يېڭى تېما
پرىنتېر

(سەرسان روھ )تىن پارچە(جۇلالىق)

(سەرسان روھ )تىن پارچە(جۇلالىق)

(سەرسان روھ )تىن پارچە


ئەكبەرنىڭ تاقىر يەردە يانپاشلاپ ياتقىنىغا خېلى ئۇزاق بولدى .ئاستا - ئاستاقۇياشمۇ پاتتى . كەچكى شەپەقنىڭ راڭدار نۇرلىرى پۈتۈن ۋادىغا يېيىلىپ ، ھەممە يەر ئالتۇن سۈيى يۈگۈرىتكەندەك گۈزال تۈسكە كىردى . قۇدۇق بېشىغا كېلىپ- كېتىۋاتقانلارمۇ بارا - بارا ئازلاپ ، ئەتراپنى جىمجىتلىق قاپلىدى .ھەبزە تېخىچە كۈرۈنمەيىتتى . ئەكبەر تىت - تىت بۇلۇشقا باشلىدى . ئۇ ، ھەبزىنىڭ بۈگۈنكى جۈرئىتىدىن ، دادىللىقىدىن ھەيران بولغانىدى . بۇنداق جۈرئەت ۋە دادىللىق سۆيگۈ دېڭىزىدا ئۈزۈۋېرىپ ھالىدىن كەتكەن ، لېكىن يىراقتىكى ساھىلغا يېتىۋېلىش ئۈچۈن ، جان - جەھلى بىلەن ئېلىشىۋاتقان مەجنۇن سۈپەت بىر ئادەمنىڭ جۈرئىتى ۋە دادىللىقى ئىدى .

ئەكبەر ئىنتىزارلىق ۋە دىلىغۇللۇق ئىچىدە كەچكى شەپەقنىڭ ئۆزگىرىشىنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى ، شەپەق ئاۋال ئۇچۇق ئالا - بۇلىماچ بولدى ، ئاندىن سۇس قىزىلغا ئۆزگىرىپ ، يەر - زىمىنغا بەكمۇ جۇلالىق ، پاقىراق شولا چاچتى . بۇ چاغدا ئەكبەر خىيالغا شۇنداق غەرق بۇلۇپ كەتتىكى ، ھەتتا ئۆزىنى ئۇنتۇدى ، پەقەت بىر كەسلەنچۈك پۇتىنىڭ يېنىدىن سۈركىلىپ ئۆتكەندىلا ئەندىكىپ ئورنىدىن قوپتى . ئۇ ، مەھەللە تەرەپكە بۇيۇنداق قاراپ قارىغانىدى ، كۆز يېتىم يەردە شەپەق نۇرىغا پۈركىنىپ كېلىۋاتقان بىر ئەۋرىشىم قامەتنى كۆردى . كۈرۈش بىلەن يۈرىكىدىن زور بىر ھارارەت دولقۇنى قايناپ چىقىپ پۈتۈن ۋوجۇدىنى لاۋۇلدىتىۋەتتى !

ھەبزە قۇدۇق يېنىدىكى تۆگە ئۆركىشىدەك دۆڭلۈكنى نىشانلاپ كېلىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ قولىدا كوزا ، ئۇچىسىدا قارا رەخىتتىن تىكىلگەن ئابايە بار ئىدى . قىز ئەكبەرگە يېقىنلاپ كېلىپ ، ئارىلىق بىر قەدەم قالغاندا توختىدى . بۇ بىر قەدەم ئارىلىق ئەكبەرگە گويا ئۆتكىلى بولمايدىغان چوڭقۇر بىر ھاڭدەك كۆڭۈلسىز تۇيۇلۇپ كەتتى . ھەر ئىككىسى بۇ ئارىلىقنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى . ئۇلارنى يىراق - يېقىندىكى كۆزلەردىن دۆڭنىڭ دالدىسى توسۇپ تۇراتتى .

_ۋەدىڭىزدە تۇرۇپ ، خالخال ئەكەلگىنىڭىزگە رەھمەت ، ئەكبەر ئاكا !_ دېدى ھەبزە يۈزىدىكى لىچەكنى ئاچماي ، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن تىترەپ چىقىۋاتاتتى .

