قاراڭغۇ ئورمان 35- قىسىم ۋەھىمىلىك ھىكايە

قاراڭغۇ ئورمان

 

 35- قىسىم

 ئابدۇرېقىپ قەييۇم (Metro )

 

بىز ئەتراپىمىزدىن ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان تەھتىد ، خەۋەپلەردىن تېخىمۇ قورقۇشقا باشلىدۇق، كاللىمىزدا بۇ يەردە ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك ، ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە ياشاۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇ بىزنى تېخىمۇ ساراسىمغا سېلىشقا باشلىدى .

- قانداق جاي بۇ ، قارىسىمۇ ئادەمنى سۈر باسىدىكەن، ئەزرائىلنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدىقمۇ نىمە؟ - قاھار ئەتىراپقا كۆز تىككەچ سورىدى .

 - ئەزىرائىلنىڭ ئالدىدىلا يۈرۋاتىمىز ، ئەجىلىمىز توشسا ھەرقانچە قىلىپمۇ قېچىپ كىتەلمەيمىز، توشمىسا ھاياتلىق يولىمىزنى تاپارمىز ،- دىدىم ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتمەكچى بولۇپ.

 بۇنىڭ ئىچى شۇنچىلىك يورۇق بولسىمۇ ، بۇ يورۇقلۇق قانداقتۇ جانغا زامىن باشقا بىر دۇنيادەك تۇيغۇ بىرەتتى. پەرىدە ئەتراپقا شۇنداق قورقۇنىچ بىلەن كۆز تاشلاپ يېنىمدىن قەدەم ئايرىلمايتتى .

 - بۇ يەردىن ئالىدىغاننى ئېلىپ تىزاراق چىقىپ كىتەيلىچۇ ، ماڭا قاراڭغۇلۇقلاردىن ئاللىقانداق نەرسىلەر قاراۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ ! مەن ئۇنىڭ بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقىنىنى سىزىپ تۇراتتىم .

- ئەنسىرمەڭ ، بىز تېخى ئۇنداق ئاسان بوزەك بولمايمىز ، بىزنىڭ ئەجىلىمىز ئۇنداق تىز توشمايدۇ تېخى .

مەن ئۇنىڭغا شۇلارنى دەپ كۆڭلىنى ياساۋاتقان بولساممۇ لېكىن كۆڭلۈمدىكى ۋەھىمە ئۆزەمگە ئايان ئىدى .

 - ھەي ئۇكىلار ! بۇ يەردە نىمىگە تۇرىمىز ،ئالدىغاننى ئېلىپ تىزاراق كىتەيلى ، مەن سىرتتا قالغان ئالتۇنلىرىمنى تېرىۋالمىسام بولمايدۇ تېخى ،- بۇ ھامۇتئاخۇننىڭ سۆزى ئىدى ، ئۇنىڭ ئاۋازى ، تەلەپپۇزى بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى ، قوينىدا پولتۇيۇپ ، ئېغىرلىغىدىن يەرگە چۈشۈپ كىتەي دەپ تۇرغان بايلىقلىرى ئۇنىڭ مىجەزىنى ئۆزگەرتكەنتى.  بۇرۇنقى يۇۋاش ، قورقۇنچاق ھامۇتئاخۇن ھازىر قوپال ، تەكەببۇر ھامۇتبايغا ئۆزگەرگەن ئىدى .

- زاپاس باتارىيە نەدە؟

 ھامۇتبايغا گەپ قىلىشنىڭ ئورۇنسىزلىغىنى ھېس قىلىپ قارا كىيىملىكتىن سورۇدۇم .

 - ئاستىقى ئۈچىنجى قەۋەتتە ، ھازىر لىفىت بىلەن چۈشۈش خەتەرلىك ، مەخلۇقلار تار ، قىستاڭچىلىقتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئامراق شۇڭا لىفىت بىلەن چۈشەيلى ،- دىدى ئۇ .

