلە قىلىش ،قىزغىن ياردەم بىرىش ،كىشلىك تۇرمۇشنى ھىسياتلاشتۇرۇش ،چىرايلىق گۇلنىڭ ئېچىلغىننى كورۇپ خۇشال بۇلۇش ،نابۇت بولغانلىقىنى كورگەندە ئىچ ئاغرىتىش ،مانا بۇ ئاياللىق پۇرىقى .
ئەرلەر بىلەن سوزلەشكەندە يەڭگىللىك بىلەن قەلبىنى ئاشكارلىماسلىق ،تەمكىنىك بىلەن ئالاقىلىشىشى ،دوستانا مۇناسىۋەت ئورنىتىش مانا بۇ ئاياللىق پۇرقى .
ئاياللىق پۇرىقى دەرۋەقە مەدەنىيەت جەھەتتكى تەربىيلەنىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ،تېخىمۇ كونكىرىت ئېيىتقاندا ،نازاكاتلىك بىر خانىم كوچىدا ئاستا كىتىۋاتقاندا يىقىلىپ كەتكەن بالا بىلەن كارى بولماي ئۇتۇپ كىتىدۇ .ياكى باشقىلار ئۇنىڭ پۇتىنى ئىھتىياتسىزلىقتىن دەسسىۋالغان چېغىدا ،قارشى تەرەپ ئەپۇ سورغان بولسىمۇ "كۆزوڭ بارمۇ " دىگەندەك سەت تىللار بىلەن تىللاپ كىتىدۇ .مۇشۇنداق ئاياللارنى ئاياللىك پۇرىقى بار دىگىنى بولامدۇ ،ئاياللىق پۇرىقى كۇيۇنۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ئىرىڭىز ھېرىپ -چارچاپ كەلگەندە بىر چىنە ئىسسىق چاي بەرسىڭىز ،يۇزىڭىزنى يۇيۇپ تاماق يەۋېلىڭ دىسىڭىز مانا بۇ ھەقىقى ئاياللىق پۇرىقى .
بارلىق ئاياللارنىڭ كۇچلۇك جەلىپ قىلىش كۇچىنى ئۇرغۇتۇپ ،ھەقىقى تۇردىكى ئاياللاردىن بولىشىنى تىلەيمەن .

يازغۇچى:سادىق يۈسۈپ

مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى

TOP

ئاياللار نىڭ ھۆسنى جامالى ئايدەك بولسىمۇ  تەربىيە كۆرمىگەن بولىسائۇ مەڭگۇ سەتلەر قاتارىدا تۇرىۋىرىدۇ.
چىرايى سەت ئاياللارنىڭ قەلبى گۇزەل بولسا ئۇ مەڭگۇ ئاليجاناپ گۇزەل كۆرىنىدۇ.

خۇددى مەن تەقۋا دەپ يۆگىنىۋىلىپ كالتە ئىشتان كەيمىگەندەكلا ئىش! (ئارتۇق كەتسە كەچۇرۇڭلار)

TOP

قىزلار نەزىرىدىكى كىلىشكەن يىگىتلەر قانداق بۇلدىغاندۇ؟

TOP

قىزلار نەزىرىدە كىلىشكەن يىگىت ؛ھايالىق يىگىتتۇر!

TOP

adam qiraylik bolghanliki  uqunla  soyumluk   bolalmaydu  ,soyumluk bolghanliki uqun   qirayliktur  .

TOP

قەلبى گۇزەل بولمىسا ،گۇزەللىكىمۇ كورۇنمەيدۇ .

TOP

يېڭى تېما
يېقىندا زىيارەت قىلغىنىڭىز ...