يېڭى تېما
پرىنتېر

ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىسىز بولغان 10 خىل ئايال

ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىسىز بولغان 10 خىل ئايال

ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىسىز بولغان 10 خىل ئايال

1. ئەرلەرگە بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغان ئايال
ئەرلەر چىرايلىق ئايالغا ئۆيلىنىۋالغاندىن كېيىن ، كۆڭلىدە : «ئاساسلىق مەقسىتىمگە يېتىپ بولدۇم ، ھاياتتا ئەمدى ئىنتىلىدىغان ھېچقانداق نەرسەم يوق» دەپ ئويلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن خىيالى چىرايلىق خوتۇنىنىڭ خىلمۇ خىل ئىستەكلىرىنى قاندۇرۇش بىلەنلا بولىدۇ ، بۇنداق قانائەتچان ئەرلەر ھېچقانداق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ .

2. كۆز يېشىنى قورال قىلىدىغان ئايالئەرلەر خوتۇنىنىڭ ياكى سۆيگۈنىنىڭ يىغلىغانلىقىنى ، كۆڭلى بۇزۇلغانلىقىنى كۆرسە كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ تەمتىرەپ قالىدۇ ، پىلانلىرىدىن ۋاز كېچىپ قارشى تەرەپكە يول قويىدۇ . مانا مۇشۇنداق كۆز يېشى ئارقىلىق ئېرىنى بويسۇندۇرىدىغان ئايال ھامان ئېرىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
مەنبە: بىلىك كۇلۇبى
3. ئېرىنىڭ ئىشىغا چات كېرىۋالىدىغان ئايال بىر قىسىنم ئاياللار بار ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەرلىرىنىڭ ئىشلىرىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇنداق ئاياللار ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوقۇم ئېرىنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ .

4. غەيۋەتخور ئايالئەرلەرنىڭ ئالدىدا باشقىلارنىڭ يامان گېپىنى قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بىللە ياشىماق تولىمۇ تەس . مۇشۇنداق ئاياللار سەۋەبىدىن ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋېتى ، خىزمەت ۋە كەسىپتىكى ئىلگىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ .

5. ئېرىگە ئەگىشىپ بوشاپ كېتىدىغان ئايال ئەرلەر ئۈمىد سىزلىنىپ بوشىشىپ كەتكەندە خوتۇنىنىڭ سەمىمىي ئىلھامىغا مۇھتاج . ئەگەر ئۇنداق چاغدا خوتۇنلىرىمۇ ئۇلارغا ئەگەىشىپ بوشاپ كەتسە ئەرلەر تېخىمۇ بوشىشىپ ھەتتا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ .

6. ئېرىنى تىزگىنلەيدىغان ئايال بەزى ئاياللار ئائىلىدە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇشنى ئويلاپ ھەر ۋاقىت ، ھەر جايدا ئېرىنى تىزگىنلەپ «قۇلى» قىلىۋالىدۇ . بۇنداق ئاياللار ئەرلىرىنىڭ باشقىلار ئالدىدا باش كۆتۈرۈپ يۈرەلمەسلىكىگە ، روىي جەھەتتىن توسالغۇ8غا ئۇچرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ . تېخىمۇ مۇھىمى ، ھامان بىر كۈنى ئېرىدىن ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئايرىلىپ قالىدۇ .

7. ئېرىگە زىيادە ئامراق ئايالھەممە يەردە ئەرلىرىنى تىزگىنلەيدىغان ئاياللارنىڭ ئەكسىچە ، بەزى ئاياللار ئەرلىرىنى بولىشىغا قويۇۋېتىدۇ . بۇنداق ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدا قەدىر - قىممىتى بولمايدۇ ، ئېرى نېمە دېسە شۇنى ئاڭلايدۇ . مۇشۇنداق قىلىۋەرسە ئېرىنىلا ئەمەس ، ئۆزىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ .

8. ئەتىدىن - كەچكىچە قايغۇرۇپلا يۈرىدىغان ئايال غەمدىن قۇتۇلالماي ئۆزىگە ئېچىنىپ يۈرىدىغان ئايال ئېرىگە بەخت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ . مەيلى سىز ئۇنىڭغا قانچىكى كۆيۈنۈڭ ، نەسىھەت قىلىڭ ، ئۇ ھەمىشە دۇنيانى زۇلمەتلىك ، مەنىسىز ، ئادەملەرنى قورقۇنۇچلۇق ، ئۆزىنى بەختىسىز دەپ قارايدۇ . ئۇنىڭ بۇ خىل كەيپىياتى ئېرىنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويىدۇ .

9. كۈنلۈكى يامان ئايال مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياكى يېڭىدىن توي قىلغان ئاياللاردىكى كۈنلەش ئېرىگە لەززەت ، غەمخورلۇق ، مۇھەببىتى قايناپ تاشقانلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ ، بىراق ئېرىنى زىيادە كۈنلەيدىغان ئايال ناايىتى بىچارە بولۇپ ، ئېرىنىڭ كەسپىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئېرى ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ .

10. ئويۇنپەرەس، ئەقىللىكرەك ئايالبەزى ئاياللار ئۆزىنى قالتىس ئەقىللىق چاغلاپ ئېرىگە قاملاشمىغان مەسلىەتلەرنى بېرىدۇ ياكى ئېرىگە ياردەم قىلدىم دەپ ئىش تېرىپ بېرىدۇ . بۇنداق ئاياللار ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولالمايدۇ .

TOP

رەخمەت سىزگە ، ھارمىغايسىز .
     (ئاياللار ئۆز چىرايىغا قانچىكى ئىشىنىپ كەتسە ،ئائىلىسىنى شۇنچە تېز زاۋال تاپقۇزۇدۇ .)

TOP

يېڭى تېما
يېقىندا زىيارەت قىلغىنىڭىز ...