ھۆل قەغەز ساتقۇچى بالىلار
ئاپتۇرى :دانىيار غۇجىئەكبەر
-ئاكا،ئاكا ھۆل قەغەز ئىلىڭچۇ،ئاكا ھۆل قەغەز ئىلىپ قويۇڭچۇ ئاكا !!
-بولدى ئۇكام بىزگە كىرەك ئەمەس .
-ئاكا ئۇنداق قىلماي ئىلىپ قويۇڭچۇ ،ئۈچى ئون يۈەن ،ئىلىڭچۇ ئاكا !!
-تولا بىشىمنى ئاغرىتماي يوقىلىشە،بىزگە كىرەك ئەمەس ..
مەن دوستلىرىم بىلەن تاماق يەپ ئولتۇرغان بۇ تاماقخانىغا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ ھۆل قەغەز ساتقۇچى بالىلار كىرىپ كىلىشمەكتە ئىدى،ئۇلار ھەر بىر ئۈستەلگە بىرىپ باشقىلارغا يالۋۇرغان ھالدا ھۆل قەغەز ئىلىشنى ئۆتۈنىۋاتاتتى،لىكىن ھەر بىر ئۈستەلدىن باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ ،ئاشخانىدىكى ئۈستەللەرنى ئايلانماقتا،
شۇ تەرىقىدە ئۇلار بىز تاماق يەپ ئولتۇرغان ئۈستەلگىمۇ يىتىپ كىلىشتى .
-ئاكا ھۆل قەغەز ئىلىڭلارچۇ !!
مەن يىنىمدىن پۇلنى چىقىرىپ ئۇنىڭدىن قەغەز سىتىۋالدىم،شۇ ئەسنادا ئۇنىڭدىن بەزىبىر سوئاللارنى سورىغۇم كەلدى
-ئىنىم نەچچە ياشقا كىردىڭ .
-9ياشقا .
-مەكتەپتە ئوقۇمسەن،ئاتا ئاناڭچۇ نىمىش قىلىدۇ،نىمىشقا ھۆل قەغەز ساتىسەن؟ ئالدىمدا تۇرغان ھۆل قەغەز ساتقۇچى بالا بىلەن بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن لاسسىدە بولۇپ قالدىم،ئالدىمدا سەككىز توققۇز ياشلار چامىسىدىكى كىيىملىرى كىرلەشكەن،يۈز كۆزلىرى مەينەتلەشكەن سەبىي بىر بالا مىنىڭ ئاخىرقى سوئاللىرىمغا جاۋاپ بىرەلمەي مەڭدەپ تۇراتتى ، بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن بالا لىققىدە ياشقا تولغان قارا كۆزلىرىنى سۈرتىۋىتىپ گەپ باشلىدى .
-ئاكا مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگىچە مەندىن بۇنداق سوئاللارنى سورىغان تۇنجى كىشى سىز بولىسىز ئاكا ،ئاتا ئانام ھايات ،لىكىن ئۇلار مىنى مەكتەپكە بارغىلى قويمايدۇ،مىنى دائىم قەغەز سىتىپ پۇل تىپىشقا زورلايدۇ ،بەزىدە تەڭتۇشلرىمنىڭ چىرايلىق فورمىلىرىنى كىيىپ سومكىلىرىنى ئىسىپ مەكتەپكە كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرسەم،كۆڭلۈم بەك يىرىم بولىدۇ ،لىكىن ئامال يوق ،مەن يەنە قەغەز ساتمىسام بولمايدۇ،ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك چىقىپ كەتتى ، شۇ تاپتا دوسلىرىمنىڭ قىلۋاتقان پاراڭلىرىمۇ قۇلقىمغا كىرمىدى،مۇھىم ئىشىمنىڭ چىكىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئاشخانىدىن بالدۇرلا ئايرىلدىم ،كىتىپ بارىمەن قەدەملىرىم شۇنچىكى ئىغىر ،ئۇنىڭ بايىقى ھالىتى كۆز ئالدىمدا قايتا ئەكس ئەتمەكتە،خىياللار قاينىمى مىنى ئۆز قوينىغا ئالماقتا .
يىقىنىقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى چوڭ كىچىك تاماقخانىلاردا ،ساماۋەر خانىلاردا، كوچا كويلاردا بۇنداق بالىلارنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس ئىدى.مەيلى سىز قايسىلا تاماقخانىلارغا كىرمەڭ ئالدىڭىزدا 8- 9 ياشلىق ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك چىرايىدىن سەبىيلىك ۋە گۆدەكلىك چاقناپ تۇرىدىغان بالىلار قولىدا ھۆل قەغەزلەرنى كۆتۈرگىنىچە ئالدىمىزدا پەيدا بولىدۇ. پەقەت تېز تاماقخانىلاردىلا ئەمەس ئەگەردە سىز ماشىنىڭىزنى ھەيدەپ قىزىل چىراغلاردا توختىغىنىڭىزدا شۇ سانسىز ماشىنىلار ئارىسىدا يەنە شۇ بالىلارنىڭ ھۆل قەغەزلەرنى كۆتۈرۈشكىنىچە، باشقىلارنىڭ ھۆل قەغەز سېتىۋېلىشىنى ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ ئەھۋالنى قانداق چۈشەنسەك بولار، قوللايمىزمۇ ياكى قارشى تۇرىمىزمۇ؟ئەلۋەتتە كۆڭلى يۇمشاق ئاقكۆڭۈل سىز ۋە بىز، ئىچ ئاغرىتىپ بولسىمۇ ھۆل قەغەز سېتىۋالىمىز. بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ تۇرمۇشنىڭ ئىسسىقلىرىدا كۆيۈپ تاۋلانغىنى، سوغۇقلىرىدا توڭلاپ تۈۋۈلگىنى، ھاياتنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنگىنى ياخشى ئىش، ھازىرقى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ نەدىن قانداق كېلىدىغانلىقىنى ئاز تولا بولسىمۇ بىلگىنى ياخشى ئىش ئىدى. ئەمما ئىلىم پەن بىلەن قوراللىنىپ بىلىم ئېلىش تەكىتلىنىۋاتقان تەرەققىيات ئېقىن سۇدەك تېز بولۇۋاتقان مۇشۇ دەۋردە كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ۋەتەننىڭ ئارزۇسى بولغان شۇ سەبىيلەر ھۆل قەغەز سېتىپ دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا قانداقمۇ يىتىشسۇن. ئەلى قۇربان مۇئەللىمنىڭ شۇنداق بىر سۆزى بار، بىر ئادەمگە بېلىق بەرسىڭىز بىر كۈن جېنىنى باقالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭغا بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتسىڭىز.بىر ئۆمۈر جېنىنى جان ئېتەلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ قانچىسى مەجبۇرلىنىشلار بىلەن قەغەز سېتىۋاتىدۇ. يەنە قانچىسى ئۆزى خالاپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ بالىلارغا ئايان، ياشلار جەمىيەتتىكى مەسۇلىيىتىمىزنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ كەلگۈسىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. ئورتاق تەشەببۇسىمىز ،ئارزۇيىمىز شۇكى ئىلىمگە، بىلىمگە تەشنا قەلبلەر نادانلىق چۆللىرىدە چاڭقاپ قالمىسۇن، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدلىرى مائارىپسىز قالمىسۇن، چۈنكى مائارىپتىن ئايرىلغان ھەرقانداق بىر مىللەت چۆل باياۋانلاردا قاغا قۇزغۇنلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
273 قېتىم كۆرۈلدى | daniyar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-10 12:34:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-10-13 14:08:27 | man zibayds |
bu asarlani bak yahturdum kalamlirigla talmisun |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|