رەھمەت دىگۈچىلىكى يوق ، ھەبزە ! سىز قۇبۇل قىلسىڭىزلا ، مەن شۇنىڭغا خۇشال !_ دېدى ئەكبەرمۇ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن خالخالنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ .
قىز ئەكبەرنىڭ قولىدىن خالخالنى ئالدى ، كۆزنى يۇمۇپ _ئاچقىچە بولغان شۇ دەقىقىدە ئىككىسىنىڭ قوللىرى بىر - بىرىگە تېگىپ ، گويا ئوتلۇق بىر ئېقىم يۈرەكلىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆتكەندەك بولدى . ھەر ئىككىسى << مۇھەببەت دىگەن شۇمىدۇ ؟>> دەپ ئويلىدى . ئەگەر مۇھەببەت دىگەن شۇ بولسا ، ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ھىسسىيات ، ھاياتىي كۈچ دىگەنلەر ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك ۋە چوڭقۇر بولمىغانىدى .

مۇھەببەت ! بۇ نىمە دىگەن يېقىملىق ، گۈزەل ، ئالىيجاناب سۆز ھە !؟ لېكىن بۇنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ ، ھېچكىم ئۇنىڭ تېگىگە يەتكەن ئەمەس . شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي ، ئادەم ھەمىشە ئۇنى تىلغا ئالىدۇ شۇ توغرىدا سۆزلىشىدۇ !

_ مەن قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ ، تېزراق كەتمىسەم بولمايدۇ ،_ دېدى ھەبزە مېڭىشقا تەمشىلىپ ،_ئىككىمىزنىڭ تۇرغىنىنى بىرەرسى كۈرۈپ قالسا سەت بولىدۇ !_ ھەبزىنىڭ سۆزلىرى شۇنداق يېقىملىق ، ساددا ۋە خۇددى كۆزلىرىگە ئوخشاش ئۇياتچان ئىدى .
لېكىن ئەكبەرنىڭ قىزدىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى . ئۇ ،ئالدىغا يېرىم قەدەم چامداپ ، بايىقى بىر قەدەم ھاڭنى قىسقارىتتى .ھەبزىنى قۇچاقلىۋالدى .قىز دەسلەپ چۆچۈپ ئەندىكتى ، كېيىن ئەكبەرنىڭ مۇلايىم ، ئىتائەتھان كۆزلىرىگە قاراپ ، بېسىقىغا چۈشتى . لېكىن قولىنى ئەكبەرنىڭ ئوتتەك قىززىق قوللىرىدىن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى .ئەمما ئەكبەر ئۇنى قويۇپ بەرمەي ئاستا ئۆزىگە تارتىۋېدى ، ھەبزە ئەنسىزلىك بىلەن ئەتراپقا ئەلەڭلەپ قاراپ :
ياق ....ئەكبەر ئاكا ، ياق !ئۇنداق قىلساق گۇناھ بولىدۇ، خەقلەر كۈرۈپ قالسا چوڭ بالاغا قالىمىز ...._دېدى پىچىرلىغاندەك زەئىپ ئاۋازدا .
_ قايسى خەق ؟ھېچكىم يوققۇ !؟_ دېدى ئەكبەرمۇ ئەتراپقا سەڭگىپ قاراپ .
_بار !..._ دېدى ھەبزە ۋە كۆزى بىلەن نەنىدۇر ئەرشىئالانى ئىشارە قىلغاندەك بىر خىل ئىتائەتمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن قوشۇپ قويدى ،_ ئاللا بار ، ئۈستىمىزدە قاراپ تۇرىدۇ !....

ئۇلار شۇ تاپتا ، گويا كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانىغا كىرىپ قالغاندەك بىر - بىرىگە قاتتىق تارتىلىپ ، بېسىلغۇسىز تەشنالىق ئىچىدە تۇرسىمۇ ، لېكىن يەنە قانداقتۇر بىر سىرلىق كۈچنىڭ تەسىرىدىن ئۆز -ئارا قوشۇلالماي ، ئىككى قۇتۇپلۇق ھالىتىدە تۇراتتى ...

ئەكبەر ھەبزىنىڭ پاك ، سەبىيلىكىدىن سۈيۈندى ، ھايا ۋە ئېتىقادىغا قايىل بولدى. شۇڭا ئۇ ، قىزنىڭ يېنىك تۇرغان يۇمران قوللىرىنى قويۇپ بېرىۋېتىپ مۇنداق دېدى :
ھەبزە ، مەيلى ئەرشىئالادىن ، مەيلى تەھتىسىرادىن ۋەھىي كەلسىمۇ ، مەن سىزدىن ئايرىلمايمەن !
_ بۇنىڭغا ئاللا گۇۋاھ بولسۇن !_ دېدى ھەبزە ئاستا پىچىرلاپ .

