تەشۋىشلىك چۈش
(ۋەھىمىلىك ھىكايە)
ئابابەكرى ئىزگۈ
مەكتەپكە روھى چۈشكۈن ،سۇلغۇن ، سالپىيىپ كىچىكىپ كەلگەن ئابلەت خىزمەتداشلىرنىڭ قىزغىن سالاملىرىغىمۇ، خوش ياقمىغاندەك سۇسلا جاۋاپ قىلىپ ئىشخانسىغا كىرىپ كەتتى ، ئۇ ئەزەلدىن باشقىلارغا خۇشخۇي ئۇچۇق يۇرۇق بولغاچ ئۇنى تۇنۇيدىغانلار بەك كۆپ ئىدى ، ئۇنىڭ ئۇقۇتۇش بىلىم ساپا جەھەتتىكى بىلىملىرىگە ھەممە تەڭلا قول قۇياتتى ، شۇ سەۋەبتىن ئۇنى بۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چوڭ - كىچىك ، ئۇلۇغ - پىششقنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇنۇيتتى ، ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىپ غەلىتە بوپ قالغىننىغا بىر قانچە كۈن بولغانئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان مەتنۇرى ، ئادەتتە باشقىلارغا قارىغاندا ئۇنىڭغا يېقىن سىرداش ئىدى ، ئۇنىڭ بۇ روھى ھالىتىگە چىداپ بۇلالمىغان مەتنۇرى ئاخىرى ئېغىز ئاچتى :
--- ھەي ،ئاداش نىم بولدۇڭ ؟؟؟؟ بىرەر يىرىڭ ئاغرىمايۋاتقاندۇ ؟ نەچچە كۈننىڭ ياقى ھەجەپ سالپىيپ قالدىڭ ؟!! ئىش بولسا دىگىنە ھەل قىلىشىپ بىرىمەن ، سەن بۇنداق تۈگىشىپ كەتسەك قانداق بۇلىدۇ ؟؟ ئۆزەڭنى تاپ …… ……!!
ئۇنىڭغا سۆزلەپ ھارغان مەتنۇرى جىمىپ قالدى ، ئابلەت بولسا بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قالغانئىدى ، مەتنۇرى ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن روبىرو بوپ قالدى ، بىرخىل سۇغۇق تەشۋىش چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىگە تىكىلىپ قالدى ، ئابلەت بىر نەرسىلەرنى خىيال قىلۋاتقاندەك يەنە قانداق بىرنەرسىلەردىن خەۋىپسىرەۋاتقاندەك قىلاتتى ، دەرىس قوڭغۇرىقىنى ئاۋازىدىن چۆچۈپ خىياللىرىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتى ،
--- مىنىڭ دەرسىىم بارئىدى ، سەن ئەمسە ئارام ئېلىۋال ! چۈشتە بىرگە تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى !؟؟!
ئۇ پەرۋاسىزلا بېشىنى لىڭشىتىپ ھاڭۋاققىنىچە ئىشخانىدا قېپ قالدى ، مەن بولسام ئۇقۇغۇچىلىرىمغا دەرىس ئۆتۈشكە چىقىپ كەتتىم ……
بۇ جاي ئاۋات شەھەرلەردىن خېلى يىراق بولسىمۇ ، ئەمما زامانىۋي تېخنىكا تۈسى قۇيۇق ئىدى ، بۇجاينىڭ كىشلىرنىڭ ئىدىيىسى كۆپلىگەن ئاۋات تەرەققىي قىلغان شەھەر كىشلىرىنىڭ ئىدىيسىدىن نەچچە ھەسسە ئۇچۇق بولغاچ ، بۇ چەت كىچىك بازاردا ئاجايىپ بىر مىتوتتا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانئىدى …
بۇ ئادديىغىنە بىزەلگەن ،پاكىزە كىچىك ئاشخاننىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر ئۈستەلدە ئابلەت بىلەن بىللە چۈشلشك تاماق يەۋاتقان مەتنۇرى ، ئابلەتنىڭ ئازراق نەچچە قۇشۇق يەپلا بولدى قىلغىنىدىن ، كۈندىن - كۈنگە ئۇرۇقلاپ تۈگىشىپ كىتۋاتقان ئەپتىگە قاراپ ئۇنىڭمۇ ئىشتاھاسى تۇتۇلدى :
--- ئاداش ، ساڭا زادى نىمە بولدى ؟؟؟ ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭ بۇلامدۇ ؟؟ ئۇنداق ئۆزەڭنى قىينىماي دىگىنە ؟؟؟!!! ئۇ ئەتراپقا ئەنسىز قاراپ قۇيۇپ كۆزلىرىمگە تىكىلدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر مەنا چىقىپ تۇراتتى :
--- ئاداش ، راسلا چىدىمىدىم ، ماڭا ياردەم قىل ! بىر ياخشىراق يول كۆرسەت …!!! ئۇ شۇلارنى دەۋېتىپ كۆز چاناقلىرى ياش بىلەن تولدى ، مەتنۇرى ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ۋە چىرايدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ داڭ قېتىپلا قالدى ، ئۇنىڭ بىر چوڭ باش قېتىنچىلىق دەردى بارلىقى چىقىپلا تۇراتتى ،
--- ھە ،بۇلىدۇ ، بۇرادەر ! بۇ يەردە ئېيتىش بىئەپ بولسا مەن بىلەن يۈر ! بۇنداق تۇرۇپ ئىككىلىمىزنىڭ گېلىدىن ھېچ تاماق ئۆتمەيدۇ …!!!
