1#
چوڭ ئوتتۇرا
كىچىك يوللانغان ۋاقتى 2009-3-22 12:26
تېما يوللىغۇچىنىڭ يازمىلىرىنىلا كۆرۈش
گۈل مەلىكە(جۇلالىق)
بار ئىكەن يوق ئىكەن ، ئاللانىڭ بەندىلىرى كۆپ ئىكەن ، بىر مەملىكەتتە 14 كۈنلۈك تۇلۇن ئايدەك گۈزەل ، كىچىك بىر مەلىكە بار ئىكەن ، ئۇ ئىنتايىن گۈزەل ئاقكۆڭۈل بولغاچقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى <<گۈل مەلىكە >> دەيدىكەن .
بۇ مەملىكەتتە يەنە قارا نىيەت بىر جادىگەر بار ئىكەن ، گۈل مەلىكەنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ، ھەسەت ئوتىدا چىدىيالماي قالغان جادىگەر <<ئەجىبا قانداق قىلسام ،بۇ پەرىشتىدەك گۈزەل قىزغا بىر قەسىت قىلارمەن ؟>>دەپ ئويلاپتۇ .
بىر كۈنى بۇ جادىگەر يەنە مۇشۇ خىيال بىلەن تۇرغاندا كاللىسىغا بىر ئەقىل كەپتۇ -دە ،دەرھال باغچىسىغا چىقىپ ، باغچىدىكى يامانلىق گۈللىرىنىڭ ئۇرۇغلىرىنى يىغىپتۇ .مەلىكەنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن بىرى جادىگەرنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن ، جادىگەر ئۇرۇغلارنى خىزمەتچىگە بېرىپ ، بۇ ئۇرۇغلاردىن چاي قاينىتىشنى ۋە مەلىكەنىڭ باغچىسىدىكى گۈللەر ئېچىلغاندا ، بۇ چاينى مەلىكەگە بېرىشنى تاپىلاپتۇ .
ئەسلىدە بۇ يامانلىق ئۇرۇغى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن سېسىپ پۇرايدىكەن ، ئەمما ئۇ چاي دەل مەلىكەنىڭ باغچىسىدىكى گۈللەر ئېچىلغاندا ، كىچىك مەلىكەگە بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن كىچىك مەلىكە ئۇ گۈلنىڭ سېسىپ پۇرىقىنى سېزەلمەپتۇ .جادىگەرنىڭ خىزمەتچىسى يامانلىق ئۇرۇغىدىن قاينىتىلغان چاينى ئۇنىڭغا سۇنغاندا گۈل مەلىكە :
- بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم ، دەپ چاينى ئىچىپتۇ .
ئەسلىدە بۇ چاينى ئىچكەن كىشى سېسىق پۇرايدىغان تۆگە تىكىنىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن ، خىزمەتچى شۇملۇق بىلەن قاراپ ، گۈل مەلىكەنىڭ تۆگە تىكىنىگە ئايلىنىشىنى ساقلاشقا باشلاپتۇ. ئەمما ئۇنداق بولماپتۇ . بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن ، گۈل مەلىكەنىڭ بوينى پىياز گۈلىگە ، چاچلىرى نەركىس گۈلىگە،كۆزلىرى يېشىل يۇپۇرماقلارغا ، قوللىرى ئاق لالىلەرگە ،بەدىنى باغچىدىكى باغچىدىكى شاپتۇل چېچىكى رەڭلىك گۈللەرگە ئوخشاپ قاپتۇ .كۈلسە كۆزلىرىدىن قىزىل گۈللەر ،ئاق چىچەكلەر،كۆك نەقىشلەر تۆكۈلۈپتۇ ،گەپ قىلسا ئاغزىدىنى پىلپىل ئۈنۈپ چىقىپتۇ .بۇنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە جادىگەرنىڭ خىزمەتچىسى ،كۆكىرىپ،قارىداپ سەت بىر تىكەنگە ئايلىنىپ قاپتۇ .گۈل مەلىكەنى كۆرگەن كىشىلەر خۇشاللىق بىلەن :
-ئىسمى گۈل مەلىكە ئىدى ،ئۆزىمۇ گۈللەرگە ئوخشاپ قاپتۇ دېيىشىپتۇ .
گۈل مەلىكە ھەر قانداق ئىش قىلسا <<بىسمىللاھ>> بىلەن باشلىغانلىقى ئۈچۈن ، .ەتراپتىكى يامانلىقلار ياخشىلىققا ئايلىنىپتۇ ،ئاللاھ ئۇنى يامانلىقتىن ساقلاپتۇ .
قارا نىيەت جادۇگەر بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ ، ئاچچىقىغا چىدىماي يېرىلىپ ئۈلۈپ قاپتۇ ، جادىگەرنىڭ باغچىسىدىكى يامانلىق گۈللەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇپ كېتىپتۇ .
كىچىك گۈل مەلىكە بولسا <<بىسمىللاھ>> بىلەن قارا نىيەت جادىگەرنىڭ سۈيىقەستىدىن قۇتۇلغانلىقىنى چۈشۈنۈپ ، ئاللاھقا شۈكۈر قىپتۇ . چوڭ بۇلۇپ كېلىن بولغىچە ، ئاندىن ئانا بولغىچە ۋە تاكى ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتا <<ئى ئاللاھ ! مېنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلا >>دەپ دۇئا قىلىپتۇ ، ئۇلۇغ ئاللا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىپتۇ .
ھىكايىمۇ بۇ يەردە تۈگەپتۇ .
دىنىمنى ئۈگۈنىمەن دىگەن كىتابتىن ئېلىندى .
مەشغۇلاتتا : جۇلالىق