شۇ تاپتا ھەبزىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغان ئەكبەر پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇدى ، ئۇنىڭ خىيالىدىن سودا ، پۇل ، دادا، قورقۇش ۋە ھايا دىگەنلەر پۈتۈنلەي غايىپ بولغان ئىدى ئ ئەكبەر شەپەق ئۆچۈپ ،ئاستا -ئاستا گۇگۇملىشىۋاتقان مۇشۇ قىسقا دەقىقىلەرنىڭ كۈنلەر بۇلۇپ سوزۇلىشىنى ، بىر - بىرىگە ئىنتىلىپ تۇرغان ئىككى روھنىڭ مۇشۇ تەرىقىدە مەڭگۈ ئايرىلماس بۇلۇپ ، قۇشۇلۇپ كېتىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى !...
لېكىن تۇرمۇش رەھىمسىز ئىدى . ھەبزىنىڭ ئەكبەر بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق تۇرىشىغا ئامالى يوق ئىدى . ئۇ ھېلىمۇ جۈرئەت قىلدى ، قاراملىق قىلدى ئەگەر ئات - ئانىسى ، ئۇرۇغ -تۇققانلىرى ئەكبەردەك يات يىگىت بىلەن تۇرغانلىقىنى بىلىپ قالسا ،ئۇنىڭ پۇت -قولىنى چېقىۋېتىشتىن يانمايىتتى .
خوش ،ئەكبەر ئاكا ، مەن ماڭاي !_ دېدى ئۇ ئەكبەرنىڭ ئالقىنىدىن قولىنى ئاستا سۇغۇرۇپ ،_كەچ كىرىۋاتىدۇ ، ھايال قالسام بولمايدۇ !
قىز لەرزان تەۋرىنىپ ، قۇدۇق تەرەپكە ماڭدى ، ئەكبەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ :
يەنە كۈرۈشەلەمدۇق ؟ قاچان ؟ _ دپ سورىدى مىسكىن ئاۋازدا .
خۇدا بۇيرىسا ، يەنە كۈرىشىمىز !_ دېدى قىز ئارقىسىغا يېرىم قايرىلىپ >_ مەن ھەر كۈنى مۇشۇ قۇدۇققا سۇغا چىقىمەن !
ھەبزە كوزىغا سۇ ئالدى ۋە ناھايىتى تېزلا كۆزدىن غايىپ بولدى .

ئەخەت تۇردىنىڭ شۇ ناملىق رومانىدىن ئېلىندى .
جۇلالىق
ھايا ، ئېتىقاد ئۇستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت نىمە دىگەن پاك ! ئاللا ئىنسانلارنى ياراتقاندا نەپسى بىلەن مۇھەببەت بىلەن ياراتقان قىز -ئوغۇللارنىڭ بىر - بىرىنى ياخشى كۆرىشى بۇ بۇرۇندىن تارتىپ بار . بىراق ھازىرقى ياشلىرىمىزچۇ ؟ مۇھەببەتنى قانداق چۇشۇنىدۇ ؟ ئۇلار مۇھەببەتنى قىز ئوغۇل بىرگە ئارلىشىپ يۈرسىلا بولدى ۋاختى كەلگەندە زىنا قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ ،ئۇلار ھېچنىمىدىن ھايا قىلمايدۇ . ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ ئۈستىدە قاراپ تۇرىدىغانلقىنىمۇ ئۇنتۇيدۇ .
بۇ كىتابنىڭ مۇشۇ قۇرلىرىنى مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرىق بوپ كەتكەن ياشلىرىمىزغا بىر - بىرلەپ ئوقۇپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ ، تولىمۇ ئەپسۇس ئۇنداق ياشلىرىمىزنىڭ مۇنبەرلەرگە كىرىپ بۇنداق تىمىلارنى كۈرىدىغانغا ۋاقتى يوق ،شۇنداقتىمۇ پايدىلىنىدىغانلارغا قىممىتى بوپ قالار .

بېسىپ يوللىغۇچى : جۇلالىق

بۇ تىمامنى بۇرۇن ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللىغان ئىدىم ، ھازىر يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرىگە يوللىدىم.

[ 本帖最后由 جۇلالىق 于 2009-3-22 12:17 编辑 ]

TOP

يېڭى تېما