بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر چاشقان بار ئىكەن، ئۇ ھەمىشە قايغۇرۇپلا يۈرۈيدىكەن، چۈنكى ئۇ مۈشۈكتىن تولىمۇ قورقىدىكەن. سېھىرگەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، سېھىر ئىشلىتىپ ئۇنى مۈشۈككە ئايلاندۇرۇپ قويۇپتۇ. چاشقان مۈشۈككە ئايلانغاندىن كېيىن ئىتتىن قورقۇپتۇ، سېھىرگەر ئۇنى ئىتقا ئايلاندۇرۇپتۇ، ئىتقا ئايلانغاندىن كېيىن ئۇ يولۋاستىن قورقۇپتۇ، سېھىرگەر ئۇنى يولۋاسقا ئايلاندۇرۇپتۇ، يولۋاس بولغاندىن كېيىن ئۇ يەنە ئوۋچىدىن قورقۇپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سېھىرگەر ئىلاجىسىز ئۇنى يەنىلا چاشقان ھالىتىگە ئەكېلىپ قويۇپتۇ.
سېھىرگەر چاشقانغا : «مەيلى مەن قانداقلا قىلاي ئوخشاش ساڭا ياردەم بېرەلمىگۈدەكمەن، چۈنكى سەندە رېئاللىقا يۈزلىنىدىغان جاسارەت كەم ئىكەن، سەندە بولغىنى پەقەت چاشقاننىڭ جاسارىتى ئىكەن، شۇڭا سەن پەقەت چاشقان بولۇشقىلا لايىق ئىكەنسەن».
شۇنداق، باھانىسى كۆپ ئادەم ھەمىشە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قايغۇ، پۇشايمان بىلەن ياشاپ تۈگەيدۇ.
783 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-2 10:46:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-3 0:42:57 | mawlida |
ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويغا،،،،،،سالىدىكەن🎄🎄🎄، رەھمەت، قىرىندىشىم،،،،،قولىڭىغاقىرىن دىشىم،،،،،قولىڭىغا ،،دەت،،،،بەرمىسۇن |
2015-8-2 18:34:38 | ئويغاق |
ياخشى ئوي_ پىكىر ئوتتۇرغا قۇيلاپتۇ . |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|