1#
چوڭ ئوتتۇرا
كىچىك يوللانغان ۋاقتى 2009-3-21 18:07
تېما يوللىغۇچىنىڭ يازمىلىرىنىلا كۆرۈش
ئېرىڭىز مۇزلاپ كەتكەندە ئىسىقلىق ئاتا قىلىڭ!
ئويغۇر خەلقىدە مۇنداق بىر ماقال بار :«خوتۇن قانىتى ئەر ، ئەر قانتى ئات >» . ئەرلىرىمىز بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى يۆلەنچۈكىمىز ، ئەرلەر بولسا بىزنىڭ كۆڭلىمىز توق ،ئۆزىمىزنى بىخەتەر ھېس قىلىمىز . بالىلىرىمىزمۇ دادىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزىنى خاتىرجەم ، بەختلىك ھېس قىلىدۇ ، قورقمايدۇ . نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئاغزىدىن شۇنداق ئورتاق بىر گەپنى ئاڭلىدىم ( ئۆزۈممۈ شۇنىڭ ئىچىدە): ئەرلەر بولمىسا ،ئادەمنىڭ تاماق ئەتكۈسمۇ كەلمەيدۇ.دېمەك ئەر كىشى ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكى ، ئائىلە -ئەرنىڭ بەخـت يېغى ، ئەر -مۇقەددەس قەلىب ئۆيىدۇر . ئايال روھىيىتىنى ئەر قەلبىدە ئىپتىخار سېزىدۇ . ئايالنىڭ ھەر كۈنى قارايدىغىنى ئەينەكلا ئەمەس. بەلكى ئەرنىڭ قەلبىدىكى ئۆز شەكلى ،ئوبزارى ۋە باھالىشى .
ئەر ئائىلە، خوتۇن ، پەرزەنتنىڭ غەمگۈزارى . «ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ ياخشى » دېگەن تەمسىل مىنىڭچە ئەرلەرنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا تۇتىدىغان ئورنى تېخىمۇ ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ . شۇڭا مۇشۇنداق مۇھىم بىر ئادەمنى خۇشال ۋە بەخىتلىك قىلىش ئايال كىشىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇليىتىدۇر .سىرىتتا مۇزلاپ كەتكەن كىشى تەقەززالىق بىلەن ئۆيىگە قاراپ چاپىدۇ،چۈنكى ئۆيدە ئۇنىڭ ئىللىق چىرايى بىلەن كۈتۈۋالىدىغان ، موزلاپ كەتكەن پۇتلىرىنى ئىسسىتىپ قويىدىغان ئايالى بار . ئەرلەر ئۈچۈن بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخىت . قايسى بىر ئەر بۇنداق ئىسسىق چىرايغا قاراشنى خالىمايدۇ ؟ قايسى بىر ئەر مۇشۇنداق ئىللىق ئائىلىسىنى تاشلاپ قويۇپ باشقا جايلاردىن ئىللىقلىق ئىزدەشنى خالايدۇ ؟
كۈلەر يۈز ،شېرىن سۆزگە ئەر ئىسسىنۇر ،
ئىسسىنسا بۇ ئىنسان ئەسىر ، قۇل بولۇر .
-يۈسۈپ خاس ھاجىپ
مەنبە :خوتۇنلارغا 101 تەكلىپ