مەتنۇرى ئۇنى باشلاپ مەكتەپنىڭ كەينى تەرپىدىكى بىر خىلۋەت سۆگەتلىككە كەلدى ، ھەرقېتىم كەيپىياتى ناچار ۋاقىتلاردا ئابلەت بۇ جايغا كىلىپ تىنىچ ئولتۇرۇپ كەيپىياتىنى تەڭشەپ ، نۇرغۇن خياللارنى قىلاتتى ، بۈگۈنمۇ بۇ خىلۋەتكە مەتنۇرى بىلەن كىلىشمۇ ئادەم يوق يەردە ئۇنىڭغا يېقىندىن بۇيانقى باش قېتىنچىلىقىنى سۆزلەپ بىرىش ئۈچۈن ئىدى ،
--- ئاداش ، ساڭا زادى نىمە بولدى ؟ بۇ خىلۋەتتە ئەمدى باشقا ئادەم يوق ، دىگىنە ئاداش …!!! ئابلەت مەتنۇرغا بۇ ئىشلانى ئېيتىپ بىر يەڭگىللى ۋالغۇسى كەلدى …
--- مەتنۇرى ، مەن سىنى ئىزچىل جان - جىگەر بۇرادىرىم بىلىپ كەلدىم ، بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا ئېيتمىغىن ، ساڭا ئىشىنىمەن ، بۇ گەپلەرنى راسلا نەدىن باشلاپ سۆزلەشنى بىلمىدىم ، يەنىلا ئېغىزىمغا يېقىندا كۆرگەن مۇشۇ غەلىتە چۈشۈمدىن باشلاپ ساڭا ئېيتىپ بىرەي ، نەچچە كۈن بولدى بىر ئوخشاشلا چۈش كۆرۋاتىمەن ، چۈشۈمدە : بىر سىنىپقا دەرس بىرىشكە كىرگۈدەكمەن ، دەرىس باشلاي دەپ تۇرسام بىر ئۇقۇغۇچى كىچىكىپ كىردى ، ئۇنىڭدىن :
--- نىمىشقا كىچىكىپ قالدىڭ ؟ دەپ سوردۇم ؟ بىراق ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈرمەستىن ساڭىگىلىتىپ تۇرىدۇ ،
--- ھەي ، بولدى ،جايىڭغا قايتىپ دەرس ئاڭلا ! ئۇ يەنىلا جايىدا مىدىر - سىدىر قىلماي تۇراتتى ، ھەممەيلەن ھەيران بۇلۇپ ئۇنىڭغا تىكىلدى ، ئارقىدىن ئۇ يەرگە يىقىلىدى ، ئاندىن كاللىسى ۋاسكىتبول توپقا ئوخشاش ، ئادىمغا دوملاپ كەلدى ،« ئاااااااااا……… »
باشسىز تەن ماڭا يېقىنلاپ كەلدى ، قورقۇپ يۈرۈكۈم ئېغىزىمغا تىقىلىپلا كەينىمگە داجىۋاتقاندا بىر نەسىنىڭ پۇتۇمنى چىشلەپ تارتىۋاتقانلىقى ھېس قىلىپ قالدىم ، قارىغۇدەك بولسام ،ئۇدەل ئالىي مەكتەپتىكى ئۆلۈپ كەتكەن قىز دوستۇم خاسىيەت ئىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئورنىدا قاپقارا كامار بۇلۇپ ئۆزگەرگەن ، چىراينىڭ گۆشلىرىمۇ تىتىلىپ پارچە پارچە كۆرنەتتى ، بايىقى باشسىز تەنمۇ شۇنىڭ ئىكەن ، بارچە كۈچۈم بىلەن قېچىشقا باشلىدىم ، ئەمما بايا سىنىپتا تىپىتىنىچ دەرىسىمنى ئاڭلاۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار غايىپ بولغانئىدى ، پۇتۇمنى چىڭ چىشلىۋالغان باشنى مىڭ قىلساممۇ ئاجرىتالمىدىم ، دەل شۇ چاغدا نەدىندۇر بىر بەت بەشرە پەيدا بۇلۇپ چوڭ پالتىسىنى چىقىرىپ :
---ھې ھې ، ياردەم كىرەكمۇ ؟؟؟؟ شۇنداق قورقۇنۇچلۇق كۈلگىنىچە خاسىيەتنىڭ بېشى چىشلىگەن پۇتۇمنى چېپىۋەتتى ………»
ھەركۈنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھىمىلىك چۈش كۆرۋاتىمەن ، خاسىيەت مىنى ئىزدەپ كەپتۇ ،ئاداش ،ماڭا ياردەم قىل ! ئۇ قىساس ئالغىلى كەپتۇ ، ئاداش ! مەن راستىنلا ئادەم ئەمەس ، مىنى قۇتقۇزۋال ! ئۇ مىنى ئۆلتۈرگىلى كەپتۇ ، مەن قەستەن قىلمىغان ………!؟؟؟؟
ئارقىدىن ئابلەت كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتتى ،
---- توۋا ئاداش ! شۇ ئازراقلا قارا باسقاننىڭ ئىشىكەنغۇ ، مەنمۇ بەزىدە كۆرىمەن ئۇنداق چۈشلەرنى ، ئەمما ئاخىرقى سۆزلىرىڭنى تازا ئاڭقىرالماي قالدىم ، نىمە سەن خاسىيەتنى…؟؟؟؟؟؟ئۇنداق قىلمىغانسەن !!!!!
مەتنۇرى ئابلەتنى تۇنجى كۆرىۋاتقاندەك باشتىن ئاياغ قايتىدىن سەپ سېلىپ چىقتى ، ئابلەت يىغا ئارلاش بۇلۇغۇلۇپ سۆزىنى داۋم قىلدى :
---ئاداش ،شۇ شەيتاننىڭ ،ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرىپتىكەنمەن ، مىنى ئىبلىس ئازدۇردى ،
--- ھەي ئاداش سەل تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرسەڭ بۇلامدۇ ؟؟؟ تازا چۈشەنمىدىم ، زادى ئىككىڭلارنىڭ ئاراڭلاردا نىمىش بولغان ؟؟؟ ئۇ يەنە نىمقشقا سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ ؟؟؟؟؟ ئابلەت كۆزلىرىدىكى ياشنى سۈرتىۋېتىپ ئۇزۇن ھىكايىسىنى باشلىدى :
