تۇتقۇنغا ئايلاندۇرغان سۆيگۈم(شاھ)


تۇتقۇنغا ئايلاندۇرغان سۆيگۈم

ئەبەيدۇللا مۆمىنشاھ

كۈلۈشتىن ئاۋۋال ،يىغلايدىغنىڭنى ئويلا.
-شاھ

           مانا ئاخىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئۇقۇتقۇچىلىرىم دائىم ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي<ئالى مەكتەپكە بارساڭلار ئويۇن دىگەن ئانداق جىق-ھەي!،مانداق جىق-ھەي! بۇ يەردە ئويۇنۇڭلار ئويۇن ئەمەس>دەپ ماختىشىدىغان ئالىى مەكتەپكىمۇ ئۆتتۈم.
بۇ2013-يىلى9-ئاي مەزگىلى ئىدى.مەن چامدىنمنى سۆرىگىنمچە دادام بىلەن يۇرتىمىزنىڭ بىلىم كانى بولغان ئەزىزانە قەشقەرگە جايلاشقان قەشقەر بىداگوكىكا ئنىستوتى دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلدىم.(ئەينى يىلى تىخى مەكتەپ نامى ئۆزگەرتىلمىگەن)دادام بىلەن ئككىمىز مەكتەپ ئىچىدىكى سىمىنۇت بىلەن قاتۇرۇلغان يولىدا بىر-بىرىمىزگە ياندىشىپ كىتىپ بارىمىز،مەن ناتۇنۇش نەرسىلەرگە قىزىقىدىغان ئادىتىم بويىچە چامدىنمنى سۆرىگىنمچە ئەتراپ نەزەر تاشلاپ ماڭدىم.
دەرۋازىدىن كىرىپ تۇنجى كۆرگىنىم قەد كۆتۈرۈپ يۇرغان ئون ئۈچ قەۋەتلىك بىنا،بىنا ئەتراپىدىكى راۋاق، گۈللكلەر،يىشىل چىمىلار ۋە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەكتەپ تەنتەربىيە سارىيى بولدى.مەن شۇ تەرىقىدە ئەتراپىمدىكى نەرسلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ كېتىۋاتمەن.دادام بولسا بۇ ناتۇنۇش جايدا بىرە تۇنۇشلار ئۇچراپ قالامدىكىن دىگەندەك ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە قاراپ كىتىۋاتىدۇ،بىز شۇنداق قىلىپ بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن تەلىيمىزگە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىر يىگىت دادامنىڭ ئىسمىنى توۋلىغىنىچە كىلىپ قالدى،<بۇ يىگىت ئىگىىز بويلۇق،چىچىنى ئارقىغا تارىۋالغان،بوغداي ئۆڭ،ئۇچىسىغا ئاق كانۋاي كۆينەك،ئاستىغا قار شىم ،پۇتىغا بەتنىگە كىيىپ قولىغا سائەت تاقىۋالغان چىرايىدىن قارىماققا يىگىرمە ئككى-يىگىرمە ئۈچ ياشلار ئەتراپىدىكى يىگىت ئىدى> دادام بىلەن ئككىمىز يىگتىنى كۆرۈپ قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتۇق.يىگىت ئالدىمىزغا كىلىپ توختاپ: 
_ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،مۆمىنجان مۇئەللىم، قانداق ئەھۋاللىلرى؟سالامەت تۇردىلىمۇ؟-دەپ ئەھۋال سورىدى،داداممۇ ياخشى تۇرغانلىقىنى ئىيتىپ يىگىتتىن ئەھۋال سوراپ:
_ئالىم،ئۇكام،سەنمۇ ياخشى تۇرغانسە؟ ئۇقۇشۇڭ ياخشىدۇ؟-دىدى يىگىتىمۇ ئۆزىنىڭ ياخىشى تۇرۇغانلىقى ئيتتى ئۇ ئككلەيلەن ئەھۋالىشىپ بولغاندىن كىيىن دادام ماڭا يىگىتىنى تۇنۇشتۇرۇپ <بۇ يىگىتىنڭ دوستىنڭ ئىنىسى يەنى تولۇقسزىدىكى ئوقۇغۇچىسى ئالىم ئىكەنلىكىنى>ئىيتىپ بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىينچىلىققا يولۇقسام ئىزدىسەم بولىدىغانلقىنى ئيتتى.بىز شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ بىردەم تۇرغاندىن كىيىن،ئالىمنڭ يول باشلىشى بىلەن مەكتەپكە تېزىملىتىش ئىشلىرنى چۈشكىچە تۈگىتىپ بىكار بولدۇق.چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا،چۈشلۈك تاماق يىمەكچى بولدۇق ۋە مەكتەپ ئىچىدىكى ئاشخاندىن تاماق يەپ مەكتەپ ئىچىنى بىردەم ئايلانغاندىن ئالىم بىلەن خوشلىشىپ بۇ شەھەردىكى تاغامنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدۇق ۋە كەچتە تاغامنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ شۇ يەردە قونۇپ،ئەتسى تاغام ۋە تاغامنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن خوشلىشىپ،يەنە مەكتەپ كەلدۇق،دادام مېنىڭ مەكتەپتىكى ئىشلىرىمنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرپ بولغاندىن كىيىن مەن بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى.مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئالى مەكتەپ ھاياتىم باشلاندى.
