47 12345
يېڭى تېما
پرىنتېر

مۇنبەر مەسئۇلىغا بىر پارچە خەت!

باشقۇرغۇچى qismet بۇ تېمىنى نادىرلىغان ۋاقتى 2009-3-23 12:54

مۇنبەر مەسئۇلىغا بىر پارچە خەت!

مۇنبەر مەسئۇلىغا بىر پارچە خەت!

ئەسسلاممۇ ئەلەيكوم مەسئۇل ئەزىزلەر!!!

مەن ئايتۇران نامى بىلەن بۇ مۇنبەرگە تېزىملىتىپ كىرگىنىمگە نەچچە كۈن بولسىمۇ ، لېكىن تېخى شەخس ئۆزەمگە تەۋە بىر تېما يوللىمىدىم ، نىمە ئۈچۈن؟
بۇنبەر قۇرۇلۇپ ھەر قايسى تور بىكەتلەرگە ئېلان بىرىلگەن كۈندىن باشلاپ نۇرغۇن تورداشلىرىمىز ئەزا بولۇپ قېتىلۋاتىدۇ  ، ئەمما مەن بۇ بىكەت مەسئۇلى < قىسمەت > نى بىر تېمىدا كۆرگەن پېتى يوق  كۆرۈپ باقمىدىم  ، ھەم بىكەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىمۇ يوقتى ، بۈگۈن <جۇلالىق > نامىدا  كىرگەن ئالى باشقۇرغۇچىنى ئۇچۇرتىپتىمەن ،  تور بىكەت ۋە مۇنبەر قۇرۇلۇشىدا چوقۇم بىر مەسئۇل كىشى باشچىلىقىدا ، بارلىق ئەزالارنى باشلاپ يېتەكلەپ ماڭىدىغۇ دىگەن ئۈمۈتتە شۇنچە قاراپ ساقلاپ باقساممۇ ، يەنىلا يوق ....
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاددى خېتىمنى باشلىۋەتتىم :
1. مۇنبەر تېخى مۇكەممەل بولمىغانمۇ ؟
2. كىرگەن ھەر قايسى ئەزالار ئۆز ئالدىمىزغا تېما يوللاۋىرەمدۇق ؟ ناۋادا تور ساھەسىگە يېڭىلا قەدەم قويغان مۇنبەرداشلىرىمىز  سىياسى - قانۇنلارنى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن بىرە تېما يوللىنىپ قالسا قانداق قىلماقچى ؟
3.  مۇنبەرگە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن يېڭىچە پىكىر تەلەپلەرنى بەرسەك بولامدۇ ؟
4. QQ توپى قۇرۇشقا بولامدۇ ؟
5. مۇنبەر  خەت شەكلىنى تەھرىرلەش ،  رەڭلەش قاتارلىقلار يوقمۇ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ؟

يۇقارقىلار ئاددى بولسىمۇ مەن ئويلىغان ھەم پەرەز قىلغانلىرىم ، رەنجىمىسەڭلار بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولساڭلار ، بىزمۇ مۇنبەر ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ چىقىرىپ خانىم قىزلىرىمىزگە خىزمەت قىلساق .


[ 本帖最后由 ayturan 于 2009-3-22 17:59 编辑 ]

TOP

مېنىڭ پىكرىم: ئەزا بولۇپ كىرگەن ئىكەنسىز، چوقۇم سىزدە ئىشەنچ بار دېگەن گەپ.  
  قانۇنغا تاقىلىدىغان تېمىلار  بۇ  مۇنبەرنىڭ  تېمىسىدىكى مەزمۇنلارغىمۇ ماس كەلمەيدۇ.  
  ئەگەر تېما يوللىماقچى بولساق،  سەھىپىلەرگە ماس كېلىدىغان تېمىلارنى يوللاۋەرسەك بولىدۇ دەپ قارايمەن ، يېڭى تېمىڭىزنى كۈتىمىز.