ئالىي مەكتەپتكى ۋاقىتلىرىمدا ئۆگۈنۈش نەتىجەم خېلى ياخشى ئىدى ، سىنىپنىڭ ئالدىنقى ئىككىنىڭ ئىچىگە كىرەلەيتتىم ، كۆپىنچە ۋاقىتلرىم ئۈگۈنۈش قىلىش ، كىتاپخانىغا قاتىراش تاماق يىيىش بىلەن ئۆتەتتى ، قاچانلاردا بىزنىڭ سىنىپقا خاسىيەت كۈچۈپ كىردى ، شۇنىڭدىن باشلاپ مىنىڭ فورمىلالاشقان ،غەمسىز تۇرمۇشۇم ئاخىرلاشتى ، ئۇنىڭ ئۇچۇق يورۇق چاقچاقچى مىجەزى ، ئوماققنە چىرايى ، بۇلبۇلدەك ئاۋازى دائىملا خىيالىمغا كىرۋېلىپ مىنى قىيناشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىم ئۇنى مىنىڭ يېنىمدىكى پارتىغا يۆتكەپ قويدى ، ئەزەلدىنلا ئۈگۈنۈش دىسە جان بىرىپ قىزلا بىلەن ئانچە خۇشۇم يوق ئىدى ، شۇڭا بۇ ئىشقا بىر ئاچچىقىم كەلسە نىمىشقىكىن بىر ئىچىمدە خوش بۇلاتتىم ، ئۇنىڭ چاقچاقلىرى مىنى كۇلدۈرۈپ ئۈزۈلدۈپ قۇياتتى ، تاس قالاتتى كۈلۈپ قوۋرىغىلىرىم تۈزلىنىپ كەتكىلى ، شۇنداق قىلىپ كۈن ئۆتكەنچە ئۇنىڭغا شۇنچە شۇنچە ئامراق بوپ قالدىم ، ئىلگىرى كۈندە كۈتۈپخانىدا يۈرىيدىغان مەن ھازىر خاسىيەت نەدە بولسا شۇ يەردىن قالماس بۇلۇپ قالدىم ، شۇنداق بىر بىرىمىزدىن ئايرىلالماس بۇلۇپ قالغان بىر كۈنى ئۇ ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى ، مەن رۇخسەت سۇراپ دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم ، بۇ جەرياندا ئۇ تېخىمۇ ماڭا ئامراق بوپ قالدى ، مەنمۇ بىلىپ بىلمەي ئۇنىڭغا ئاشىق بولغانئىدىم ، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى ئۇنى ئېلىپ بازارغا باردىم ، ئۇ نىمنى چىرايلىقكەن دەپ كۆرسەتسە شۇنى ئېلىپ بەردىم ، ئۇ ناھايتى خۇشال بولدى ………
شۇنداق قىلىپ بىز يۈرۈپ قالدۇق ، ئۇ مىنىڭ ھەربىر ئىشمغا بەك ئەستايىدىل ،بەك دىققەت قىلاتتى ، مەكتەپتىكى ھەممەيلەننىڭ ئىككەيلەنگە ھەۋىسىنى كىلەتتى ، تۇنۇيدىغانلار كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كىتەتتى ، ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا نەدىندۇر غەيرەتنىڭ پەيدا بۇلۇشى بىلەن ئىشلا يامانلىشىشقا باشلىدى ، ئۇ بولسا خاسىيەتنىڭ تۇلۇقسىز تۇلۇق ئوتتۇردا بىللە ئۇقۇغان ساۋاقدىشى دوستىمىش ، شۇ لارنى باھانە قىلىپ خاسىيەتنىڭ كەينىگە كىرۋالدى ، ئۇ تېخى ماڭا جەڭ ئىلان قىلدى ، « سىنىڭدىن خاسىيەتنى تارتىۋالىمەن ،» بۇ ئىشلارغا غەيرەتكە بەك ئاچچىقىم كىلەتتى ، نەچچە قېتىم ئۇنىڭ بىلەن مۇشلاشتىم ، جىدەل بىلەن بۇنداق ئىشلار ھەل بولمايتتى ، خاسىيەتنىڭمۇ ماڭا مۇئامىلىسى ئۆزگىرىپ كەتتى ، ھەتتا : ئابلەت مەن ھەممىگە تويدۇم ، مەندىن يىراقراق تۇراغىن ! …… بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ، ئۆمۈرۈمدە تۇنجى قېتىم شۇ ھارام نىجىس ئىچىملىكىنى ئىچتىم ، ئىچكەندىمۇ تازا چىلىشىپ ئۆلگىدەك ئىچىپتىمەن ، شۇكۈنى مىنىڭ يەرگىمۇ ئاران دەسسەپ لەيلەپ مەكتەپكە يېنىپ كىلۋاتسام خاسىيەتنىڭ ياتاقدىشى بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ئېيتىپ قۇيۇپ بىردەمىدىلا خاسىيەت يېنىمغا ئۈنۈپ بولدى ، شۇ يولنىڭ سەل تۈۋەنكى تەرىپىدە بىر سۈيى ناھايىتى تىز ئاقىدىغان ئۆستەڭ بۇلىدىغان ، ئۇ مىنى تارتىپ شۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى ، بەلكىم مىنىڭ بۇ رەسۋا تۇرقۇمنى تۇنۇش بىلىشلەر سۆز چۆچەك قىلمىسۇن دەپ ئويلغان بۇلۇشى مۇمكىن ئىدى ،
---- ھەي ،ئابلەت مەن سىنى شۇنچە غۇرۇرلۇق ، ۋىجدانلىق ، ئەقىللىق دەپ يۈرسەم مۇشۇ ئىشنىمۇ قىلدىڭمۇ ؟؟؟ ئەمدى كۆزۈمگە كۆرۈنمە !!؟؟!؟؟ ھەم مىنى مۇھاببىتىم دەپ ئۇ نىجىس ئېغىزىڭغا ئالما !!! ئۇ شۇلار دەپ بۇلۇپ يىغلىغىنچە بىر قۇلى بىلەن ئېغىزىنى تۇتۇپ ئۆرۈلۈپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى ، ئۇنىڭ قۇلىغا ئېسىلىپ چىڭ تۇتۋالدىم ،
---- بىلەمسەن ؟ خاسىيەت ، مىنىڭ بۇنداق بۇلىشىمغا ھەممىگە سەن سەۋەبچى ، يەنە شۇنداق تۇرۇپ مىنى تاشلاپ كەتمەكچىما ؟
--- كاللاڭ بولغاندىكىن ئويلاپ باق ، ئابلەت ، !!؟ سىنى خېلى ئەقىلى با دەپ يۈرسەم ، قىلغىنىڭ مۇشۇ ما ؟؟؟ ئىسسىت ! سەندەك بىرنىمنى ياخش كۆرۈپ يۈرگىنىم ……
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەقلىمنى يۇقاتتىم ،
: --- نىمە ؟ سەن مىنى شۇنداق دىگۈدەك بولدۇڭما ؟؟؟ شۇنداق دىگىنىمچە ئۇنى ئىتىردىم ،ئۇ ئەمدى گەپ سۆزسىز يىغلاپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ ئۆستەڭ لىۋىگە كىلىپ قالغىننى كۆرمەي : --- ھەممىسى سەن ئۈچۈن بىلەمسەن ؟ يەنە تېخى مىنى ئەيىپلەيسەنا ؟؟؟ يەنە مەن گۇناھكارمۇ ؟؟؟؟ شۇنداق دەپ ئۇنى ئىتترىگىنىمنى بىلمەن ، ئىتترگەن قۇلۇم ھاۋادا لەيلەپ قالدى ، شامالدەك تىز ئۆستەڭ سۈيى بىر يالماپ ئۇنى يۇتۇپ بولغانئىدى ،