شۇ كۈنى كەچتە بىز بىركەسىپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپنىڭ يىڭى ئوقۇتۇشنىڭ بىناسىنىڭ تۆتىنچى قەۋىتىدىكى بىر سىنپقا توپلىنىپ ،مۇئەللىمنىڭ؟< مەكتەپ ئىچىدە نىمە ئىشلارنى قىلىش نىمە ئىشلارنى قىلماسلىق توغىرسىدا >ئاچقان يىغىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يەنە ياتقاققا قايتىپ كەلدۇق.ئەتىسىدىن باشلاپ ئون بەش كۈنلۈك ھەربىي مەشىق باشلىنىپ كەتتى.ھەممىمىز مەشقاۋۇلىرىمىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەربىي مەشىشق قلىدۇق،ھەربىي مەشىق بىر ئاز جاپالىق ئىدى بىراق بىز يەنىلا جاپا ئەمەس خۇشاللىق ھىس قىلاتتۇق.چۈنكى بۇ يەردە ئۆملۈك،ئىناقلىق،كۈيلىرى ياڭراپ تۇراتتى.شۇڭا بۇ ئون بەش كۈنلۈك ھەربىي مەشىقمۇ جاپا بىلىمنىدى،بىردەمدىلا توشۇپ كەتتى.بىز ھەربىي مەشقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرشىمىزغىلا يەنە بىر يىللىق تەييارلىق ئۆگىنىشى باشلىنىپ كەتتى،مەكتەپ يىڭى قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى بىر تۇتاش خەنزۇتىلى سەۋىيە سىنىاش ئىمتاھانى ئىلىپ خەنزۇتىلى ئاساسىمىزغا قاراپ سىنپلارغا بۆلدى.مېنىڭ خەنزۇتلى سەۋىيەم ياخشى بولسىمۇ ئىمتاھانغا قاتناشمىغانلىقىم ئۈچۈن دەسلەپكى ساۋات چىقىرىش سىنپىغا بلۆلۈنۈپ قالدىم.شۇڭا خەنزۇ تلى سەۋىيەم ياخشى بولغاچقا دائىم مۇئەللىم ئورۇنلاشتۇرغان سناقلارغا ياخشى تەييارلىق قىلماي،دەرىسلەردىن قىچىپ يۈرەتتىم.ھېلىمۇ ئىسىمدە ئېنىق تۇرۇپتۇ<تسىنپلارغا بۆلۈپ تۇنجى سىنپقا كىرگەن كۈ نۈ م ئىدى،سىنپقا بارلىق ساۋاقداشلىرىم كىرىپ ئولتۇرۇپ بوپتىكەن مەن ھەممىنىڭ ئارقىسىدا سىنپقا كىرگەنتىم،ھەممە ساۋاقداشلىرىم كىرشىمگىلا ماڭا قاراپ تۇرغاچقا مەن جىددىلىشىپ بىر ھازا تۇرۇپ قالغانتىم.ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالغانلىقمنى كۆرۈپ كۈلۈشۈپ كەتكەنىدى.مەن بەكلا خىجل بولغانىدىم >شۇ كۈنىدىكى ئىشنى ئويلىسام ھازىرمۇ خىجل بولىمەن،شۇڭا شۇ كۈنىدىن باشلاپ ھەر قانداق بىر كوللىكتىپ پائالىيەتكە باشقىلاردىن بۇرۇن بارىدىغان بولدۇم.شۇنداق قىلىپ بايا ئىيتىپ ئۆتكىنمدەك خەنزۇتلىى ئاساسىمنىڭ ياخشلىقىنى پەش قىلىپ سىناقلارغا تەييارلىق قىلماي دەرىسلەردىن قىچىپ يۇردۈم.مۇئەللىملىرىمۇ باشتا ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنداق قىلماسلىقىنى ياخشى ئۆگىنىشمنى ئىيتىپ ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى.بىراق مەن دائىم چاتاق چىقرىپ ئۇلارنى قاقشىتىپ يۈرگەچكە ئۇلارمۇ چىداپ بۇلالماي مەن بىلەن كارى بولماي مېىنى ئۆز مەيلىمگە قۇيۇۋەتتى.مەنمۇ ئۇلارنىڭ كارى بولمىغانلىقىغا خۇش بولۇپ بەڭۋالشىقىم،شوخلۇقۇمنى قىلىپ يۈرىۋەردىم.كۈنلەر ئايلارنى،ئايلارنى قوغلاپ ئاخىرى بۇ بىر يىللىق تەييارلىق ۋاقتىمۇ توشتى.مەنمۇ ئەپلەپ –سەپلەپ ئىمتاھانلاردىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ كەسىپكە چىقىۋالىدىم،<ئويلاپ باقسام ئۆزۈمگە تەمەننا قويۇپ يۇرۇپ ئۆگىنىش قىلمىغاچقا خەنزۇتىلى سەۋىيەم بۇرۇنقىدىن ئىلگىرلەش تۈگۈل چىكىنىپ كىتىپتۇ> بۇنى ئويلاپ كۆڭلۈم ئازراق يىرىم بولدى.بىراق يەنىلا ئىمتاھانلاردىن لاياقەتلىك ئۆتۈپ كەسىپكە چىقىۋالغىنمغا خۇش ئىدىم.شۇڭا <يىقىلغان چىلىشقا تويماپتۇ>دىگەندەك كەسىپكە چىقپمۇ يەنىلا تىرىشىپ ئۆگەنمەي كۆنگەن خۇيۇمنى تاشلىماي ئۇنىڭ –بۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىپ،قىزلارغا تەلەپ قويۇپ ئارلىشىپ،ئالداپ ،تاشلاپ ،چىرايلىقنىڭ كىينىدىن قوغلاپ،دەرسىلەردىن قىچىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ يۈردۈم.ئاخىرى كەسىپكە چىقىپ تۇنجى يىلىدىكى مەۋسۇممۇ توشۇپ قالدى .