كۆمۈۋىتىلگەن نالە
زۇلخۇمار تۇرغۇن
( ئەدەبىي خاتىرە )
تاسادىپى ھالدا قولىدىن تىلفۇن چۈشۈرمەيدىغان بىر قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇنىڭ خاتىرىسىگە مۇنۇلار تىزىلغان ئىدى:
ئاسماننى قويۇق تۇمان قاپلىغان ، كۆڭلۈم تولىمۇ يىرىم ، نىمىشقا دىيىلسە باھانە تىپىپمۇ بىرەلمەيمەن ، قىلۋاتقان ئىشلىرىممۇ تەرتىپسز، ئالىي مەكتەپكە كەلگىنىمدىن باشلاپ غىرىپسىنغان دىل خانەمگە تىلفۇن سىڭىپ كىردى، غىرپسىنساملا تىلفۇننى قولۇمغا ئالاتتىم ئۇنىڭدا مىنىڭ يىقىن دوستلىرىم، ساۋاقداشلىرىم بار ئىدى ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ يالغۇز تۇرۋاتقىنىم سىزىلمەيىتى، مەن مەۋھۇم دۇنيا ئىچىگە چۆكۈشكە باشلىدىم، توردا نۇرغۇن يىڭى دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، مەندىكى بۇ قىزىقىش تىخىمۇ ئۇلغىيىۋاتاتتى، ئىشقىلىپ دەرس ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتلاردا قولۇمدىن تىلفۇن چۈشمەيتتى ،كىچىلىرى ئۇخلايدىغان ۋاقتىم باشقىلارنىڭكىدىن كەم دىگەندە 3 سائەت ئاز ، ئىلگىرى تىلفۇن مەستانىلىرىگە ئۆچ بولغان ئۆزۈمگە ئاشۇ نام چىرايلىققىنە قويۇپ قويۇلدى .
ئۆزۈممۇ ئويلىمىغان ئىكەنمەن ، ھەممە نەرسىلىرىمدىن ئايرىلساممۇ تىلفۇنۇمدىن بىر مىنۇت ئايرىلالمايدىكەنمەن ، ئۇ مىنى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلۋالغان ئىدى، ئەڭ ئىچىنىشلىق بولغىنى ئىمتىھان نەتىجەم مەكتەپ تارىخىمدىكى ئەڭ تۆۋەن نەتىجە بولۇپ چىقتى، بۇ ئىش ماڭا ئىنتايىن ھار كەلدى، يىغلىغۇم كەلدىيۇ .... نىمىگى يىغلايمەن ، ئۆزۈمگە ئاغىرنىپمۇ!؟
كۆز يىشى ئىقىتىپ روھىيتىمدىكى بۇئاجىزلىقنى ھىچكىمگە بىلدۈرگۈم كەلمىدى، كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم ، كۆز ئالدىمدا ئىلگىرى بىر قىتىملىق ئاتا ئانىلار يىغىنىدا سىنىپ مەسئۇلۇمنىڭ مىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكىنى ، دادمنىڭ ماڭا قاراپ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ قويغىنى ، مىنىڭ ئالدىغا چىقىپ نۇتۇق سۆزلەپ ئاتا ئانىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكىنىم.... ھەر قىتىملىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىملىرىدا مۇكاپاتلىندىغىنىم... كۆزۈمدىن ياش سىرغىماقتا، مەن كۆز يىشىمنى سىڭدۈرۋىتىش ئۈچۈن كۆز يىشى بىلەن جەڭ قىلىۋاتىمەن ، ئۇ ھىچبىر ماڭا يول قوياي دىمەيدۇ، كۆز يىشىم تىخىمۇ ئۇلغىيۋاتىدۇ، كونتىرول قىلىشقا ئامالسز قىلىۋاتىمەن ....