-- - خاسىيەت ! خاسىيەت ! …… … ئۇنىڭ ئىسمىنى جېنىمنىڭ بارىچە توۋلاپ ئۆستەڭنىڭ تۈۋەنكى ئېقىنغا قاراپ يۈگۈردۈم ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلىغاچ ئۆستەڭنىڭ تىز ئېقىۋاتقان سۈيىدىن ئۇنى ئىزدەيتتىم ، بىراق ھېچ بىر سادا يوق ئىدى ، ئەمدىلەتتىن كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن ئىشلار سەۋەبىدىن كاللام سەگەكلىشىپ كەتتى ، كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز تارام - تارام ياش قۇيۇلماقتا ، كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەيتىم ئەمما شەيتىنىم :خوپ بولدى ئۆزۈڭنىڭ شورى ساڭا ئەسلى مۇنداق مۇئامىلە قىلماسلىقى كىرەكتى …… كۆڭلۈمدىكى شەيتان مىنى تازا ۋەسۋەسىگە سېلىشقا باشلدى ، كاللام قىززىپ ئۇنى ئىزىدىمەي مەكتەپكە قايتىپ كەتتىم ، شۇ كۈنى كىچىسى مىنى توختىماي قار بېسىپ چىقتى ، مەكتەپتىكىلەر خاسىيەتنىڭ يۇقاپ كەتكىننى بىلىپ تەرەپ تەرەپتىن ئىزدىدى ، قايسى كۈنى مىنىڭ رەسۋا ھالىتىمنى كۆرگەن دوستى مەندىن نەچچە قېتىم سورىدى ، بىراق مەن ئۇقمايمەنلا دەپ جاۋاپ بەردىم ، نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئۇنى سېغىنىشقا باشلىدىم ، ئۆزەمنى تالاي قېتىملاپ ئەيىپلەپ تىللاپ كەتتىم ، بىراق ھەممىسى بىكار ئىدى ،
ئۇ يۇقاپ كىتىپ ساق ئون كۈن بولغاندا ساقچىلار ئۇنىڭ لايغا مىلىنىپ تۇنۇغۇسىز بۇلۇپ كەتكەن جەسىتىنى تېپىپتۇ ، ئۇنىڭ مېيت نامىزىغىمۇ بېرشقا جۈرئەت قىلالمىدىم ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى باشقىلار بەك داۋراس سېلىپ تەكشۈرۈپمۇ كەتمىدى ، شۇ سەۋەپ ئۇنىڭ قاتىلى بولغان مەن مەلئۇنمۇ قۇتۇلۇپ قالدىم ، بىراق نەچچە ھەپتە ماڭا خۇددي دوراختەك تۇيۇلۇپ ئۆتۈپ كەتتى ، كۈندە خاسىيەت چۈشۈمگە كىرىپ مەندىكى ھىجرانغا ئوت سېلىپ پۇچۇلاندۇرۋېتەتتى ، نە ئامال ھەممىسى مىنىڭ خاتالىق تۈپەيلى ، ئۇنى ھاياتىنى نابۇت قىلدىم ، شۇ سەۋەپ ھازىرغىچە بويتاق يۈردۈم ، بىراق خاسىيەتكە بولغان سۆيگۈم سوۋىمىغانئىدى ، ئەمما نەچچە كۈن بولدى ، كۈندە چۈشۈمگە بەتبەشىرە ھالىتىدە كىرىدۇ ، قىساس ئالىمەن دەيدۇ ، قانداق قىلىشم كىرەك ؟؟؟ ماڭا ياردەم قىل !! ئاداش ………
ئابلەتنىڭ سۆزلىرىنى زەن قۇيۇپ ئاڭلاۋاتقان مەتنۇر ، چىراي ئىپادىسىنى ئۆزگەرتتى ، خۇددي ئۇنى قايتىدىن تۇنۇۋاتقاندەك باشتىن ئاياغ قاراپ چىقتى … بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كىين مەتنۇرى ئابلەتنىڭ كۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ گەپ باشلىدى :
----- ئاداش ، خاسىيەتنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن كۈنىنىڭ قاچان ئىكەنلىكى يادىڭدا باردۇ ؟؟؟
--- ھە ئە ، ، قانداق ؟؟؟؟ بۇنى سۇراپ قالدىڭغۇ ؟؟؟؟؟
دىدى ئابلەت ، مەتنۇرىنىڭ سۆزىلىرگە ھەيران بۇلۇپ،
---- ئاداش مۇنداق ئىش ، ئىلگىرى بوۋامنىڭ « ناھەق ئۆلگەن روھ قىساس ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلگەن كۈنىدە قايتىپ كىلىدۇ ، پەقەت روھىغا ئاتاپ قان قىلۋەتسە روھ ئارام تېپىپ ئاۋارە قىلمايدۇ » دىگەن ، ئاداش قارىغاندا ئىككىمىز مەكتەپتىن رۇخسەت سوراپ خاسىيەتنىڭ يۇرتىغا بېرىپ ئۇنىڭ قەبرە بېشىغا چىقىپ باقمىساق بولمىغۇدەك !! بولمىسا سىنىڭ ئەھۋالىڭ چاتاقتەك تۇرىدۇ ،ئاداش ، بولمىسا ياكى ھۇشۇر بوۋايدىن سوراپ باقامدۇق ؟ ئۇنىڭ بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن خېلى تەجىربىسى بار ……
---- ھە…، ئەمسە ئاداش ، ھازىرلا ھۇشۇر بۇۋاينى ئىزدەپ بارامدۇق ، دىدى ، ئابلەتنىڭ چىراي بارغانچە ئۆزگىرىشكە باشلدى ،
---- نىمە بولدى !؟؟ بىرەر ئىشنى مەندىن يۇشۇرمىغانسەن ؟؟؟ دىدى ھەيران قالغان مەتنۇرى
--- يا ياق ، ئەمسە ماڭدۇق ھە ،
شۇنداق قىلىپ ئابلەت بىلەن مەتنۇرى بۇ چەت مەھەللىدىكى بىر قەدەر ئاقساقال بىلىملىك ھېسابلىندىغان ھۇشۇر بۇۋاينى ئىزدەپ كەلدى ،
----- كىلىڭلار ، مۇئەللىم باللىرىم ، ھەجەپ قەدىمىڭلار غېرىپ كۆلبەمگە يىتىپتىغۇ ؟؟؟ ئۆيگە كىرىڭلار ؟؟؟
ھۇشۇر بۇۋاينىڭ قىزغىن ئۇچۇق مىجەزىنى ياقتۇرۇپ قالغان ئۇلار ، ئارتۇق گەپ ئەگىتشنى خالىمىدى بولغاي ، ئۇدۇللا كىلىش مۇددئاسى ، يېقىندىن بۇيانىقى تەشۋىشلىك چۈشىنى سۆزلەپ ، مەسلەھەت سوراپ ئۈلگۈردى ، ھۇشۇر بوۋاينىڭ قورۇق باسقان يۈزىدە روشەن جىددىيچىلىك ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ قېلۋاتاتتى ، بۇنىڭدىن بىر نەرسىنى ھېس قىلغان ئابلەت :