ئىمتاھانلارنى بىرىپ بولۇپ ھەممىز تەتىل قىلىپ ئۆيگە قايتتۇق.ئەمما ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ھاردۇق ئىلىپ ئويۇن تاماشا تۈگمەستە بۇ ئىككى ئايلىق تەتىل توشۇپ مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالدى.بىراق مىېنىڭ پەقەتلا مەكتەپ قايتقۇم كەلمەيۋاتاتتى<،ئەمما قايتماسلىققا ئامالىم يوق-دە كىم مېنى مەكتەپتە ئوقۇپ قالسۇن دەپىكەن .>شۇڭا ئامالسىز چامدىنمى سۆرەپ مەكتەپكە ماڭدىم.يەكەن بىلەن قەشقەرنىڭ ئارلىقى ئۈچ سائەتلىك يول ئىدى.شۇڭا ماشىنغا چىقپلا بىئارامچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىردەم ئۇخلىۋالماقچى بولدۇم.ماشىنا ئىچىدە لىرىك مۇھەببەت ناخشىسى چىقىۋاتاتتى.مەن ناخشىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىگە چور بولۇپ ئۇيقۇغا كەتتىم.ماشنىا بۈگۈن ئۇچتىمۇ قانداق قەشقەرگە بىردەمدىلا كىلىپ قاپتىمىز،مەن شۇ ئۇخلىغىنمچە قاتتىق ئۇخلاپ ئۆزۈمنىڭ قەشقەرگە كىلىپ قالغىنىمىزنىمۇ سەزمەپتىمەن.بىر چاغدا بىرسىنىڭ مۆرەمگە نوقۇشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ قارىسام شوپۇر ئۇستام،بىشمىدا ماڭا قاراپ تۇرىدۇ.ئۇ ماڭا قاراپ: 
_قەشقەرگە كەلدۇق،تىز بولۇڭ ماشىنىدىن چۈشۈڭ،مۇشۇنداقمۇ ئۇخلىغان بارمۇ؟-دەپ قۇيۇپ غۇدۇرغىنچە كىتىپ قالدى.مەنمۇ كۆزلىرىمنى ئۇۋلاپ ئىچىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم-دە،ماشىنىڭ چامدان قويىدىغان يىرىدىن چامدىنمنى ئىلىپ بىشىمنى ساڭگىلاتقىنمچە چامدىنمنى سۆرىگىنمچە مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.مەكتەپ بىلەن ئابتۇبۇس بىكىتنىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق ئەمەستى،شۇڭا بىردەمدىلا مەكتەپ ئالدقغا كىلىپ قالدىم.مەكتەپ دەرۋازىسىنى كۆرۈشۈم بىلەنلا ئۆيدە قوزغالغان بىئارامچىلىقم يەنە قوزغىلىشقا باشلىدى.شۇڭا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئاچچىقىم بىلەن كىردىم،ياتىقمغا كىرىپلا بىردەم بولسىمۇ بورۇقتۇرمىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى كارىۋاتقا تاشلاپلا بايقى ئۇيقۇمنىڭ ئايغىنى ئۇخلاشقا باشلىدىم.شۇ ئۇخلىغىنمچە ئەتىسى ئەتىگەندە ئورۇنۇمدىن تۇرۇپتىمەن. ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئۆزۈمنىڭ خىلى يەڭگىللەپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلىدىم.تۈنۈگۈنكى بىئارامچىلىقىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.شۇڭا ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە كىيىم-كىچىكىمنى كىيىپ يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ،سىنىپقا چىقتىم.بۇ يىڭى مەۋسۇمنىڭ باشلانغان بىرىنچى كۈنى ئىدى.بۇ مەۋسۇمنىڭ بىشى بولغاچقا مەنمۇ بىر ھەپتە ياخشى دەرىس ئاڭلىغان بولدۇم.ئەمما بىر ھەپتىدىن كىيىن يەنە كونا كىسلىم قوزغىلىشقا باشلىدى،شۇڭا<ئىت خۇيۇنى تاشلىماس>دەپ يەنە ئالاقانتلىق قىلىشنى باشلىدىم.شۇنداق شوخلۇق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە توساتتىن بىللە دەرىس ئاڭلايدىغان باشقا سىنىپتىكى بىر قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.شۇڭا كۆڭلىمدە ئۇ قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈش خىيالى توغۇلۇپ ،پات-پات دەرىس ۋاقىتىلىرى دەرستىن چۈشكەنلەردە قاراپ قۇيىدىغان بولدۇم،ئۇمۇ قاراشلىرىمدىن ماڭا قىزىقىپ قالدى بولغاي،ئۇ ماڭا قارايدىغان بولدى،ئۇنىڭ قارىغانلىقى مەن ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. بىراق شۇنچە قىزغا تەلەپ قۇيۇپ كۆنۈپكەتكەن مەن بۇ قىزغا ئىغىز ئاچالمايۋاتاتتىم.شۇڭا ئۆزۈمگە ئاچچىقىم كىلىۋاتاتتى،شۇڭا پۇرسەت كۈتۈشكە باشلىدىم.