 قاھار بىلەن نىجات قوراللىرىغا ئوقلارنى بېسىپ بولۇپ يېنىمغا كەلدى .

- ئوقلار تۈگەي دىدى، لېكىن يېنىمدا بەش تال قول بومبىسى بار ، باشقىلىرىنى ماشىنىدا قويۇپتىمىز . سېنىڭ ئوقۇڭچۇ ، قانچىلىك قالدى؟

مەن يانلىرىمنى ئاختۇرۇپ ئوقلارغا قارىدىم ، ئوقۇم تايىنلىقلا بولۇپ ، ئەللىك پايغىمۇ بارمايتتى .

 - قول بومبىسىنى ئەمدى ئىغىزغا ئالىسىلەرغۇ ، مەن تېخى ماشىنىدا قالدى دەپ يۈرۈپتىمەن ، بۇرۇن خەتەرلىك پەيتلەردە ئىشلەتسەك بولماسمىدى ! مەن جاننى سېلىپ بەرگىلى تاس قالغان ۋاقىتلارنى ئىسىمگە ئالدىم .

- مەنمۇ سومكىغا سەپ قويۇپ ئۇنتۇپتىمەن، سېنى ئىزدەپ ماڭغاندا ئاختۇرۋېتىپ ئىسىمگە كەلدى، خەتەرلىك ۋاقىتلار ئالدىمىزدىدەك قىلىدۇ ، ئەمدى ئىشلەتسەكمۇ كىچىكمەيمىز ،- دىدى قاھار گەپنى ئېلىپ قېچىپ .

 - ئەمىسە قول بومبىسىدىن ئۈچەيلەن بىردىن ئالايلى، سەن ئىككىنى ساقلاپ قوي، ئوقنى تىجەيلى ، قوراللارنى يەككە ئېتىشقا تەڭشەيلى !

تەييارلىقلىرىمىز قىسقا ۋاقىتتا پۈتتى .

 - ھوي ئۇكىلار ئاۋۇ پاتىلاتقۇچىڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار!  تۇيۇقسىز پارتىلاپ بىزنىڭ جېنىمىزنى ئالمىسۇن يەنە ھە ،- دەپ گەپ قىستى ھامۇتباي بومبىدىن كۆزىنى ئۈزمەي .

- خاتىرجەم بول ئاكا ، ئۇ ئۇنداق ئاسان پارتىلايدىغان نەرسە ئەمەس ،- دەپ كۈلۈپ قويدى نىجات كۈلۈمسىرەپ .

- ئەمدى دەيمەنچۇ … ئۇ خەتەرلىك نەرسىكەن … ئەمدى…

بىز ئۇنىڭ بىلجىرلاشلىرىغا قاراپ تۇرمايلا قارا كىيىملىكنىڭ يول باشلىشى بىلەن ياندا كۆرىنىۋاتقان ئىشىككە قاراپ ماڭدۇق. شۇ چاغدا بىز تۇرغان زالنىڭ ئۆرۈلگەن تەرپىدىن چوڭ بىر نەپەس بىلەن « تىقىرىق » قىلغان شەپە كەلدى، بىز دەرھال بۇرۇلۇپ شۇ ياققا قارىۋىدۇق بىر يوغان سايە «شىپپىدە» يانغا ئۆتۈپ غايىپ بولدى .

 - نىمە ئۇ ؟ پەرىدە ئەنسىرەپ سورىدى ، ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ چىقىپ كەتتى .

 - ھېچنىمە؟ - دىدىم مەن ئۇنى قورقىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن .

- قولۇڭلاردىكى ئالاقىلىش ئىكرانىدا كۈزۈتۈپ بېقىڭلار تىزدىن ، نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىپ باقايلى ،- دىدىم دەرھال قاھارلارنىڭ ئالدىنى توساپ پەس ئاۋازدا .

 - پايدىسى يوق ،- دىدى قارا كىيىملىك ،- ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن كۆزىتىش ، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنلىرىمىزنى كىرەكتىن چىقىرىپتۇ ، ماڭايلى !