---- قانداق بۇۋا ! ھازىر مەن خاسىيەتنىڭ قەبرىسىگە چىقىپ ئۇنىڭ روھىغا قان قىلسام ئۇ تەشۋىشلىك چۈشلەردىن قۇتۇلالارمەنمۇ ؟؟ سىزنىڭچە ئۇنىڭ روھى بولدىقىلامۇ ؟؟؟؟؟ ھۇشۇر بۇۋاي تەمكىنلىك بىلەن :
----- ئوغلۇم ، راستىنلا بىر قېتىم شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئېزىپسىز ، سىزگە دىسەم ھازىر ئۇنىڭ روھىغا قان قىلىپ قەبرىسى ئالدىدا چىن دىلىڭىزدىن تۆۋە قىلىڭ ! بەلكىم ئۇ كەچۈرۋېتە ! بولمىسا ھاياتىڭىزغا خەۋىپ ئىچىدە قاپتۇ … ئىشەنمىسىڭىز ئەينەككە قاراپ بېقىڭ ، قېشىڭىز ۋە قاپىڭىز ساماندەك سارغىيىپ كىتىپتۇ ، بۇ ئەجەلنىڭ ئالامىتى سزنى بىكارغا قورقۇتمىدىم …
ئابلەت بىلەن مەتنۇرىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى تىنىنى بىر خىل تەسۋىرلىگۈسز قورقۇنۇچ تەشۋىش چىرمىۋالدى ، تۇيۇقسىز ئابلەت كىچىك بالدەك بۇۋاينىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى :
---- بۇۋا ! ئۆتۈنۈپ قالاي ، مىنى قۇتقۇزۋېلىڭ ! قانچىلىك پۇل دىسىڭىز بىرەي ، مىنى قۇتقۇزۋېلىڭ ! ھەممىسى مىنىڭ خاتالىق ،مەن تۆۋە قىلدىم ……
ئۇنى شۇنچە قەيسەر ، غەيرەتلىك دەپ بىلىدىغان مەتنۇرى ئۇنىڭ بۇ قىلىقنى چۈشەندى ، دىمىسىمۇ ئەمدى ئۇنى بەلكىم نامەلۇم ئەجەل ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلگەندەك قىلاتتى ،
--- ياق ، بالام بۇ قانداقكى بىر پۇلنىڭ ۋەياكى مىنىڭ ياردەم قىلماسلىقىنىڭ مەسلىسى ئەمەس ، بولغۇلۇق بوپتۇ ، ئەمدى پەقەت سىزنىڭ ئىشىڭىز ئۇنىڭ روھىنى ئارام تاپقۇزۇش ، ئەگەر بىز قول تىقساق بەلكىم روھلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويسام ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەت كىلىپ چىقىش مۇمكىن ، ھەرنىم دىگەن بىلەن ئىلگىرى ئىككىڭلارنىڭ بىر مەزگىلىك مۇھاببەت سەرگۈزەشتىڭلار بولغان ، يامان ئاقىۋەتمۇ كىلىپ چىقماس ، تەكلىۋېم بۈگۈن كەچ ئۆيۈمدە قۇنۇپ قېلىڭ ! ئەتە خاسىيەتنىڭ قەبرە بېشىغا بارايلى !
ئابلەتمۇ ئارتۇق تەكەللۇپنى خالىمىدى بولغاي ،ماقۇل بولدى ،قۇياشمۇ ئاستا - ئاستا مەغرىپكە چۆكۈپ ئاسمان گۈمبىزىنى ئاستا - ئاستا قاراڭغۇق قاپلىدى ،
بوۋاي ئۆيىدە ئۆزى يالغۇز بۇلۇپ ئەمدىلەتتىن ئىككى مىھماننىڭ كەلگىنىدىن خوش ئىدى ، شۇڭا ئابلەت بىلەن مەتنۇرىغا ئۆيىدىكى ئەڭ ياخشى جايدىن ئورۇن سېلىپ بىرىپ بالدۇر ئارام ئېلشنى ئېيتىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى ، ئابلەت بىلەن مەتنۇرىنىڭ قەتئىيلا ئۇيقۇسى كەلمىدى ، بۇلۇپمۇ ئابلەت قورقاتتى ، كۆزىنى يۇمسىلا خاسىيەتنىڭ بەتبەشىرە چىرايىنى كۆرۈپ قېلىشتىن قورقاتتى ، ئىككەيلەن غۇۋا يۇرۇپ تۇرغان لامپۇچكا يۇرقىدا ئۈن تۈنسىزلا بىر بىرگە قاراپ ئولتۇراتتى ،
مانا ھەشپەش دىگۈچە كىچە سائەت ئون ئىككى بولدى ، مەتنۇرى بولسا ئاللىقاچان ئولتۇرغان جايىدىلا خوخىراپ ئۇيقىسىنى باشلاپ بولغانئىدى ، ئابلەت بىر خىل تەشۋىشنىڭ تەسىرىدىن تەگسىز خىيال بىلەن بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قالغانئىدى ، ئۇ ھەتتا بىر چاغدا ئۆچۈپ قالغان لامپۇچكىغىمۇ پەرۋاسىز قىمىر قىلماي ئولتۇراتتى ، بىر چاغدا ئىشىكنىڭ ئاستا ئېچىلىپ ئاجايىپ بىر سۇغۇق شامال ئۆيدە غۇررىدە ئۇچۇپ ئۆتتى ، ئابلەت سۇغۇق شامالدىن ئەندىكىپ ئىشىككە قارىدى ، بىراق ئىشىك قىيا ئۇچۇق تۇراتتى ، ھېچ بىر كىمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى :
------ بۇۋا ! بۇ سىزما ؟؟ بۇۋا !!! ئابلەتنىڭ سۇئالى جاۋاپسىز قالدى ، ئۇنى ئازراق سۈر باستى ، شۇنداق تىمۇ ئۇ ئىشكىنىڭ يېنىغا يېپۋېتىش ئۈچۈن يېقىنلاشتى ، « چىراقنى كىم ئۆچۈرۋەتكەندۇ؟؟؟ يا توك كەتتىمۇ ؟؟ شۇ خىياللار قاراڭغۇلۇقتا سىلاپ سىيپاشتۇرۋاتقان ئابلەتنى گاڭگىرتىپ قويدى ، ئۇ ئىشكىنى يېپىۋېتىپ غۇۋا ئاي يۇرىقىدا بۇۋاينىڭ ھويلىدىكى كارۋاتتا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆزۈپ خاتىرجەم بۇلۇپ ئىشىكىنى يېپىپ كىرىپ كەتتى ، ئۇ ئۆي ئىچىگە يېنىپ كىرىپلا كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىنى كۆرۈپ يۈرۈكى قېپىدىن چىقىپ كىتەيلا دەپ قالدى ، چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇزۇن ئاق كۆينەك كىيۋالغان ، ئۇزۇن قۇيۇپ بەرگەن چاچلىرى ساڭگىلاپ چىراينىڭ يېرىمىنى تۇسۇۋالغانئىدى ، ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ چىرىپ كەتكەن چىرايدىنلا ئۇنىڭ خاسىيەت ئىكەنلىكىنى تۇنۇۋالغان ئابلەت نىمە قىلارىنى بىلمەي يۇرۇپ قالدى ، ئۇنىڭ قانغا تولغان ئىككى كۆزى غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قالغانئىدى ، ئۇ قان تېمىپ تۇرغان ئۇزۇن تىرنىقى قۇلى بىلەن چاقماق تىزلىك بىلەن ئابلەتنىڭ گېلىدىن سىقتى :