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دەرىس ئارلىقىدىكى دەرىس ئارلىقىدا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرسام ئۇ كىتابمنى سوراپ قالدى.مەن ئۇنڭغا قارىمايلا كىتابنى ئۇنڭغا سۇنوپلا سىنىپتن سىرتقا چىقىپ كەتتىم.بىردەمدىن كىيىن دەمئىلىش ۋاقتى توشۇپ سىنپقا كىرگىنمدە ئۇ كىتابمنى قايتۇرۇپ بەردى.مەنمۇ كىتابىمنى قولۇمغا ئىلىپلا دەرسىكە دىققەت قىلماي كىتاب ئوقۇشىنى باشلىدىم.بىراق يەنىلا خىيالىم ئۇنى قانداق قىلىپ قولغا كەلتۇرۇشتە ئىدى.بىراق پەقەت پۇرسەت بولمايۋاتاتتى.شۇڭا ئاخىرى ئامالسىزلىقتىن شۇ سىنىپتىكى دوستۇم ئارقلىق ئۇنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرنى سوراپ قوشۇپ ئۈندىداردا گەپ قلماقچى بولدۇم.تەلىيمگە ئۇنىڭ ئۈندىدارى دوستۇمدا بار ئىكەن.ماڭا ئيىتىپ بەردى.مەنمۇ ئۇنى قوشۇپ بىر ھەپتە ئۈندىداردا پارڭلىشىپ تۇرۇدم.بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنڭغا كۆرۈشۈش تەلپىنى قويدۇم ئۇ باشتا ئۇنمىدى بىراق مەن دەۋەرگەچكە ئاخىرى ماقۇل بولۇپ كۆرۈشتى.بىز كۆرۈشتۇق.بۇ شەنبە كۈنى ئىدى.ئۇ شۇ چاغدا ئۇچىسىغا قارا كۆينەك،قارا پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ چىچىنى ئارقىسىغا ئۆرۈپ بۇغۋالغان ئىدى.قاراشلىرىدىن ئوماقلىقى چىقىپ تۇراتتى.بىز كۆرشۈپ سالاملاشقاندىن كىيىن مەكتەپ كۈتۈپخانىسى ئالدىدىكى گۈللۈكلەر ئارسىغا ئورۇنتىلغان ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق.مەن گەپ باشلاپ:
_ئىسمىڭز نىمە؟
_رازىمەن 
ئىكەنلكىنى ئىيتىپ مەندىن سورىدى:
_سىزنىڭ ئىسمىڭزچۇ؟
_ئەسئەت
-دەپ جاۋاپ بەردىم.بىز شۇنداق قىزغىن خىلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق.ئاندىن كەچلىك تاماقىنى بىللە يىمەكچى بولدۇق ۋە كەچلىك تاماقنى بىللە يەپ كەچتە مەكتەپ ئىچىنى بىردەم ئايلىنىپ پاراڭلاشقاندىن كىيىن مەن ئۇنى ياتقىغا ئاپىرىپ قۇيۇپ قايتىپ كەلدىم.مانا شۇ كۈنىدىن باشلاپ بىز پات-پات كۆرۈشۈپ تاماقنى بىللە يەيدىغان بولدۇق.شۇنداق قىلىپ مەن ئاخىرى ئۇنى قولغا كەلتۇرگەن ئىدىم.شۇڭا مەن بەكلا خۇشال ئىدىم.ئەمدى پەقەت ئۇنى شىرىن شىكەر سۆزلىرىم بىلەن كۆڭلىنى ئىلىپ مەقسىتىمنى روياپقا چىقارساملا بولاتتى. بىراق ئۇنى قولغا كەلتۇرگىنىم بىلەن ئۇنى سىرتقا ئەپ چىقىش تەسكە چۈشىۋاتاتتى. شۇڭا يەنە بىشىم قىتىشقا باشلىدى.ئەنە شۇنداق بىشىم قىتىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆزىنىڭ سىرتقا چىقىپ ئايلانغۇسى بارلىقىنى ئىيتىپ قالدى.بۇ بىز يۈرۈپ ئككى ھەپتە بولغان ۋاقىت ئىدى.مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بىشىمدىكى غەم تۇمانلىرى تارقاپ قۇياش كۈلۈپ باققانداق قەۋەتلا خۇش بۇلۇپ كەتتىم.بىئارامچىلىقم يۇقاپلا كەتتى. چۈنكى بۈگۈن مەقسىتىم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشاتتى.شۇڭا مەن كەچتە ئۇنى قانداق قىلىپ تۇتۇپ قىلىش توغرىسىدا بىردەم ئويلانغاندىن كىيىن پىلانىمنى پۇشۇرۇپ كىيىم-كىچىكىمنى ئالماشتۇرۇپ ئۆزۈمنى بىر قۇر تۈزەشتۇرگەندىن كىين ياتاقتىن چىقتىم.ئاندىن مەكتەپ ئىچىدىكى پۇل ئىلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئىلىپ بولۇپ ئۇنىڭ ياتاق بىناسىغا قاراپ ماڭدىم.ئۇ مەكتىپىمىزنىڭ ئالتىنچى ياتاق بىناسىدا ياتاتتى.مەن ياتاق ئالدىغا كىلپلا ئۇنڭغا تىلىڧۇن ئالدىم.ئۇمۇ تەييار بولۇپ تۇرۇپتىكەن ھايال بولمايلا چۈشتى. مەن ئۇنى كۆرۈپ ھاڭۋىقىپلا تۇرۇپ قالدىم.چۈنكى ئۇ بۈگۈن باشقىچە گۈزەل بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ئادەتتە گىرىم قىلمايتى.شۇڭا شۇنداق سەبى ئوماق كۆرۈنەتتى.بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا گىرىم قىلمىغان ئىدى.بىراق كىيۋالغان كىيمى بەدىنىگە شۇنداق ماس كەلگەن بولۇپ يەلپۇنۇپ تۇرغان ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن ماسلىشىپ بۈگۈن بىلەكچە گۈزەل كۆ رۈنەتتى.توۋا !بۇرۇن ھەجەپ ئۇنىڭ بۇنچە گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماپتىكەنمەن.ئەمما ھىس قىلغىنمنىڭ نىمە پايدىسى ،چۈنكى ئۇنىڭ گۈزەل بولۇشى مەن ئۈچۈن بەرىبىر تۇرىسا ماڭا پەقەت ئۇنىڭ تىنى بولسىلا كۇپايەئىدى.ئۇنىڭ گۈزەللىكى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس ئىدى.مەن پەقەت ئۇنىڭ تىنىگە ئىرىشىپ ئۆزۈمنىڭ توڭگۈز كەبى قۇترىغان ھىسياتمنى قاندۇرساملا بولاتتى.بۇ كىچە مەقسىتىم ئەمەلگە ئاشسىلا ئۇنى تۇنۇمايتىم.شۇڭا كۆپ ئويلاپ تۇرماستىن دەرھال زىھنىمنى يىغىپ ئۇنىڭغا مىڭشنى ئيتتىم.بىز ماڭدۇق،ئۇنىڭ ياتىقى بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئارلىقى يىراق ئەمەس ئىدى.شۇڭلاشقا بىز بىردەمدىلا مەكتەپ ئالدىغا چىقتۇق.مانا بىز دەريا بويىدىكى پىيادىلەر بولىدا بىر-بىرىمىزگە يندىشىپ كىتىپ بارىمىز.مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئىچىش ئۇچۈن قىزىقارلىق سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى كۈلدۈرۋاتىمەن.بىراق نىمىشقىكىن ئىچىلىپ كۈلەلمەيۋاتاتتىم.ئۇنىڭغا ھەر قارىغىنمدا كۆڭلۈم شۇنچىلىك يىرىم بولۇپ كىتىۋاتاتتى<توۋا>دىدىم مەن ئىچىمدە،چۈنكى مەندەك نەچچە قىزنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىپ كۆز يىشىغا سەۋەپ بولغان ۋىجدانى ئۆتمە تۈشۈك بولۇپ يۈرىكى قارداپ كەتكەن بىرنىڭ كۆڭلىنىڭ يىرىم بولۇشى تولىمۇ كۈلكىلك ئىش ئىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ بۇقىلىقلىردىن بىمەنلىك ھىس قىلىۋاتاتتىم.بىراق كۆڭلىمنىڭ يىرىم بۇلۇۋاتقانلىقى راس ئىدى.بەلكىم ئۇنىڭدەك سەبى بىر قىزنىڭ بۇگۈن كىچە قۇلۇمدا نابۇت بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆز رەڭگىنى يۇقاتقان ۋىجدانىم تۇتۇپ ھىسداشلىق قىلىۋاتسام كىرەك. بىراق نىمىلا بولسۇن،ۋىجدانىم ئازاپلانسۇن ياكى ئازاپلانمىسۇن،تەنىلا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويسام بولمايتى.قولدىن بىرىپ قويسام ئەمدى بۇنداق پۇرسەتنىڭ كىلىشى تەس ئىدى.شۇڭا مەن كاللامنى سىلكىۋتىپ تىخىمۇ تاش يۈرەك بولۇپ كۆڭلىمنىڭ ئۇنىڭغا چۇشۇپ قىلىشدىن ساقلىنىشم بۈگۈنكى پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويماسلىقىم كىرەك.شۇنداق قىلىغان چىغىمدىلا ئاندىن مەقىستىمگە يتىەلەيمەن .مەن قايتىدىن پىلان تۈزۈشكە باشلىدىم.ئۇنىڭغا تىخىمۇ قىززىق سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈمگە تىخىمۇ مايىل قىلىدىم.بىز شۇنداق كۈلكە-چاقچان قىلىشىپ نۇرغۇن جايلارنى ئايلاندۇق،گەپ-سۆز،ئايلىنىش بىلەن بولۇپ كىتىپ ۋاقىتىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەپتىمىز.سائەتكە قارىسام كەچ سائەت ئون بوپتۇ.مەن ئۇنىڭغا سائەتنىڭ ئون بولغانلىقىنى ئيتتىم.ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ جىدىىيلىشىپ مەكتەپكە قايتىشنى سوراپ تۇرۋالدى.بىراق مەن ئانچە ئىرەنشىپ كەتمەي ھازىر مەكتەپكە قايتساقمۇ كىرگىلى قويمايدىغانلىقنى ئىيتىپ بۈگۈن سىرتتا قونۇپ قىلىشنى ئىيتتىم.ئەمەلىيەتتىمۇ سائەت ئوندىن كىيىن مەكتەپكە كىرگلى قويمايتى ھەم مىنىڭ كۈتكىنممۇ دەل مۇشۇ كۈن ئىدى. شۇڭا مەن مەكتەپكە قايتىشقا ئۇنماي تۇرۋالدىم.بىراق ئۇ سۆزۈمگە ئۇنماي جاھىللىق قىلىپ مەكتەپكە قايتىشتا چىڭ تۇرۇپلاۋالدى.شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا نىيتىمدىن يانماستىن ئۇنڭغا يالغان ۋەدىلەرنى بىرىپ مەكتەپكە قايتىپ كەتمەسلىكىنى سىرتتا قونۇپ قىلىشنى ئىيتىپ تۇرۋالدىم.بىز شۇنداق تاكاللىشىپ ئارىدىن بىر-ئككى سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.ئۇمۇ ئاخىر سۆزلىرىمگە،ۋەدىلىرىمگە ئالدىنىپ سىرتتا قونۇپ قىلىشقا ماقۇل بولدى.بىز شۇنداق تاكالىشىش ،ئايلىنىش بىلەن بولۇپ كىتىپ كەچلىك تاماقنى يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدۇق.بۇ چاغدا سائە ئاللا بۇرۇن ئون ئككى بولۇپ كەتكەنىدى.تاماق يەيلى دىسەكمۇ بۇ ۋاقىتتا ئاشخانىلار ئاللا بۇرۇن تاقىلىپ كىتەتتى.شۇڭا ئاچ قورساق ھالدا مىھمانخا ئىزدەپ ماڭدۇق.مەن ئۇنىڭغا قاراپ قۇياتتىم ھەر قارىغىنمدا ئۇنىڭ چىرايىدا قورقۇش تەشۋىلىنىش ئالامەتلىرى ئەكىس ئىتەتتى.مەن ئۇنىڭغا قارىغىنمچە<ھەي بىچارە،ئۆزۈڭنىڭ بۈگۈن بۇ قىسمەتكە دۇچار بولدىغنىڭنى بىلگەن بولساڭ بۈگۈن ھەرگىز چىقماس بولغۇيتۇڭ-ھە!>دىگىنمچە پىچىرلاپ قويدۇم.بىز شۇنداق جىمجىت مىڭىپ ئاخىرى مىھمانخانىغىمۇ كىلىپ قالدۇق.مەن ئۇن ىمىھمانخانا ئالدىدا تۇرۇپ تۇرۇشنى ئىيتىپ ياتاق ئىلىش ئۈچۈن مىھمانخاغا كىرىپ كەتتىم.ئۇ ماڭا ياتاقنتىن ئىككىنى ئىلىشنى ئىيتتى بىراق مەن مىھمانخانىدا بىرلا ياتاقنىڭ قالغانلىقنى باشقا ياتاقلارنىڭ توشۇپ كەتكەنلكىنى ئىيتىپ بىرلا كىشىلىك ياتاقتىن بىرنى ئالدىم. ئۇمۇ سۆزۈمگە ئىشىنىپ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى ۋە ئارقامدىن ئەگىشىپ مەن بىلەن ياتاققا ماڭدى.بىراق يەنىلا چىرايىدىن قورقۇش تەشۋىلىنىش ئالامەتلىرى ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.ياتاققىمۇ كىردۇق.مەن كىرىپلا ياتاق ئىچگە كۆز يۈگۈرتۈشكە باشلىدىم.<ياتاق ئاددىلا بىزەلگەن بولۇپ ئىشىكتىن كىرىشكە ئوڭ تەرەپتە ھاجەتخانا بىلەن مۇنچسى،سول تەرەپتە ئىچىملىك سۇ قۇيىدىغان تەكچە بىلەن كىيىم ئاسقۇچ،ياتاق ئوتتۇرىسىدا چوڭ كارىۋات،دىرىزە تەرەپتە تۆت دانە كىرىسىلو يەنە بىر دانە تىلىۋۇزۇر قاتارلىق نەرسىلەر قۇيۇلغان> بولۇپ كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.ياتاققا كىرىپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىين مەن جىمجتلىقتىنى بۇزۇپ ئۇنىڭغا قاراپ:
_سىز،كارىۋاتتا يېتىڭ،مەن كىرىسىلودا ياتاي،-دىدىم.
ئۇمۇ سۆزۈمگە ماقۇل بولدى.بىراق چىراقىنى ئۆچۈرۋەتمەسلىكنى ئىيتىپ تۇرۋالدى.مەنمۇ ئۇنى گۇمانلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن چىراقىنى ئۆچۈرمەسلىككە ماقۇل بولدۇم.ئۇمۇ خاتىرجەم بولۇپ بۈگۈن يول ماڭغاچقا،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچ قورساق ھارغىنلىق يەتتى بولغاي،ئۆزىگە كىلىدىغان خەتەرنى ئۇنتۇپ كىيمى بىلەنلا كارۋاتتا ئۇخلاپ قالدى.مەن بولسام كىرىسلودا يىتىپ ئۇنىڭ يەنىمۇ قاتتىق ئۇخلىشنى كۈتۈپ،ئۇيقۇم كىلىپ كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ كىتىپ بارسىمۇ كۆزلىرنىمنى ئۇۋلاپ ئىچىپ تۇرۇسقا قاراپ ياتتىم.ئارىدىن خىلى ۋاقىتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ يىنىڭ تىنىپ پۇشۇلداپ نەپەس ئىلىشلىرىدىن قاتتىق ئۇخلاپ قالغانلىقىنى پەملىدىمدە،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چىراقىنى ئۆچۈرۈپ ئىنىڭ يىنىغا كەلدىم.ئۇ يىنك تىنىپ ئۇخلاۋاتاتتى،ئۆزىنىڭ بىشىدا قارا ساينىڭ ئەگىپ يۈرگەنلىكىنى پەقەتلا سەزمىگەندى.مەنمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا تاشلاندىم.
ئۇ يۈز كۆزلىرىگە ئەسەبىيلەرچە سۆيۈشۈم ۋە پەدەنلىرىنى قالايمىقان سىيلاشلىرىمدىن ئويغنىپ كەتتى ۋە قارىشىلىق كۆرىستىشكە باشلىدى. بىراق ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرستىشلىرى بىكار ئىدى.