 ئۇ شۇنداق دەپلا ئۆيگە قاراپ ماڭدى، بىز ئۆزىمىزنىڭ چارىسىز ئەھۋالدا قالغىنىمىزنى ھېس قىلىشىپ ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق . ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىمىزگە ئالدىمىزدا ئاجايىپ غەلىتە شەكىلدە قۇرۇلغان پەلەمپەينى كۆردۇق، بۇ پەلەمپەينىڭ ئاستىدا ھېچقانداق تۆۋرۈك ياكى پەلەمپەينى تۇتۇپ تۇرغىدەك بىرەر تۇتاشتۇرۇلغان جاي يوق ئىدى، پەقەت پەلەمپەي يىلاندەك پەسكە توغلانغان ھالەتتە تۇتۇشۇپ تۇراتتى .

- بۇ قانداق پەلەمپەي ، ئادەمنى كۆتۈرەلەمدۇ ؟- دەۋەتتى پەرىدە دەسسەشتىن قورقۇپ .

قارا كىيىملىك ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمايلا پەلەمپەينى دەسسىدى، بىزمۇ ئاۋايلاپ چىقتۇق،  پەلەمپەي تۇيۇقسىـز ھەركەتكە كىلىپ بىزنى پەسكە يۆتكىدى. ئۇنىڭ مېڭىشى بۇرما شەكىلدە بولۇپ بەك سېلىق مىڭىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز پۇتۇمغا يىلاندەك بىر نەرسە چىرماشتى قاراپ چۆچۈپ كەتتىم، ئۇ ھەقىقەتەن بىلەكتەك چوڭلىقتا بولۇپ مەن بىلەن تەڭ باشقىلارمۇ ۋاقىرىشىپ كىتىشتى. پەلەمپەيمۇ قاتتىق سىلكىنىپ توختاپ قالدى.

 - نىمە بۇ ؟ ۋايجان يىلان !!!

 بىز تەمتىرەپ بۇ نەرسىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىپ بولغىچە ئۇ پۇتىمىزدىن زەپ بىلەن تاتتى، بىز قورۇققىنىمىزدىن ۋاقىراپ - جاقىرغىنىمىزچە پەلەمپەي بوشلۇقلىرىدىن پۇتىمىز چىگىلگەن ھالدا مۇئەللەقتە بېشىمىز پەسكە ساڭگىلىغان پېتى ئىسىلىپ قالدۇق . ئەتىراپقا ۋەھىمە،  قورقۇش بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىم بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا سوزۇلۇپ ئولتۇرغان بىر مەخلوققا چۈشتى، ئۇنىڭ بەدىنى شۇنداق كىلەڭسىز سېمىز بولۇپ بېشى بىلەن گەۋدىسى تۇتۇشۇپ كەتكەن قارىماققا سىياھ بېلىققا ئوخشاپ قالاتتى. ئېغىزى پاقىنىڭكىدەك شەكىلدە يۇغان ، چىشلىرى ھەرە چىشىدەك ئۇچلۇق، ئېغىز ئىچىدە لىق تولۇپ تۇراتتى ، كۆزلىرى بولىشى مۇمكىن، بېشىنىڭ چوقىسىدا ئون تالدەك كۆتۈرلۈپ چىققان مۇڭگۇزلار ئۈستىدە يۇمىلاق نەرسىلەر ئۇياق - بۇياققا ئايلىنىپ قاراۋاتاتتى .بىزنىڭ پۇتلىرىمىزنى قامال قىلغىنى ئۇنىڭ نەچچە ئونلىغان پۇتلىرى بولۇپ خۇددى يىلانغىلا ئوخشايتتى .

- مەخلوق!!! ۋاقىرۋەتتى پەرىدە ئۇنى كۆرۈپلا .

- ئەنسىرمەڭ ، قورۇقماڭ ،- دىدىم مەن ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن .

