يېڭى تېما
پرىنتېر

مۇنبەر سەھىپىلىرى ھەققىدە پىكىر ئېلىنىدۇ

باشقۇرغۇچى qismet بۇ تېمىنى چوققىلىغان ۋاقتى 2009-3-24 17:02

مۇنبەر سەھىپىلىرى ھەققىدە پىكىر ئېلىنىدۇ

مۇنبىرىمىز قۇرۇلغان نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىمىز مۇۋاپىق دەپ قارىغان بىر نەچچە سەھىپىنى تەسىس قىلدۇق. ئەلۋەتتە ئىنسان مۇكەممەل بولالمىغىنىدەك، بۇ ئاددىي مۇنبىرىمىزمۇ يېتەرسىزلىكلەردىن خالىي ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن مۇمكىن قەدەر توغرىلىققا يېقىنلىشىشنى ئىستەپ، بۇ ھەقتە ئەزالىرىمىزدىن پىكىر ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
1. يەنە قايسى سەھىپىلەرنى تەسىس قىلىش كېرەك؟
2. قايسى سەھىپىلەرنى چىقىرىۋېتىش كېرەك؟
3. قايسى سەھىپىلەر بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك؟
4. قايسى سەھىپىلەر ئايرىلىشى كېرەك؟

ئەزالىرىمىزنىڭ يۇقىرىدىكى تۈرلەر بويىچە ئۆز ئويلىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، مۇمكىن بولسا ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنى تەپسىلىيرەك ئىزاھلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: يەتتە قىزلىرىم تورى
2009 - يىلى 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى

«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ!

TOP

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم !! ۋەلەيكۈم ئەسسالام !!

قىسمەت بەي ، < يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى> ئاتتەك چېپىپ ، مۇنبەرلەر ئىچىدىكى نادىر مۇنبەر قاتارىغا كىرىشىگە تېلەكداشمىز !

مەن تۆۋەندە ئۆز كۆز قارىشىمنى يوللاپ باقاي ، ئورۇنلۇقكەن دەپ ھېس قىلساڭلار ئويلۇشۇپ باقاسىلەر .

ئاياللار گۈلزارى : بۇ سەھىپىدىكى< مەشھۇر ئاياللار > بىلەن < ئاياللار جەمئىيىتىمىزدە > بۇ ئىككى تۇرنى بىرلەشتۇرۋەتسەڭلار ، چۇنكى بۇ ئىككى تۇردە جەمىيىتىمىزدىكى جاپاكەش ئاياللارنىڭ بۇيۇك ئىزنالىرى ۋە شەرەپ نەتىجىلىرى تۇنۇشتۇرۇلىدۇ ، مەشھۇر ئاياللارمۇ شۇ جەمىيەتتە ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ ، جەمىيەتتىكى ئاياللارمۇ ئۆز سەزگۈرەشتىسىدىكى جاپا- مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ مەشھۇر بولىدۇ .
يەنە مۇشۇ سەھىپىگە مەن ئىنكاسىمدا يوللاپ بولغان ،  < دۇنيا ئاياللىرىغا نەزەر > دىگەن تارماقنى قوشقان بولساڭلار ، بۇنىڭدا پەقەت ئۇيغۇر قەۋمىگە كىرمىگەن ئاياللارنى ۋە ئىش پائالىيەتلىرى ئۇستىدە توختالساق دەپ قارايمەن .

ئۇنىۋېرسال سەھىپە: بۇ سەھىپىدىكى <  تېببىي مەسلىھەت > بىلەن < پىسخىكا دوختۇرى > بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۇرۋەتكەن بولساڭلار ، بۇ ئىككى تۇر بەدەن سالامەتلىكى ۋە بادەن ساپاسىغا بېرىپ تاقىلىدىكەن ، ئايرىۋىتىشنىڭ زۆرۈريىتى يوقمىكىن .

< ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت ، كەلگۈسىنى يوقاتقان مىللەت > ، مەنچە ئۆرۈپ-ئادەت ، تارىخى تېمىلارمۇ بۇ مۇنبەردە كام بولسا بولمايدۇ .

ئۇنىۋېرسال سەھىپە بۇ سەھېپىنىڭ تۇرلىرى بەك كۆپ بولۈپ كېتىپتۇ ، كۆڭۈل ئېچىش ،ئۇچۇرلار ، ئۇيغۇر تائاملىرى ، بۇ لارنى يېغىپ يەنە بىر سەھىپە ئاچساڭلار قانداق بولاركىن .
قېنى كۆرۈپ بېقىڭلا ، يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالسا داۋاملىق يوللايمەن .