'چۈنكى ماڭا تەڭ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.ھەم مەنمۇ نىيتىمدىن يانمايتىم.ئۇ < مەن بىلەن تىرىكىشەتتى.يالۋۇراتاتتى،ئاللاھتىن قورقۇشىمنى ئىيتاتتى >ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى مىنىڭ ھىسىياتمنى توسۇپ قالالمايتتى.شۇڭا ئۇمۇ بىر ھازا تىرىكەشكەندىن كىيىن ئاستا-ئاستا قارشىلىشتىن توختاپ مىنىڭ رايىمغا باقتى.بەلكىم منىڭ نىيتمدىن يانمايدىغانلىقىمنى بىلگەن ياكى ئوتلۇق سۆيۈشلىرىم ۋە بەرگەن ۋەدىلىرىمدىن تەسىرلەندى بولغاي.شۇڭا مەنمۇ دەرھال پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنى سۆيگىنمچە كىيملىرنى سالدۇرۇشقا باشلىدىم........شۇنداق قىلىپ مەن ئاخىرى مەقسىتمگە يەتكەن ئىدىم.مەن ئىشنى تۈگۈتۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم .ئۇ<كارىۋات ئۈستىدە ئانىدىن تۇغما،كۆزلىرى ياشقا تولغان ،بىھۇش ھالاتتە ياتاتتى.مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا گەپ قىلماقچى بولدۇم.بىراق ئاغزىمدىن سۆز چىقمايۋاتاتتى.ھەم سۆز قىلىشقا ئاجىز ئىدىم.شۇڭا ئۇنى كارىۋا تتا يالغۇز قالدۇرۇپ كىيمنى كىيىپ كىرسلوغا يىنىپ كەلدىم.بۇ سائەت ئۈچ بولغان ۋاقىت ئىدى.مەن كىرىسلودا جىمجىت ياتقىنمچە تۇرۇسقا قاراپ خىيال سۈرەتتىم. بىراق خىيالىم ياتاق ئىچىدىن ھالىقىپ كىتەلمەيۋاتاتتى.قانچە قىلساممۇ بايىقى قىلغان گۇناھلىق ئىشىم ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرى ياشلىق كۆزلىرى خىيالىمدا،كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ،مىنى بىئارام قىلىۋاتاتتى.شۇڭا مەن شۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىق ۋە بىئارمچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم.قاچانلاردا ئۇخلاپ قالدىمكىن تاڭ،بىر چاغد كۆزۈمنى ئاچسام ئاللا قاچان تاڭ ئىتىپ بوپتۇ،مەن كۆزۈمنى ئىچىپلا ئۇنىڭغا قارىدىميۇ،ئۇنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ خىجىل بولغىنمدىن كۆزلىرىمنى يەنە قايتىدىن يۇمۇۋالدىم.چۈنكى ئۇ<كارىۋاتتا كۆزلىرى ياش ،تىزىنى قۇچاقلىغنچە ئاپئاق كىرلىك ئۈستىدە قىتىپ قالغان بىر قىزنىڭ غورۇرى ۋە بەختنىڭ بەلگىسى ۋە ئۆزىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قېىنىق قىزىل رەڭلىك قان دىغىا قارىغىنىچە ھاڭۋىقىپ ئولتۇراتتى .مەن ئۇنىڭ بىچارە ھالىتنى كۆرۈپ ئۆزۈمدىن قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتاتتىم.ئۆزۈمنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ قەدەر شەخسىيەتچى ،ياۋۇز بولۇپ كەتكەنلىكمنى ئويلايتىم ،توختىماستىن ئۆزۈمنى قارغايتىم.ئۆزۈمنىڭ ئۆز سۆيگىنىى مەشۇقىنى قوغداش ئۈچۈن جان پىدالىق كۆرسىتىدىغان شۇ تىلسىز ھايۋانلارچىلىك بولالمىغانلىقمدىن ئۆكۈنەتتىم.>بىراق بۇنداق ئويلغىنم بىكار ئىدى.چۈنكى مىنڭ بۇنداق ئىشنى قلىىشم بىرىنچى قىتىملىقى ئەمەس ئىدى. ھەر قىتىم ئىشنى تۈگەتكەندىن كىيىن ئۇلارغا يالغان ۋەدىلەرنى بىرىپ كۆڭلۈنى ئىلىۋالاتتىم.ئانچە ئازاپلىنىپ كەتمەيتتىم.بىراق بۈگۈن نمىشقىكىن كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بۇلۋاتاتتى.ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى.ۋىجدانىم مىنى سوراق قىلىۋاتاتتى.شۇڭلاشقا كىرىسلوغا مىخلىنىپ قالغاندەك كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم.بىراق بۇنداق ئولتۇرۇۋەرسەك بولمايتى.ياتاقتىن چىقىپ كىتىشىمىز كىرەك.ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاق قايتۇردىغان ۋاقىت بۇلاي دەپ قالغان ئىدى. شۇڭا كۆزلىرىمنى ئاستا ئاچتىم-دە،ئورنۇمدىن تۇرۇپ،پۇتلىرىمنى سۆرىگىنمچە ئۇنىڭ يىنىغا باردىم ۋە ئۇنى بىشىدىن تارتىپ مەيدەمگە باسقىنمچە:
_مىنى كەچۈرگىن،مەن ئەسكى،مەن ناچار،ئەسلى ئۇنداق قلماسلىقىم كىرەك ئىدى . بىراق سىنى ياخشى كۆرەگەچكە شۇنداق قىلىپ سالدىم،مىنى كەچۈرگىن بۇلامدۇ؟ مەن سېنى تاشلىۋەتمەيمەن.بىز توي قىلىپ مەڭگۈ بىرگە بولمىز،_دەپ يالۋۇرۇدۇم.بىراق سۆزلىرىم ئۇنىڭغا تەسر قىلغاندەك ئەمەس ئىدى.ئۇ يەنىلا شۇ بىر خىل ھالىتىدە تۇراتتى.شۇنداقتىمۇ مەن بوشاشماي داۋاملىق سۆزلەۋەردىم.شۇنداق قىلىپ گەپلىرىم تەسر قىلدى بولغاي.ئۇ ئاستا ئورۇندىن تۇرۇپ ئىشك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ئۇ بىر ئىغىزمۇ گەپ قلمايتى.ماڭا قاراپمۇ قويمايتى.بىراق مەن ئۇنىىڭ ياتاقتىن چىقىپ كىتش ئۈچۈن ماڭغىنىغا خۇش ئىدىم.