 بۇ چاغدا ھامۇتئاخۇننىڭ قوينىدىكى ئالتۇنلار جىرىڭشىپ يەرگە چۈشۈشكە باشلىدى . بىز بۇ مەخلوقنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قوراللىرىمىزنى پۇتىمىزنى بوغۇپ تۇرغان يىلانباش بۇ ئۇزۇن نەرسىنىڭ بېشىغا توغۇرلىدۇق . ئۇ بىزنىڭ ھەركىتىمىزنى سەزدى بولغاي ئۇ نەرسىسى ئېغىزىنى ئېچىپ چىشلىرىنى ھېڭگايتقىنىچە كاشىلداپ بىزگە خىرىس قىلىشقا باشلىدى .

 - ئەركىن قارا !- دىدى قاھار بىردىنلا ، مەن مەخلوقنىڭ گەۋدىسىگە قارىدىم ، ئۇ ئاستا سۈرۈلۈپ ئاستى تەرپىمىزگە كىلىپ بولغان ئىدى.

 - ئۇ بىزنى نىمە قىلماقچىدۇ ؟ - نىجاتمۇ ھۇدۇقۇپ قېلۋاتاتتى، بىر جايدا ھامۇتئاخۇن قوينىدىن تۆكۈلىۋاتقان ئالتۇنلىرىنى تۇتۇپ قېلىش بىلەن بىرگە دات - پەرياتتا ئىدى .

 - ئۇ ،- دىدى قارا كىيىملىك تەمكىن ھالدا ، بىزنى بىر - بىرلەپ ئېغىزىغا چۈشۈرۈپ يەۋېتىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ . مەن ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىدىن چۆچۈپ پەسكە قارىدىم راس دىگەندەك بۇ ئەبلەخ ئۇدۇل پەستە يېيىلىپ تۇرۇپ ئېغىزىنى شۇنداق ئاچقان ئىدىكى بىزنىڭ پۇتىمىز بوشىسىلا ئۇنىڭ ئېغىزىغا توسالغۇسىز چۈشۈپ، قۇرسۇقىغىلا كىرىپ كىتەتتۇق .

- قانداق قىلىمىز ؟ ئۇنىڭ ئېغىزىغا چۈشۈشنى ساقلاپ تۇرامدۇق ، ئۇنىڭغا ئوت ئاچايلى دىدىم مەن ئالدىراپ .

- پايدىسى يوق ،- دىدى قارا كىيىملىك ، - ئۇنىڭغا ئاتقان ئوقۇڭلار خۇددى سۇغا ئاتقاندەك بەدىنىگە كىرىپ ئاستا ئىرىپ كىتىدۇ ، ئۇنىڭغا تەسىر قىلمايدۇ .

- ئەمىسە سىز قورالىڭىزدىكى نۇر بىلەن پارچىلۋېتىڭ !

- ئۇنداق ئاسان ئىش بولسا مەن دەسلەپتىلا قىلاتتىم ، بۇنچە قىينىلىپ مۇئەللەقتە تۇرامدۇق،  مەن ئۇنى قانچىگە پارچىلىسام ئۇ شۇنچە مەخلوققا ئۆزگىرەيدۇ .

- بومبا ،- دىدى قاھار ، قول بومبىسى ئىشلىتەيلى ! قارا كىيىملىك ئۇنىمۇ توسۇپ قويدى . - بولمايدۇ ، ئۇ پارتىلسا بەدىنىدىكى سۇيۇقلۇقنىڭ بىر تامچىسى بىزگە چاچىرسىلا كىسلاتادەك بىزنى بىردەمدە كۆيدۈرۈپ ھەتتا جەسسىتىمىزنىمۇ قويمايدۇ .

 بىز موشۇنداق ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئامالىنى تاپالمايۋاتقاندا مەخلوق ئولجىلىرىنى مەززە قىلىشنىڭ كويىدا پۇتلىرىمىزنى تۇتۇپ تۇرغان يىلانباش پۇتلىرىنى بوشۇتۇشقا باشلىدى.  ئەجەل كۆز بىلەن كىرپىك ئوتتۇرسىدا قالغان ئىدى، ھاياتىمىز موشۇ مەخلوققا يەم بولۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغاندەك تۇراتتى .