----- ئابلەت ، قىساسىمنى ئالىمەن ، سەن ئۆلىسەن ! سەن ئۆلىسەن ! ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق بۇغۇق ھەم سۈرلۈك ئىدى ، ……
----- ياق ، ياق ، مەن كەچۈر ،مەن قەستەن قىلمىغان ،…… خاسىيەتنىڭ روھىدىن ئۆزگەرگەن ئالۋاستى ، ئۇنىڭ گېلىنى شۇنداق سىقتى ،
----ياق ، ياق ، ………
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھۇشىدىن كەتتى ……
تالادىن يۈرگىرەپ كىرگەن ھۇشۇر بۇۋاي ، ئەھۋالنىڭ چاتاقلىنى كۆرۈپ نەدىندۇر بىر كەلتەكنى تېپىپ قورقۇپ تەپتىرەپ تۇرۇپ ئۇ ئالۋاستىغا تەڭلىدى ، ئىچىدە تۇختىماي ئايەت ئۇقۇيتى ، ئۇ ئالۋاستى ئەمدىلەتتىن ئابلەتنى قۇيۇپ بۇۋايغا قارىدى :
----- سەن بىلەن بۇ ئىشلانىڭ ئالاقىسى يوق ؟ مەن پەقەت ئابلەتنى ئېلىپ كەتسەملا بولدى ، ئارتۇق ئىشقا چېپىلما !!! ئۇنىڭ ئاۋازى يەنىلا شۇنداق سۈرلۈك ئىدى ،
ھۇشۇر بۇۋاي : ----- ياق ، ئۇ سىنى قەستەن ئۆلتۈرمىگەن ، سەنمۇ قىساس ئالىمەن دىمە ، بۇنداق قىلساڭ ئالۋاستىغا ئايلىنپ كىتىسەن ، ئۇنداقتا چۇقۇم سىنى يۇقىتىىدىغان ئادەم چىقىدۇ ، ……
----- ھا، ھا ، خام خىيالنى ئاز قىل ! ئۇنىڭ كۈلكىسى شۇنداق يىرگىنىشلىك ئىدى …
ئابلەتمۇ ئۇنڭغىچە ھۇشىنى تېپىپ ئالۋاستنى تۇتۋالدى ، دەل شۇ چاغدا تۇنجى خۇرازنىڭ چىللىغان ئاۋازى بىلەن ئالۋاستى غايىپ بولدى ……
ھۇشۇر بۇۋاي ئاخرى ئۇھ دەپ جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى ، ئابلەتمۇ بۇۋايغا يۆلىنىپ كىچىك بالىلاردەك يىغلاپ تاشلدى :
------ ھەممىسى مىنىڭ سەۋەنلىكىم ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟؟؟ بۇۋا ! سىزدىن ئۈتۈنۈپ قالاي ؟؟! مىنى قۇتقۇزۋېلىڭ !
------ ئوغلۇم ، خاسىيەتنىڭ روھى قىساس ئۈچۈن ئاللىقاچان ئالۋاستىغا ئايلىنىپ بوپتۇ ،ئەمدى ئەھۋال ناھايىتى چاتاق ، بىزنىڭ ھازىر قىلدىغىنىمىز ئۇستا بىر جىنكەشنى تېپىش ، بۈگۈندىن قالساق بولمىغۇدەك ؟ ھە راس ، دوستىڭىز مەتنۇرى قېنى ؟؟؟؟
---- نىمە ؟؟؟؟؟ ئابلەت ھۇشۇر بۇۋاينىڭ سۇئالىنى ئاڭلاپ كىچىچە ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ قېپ قالغان مەتنۇرىنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى ، ---- بايىلا باتتىغۇ ؟؟! ئۇ نەگە كەتكەندۇ ؟؟؟ دىدى ئابلەت ،
بۇۋايمۇ خۇددي بىر نەرسىنى سەزگەندەك : -- ئەمسە تىزدىن ئىزدەيلى ! نىمە قاراپ تۇرىمىز … نەچچە مىنۇت ئۈتۈپ ، ھۇشۇر بۇۋاينىڭ ئەنسىز ۋاقىرغان ئاۋازى بىلەن ئۇچقاندەك يېنىغا كىرپلا بېشى قايغاندەك بوپ ئورنىدا ئولتۇرۇپ قالدى ، چۈنكى كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ ھۇشىدىن كەتمىدى دىگەندىمۇ قورقۇپ ئىشتىنىغا چىقىرۋېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى ، ئۆي ئىچىدى پۈتۈنلەي قىپقىزىل قان بىلەن بۇلغانغان ، يەردە ئادەمنىڭ ئۈچەي ، ئاشقازانلرى چېچېلىپ ياتقان ، بېشىمۇ ئۈزۋېتىلىپ كۆزى ئۇيۋېلىنغان …… ئىنتايىن قەبىھ ئۆلتۈرۋېتىلگەندەك قىلاتتى …… ئابلەت يەنە يىغلاپ تاشلىدى ، ئەمدى ئۇ ئۆزىنى كەچۈرەلمەيتتى ،
ھۇشۇر بۇۋاي ئۆزىنى يۇقاتقان ئابلەتكە قاراپ بەكلا ئىچى ئېچىشتى ، ئۇ 60 نەچچە يىللىق ھاياتىدا تېخى مۇنداق ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرلگەن ئادەمنى تۇنجى كۆرۈشى ،ئەر كىشىنىڭ يىغلىغىننىمۇ كۆرۈشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى ، بۇۋاينىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ ياكى ئالۋاستىنىڭ يەنە بىگۇناھلارنى ئۆلتۈرشىنى تۇسۇپ قالاي دىدىمۇ ،ئابلەتكە تەسەللىي قىلىشىقا باشلىدى :
--- ئابلەتجان ،ئوغلۇم ، دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق ئەمما ئۇنى تۈزىتىپ قايتا خاتالاشماسلىق ئەڭ ئاقىلانىلىك ، سەن بۇنداق ئازاپلىنىپ ئۆزەڭنى تۈگەشتۈرۋالساڭ بولمايدۇ ، بىز يەنە خاتالاشماسلىق ئۈچۈن ئاۋۋال دوستۇڭنى دەپنىسىنى قىلۋېلىپ بۈگۈنلا ھازىرلا بىرەر ئالۋاستى يۇقىتىدىغان ئادەمنى تاپمىساق بولمايدۇ ، بولمىسا كىيىنكى نىشان سەن ۋە بىزبىلەن توختاپ قالىدىغاندەك ئەمەس ،شۇڭا يېشىڭنى سۈرتىۋەت قايغۇنى كۈچكە نايلاندۇرايلى !