ئىككىنچى قېتىم ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى سەزدىم، ئالىي مەكتەپكە ماڭغىنىمدا كۆڭلۈمگە پۈككەن ئارزۇ ئارمانلار ، ئاتا ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى... دەل شۇ پەيىتتە ئانام تىلفۇن قىپتۇ، ئانا يۈرىگىڭ سىزىپتۇ دە! كۆزۈمدىن ياش ئاققنىنى بىلسەڭ خۇددى كۆزۈڭگە تىكەن سانجىلغاندەك تىپىرلاپ پايپىتەك بولۇپ كىتەتتىڭ، شۇ تاپتا تىلفۇننى ئالسام ساڭا نىمە دىيىشنىمۇ بىلمەيمەن، سىنى *ئانا*دەپ چاقرىشقىمۇ لايىق ئەمەسمەن...
تىلفۇننى ئالدىم ، يەنە بۇرۇنقىدەك شۇنچە يىقىملىق ئاۋاز بىلەن قىزغىن ئەھۋال سوراش... ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ بوغۇزۇمغا بىر نەرسە تۈرۈپ قالغاندەك، ئىغىزىم گەپكىمۇ كەلمىدى، يىشىمنى سۈرتۈپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتىمەن، تىۋىشسىز يىغا داۋاملىشىۋاتىدۇ.....!
* * * * *
بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق ، كۆڭلۈممۇ شۇنداق ئازادە، بىر خىل يىنىكلەپ قالغاندەك .ئۆزۈڭدىن رازى بولۇپ ياشىساڭ كۆڭۈل بىئارامچىلىقى سىنى ئانچە كۆپ ئىزدەپ كەتمەيدىكەن، باشقىلار ماڭا قاراپ ھەيران، بەزىلەر ئۇدۇللا سەن نىمانچە ئۆزگىرىپ كەتتڭ، دورىسى بولسا بىزگىمۇ بىرە دەيدۇ چاقچاق تەرىقىسىدە !
مەن بۇلارغا كۈلۈپلا قويىمەن، كۆڭلۈمدە ئۆزۈمدىن مەمنۇن بولىمەن، ماڭا شىجائەت ئاتا قىلغان مەنىۋىيتىمدىكى ئاشۇ غايىۋى كۈچكە رەھمەت ئىيتىمەن .
ئۆزىگە يۈز كىلەلىگەن ھالدا باسقان ھەر بىر قەدىمىڭ يۈكىڭ ئىغىر بولسىمۇ شۇنچە يىنىكلىك ئىچىدە بىسىلىدىكەن .
بۈگۈن ئۆيدىكلىرىمنىڭ ھەممىسىگە تىلفۇن قىلدىم، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ تولىمۇ خۇش بولدۇم .
ئانامنىڭ ئۇزاتقاندىكى شۇ ھالىتى مەڭگۈ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ ، شۇ ۋاقتىدا ئۆزۈمگە قىلغان گەرچە ۋاقىتلىق ئۇنتۇلغان بولسىمۇ ئەمدىلىكتە ئەسلىگە قايتقان ھىلىقى ۋەدەم يۈرىگىمنىڭ چوڭقۇر قىتىدا .....!
ئىرادەم تىخىمۇ كۈچىيۋاتىدۇ ، ماڭا قانداق كۈچ ياردەم قىلىۋاتىدىكىن...
كۆل سۈيىدەك تىنىچ يۈرىيدىغان بۇ قىزنىڭ بۇنچە غەيرەتلىك ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغانىدىم ، ئىنسانغا تىنماي قەلبىگە كۆمۈپ مىڭىۋاتقان بۇ يۈرەك سۆزلىرنى ئوقۇپ بۇ قىزغا بولغان قايىللىقىمنى يوشۇرالمىدىم .
زۇلخۇمار تۇرغۇن
شىنجاڭ سا2016-يىلى 9-ئاپرىل
قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىدا يىزىلدى
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار 2041420589
456 قېتىم كۆرۈلدى | zulhumar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-22 11:04:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|