قانخور ئەتىرگۈل (ھىكايە) 1-قىسىم

مەنمۇ نىمىشقا يولىمايمەن ،مەن يولىسام خەخ نىمە دەپ قالا،نىمە دىسە دەۋەرسۇن يولىغىنىم يولىغان ...
راس ئەسسالامۇ ئەكەيكۇم ئەزىز تۇرداشلار!


قانخور ئەتىرگۈل
قەيسەر
ئاپتۇرى:زۇلمەتجان زۇلمەت شاھى
1-باب ئايگۈلنىڭ سىرلىق ئۆلىمى


ھەممە ئۆز تۇرمۇش ھەلەكچىلكىدە ،بىرسىنىڭ بىرسى بىلەن كارى يوق ،ئۈنتۈنسىز داۋاملىشۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىردە ئايگۈل ئۆزى يالغۇز زىركىشلىك ھالدا كوچا ئايلىنىپ  يۈرەتتى ،خىياللىرى ھەر تەرەپتە بولغاچ ئالىدىغا قاراپ كىلۋاتقان قولدا كىچىك تەشتەكتە پۇرەكلەپ ئىچىلغان ئاق ئەتىرگۈل كۆتۈرۋالغان بوينى كالتا، گازىركۆز،بويى پاكار،ئورۇق كەلگەن يىگىتكە سوقۇلۇپ يىقىلىپ  كەتتى... ئايگۈل چىرايىنى پۈرۈشتۈپ تۇرۇپ گازىر كۆز يىگىتكە:
-قاراپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ ،شۇنچە چوڭ يولدىمۇ ئادەمنى سوقىۋىتەمسىز....
گازىر كۆز يىگىت بولسا:
-كەچرۈڭ ھە خان ،خىيال بىلەن مىڭىپ قاپتىمەن ،سەت بولدى ،مۇنداق بولسۇن بۇ ئەتىرگۈلنى سىزگە بىرەي،بۇ ئىشنى مۇشۇنداقلا بولدى قىلايلى ،جىددى ئىش بىلەن ماڭغانتىم .....
-ياق بولدى....ئايگۈلنىڭ گەپلىرى ئاغزىدىلا قالدى...گازىر كۆز يىگىت تىز-تىز قەدەملىرى بىلەن مىڭىپ كەتتى ،ئايگۈل خىلغىچە گازىر كۆزيىگىتكە قاراپ تۇرۇپ قالدى،گازىر كۆز يىگىت10مىتىرچە ماڭغاندىن كىيىن شاقىدە كەينىگە  ئايگۈلگە قاراپ غەلىيتە بىر كۈلۈپ قويۈپ كىتىپ قالدى،ئايگۈل شۇندىلا بۇغەلىيتە كۈلكىدىن ئۇگازىر كۆز يىگىتنى ئازراق تونىغاندەك بولدى...ئىچىدە:
-ئەلى شۇمىدۇ،ئەلى شۇ بولسا مىنى تونۇماسقا سىلىپ كەتمەس بولغىيتى،لىكىن ئۇتۈرمىدە ئۆزنى ئۆلتۈرۋالغان تۇرسا ،ئەلى بولىشى قانداقمۇ مومكىن بولسۇن .....ئايگۈل قولدىكى ئەتىرگۈلگە قاردى ،ئاق ئەتىرگۈلنىڭ  ،گۈل چاڭلىرى بار يەردە قىپ قىزىل قان تۇراتتى،ئايگۈل قاراپلا چۆچۈپ كەتتى،شاقىدە كەينىگە قاردى ،لىكىن كەينىدە ھىچكىم يوق تۇراتتى ،ئايگۈل قۇرقۇنۇچ ئىچىدە تىز تىز قەدەملىرى بىلەن ئۆيىگە قايتتى....گازىر كۆز يىگىت ئايگۈلنىڭ قارسى يۈتكەنگە قەدەر دەرەخنىڭ كەينىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى.....ئايگۈلنىڭ قارسى يۈتكەندىن كىيىن :ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى....دىگىنىچە ئاستا بۇيەردىن ئايرىلدى...
ئايگۈل گۈلنى ئىشىك ئالدىغا قويۈپ قويۈپ ،ئۆيگە كىردى،بىرئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچىۋىلىپ كومپىيوتىر ئالدىدا كوت كوتقا قاراپ ئولتۇردى،خىلىغىچە كوت كوتتا مۇڭدىشىپ قەلبىدىكى قورقۇنۇچمۇ يوقۇلۇپ قالغان ئىدى.
بىردەم كوت كوتتا مۇڭداشقاندىن كىيىن توردىن ئازراق نەرسە چۈشۈرمەكچى بولدى، بارماق دىسكىنى ئىزدەۋىتىپ دوستى شەمشىنۇرنىڭ رەسىمىگە كۆزى چۈشۈپ قالدى،ئۇرەسىملەر شەمشىنۇرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان نەخ مەيدان رەسىمى ئىدى،كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتتى بۇرەسىملەرنى كىملەربۇيەرگە  قۇيۈپ قۇيغاندۇ ،دىگەن خىيال بىلەن بايامقى ئاق ئەتىرگۈلنى ئىسىگە ئالدى،تىزدىن ئىشىك ئالدىغا چىقتى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۆردىكى  تەشتەكتىكى ئەتىرگۈلدىن قان تامچىلاپ تۇراتتى..
ئا......ئا......ئ.....ا.....قورۇققىندىن ۋارقىرۋەتتى ،شۇندا ئەجەلنىڭ ئۆزىگە يىقىنلاپ كىلۋاتقىننى ھىس قىلدىدە،ۋەلىگەتىلفۇن قىلۋەتكەندىن كىيىن ،كەچ بولغىنىغا قارماي ئوغۇل دوستى ۋەلىنىڭ يىنىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى،ئەلى ۋە شەمشىنۇرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى پەقەت ۋەلىلا بىلەتتى....
ئەتىسى تاڭ سەھەر ساقچىلار ئايگۈلنىڭ تىلفۇن خاتىرسى بويچە  ۋەلى نى ئىزدەپ كىلىپ ،ئايگۈلنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇقتۇردى،ھەمدە ئايگۈلنىڭ ئاخىرقى قىتىم تىلفۇندا نىمە دىگىننى ،ئۇلارنىڭ قانداق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى توغۇرسىدا خاتىرە قالدۇپ ،بۇدىلۇ تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغانغا قەدەر ۋەلىنىڭ تەكشۈرۈش ئاستىدا بولۇدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۈپ  قايتىپ كىتىشتى....
ۋەلى نىڭ كالىسىدا پەقەت قانغا بويالغان ئاق ئەتىرگۈللا بارئىدى...ئۇ زادى كىم ،ئۇزادى كىم ؟دىگەن سۇئالنى قايتا قايتا تەكراللايتتى......
ئاپتۇر :زۇلمەتجان زۇلمەت شاھى
ئۈندىدار:zulmatxahi
كىيۈكىيۈ:2904019775





682 قېتىم كۆرۈلدى Zulmatxahi ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-9 15:50:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