TOP

ئايتۇران ئورۇنلۇق پىكىرلەرنى بېرىپتۇ ، ئايتۇراننىڭ سەھىپىلەر توغرۇلۇق پىكىر بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت .

مەن سەھىپىلەرنى رەتلەش توغرۇلۇق باشقا كۈنى توختىلىپ ئۆتەي مۇشۇ ئىككى كۈندىن بۇيان سەل ئالدىراش بۇلۇپ قالدىم . سەھىپىلەر توغرۇلۇق ئالدىرىمايراق توختۇلۇپ ئۆتەي.

1.مېنىڭ مۇنبەر توغرۇلۇق بېرىدىغان بىرىنجى تەكلىپىم .

مۇنبەرنىڭ ئەزا بۇلۇپ تىزىملاتقاندىكى ئىسىملەرنىڭ ئىككى خىل بۇلۇشى مەسىلەن ( جۇلالىق) مۇنداق شەكىلدىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدىكەن يەنە ( julalik) مۇنداق ئىسىمدىمۇ تىزىملاتقىلى بولىدىكەن .
مېنىڭ مۇنبەر مەسئۇلىدىن سورايدىغان سۇئالىم زادى قايسى خىلدىكى ئىسىم مۇقىم ئىشلىتىلىدۇ ياكى ھەر ئىككى ئىسىمدا تىزىملاتقىلى بۇلۇش بۇ مۇنبەرنىڭ ئىقتىدارىمۇ ؟
قارىسام ئىسىملارنىڭ تولىسى ئىككى خىل بۇلۇپ قاپتۇ ،بۇنداق ئىككى خىل بولسا مۇنبەرنىڭ كۈرۈنىشىگە بىر خىل تەسىر يېتىدىكەن .
مۇشۇ ئىشقا قىسمەت ئەپەندىم ئېنىق بىر چۈشەنچە بەرسە بوپتىكەن ، ئىككىلا خىلدىكى ئىسىملارنى ئىشلىتىۋەرسەك كېيىنچە ھەممە ئەزالانىڭ تىما ئىنكاسلىرى كۆپىيىدۇ ، ئۇ چاغدا بىر خىلدىكى ئىسىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ يەنە بىرسىنى ئىشلىتىدىغان ئىش چىقىپ قالسا بەزى ئەزالار قايتىدىن تىزىملىتىشىغا توغرا كېلىدۇ ھەم مۇنبەرگە بولغان قىززىقىشى سۇۋۇپ قالىدۇ .
مۇنبەردە قايسى خىلدىكى ئىسىم مۇقىم ئىشلىتىلسە ،شۇ ئىسمنى ئىشلىتىش ھەمدە يەنە بىر خىلدىكى ئىسىمدا تىزىملاتقان ئەزالارغا قايىتىدىن شۇ ئىسىمدا تىزىملىتىش توغرۇلۇق ئۇقتۇرۇش قىلىۋەتسەك، مۇنبەر يىڭى ھەم ئەزالارنىڭ تىما ئىنكاسلىرى بەك كۆپ ئەمەس ۋاقتىدا ئەزالارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر خىل قىلىۋالسا مۇنبەرنىڭ ھەمدە ئەزالارنىڭ كېيىنلىكى ئۈچۈن پايدىلىق .


2.مۇنبەرنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سېستىمىسىنىڭ نۇسخىسى Discuz! 6.1.0 ئىكەن ، مۇنبەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى نەشىرى مۇقىم ئىشلىتىلەمدۇ ؟ياكى يەنە يۇقىرى كۆرتۈرەمدۇق ؟

