يېڭى تېما
پرىنتېر

پۈتۈن ساقچىنى ۋەسۋەسىگە سالغان شوپۇر(قىزىق)

پۈتۈن ساقچىنى ۋەسۋەسىگە سالغان شوپۇر(قىزىق)

بىر قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ سۈرىتىنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن بىر شوپۇرنى يولنىڭ چېتىدە توختىتىپ، توۋەندىكىدەك تەكشۈرۈش، سوراق ئېلىپ بېرىپتۇ.
قاتناش ساقچىسى :مەن سىزنىڭ پىراۋىڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
شوپۇر؛ مېنىڭ پىراۋام يوق، چۈنكى مەن 5- قېتىملىق ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەندە، پىراۋامنى ئەتكەس قىلىۋەتكەن.
قاتناش ساقچىسى : مەن ماشىنىڭىزنىڭ رەسمىيىتىنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
شوپۇر؛ بۇ مېنىڭ ماشنام ئەمەس، ئوغۇرلىغان ماشىنا.
قاتناش ساقچىسى : ئوغۇرلاپ كېلىنگەن ماشىنا؟
شوپۇر؛ توغرا. مەن ئويلاپ باقاي.... ئېسىمگە كەلدى، ماشىنا ئىگىسىنىڭ رەسمىيىتنى.... ماشىنا ئىچىدىكى كىچىك ساندۇقتا. مەن تاپانچىنى كىچىك ساندۇققا قويۇپ قويغىچە، ماشىنا رەسمىيىتىنى كورگەن.
قاتناش ساقچىسى :ماشىنا ئىچىدىكى كىچىك ساندۇقتا تاپانچا بارما؟
شوپۇر؛ شۇنداڭ ئەپەندىم. مەن بۇ ماشىنىنىڭ ئايال خوجايىنىنى ئۇلتۈرۈپ، ئۇنى ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىغا تىقىپ قويدۇم. تاپانچامنى ماشىنا ئىچىدىكى كىچىك ساندۇققا سېلىپ قويدۇم.
قاتناش ساقچىسى :ماشىىنىنىڭ كەينى ساندۇقىدە بىر ئايال جەسەت باما؟
شوپۇر؛ شۇنداق ئەپەندىم.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قاتناش ساقچىسى :، قاتتىق چوچۈپ كېتىپ، دەرھال ساقچى ئىدارىسىدىن ياردەم سوراپتۇ. ناھايىتى تېزلام، بىر توپ ساقچى ماشىنىنى قورشاۋغا ئاپتۇ. بىر ساقچى ئەمەلدارى شوپۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بۇ جىددى ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلماقچى بوپتۇ.
ساقچى ئەمەلدارى؛ ئەپەندىم، مەن سىزنىڭ پىراۋىڭىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟
شوپۇر؛ ئەلۋەتتە بولىدۇ، مانا.
ساقچى ئەمەلدارى؛ ماشىنا كىمنىڭ؟
شوپۇر؛ مېنىڭ، ساقچى ئەمەلدارى ئەپەندىم، مانا رەسمىيەت مېنىڭكى.
ساقچى ئەمەلدارى؛ ماشىنا ئىچىدىكى كىچىك ساندۇقنى ئېچىپ باقامسىز ،مەن ئىچىدىكى تاپانچىنى كۆرۈپ باقاي؟
شوپۇر؛ كىچىك ساندۇقنى ئاچسام بولىدۇ، لېكىن ئىچىدە تاپانچا يوق، ساقچى ئەمەلدارى.
كىچىك ساندۇق ئېچىلدى، ئىچىدە راسلا تاپانچا يوق ئىدى.
ساقچى ئەمەلدارى؛ مەن سىز نىڭ ماشىنىڭىزنىڭ كەينى ساندۇقىدا بىر ئايالنىڭ جەسىتى باركەن دەپ دىلو تاپشۇرۋالدىم، ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقىنى ئېچىپ باقامسىز؟
شوپۇر؛ چاتاق يوق. ماشىنىنىڭ كەينى ساندۇقى ئېچىلدى، لېكىن جەسەت بايقالمىدى.
ساقچى ئەمەلدارى؛ بۇ قانداق ئىش ھېچ چۈشنەلمىدىم. سىزنى تەكشۇرگەن ساقچى، سىزنىڭ پىراۋىڭىزنىڭ يوقلىقى، ماشىنىنى ئوغىرلىغانلىقىڭىز، كىچىك ساندۇقتا يەنە بىر تاپانچىنىڭ بارلىقىنى، ماشىنا كەينى ساندۇقىدا يەنە بىر ئايال جەسەتنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان، بىزنىڭ ساقچى يالغان دىلو مەلۇم قىلغان ئوخشىمامدۇ؟
شوپۇر؛ چوقۇم شۇنداق بولىشى مۈمكىن، ئۇ ساقچى تېخى مېنى سۈرەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىدىڭ دەپ يالغاندىن بەتنام چاپلاۋاتىدۇ....



مەنبە : زىلتار تور بېتى

TOP

ھا ھا ھا ....
ئۈگىنىۋالاي دىسەم بۇ گەپلەر بىز ئاياللار تازا چۈشمەيدىكەن  .

TOP

مەخمۇت سىز راستىنلا بەك قىزىقچىكەنسىز، مەن مۇشۇنداق قىزىقچى يىگىتلەرگە ئامراق. بولسا مۇشۇنداق قىزىقچىلىقىڭىز بىلەن مۇنبەردىن ئوت چىقىرۋىتىڭ .

TOP

يېڭى تېما
يېقىندا زىيارەت قىلغىنىڭىز ...