19 12
يېڭى تېما
پرىنتېر

«يەتتە قىزلىرىم خانىم - قىزلار تورى» ئىشقا كىرىشتى

باشقۇرغۇچى qismet بۇ تېمىنى نادىرلىغان ۋاقتى 2009-3-23 13:15

«يەتتە قىزلىرىم خانىم - قىزلار تورى» ئىشقا كىرىشتى

تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كاتتا مەرىكىسى نورۇز يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا «يەتتە قىزلىرىم خانىم - قىزلار تورى» ئىشقا كىرىشتى.
          نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ھەممىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىتتا، ئاياللارمۇ ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولماقتا. ئەسلىدە راھەت كۆرۈشكە، ئەرلەرنىڭ پەپىلىشىگە تېگىشلىك ئاياللىرىمىز ئائىلىسىنى – ئۆزى ھەممىدىن بۈيۈك بىلىدىغان ئائىلىسىنى دەپ، يات بىراۋلارنىڭ ئالدىدا ھىجىيىشقا مەجبۇرلانماقتا، ئاللىكىملەرنىڭ ئايىقىدا خار – زەبۇنلۇق پاتقىقىغا پاتماقتا.
          بۇ مەسىلە نەدىن كېلىپ چىقتى؟ بىز ئەزەلدىن ئانىلارنى، خانىم – قىزلارنى ئەزىزلەپ كەلگەن مىللەت ئىدۇققۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ئاددىي بىر نەچچە ئېغىز سۆز بىلەن شەرھلەپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
          بىز چوڭقۇر ئويلاندۇق، زىممىمىزدە خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ھەققى بار، دەپ ئويلىدۇق. ئۇلارغا مۇڭداش، سىرداش بولۇشنى ئويلىدۇق. شۇ سەۋەبلەرگە كۆرە ھەممە ئېلېكترونغا يۈزلەنگەن بۇ دەۋردە، مۇشۇ ئاددىي مۇنبەرنى ئاياللارغا – شۇ ئەزىزلەرگە بېغىشلىدۇق.
          ئەلۋەتتە، بىز بۇ مۇنبىرىمىز بىلەن خانىم – قىزلىرىمىز دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىپ كېتەلەيمىز دېمەكچى ئەمەس. خانىم – قىزلىرىمىزغا ئاز – تولا سىرداش بولالىساق، ئۇلار بىلەن مۇڭدىشالىساق، بىزنىڭ مەقسىتىمىز شۇ ئىدى.
          قېنى بۇياققا كېلىڭ، سىردىشايلى!

ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم تورى
2009 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 - كۈنى

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ!

TOP

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  
مەن بىرىنچى بولوپ تېزىملاندىم ۋە تۇنجى بولوپ سىلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماقچى
بۇ قۇتلۇق ئىشقا قۇت ياغسۇن !
----------
ھۆرمەت بىلەن  "قاراق  مەرىپەت -ئىجادىيەت مۇنبىرى"
ئادىرىس : http://www.qaraq.com/bbs

TOP

رەھمەت، ئۇلىنىش ئالماشتۇرايلى.
ھەمكارلىقىمىز مېۋە بەرسۇن!
«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ!

TOP

ئەسىلامۇ ئەلەيكوم  :مەن يالغۇزبالا بولىمەن !  يەتتە قىزلىرىم توربىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقنى قىزغىن تەبىركلەيىمەن !http://www.basbas.cn/yalhuzbala/
باسقان ئېزىڭلار گۇل بولسۇن ............................

TOP

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، يالغۇز بالا!
سىزنىڭ باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
مەن Basbas تورىدا سىزنىڭ سەنئەت ماھارىتىڭىزدىن ھوزۇرلانغان ئىدىم. بۈگۈن بۇ يەردە دىدارلىشىش نېسىب بولۇپتۇ، دىدار غەنىيمەت!
«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ!

TOP

ھەي~!
      مەن ئازىراق  كېچىكىپ قاپتىمەن ~!
       لېكىن مەن چۇقۇم تىرىشىمەن~!!!!

TOP

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يەتتە قىزلىرىم:
لىنىيە مۇنبىرىگە ۋاكالىتەن، يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ ئىىچلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .

                                  http://www.liniye.com/bbs/

TOP

مۇبارەك بولسۇن!
تىزىملاتقاندا ئەزا نامىغا ئۇيغۇرچە چىقىۋالدى، مەن Ctrl+K نى بېسىپ تىزىملاتتىم.

TOP

يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىغىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن . بۇ مۇنبەر كۈنسىرى تەرەققى قىلغاي .
خانىم - قىزلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشۈنىدىغان ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىدىغان ھەقىقى خانىم قىزلار مۇنبىرى بۇلۇشۇنى ئۈمۈد قىلىمەن .

TOP

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئەزىزلەر !!

ئىزىڭدىن تېككەن ئۈنسە ، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ .

مەنمۇ سىلەرنىڭ سېپىڭلارغا قوشۇلسام قارشى ئالامسىلەر ، بۇ مەۋھۇم ماكاندا بىر خانىم- قىزلىرىم ئۈچۈن سىردىشىش ،  مۇڭدىشىش ئۈچۈن بۇ كاتتا سورۇننى ھازىرلىغان:    دىكى بارلىق جاپاكەشلەرگە ئۇتۇق تېلەيمەن ، باسقان قەدەملىرىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۈن !!

TOP

 19 12
يېڭى تېما
يېقىندا زىيارەت قىلغىنىڭىز ...