قارىسام ھازىر تور دۇنياسىدا مۇنداق بىر ئىش بەكلا ئەۋج ئېلىپ كېتىپتۇ .قايسى مۇنبەرگە قارىسا بىر ئوبدان كېتىۋاتقان مۇنبەرنىڭ سېستىمىسىنىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن، بۇنداق يۇقىرى كۆتۈرۈشلەردە ئەسلىدىكى مۇنبەرنى شۇ پېتى قويۇپ يېڭىدىن باشقا مۇنبەر سېستىمىسىنى ئىشلىتىدىغان ئىشكەن ، مۇنبەر سېستىمىسىنى تولا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئەزالارنىڭ مۇنبەرگە بولغان قىزغىنلىقى سۇۋۇپ كېتىدىكەن بەزىلىرى مۇنبەردىن چېكىنىدىكەن .قىسمەت ئەپەندىم مۇشۇ ئىشنى مۇنبەر يېڭى ۋاختىدا ئوبدانراق ئويلاشساق ، زادى ئاخىرىغىچە مۇشۇ Discuz! 6.1.0 ئىشلىتەمدۇق ؟
بۇ Discuz! 6.1.0 نىڭ مۇنبەرنىڭ ھازىرقى ئۇسلۇبىدىنمۇ كۆركەم چىرايلىق كۈرۈنۈشلىرى بارمۇ ؟ بار بولسا ۋاختىدا ئالماشتۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۋەتسەك .
مۇنبەرنىڭ نەشىرىنى  Discuz! 6.1.0 دىن Discuz! 7.0.0كۆتۈرۈش ئوي بار بوپ قالسا مۇنبەرنىڭ يېڭى باشلىنىشىدىلا يۇقىرى كۆتۈرۈپ مۇقىملاشتۇرساق مۇنبەرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور پايدىلىق دەپ ئويلايمەن .


3. مۇنبەرنىڭ سۈرىتىنىڭ ئاستىلىقى .

يەتتەقىز مۇنبىرىنىڭ مۇنبەر ساندانى تۇلۇق تەڭشىلىپ بولمىغانمۇ قانداق ؟سۈرىتى خېلىلا ئاستا ، مۇنبەرنىڭ سۈرىتىنى تېزراق تېزلەشتۈرسەك مۇنبەر بۇنداق ئاستا ئېچىلىۋەرسە مۇنبەر يېڭىدىن قۇرۇلغان بولغاچقا ،مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەكلا پايدىسىز .

4. مۇنبەرنىڭ بەزى يەرلىرى تۇلۇق ئۇيغۇرچىلىشىپ بولماپتۇ .

مەسىلەن ئۇچۇر يوللايدىغان كۆزنەك ئاساسلىقى ئۇيغۇرچە ئەمەسكەن ، ھەم ئۇچۇر ئىقتىدارىدا سەل نۇقسان بار ئوخشايدۇ ، يېڭىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى كۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۇچۇرنى باسسا شۇ ئادەمگە ئۇچۇر يوللاش كۆزنىكى ئېچىلىپ كېتىدىكەن .

مۇشۇ يەرگىچە يازاي ، قالغان مەسىلىلەرنى ئۇچراپ قالسا يەنە يازارمەن .باشقا تورداشلارنىڭمۇ ئۇچرىغان مەسىلىلىرى بار بولسا تارتىنماي پىكىر قاتناشتۇرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .

[ 本帖最后由 جۇلالىق 于 2009-3-25 08:34 编辑 ]

TOP

1 - تەكلىپىڭىزگە جاۋاب:
مۇنبەرگە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ۋە ULY تىزىملاتقىلى بولىدۇ. بىز بۇنى مۇشۇ بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان. مەسىلەن، سىزنىڭ ئەزالىق نامىڭىز ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا، مېنىڭ ئەزالىق نامىم ULY چە. ھەركىم ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئۇسۇل بىلەن مۇنبەرگە ئەزا بولسا بولىدۇ.
دەرۋەقە. بۇنىڭدا سىز دېگەندەك قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ ھامان تۈزۈلۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ھەممىنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ.

2 - تەكلىپىڭىزگە جاۋاب:
مۇنبىرىمىز ئىشلىتىۋاتقان Discuz مۇنبەر سىستېمىسى مۇقىملىقى، ئىقتىدارى، تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئېتىراپىغا، كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئىشلىتىلىشىگە ئېرىشكەن PHP تىلىدا تۈزۈلگەن، Mysql  ساندانى ئىشلىتىدىغان سىستېما.
مەڭگۈ ھازىر ئىشلىتىۋاتقانDiscuz 6.1  نەشرىنى ئىشلىتىمىز دېيەلمەيمىز، ھەم مۇنداق دېيىش ئاقىلانىلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ مۇنبەر سىستېمىسىنىڭ يېڭى نەشرى ئۆزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. ھېلىھەم Discuz 7.0  نەشرى ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپمۇ بولۇندى. بەزى مۇنبەرلەر بۇنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. لېكىن شەخسەن بىز Discuz 7.0 نەشرى مۇقىملىشىپ بولغىچە ئىشلەتمەسلىكنى، نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرمەسلىكنى قارار قىلدۇق.
بۇ يەردە نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە گەپ بولۇپ قالدى. بىز نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگەن ئۇقۇمنى «ئەسلىدىكىنى تاشلىۋېتىپ، يېڭىنى قوبۇل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئەسلىدىكى ئاساسىدا يېڭى ئىقتىدار، يېڭى كۆرۈنۈش، قۇلايلىق مۇھىت قوشۇش» دەپ ئىستېمال قىلىۋاتىمىز، دېمەككى، Discuz نىڭ نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرا كەلسە، سانداندىكى ئۇچۇرلارنى تولۇق ساقلاپ قالغان ئاساستا يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەنسىرىمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇسلۇب مەسىلىسىدە ، ھەقىقەتەن چىرايلىق ئۇسلۇبلار ناھايىتى كۆپ، بىز شۇنداق ئويلىدۇقكى، ھەممە ئىش پۈتۈشى بىلەنلا مۇكەممەل بولمايدۇ. بۇنى بارا - بارا مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارساق، تېخىمۇ ياخشى بولارمىكىن؟!
3. ...
4. ...
بىز يەنە شۇنداق قارىدۇقكى، ئەڭ ياخشىسى يوق، تېخىمۇ ياخشىسى بار. مانا بۇ تەرەققىي قىلىشنىڭ تۈرتكىلىك ئاساسى.
بەزى سۇئاللىرىڭىزغا /bbs/viewthread.php?tid=22 دىن جاۋاب تاپالايسىز.