ھۇشۇر بۇۋاينىڭ سۆزلىرى ئابلەتكە ئازتۇلا تەسىر قىلدىمۇ ۋە ياكى كاللىسىدىن ئۆتتىمۇ ياكى يېقىن بۇرادىرى نىڭ قىساسىنى ئالغۇسى كەلدىمۇ چۈشەنگۈسىز چىراي ئىپادىسى ئورنىدىن تۇردى ئاندىن ھۇشۇر بۇۋاي بىلەن بىرلىكتە يېقىن بۇرادىرىنىڭ مېيتىنى قۇراشتۇرۇپ ئاران كىپەنلەپ ئاددي نامىزىنى چۈشۈپ يەرلىككە قويۋەتتى … ئۇلار قەبرىستانلىقتىن يانغاچ خۇددي بىرى كىينىگە چۈشىۋالغاندەك پات پات كەينىگە قاراپ قۇيۇپ تىز تىز قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ ئۇدۇل قوشنا يېزىدىكى ئابدۇل جىنكەشنىڭ ئۆيىگە باردى ، ئىككەيلەن سۈرلۈك كۆكۈچ تۇمان قاپلاپ تۇرغان ئۆيىگە كىرشىگىلا ئۇ ئابلەتكە قاراپ جىددي ۋە غەيرى نەزەردە تىكىلىپ قالدى ، ئارىدىكى جىمجىتلىقنى ھۇشۇر بۇۋاي بۇزدى :
---- ئابدۇلكا ! بۇ ئوغلۇمنىڭ بېشىغا بكۈن چۈشتى ،ياردەم قىلىڭ !
ئابدۇل جىنكەش ھەممىنى كۆزىگە قاراپ بىلۋالغاندەك قىلاتتى :
---- سىنى قىساس قىستاپ كەپتۇ ، بۇ ئەمما ئادەتتىكىدەك روھنىڭ قىساس ئېلىشى ئەمەس ، ئەسەبىيلەشكەن روھنىڭ ئالۋاستىغا ئۆزگىرىپ كىلىشدىن شۇنداققۇ !!؟؟؟؟؟؟؟
---- ياۋ ئاللا ! ما ئادەم موللا تاپقاقمۇ يا؟؟ دەپ ئويلاپ قالغان ھۇشۇر بۇۋاي بېشىنى لىڭشىتتى ، ئارقىدىن ئابلەت يەنە ھالسىز تىنى ئۈمىدسىز چىرايى بىلەن يىلىنىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى ،
---- ئابدۇلكا ! ئۈتۈنۈپ قالاي ماڭا ياردەم قىلىڭ ! پۇل دىسىڭىز قانچىلىك بولسا بىرەي ! مىنى قۇتقۇزۋېلىڭ !!
ئۇنىڭ يېشى كىيىملىرىنىڭ ئالدىنى ھۆل قىلۋەتتى ،
---- ئۇكام بۇ پۇلنىڭ ئىشى ئەمەس ، ساڭا دىسەم ئالۋاستنىڭ ئىشنى مەن ھەل قىلمەن ، بىراق سىنىڭ خۇن ھەققىڭ بارىكەن ، چۇقۇم تۇپراق بېشىغا چىقىپ قان قىلىپ روھنى تىنجىتمىقىڭ كىرەك ؟؟؟
ئابلەت بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە ئابدۇل جىنكەشنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلدى ، ھەم ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردى ، ئابدۇل جىنكەش ئەھۋاللارنى بىر قۇر ئاڭلىغاندىن كىيىن مەتنۇرنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلۈمىنى ئاڭلاپ چىرايىنى تېخىمۇ جىددي تۈسكە كىرگۈزدى ،
------ بۈگۈن كىچە سىز تاھارەت ئېلىپ جەينامازدا تەۋبە*** ئۇقۇڭ ، ! بەلكىم بۈگۈن يەنە ئۇ ئالۋاستى سىزنى بۇ يەرگىچە ئىزدەپ كىلىشى مۇمكىن ، ھە راس ! سىزدە خاسىيەتنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن نەرسىسى بارمۇ ؟؟
شۇئان ئابلەتنىڭ خىيالىغا ئەينى ۋاقىتتا خاسىيەت سوۋغا قىلغان ھازىرغىچە يېنىدىن ئايرىمىغان كىچىك قونچاق كەلدى ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىش تۈپەيلى ئۇ ۋىجدان ئازاپىدا خاسىيەتنى سېغىنىپ قالغاندا شۇ قونچاقنى ئېلىپ قاراپ خيالغا پېتىپ كەتتى …
ئاستا ئاستا تۈن پەردىسى ئەتراپقا يېيىلدى ، ئەتراپتىن ئىتلارنىڭ ئاندا ساندا قاۋىغان ئاۋازىدىن باشقا يېقىن جايدىن ھۇقۇشنىڭ شۇملۇق چىللاپ ھۇۋلىشى ئاڭلىنىپ قالاتتى ، ئابلەت ئاللىقاچان تاھارەت ئېلىپ جەينامازغا چىقىپ بولغانئىدى … ھۇشۇر بۇۋاي بىلەن ئابدۇل جىنكەش ھويلىغا چوڭ بىر جەيناماز سېلىپ ئۇستىگە قاپقارا بىر تەسۋىي ، ئابلەتنىڭ خاسىيەت سوۋغا قىلغان قونچىقى ، بىر تۇتام ئارغامچا …… قاتارلىق نەرسىلەر تۇراتتى ، ئابدۇل جىنكەش ئالدىغا كونا بىر كىتاپنى قۇيۋېلىپ ئۇقۇۋاتاتتى ، ھۇشۇر بۇۋاي ئۈن تۈنسىز ئابدۇل جىنكەشنىڭ ھەركەتلىرىگە قاراپ جىمجىت ئولتۇراتتى ،
مانا تۈن يېرىم بولدى ، ئابلەت تېخىچە جەينامازدا قۇلىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ يىغلاپ ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭ بۇ ھەركەتلىرىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بىر ۋىجدان ئازابىغا قالغانلىقىنى بىلۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى ، تۇيۇقسىز تىپتىنىچ ئۇچۇق ھاۋا ئۆزگىرىپ شامال چىقىپ كەتتى ، ئابدۇل جىنكەش بىر نەرسىنى سەزدى بولغاي ، ئابلەتكە ۋاقىردى : ---- ئېغىز گۇناھ قىلدەڭ ! تۆۋە قىل ! ئازغۇن بەندە ! ……… شۇتاپ ئابلەتنىڭ يۈرىكى ئېغىزىغا تىقىلىپ قالدى ، ئابدۇل جىنكەش ھۇشۇر بۇۋايغا پىچىرلىدى : ئۇ كەپتۇ ، بىراق ھەرگىز ھۇدۇقماڭ ! ئۆزىڭىزنى تۇتۋېلىپ جىم ئولتۇرۇڭ ! …