- ئەركىن ، قورقىۋاتىمەن ، ئەركىن !

پەرىدەنىڭ ئاۋازى مېنى سەگەتتى ، بىردىنلا قولۇمنى يانچۇققا سالدىم -دە بومبىنى ئېلىپ ھالقىسىنى تارتىپ ئالدىم ئۇ پارتىلاشقا نەچچە سىكىنۇتلا قالدى. ھەمراھلىرىم مېنىڭ بۇ ھەركىتىلىرىمگە كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرغاچقا ئۆلىۋېلىشنى تاللىدى دەپ ئويلىغاندەك قىلاتتى ئۇلار ئۈن - تىنسىز ئازاپ بىلەن كۆزلىرىنى يۇمدى ، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ياش چىققاندەكمۇ قىلدى . - ھەممىڭلار تەييارلىنىڭلار ،- ۋاقىراپلا بومبىنى مەخلوقتىن ئانچە يىراق بولمىغان تام تۈۋېگە يەنى پەلەمپەينىڭ ئاخىرقى نوقتىسىغا تاشلىدىم . قارا كىيىملىك چەبدەسلىك بىلەن پۇتىنى تۇتۇپ تۇرغان يىلانباش نەرسىنى كەستى دە بىر مولاقلاپلا پەلەمپەينىڭ ئوتتۇرسىدا توختىدى . «گۇم» قىلغان ئاۋاز بىلەن بومبا پارتىلدى ، ئۇنىڭ زەربىسىدە ئۇچۇپ چىققان تاش پارچىلىرى ئوقتەك ئۇچۇپ بەدەنلىرىمىزگە زەپ بىلەن ئۇرۇلدى، بۇ چاغدا پەلەمپەي بۇزۇلۇپ بىز بۇزۇلغان پەلەمپەي پارچىلىرى ئىچىدە شۇلار بىلەن تەڭ پەسكە يىقىلىپ چۈشتۇق ، مەخلوق بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن ئاستىمىزدا، يەنە پەلەمپەي پارچىلىرى بىلەن بىزنىڭ ئاستىمىزدا قالغان ئىدى . بومبىنىڭ قاتتىق ئاۋازىدىن پاڭ بولغان قۇلۇقۇمغا ئۆزەمنىڭ ئاغرىقتىن ۋايجانلىغان ئاۋازىممۇ كىرمەيتتى، ھەمىراھلىرىمغا قارىدىم،  ئۇلارمۇ باش - كۆزى قان ھالدا ئەتراپقا ئەندىكىپ قاراۋاتقان بولۇپ ئۇلارنىڭ تۇرقىدىن زەخىملەنگىنى ئېنىق ئىدى ، مەن پەرىدەنى ئىزدىدىم ، ئۇ بىزدىن يىرىقاراق جايدا قىمىر قىلماي ياتاتتى . مەن ئۆمۈلەپ يۈرۈپ ئۇنى يۆلەۋاتقاندا مەخلوقنىڭ بىر يىلانباش پۇتى كۆمۈپ تۇرغان تاشلار ئارسىدىن ئېتىنلىپ چىقىپ بىلىمدىن قاماللىدى - دە زەپ بىلەن مېنى تاتتى ، ئۇنىڭ ئۇچى تەرپىدىكى يىرتقۇچ بېشى بوينىمنى چىشلەيدىغان چاغدا چەبدەسلىك بىلەن ئۇنى تۇتىۋالدىم ، ئۇ ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىدى ، مەن بار كۈچۈم بىلەن ئۇنى ئىتىرەتتىم ئۇ چىشلەشكە ئۇرىناتتى ، شۇ چاغدا قارا كىيىملىك ئېتىنلىپ كىلىپ ئۇنىڭغا قىپ - قىزىل بىر نەرسىنى ياقتى ، تاش ئىچىدە بېسىلىپ تۇرغان مەخلوق گەۋدىسىدىن سەت بىرخىل ھۆكۈرگەن ئاۋاز چىقىپ ئۇ ھۇجۇم قىلغان پۇتىنى يىغىپ ئەكىرىپ كەتتى .