بۇ يەردە ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورى تەييارلىغان تۆۋەندىكى ماتېرىيالنى قوشۇمچە قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق:

Discuz بېيجىڭ Comsenz (شىركەت ئىسمى) شىركىتىنىڭ يادرولۇق مەھسۇلاتى، يەنى ئۇيغۇر سوفتنىڭ ئەلكاتىپ بىلەن لۇغەت ،Microsoft  نىڭ Windows بىلەن Office يادرولۇق مەھسۇلاتى بولغىنىدەك Discuz ، مۇ  Comsenz شىركىتىنىڭ يادرولۇق مەھسۇلاتى.
Discuz ھازىر جۇڭگودا ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ۋە ئەڭ مۇكەممەل بولغان مۇنبەر باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ بىرى. ئۇ 2001 - يىلى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ  ھازىر ئاستا - ئاستا خەلقئاراغا كېڭەيمەكتە. چۈنكى Discuz دەسلەپتىلا خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە تۈزۈلگەن، شۇڭا ئۇنى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىش تولىمۇ قۇلاي. Discuz دۇنيادا ئەڭ مودا بولۇۋاتقان PHP بىلەن Mysql نى بىرلەشتۈرۈپ تور پروگراممىسى تۈزۈشنى ئۆزىگە ئاساسىي جازا قىلغان. PHP خەلقئارادا كۈنسېرى ئابرۇيى ئېشىۋاتقان ۋە پروگراممېرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان، سۇپا ھالقىغان (يەنى ئاساسلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىجرا قىلغىنى بولىدىغان)  تور پروگراممىسى تۈزۈش تىلى ۋە پروگرامما سۇپىسى. بىز Google, Yahoo قاتارلىق دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدىكى تور شىركەتلىرىنىڭ PHP نى ئىشلىتىۋاتقانلىقىدىن ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا ھۆكۈم قىلالايمىز. Mysql بولسا ئەڭ قۇلاي ، سۇپا ھالقىغان (يەنى ئاساسلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئىجرا قىلغىنى بولىدۇ) ، PHP  بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلىشالايدىغان ساندان (سانلىق مەلۇمات ئامبىرى) باشقۇرۇش سىستېمىسى. بىز بىلىشىمىز كېرەككى ھازىر دۇنيا تىنچ ھالەتتە تور بېكەت ياساش ( يەنى html نى ئاساسىي قۇرۇلما قىلىش ) تىن ھەرىكەتچان ھالەتتە تور بېكەت ياساش ( يەنى PHP, ASP, JSP قاتارلىقلارنى ئاساسىي قۇرۇلما قىلىش ) قا ئاساسەن ئۆتۈپ بولدى. شۇڭا ھەرىكەتچان تور بېكەت سىستېمىسى قۇرۇش ياكى ياساش ئۈچۈن بىز چوقۇم مەلۇم بىر ساندان باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. Mysql  دەل بىزگە ۋە Discuz مۇنبەر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا  ناھايىتى ماس كېلىدىغان ساندان باشقۇرۇش سىستېمىسىدۇر.
«قىسمەت» لىرىمگە كۈلمە بۇرادەر، ھەممە ئىشقا «يەتتە قىز» گۇۋاھ!

TOP

يېڭى تېما