---- ھەي ! خاسىيەت چىقە ! سەن نىمىشقا تەقدىرگە تەن بەرمەيسەن ؟؟؟ نىمىشقا يەنە قىساس ئۈچۈن كىلىسەن ، نىمىشقا بىگۇناھ لارنى ئۆلتۈرىسەن ؟؟؟؟؟
دەل شۇچاغدا نەدىندۇر ئىككى كۆزى قانغا تولغان چىراي چىرىپ سېسېپ پۇراپ كەتكەن ئاق ئۇزۇن كۆڭلەكلىك ئابدۇل جىنكەشنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ ئولتۇردى ، ئابدۇل جىنكەشكە ئۇ بىر نىملەرنى دىيىشكە باشلىدى ، قاراپ تۇرغان ھۇشۇر بۇۋاي ، جەينامازدا كۆزىنى يۇمۇپ تۇرغان ئابلەتلەر بۇغۇق سۈرلۈك ئاۋازدا سۆزلەۋاتقان خاسىيەتنىڭ روھىدىن ئۆزگەن ئالۋاستىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمىدى …… خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئۇ ئالۋاستىنىڭ ئاچچىقى كەلدى بولغاي ، ناھايتى غەزەپلىك بىر ئاۋازدا ئېچىنىشلىق سەت ۋاقىراپ ئابلەتكە ئېتىلماقچى بولغانتى ، ئابدۇل جىنكەش ئورنىدىن تۇرۇپ ئاچچىقلاپ كەتتى ، ئاندىن چاققانلىق بىلەن يېندىن كىچىك پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇ ئالۋاستنىڭ چېچىنى كىسىۋېلىپ بىر كىتاپقا قىستۇرۇپ قويدى ، ئەمدىلەتتىن ئۇ ئالۋاستى جىمىپ قالدى ، ئاندىن ئاستا ئاستا غايىپ بولدى ……
كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا قاراپ ھۇشۇر بۇۋاي باياتىن بىرى بىھۇش بولغاندەك قىلاتتى ، ئەمدىلەتتىن ئالۋاستىنىڭ غايىپ بولغىننى كۆرۈپ جىنكەشتىن سوردى : ئۇنى قاچۇرۋەتتىڭىزغۇ ؟؟ ھە راس ئۇ بايا نىم دەيدۇ ؟؟؟
ئابدۇل جىنكەشنىڭ چىرايىدىن غەلبىنىڭ نۇرلىرى ئەكىس ئىتىۋاتاتتى ، ھۇشۇر بۇۋاي ھەممىنى چۈشەندى ، شۇڭا ئارتۇق سۇئال سورىمىدى ……
ئەتتىگەن ئابلەت جەينامازدا تېخىچە دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ ئولتۇراتتى ، كۈن چىقىشى بىلەن ئۇنى جىنكەش چاقىردى :
----- ھەي ، ئوغلۇم ئابلەتجان ، بىر نەرسە يەۋېلىڭ ! خوش خەۋەر ھەممە ئىشلار ئۈتۈپ كەتتى …
ئابلەت ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلرىنى ئاران يۆتكەپ ئابدۇل جىنكەش ھۇشۇر بۇۋايلار بىلەن ئەتتىگەنلىك ناشتىغا داخىل بولدى ، جىنكەشنىڭ ئالۋاستىنى ئەمدى كەلمەيدىغان ،ئاۋارە قىلمايدىغانلىقىنى ئاڭلدى بىراق ئۇنىڭ چىرايدىن ئازراقمۇ شادلىقنى كۆرگىلى بولمايتتى ، ئۇ ئېغىز ئاچتى :
---- رەھمەت سىزگە ئابدۇلكا ! ھۇشۇر بۇۋا سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت ، راست گەپنى قىلسام سىلەرگە قانداق جاۋاپ قايتۇرساممۇ يەنە ئۆزەمنى قەرىزدىن ئادا بولمىغاندەك ھېس قىلىمەن ، مەن كىچىچە ھەممىنى ئويلاپ كاللامدىن ئۆتكۈزۈپ بولدۇم ، مەن ھازىرلا خاسىيەتنىڭ يۇرتىغا ئۇنىڭ قەبرە بېشىغا چىقىپ تۆۋبە قىلمەن ……
ئابلەت شۇلارنى ئيتىپ يېنىدىكى پۇللاردىن كىرا قىلغۇدەك پۇل ئېلىپ قېلىپ قالغىننى ئابدۇل جىنكەش ،ھۇشۇر بۇۋايغا بەردى ،
ئابدۇل جىنكەش بىلەن ھۇشۇر بۇۋاي ئۇنىڭ ھەممىنى ئويلىنىپ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇتۇپمۇ قالمىدى ، ئابلەت مەكتەپكىمۇ قايتمىدى ، ئۇدۇللا خاسىيەتنىڭ يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتى ……
20 يىلدىن كىيىن ………
قەبرىستانلىقتا بىر ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن ياشىنىپ قالغان بىر ئادەم بىرقەبرىنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى ، ئۇ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەيتتى :
---- خاسىيەت قارىڭە ! بۈگۈن يەنە سىزنى يوقلاپ كەلدىم ، خاسىيەت مىنى كەچۈرۈڭ ، مەن قەستە قىلمىدىم ، ھۈ ھۈ ھۈ … … خاسىيەت ……
قەبرىستانلىقتا مانا بۇ قەبرە بېشىدا بۇ قەبرىنى ساقلاپ سۈپۈرۈپ كىلىۋاتقان ھەركۈنى« خاسىيەت مىنى كەچۈرۈڭ ! مەن قەستەن قىلمىدىمىم … ! » ئۇ مانا مۇشۇنداق بىر دەم يىغلاپ بىردەم كۈلۈپ يۈرگىنىگە 20 يىل بولدى ،ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئابلەت ئىكەنلىكىنى نىمىشقا بۇ يەردە تۇرىغانلىقىنى ھەتتا خاسىيەتنىڭ ئۆيدىكلىرىمۇ بىلمەيتتى ……
(تۈگىدى )
2016 - يىلى 24 - دىكابىر كورلا
616 قېتىم كۆرۈلدى | uygur017 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-1-10 4:05:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|