 - ئۇ ھازىر ئەسلىگە كىلىۋالىدۇ ، بۇ يەردىن تىز قاچايلى ،- دىدى قارا كىيىملىك ، مەن يەنە ئۆمۈلەپ پەرىدەنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى يۆلىدىم ، قارا كىيىملىك ئۇنىڭغا بىر قاراپ بېقىپ :

 - ئەنسىرمە ھوشىدىن كىتىپتۇ ،- دەپ قويۇپلا ماڭدى . بۇ چاغدا باشقىلارمۇ بەل - بېقىنلىرىنى سىلىغىنىچە دەلدەڭشىپ يېنىمغا كەلگەن ئىدى . شۇنىڭ بىلەن تەڭ مەخلوق بىر سىلكىنىپ تاش دۆۋىسى ئارسىدىن يولقۇنۇپ چىقتى ، مەن پەرىدىنى كۆتۈرۈپ يۆگەردىم ، ئۇلار مەخلوققا ئوق ئاتقىنىچە ماڭا ئەگىشىپ يۈگەردى. ئاخىرى بار…





2528 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-14 23:43:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-6-19 18:06:01 ئالمىرە
شۇنداق ياخشى داۋاملاشتۇرۋاتسىز قولىڭىزغا دەت بەمىسۇن ئىلھامىڭىز نىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى بولۇشىنى تىلەيمەن
2016-6-17 18:07:10 ئاتۇش ئ‍ۇچۇرى
ئاخىرى قاچانمۇ چىقا ،ئەمدى قىزىقىپ كۆرۋاتقاندا ئ‍ۈزۈلۈپ قالدى
2016-6-17 13:00:25 زۇلپىيە
ئاخىرىدىن ئۈمىد ئۈزگەنتىم. داۋامىنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم. ھارمىغايسىز
2016-6-16 12:48:36 قەيۇمجان
ناۋا ساندا قاراڭغۇ ئورمانلىقتىكى ئايىغىنى بالدۇرراق يوللىۋەتسىڭىز مئاخىرلاشتۇرۇش ، يېزىلىپ بويىچە ۋاقتى ئادەتتە، 10 كۈندىن ئېشىپ كېتىدىكەن بىزنى ساقلاپ ساقلاپ بولالماي قالدۇق.
2016-6-16 12:48:36 قەيۇمجان
ناۋا ساندا قاراڭغۇ ئورمانلىقتىكى ئايىغىنى بالدۇرراق يوللىۋەتسىڭىز مئاخىرلاشتۇرۇش ، يېزىلىپ بويىچە ۋاقتى ئادەتتە، 10 كۈندىن ئېشىپ كېتىدىكەن بىزنى ساقلاپ ساقلاپ بولالماي قالدۇق.
2016-6-15 21:25:32 雪莲@天
بەك تەس چىقتىغۇ بۇنىڭ داۋامى ئ‍ادەمنى تەقەززا قىلىپ تىزراق يۇللىسىڭىز بۇپتىكەن
2016-6-15 18:36:23 ئىلھامجان
مۇشۇنداق نادىر ئەسەرنى بىزگە تەقدىم ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت·ئۇزۇن بولغان داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى كۈتىۋاتقىلى· رەھمەت سىزگە
2016-6-15 13:20:05 گۈل
ئ‍ۇزاق ۋاقىتتىن بېرى ئ‍ىنتىزار قىلغان بۇ ھىكايىنىڭ داۋامى ئ‍اخىرى چىقىپتۇ، بەك ھاياجانلاندىم، ئابدۇقەييۇم ئ‍ەپەندىمنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن ، ياشاپ كېتىڭ، يازغۇچىلار تورىغىمۇ كۆپ رەھمەت
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