يېڭى تېما
پرىنتېر

قىزلار مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

قىزلار مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئىلگىرى ئارىلاشقان يىگىتىڭىزنى تىلغا ئالماڭ .
بىر قىسىم قىزلار سەمىمىيلىكىنى << گۈزەل ئەخلاق >> دەپ قاراپ ، ئۆزى ئىلگىرى ئارىلاشقان يىگىتىنى ھازىر ئارىلىشىۋاتقان يىگىتى ئالدىدا تىلغا ئالىدۇ . سىزنىڭ يىگىتىڭىز بىلەن بولغان مۇھەببىتىڭىز ھەر قانچە مۇستەھكەم بولسىمۇ ، بىراق يىگىتىڭىز سىزنى كۆرگەن ھامان ئىلگىرى سىز ئارىلاشقان باشقا يىگىتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ .
بۇيرۇقۋازلىق قىلماڭ .
چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە يىگىتىڭىزگە يول كۆرسىتىپ يۈرمەڭ . بولمىسا يىگىتىڭىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ .
ئۆزىڭىز ياخشى كۆرۈدىغان ئىشلارنى يىگىتىڭىزگە زورلاپ تاڭماڭ.
ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى ، ئارزۇ ھەۋەسلىرىنى ئۇنىڭغا تاڭماڭ . ئۆزىڭىزنى قالتىس چاغلاپ كەتمەڭ ، مۇھەببەت قاينىمىدا ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ . بەزى قىزلار مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ، رومانتىك مۇھەببەت قاينىمىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ھەر ئىككىڭلارغا يېتەرلىك دەم ئېلىش ۋاقتى بولغاندىلا ، كېيىنكى خۇشاللىق مىنۇتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولالايسىلەر .
مەنبە:سەلكىن تورى

___________
ئىملا تۈزىتىلدى.

TOP

يېڭى تېما
يېقىندا زىيارەت قىلغىنىڭىز ...