TOP

ئېچىلىش سۈرئىتى بەكلا ئاستىمۇ - نىمە؟

TOP

ئايتۇران خانقىزنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت .
مۇنبەر مەسئۇلى قىسمەت ئەپەندى كىرىپ بولغىچە بەزى سۇئاللىرىڭىزغا مەن جاۋاب بەرگەچ تۇراي .
تېخنىكىلىق ئىشلاردا خېلىلا مەسىلە بەركەن .
مەسىلەن يېڭىدا يوللىغان تىمىلار بىراقلا مۇنبەر يۈزىگە چىقىدىكەن ، تەستىق رايۇنى يوق ئوخشايدۇ .
مۇنبەرگە قولايلىق بۇلۇش ئۈچۈن ھەر قانداق پىكىر تەكلىپلىرىڭىز بولسا بەرىسڭىز مېنىڭچە ھەممەيلەن خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىدۇ ھەممىسى مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن .
كىيۇ كىيۇ توپى قۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك بۇنىڭدا يەنىلا قىسمەت ئەپەندى كىرىپ بىرەر نەرسە دىگەندىن كېيىن بولسا مۇنبەرداشلارغا كىيۇ كىيۇ توپىدىن بىرنى قۇرساق مۇنبەر توغرۇلۇق سورايدىغان ئىشلارنى شۇ توپتا ھەل قىلساق ياخشى بولاتتى .
مۇنبەرنىڭ تىما يوللايدىغان يېرىدا يىڭىدا يوللىغان تىمىنىڭ رەڭگىنى تەڭشەيدىغان يەرلىرى باركەن بەلكىم سىز كۆرمىگەن ئوخشايسىز .
ئىنكاس يازىدىغان يېرىدىلا رەڭ تەڭشىكى يوقكەن .
قىسمەت ئەپەندىم بۇ مۇنبەرنى پاكىزە مۇقىم خانىم قىزلار مۇنبىىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقساق بۇ ھەممە ئەزالارنىڭ ئۈمۈدى .

TOP

مەنچە تەستىقلاش تۇزۇمى ئەۋزەلرەك ، چۇنكى بىر  تېما قايتا يولىنىش ، كېلىش مەنبەسى ئەسكەرتمەسلىك ، دىگەندەكلەرگە تاقىلىپ ئۇقۇشماسلىق بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
مۇنبەر سۈرئىتىنى ئۇنتۇپتىكەنمەن مانا سىز تولۇقلاپسىز  ، مەن  <شەكلا مۇنبىرى> دىن قالسا ئىككىنجى قېتىم كۆرگەن خانىم- قىزلار تورىكەن ، شۇڭا كام يەرلىرىنى تولۇقلايلى دىدىمغۇ
ئۈمۈتنى بىزگىلا قويماي تەڭ كېلىلى دەيمەن   ( چاق-چاق)

TOP

قىسمەت ئەپەندى بۇ تىمىنى كۈرۈپ ئاۋال بىر نەرسە دەپ باقسۇن . مېنىڭمۇ مۇنبەر توغرۇلۇق بېرىدىغان تەكلىپلىرىم بار ئىدى ئەتىگىچە تىما قىلىپ يوللايمەن .
مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشى راستىنلا ئاستىكەن ، يېڭى مۇنبەر بولغاندىكىن ئاتتەك ئۇچمامدۇ ؟
مۇشۇ بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوڭشىساق مۇنبەرمۇ خېلى رەتكە چۈشۈپ قالاركەن .

TOP

شۇ ئاتتە قىزلار  باردەك قىلىدۇ ، مۇنبەر سۈرئىتىنىڭمۇ  ئاتتەك بولىشىدا چاتاق يوق جۇمۇ  

TOP

بىز بار يەردە ئاتتەك قىزلار بار بولماي

TOP

مەن ئارلاشماي جۇمۇ ما خەقنىڭ ئىشىغا.

TOP

ۋاي مەھمۇد سىز ئارلاشمىسىڭىز تىما قانداق قىززىيدۇ ؟

TOP

 47 12345
يېڭى تېما