1#
چوڭ ئوتتۇرا
كىچىك يوللانغان ۋاقتى 2009-3-21 21:40
تېما يوللىغۇچىنىڭ يازمىلىرىنىلا كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىلىق 10 خىل ئايال
ئەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىلىق 10 خىل ئايال
1. ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشىكە ماھىر ئايال
بۇنداق ئاياللار ئىنتايىن ئېھتىياتچان ، تۈزىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ ، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرىڭىزدىن ئويلىغانلىرىڭىزنى سېزىۋالالايدۇ . خۇشال بولغىنىڭىزدا سىز بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ ، كەيپىياتىڭىزنى ھەرىكەتلىرىڭىزدىن سېزىۋېلىپ تەسەللىي بېرەلەيدۇ .
2. ئاق كۆڭۈل ئايال
بۇنداق ئايال سىزگە ئىشەنچ ئاتا قىلالايدۇ ، سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىردان ئادىمى دەپ قارايدۇ . ئۇ سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ قالماستىن ، يەنە قوشنا - قولۇملىرىڭىزغا ، خىزمەتداشلىرىڭىزغىمۇ ياخىشى مۇئامىلىدە بولىدۇ . ئۇلارنىڭ خوتۇنىڭىزنى ماختىغانلىقىدىن سىزنىمۇ ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
3. تەبىئىي گۈزەل ئايال
ئۇ گۈلدەك ياسىنىپ ، كېپىنەكتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغان ئاياللاردىن ئەمەس ، كەيپى ساپالىق تۇرمۇشقا ئىنتىلمەيدۇ ، قۇرۇق ئابروي ۋە بايلىق قوغلاشمايدۇ ، بىراق ئۆزىنى ياساپ كۆزىڭىزگە يېقىشلىق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ ، چاكىنا ئەمەس . ئۇ سىزنى تەبىئىي مىجەز - خۇلقى ، ساددىلىقى بىلەن خۇشال قىلسا ، ئورۇنلۇق گەپ - سۆزلىرى بىلەن ئازادىلىك ھېس قىلدۇرىدۇ .
4. زېرەك ئايال
ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق بولۇپ ، قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققىنىڭىزدا ئالدىڭىزدا پەيدا بولىدۇ . بۇنداق ئايال پىكرىڭىزنى ئاچقۇچى ، ئىزچىل تىرىشىپ ؛ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە ياردەم بەرگۈچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ .
5. ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئۈمىدۋار ئايال
بۇنداق ئايال ئۈمىدۋار ، كەڭ قورساق ،كېلىدۇ . سىزنى سۆيگەنلىكىگە يۈرىكىدىن رازى بولىدۇ . مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىڭىزغا ، جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىكىڭىزگە ئىشىنىدۇ ، ئوڭۇشسىزلىقلىرىڭىز بىلەن ئۈمىدسىزلەندۈرۈۋەتمەيدۇ ، مۇۋەپپەقىيىتىڭىزدىن شادلىنىدۇ . قىيىنچىلىقنى تەڭ كۆتۈرۈشۈپ ئالغا ئىلگىرىلىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ.
6. قەدىر - قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئايال
بۇنداق ئايال ئۆز ئوبرازىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ . بىراق ، سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .
7. ئىقتىسادنى باشقۇرالايدىغان ئايال
بۇنداق ئايال كىرىمىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلىدۇ . سىزنى تۇرمۇشقا غەمدىن خالاس قىلىدۇ . قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئىزچىل مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرالايدۇ .
8. سۆزگە ئېتىبار بېرىدىغان ئايال
ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ مۇڭدىشى ئولتۇرالايدۇ ، سىز ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇھىتى يارىتىپ بېرەلەيدۇ ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويمايدۇ . كىشىلەر ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ .
9. مۇستەقىللىق ئېڭى كۈچلۈك ئايال
ئۇلار بىرەر ئىشنى قىلىش - قىلماسلىققا ھۆكۈم چىقىرالايدۇ ، كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ قاراق قىلىپ بېرىشىڭىزنى كۈتمەيدۇ ، سىزگە تايىنىۋالمايدۇ . ئائىلە ئىشلىرىنى مۇستەقىل ئورۇنلاشتۇرالايدۇ ، ئىدارىڭىزدىكى ئىشلارنى ئويلىشىڭىزغا ۋاقىت ھازىرلاپ بېرەلەيدۇ .
10. زامانىۋى ئاڭغا ئىگە ئايال
بۇنداق ئايالنىڭ ماسلىشىشىچانلىقى كۈچلۈك ، ئۆتكۈر كۆزىتىش ۋە پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە . يېڭى بىلىملەرنى ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ ، تۇرمۇشىڭىزنى يېڭىچە ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ھازىرقى زامان پۇرىقىنى پەيدا قىلىپلا قالماستىن ، تەپەككۇر ئۇسۇلى ، ئادەم بولۇشنىڭ ئېپى قاتارلىق جەەتلەردىمۇ ھازىرقى زامانغا لايىق بولۇپ ، سىزدە قاتاردىن قېلىۋاتقانلىقى تەسىراتى قالدۇرمايدۇ.
مەنبە: بىلىك كۇلۇبى