شۇنداق قىلىپ بىز ياتاقتىىن چىقىپ ياتاقىنى قايتۇرۇپ ئەتتگەن سائەت ئونلار بىلەن مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق.مەكتەپكە كەلگەندىن كىينمۇ ئۇ ماڭا بىر ئىغىز گەپ قىلماستىن ياتقىغاقاراپ ماڭدى.مەن ئۇنىڭ ئىغىر قەدەملەر بىلەن ياتقىغا كىرىپ كىتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ قاپتىمەن،بىر چاغدا قارىسام ئۇ ئاللا بۇرۇن ياتقىغا كىرىپ كىتىپ بوپتۇ.شۇڭا مەنمۇ قاراپ تۇرۇۋەرمەي بىر خىل مەيۈس قىياپەتتە بىشمنى ساڭگىلاتقىنمچە ياتقىمغا قايتىپ كەلدىم.تاتىقمغا كىرىپلا كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلاپلا ئۇيقۇغا كەتتىم.ئاخشامقى ئۇيقۇسىزلىق ۋە كۆڭۈلسىز لىكلەر سەۋەبىدىن شۇ ئۇخلىغىنمچە چۈشلۈك تاماقنىمۇ يىمەي ئۇخلاپ كىتىپتىمەن بىر چاغدا ئويغنىپ قارىسام ئاللا بۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۇپ بوپتۇ.ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇمدە،سۇخانىغا چىقىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ سىرتقا ئۇششاق-چۈششەك نەرسە سىتىۋىلىش ئۈچۈن ماڭدىم.ئاچلىق ۋە ھارغىنلىق دەستىدىن بىشىم قىيپلا تۇراتتى.تۆتىنچى قەۋەتتىن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ بولغۇچە نەچچە يەردە يىقىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ ئاران چۇشتۈم.ۋە ئاستا قەدەم ئىلىپ ماگزىنغا ماڭدىم.ماگىزىن ياتاق بىنىاسىغا يىقنلا ئىدى.شۇڭا بىردەمدىلا باردىم.ماگىزىنغا كىرىپ ئىچملىك سۇ ۋە باشقا يىمەكلىكلەرنى ئىلىپ يىنىپ چىقتىم. بىشىم قىيىپلا تۇراتتى.شۇڭا ياتاققا كىرىمەي ياتاق بىناسى ئالدىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا قورسقىمنى توقلىدىم.قورسىقىم بەكلا ئىچىپ كەتكەچكە سىتىۋالغان نەرسىلىرىمنى بىردەمدىلا پەپ بولدۇم.شۇ چاغدىلا بەدىنىمگە كۈچ كىرگەندەك ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ياتىقىمغا قايتىپ كىردىم. ياتقىمغا كىرىپلا يەنە ئۆزۈمنى تاشلاپ ئوخلاشقا باشلىدىم.شۇ ئۇخلىغىنمچە ئەتسى ئەتتگەن تىلىڧۇنمىنڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ سايرىشدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كۆزۈمنى ئاچتىم.سائەتكە قارىسام سائەت يەتتە بوپتۇ.ياتاقدشلىرىممنىڭ ھەممىسى چىقىپ كتىپ بولغانكەن.شۇڭا مەنمۇ ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىيم –كىچىكمنى كىيىپ يۈز-كۈزۈمنى يۈيۈپ دەرىسكە كىچىپ قالماسلىق ئۈچۈن ناشتىمۇ قىلماستىن سىنىپقا ماڭدىم.سىنپتا ئولتۇرىمەن كاللام گاراڭلا،ئۆزۈم سىنىپتا بولغۇنۇم بىلەن كاللام باشقا جايلاردا پەرۋاز قىلماقتا.خىيالىم ئۇنڭدىلا ئۇنىڭ ھالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكنى بىلىشتىلا ئىدى.بىراق ئۇنى ئىزدىيەلمەيۋاتاتتىم.شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى.تۆتىنچى كۈنى بولغاندا ئۇ ماڭا تىلىڧۇن قىلىپ كۆرۈششنى ئىيتتى .بىز كۆرۈشتۇق.ئۇنى ئۈچ كۈن كۆرمىسەم ئۇ<جۈدەپ چىرايى سارغىيىپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانىدى.بۇرۇنقى سەبىيلىكى يۇقاپ قىرى مۇمايلارغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.> ئۇ مىنى كۆرۈپلا يىغلاپ تاشلىدى.ئۇيىغلاپ تۇرۇپ<مەندىن نىمىشقا ئۆزىنى ئىزدىمىگەنلىكنىڭ سەۋەبىنى سوراپ مەندى ئۆزىنى تاشلىۋەتمەسلىكنى ئيىتپ بىر سۆزلەپ كەتتى> مەنمۇ ئۇنىڭ ياش تۆكۈشلىرىگە چىدىماي يۈركۈمنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئازاپىلىنىپ ئۇنى باغرىمغا بىسىپ ياشلىرنى سۈرتۈپكىمچە تەسسەللى بەردىم.بىز شۇنداق ئازاپلىنىش.ياش تۆكۈشلەر بىلەن بىر ھازا تۇرغاندىن كىين ئۇمۇ سۆزلىرىمىدىن تەسىرلىنىپ ئاستا-ئاستا يىغىدىن توختاپ كۈلۈمسىرەشكە باشلىدى.مەنمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈلىدىم.مانا شۇن كۈنىدىن باشلاپ بىز يەنە داۋملىق يۈرۈشكە باشلىدۇق .بىراق مەن پەقەتلا ياخشى كۆرمەيتتىم.ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىلا مىنى ئۇنىڭغا باغلاپ قويغان ئىدى.شۇ ئىشلار يۈز بىرىپ ئارىدىن ئككى ھەپتە ئۆتكەن چاغ ئىدى.ياتىقىمدا ئۇخلاۋاتسام ئۇ تىلىڧۇن ئۆزىنىڭ مەكتەپ ئىلىم-پەن سارىينىڭ ئالدىدا ئىكەنكلىكىنى ئىيتىپ مىنى چىقىسىڭز دەپ قالدى.مەنمۇ چىققىم بولمىسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپ چىقتىم.ئۇ بىر دوستى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىكەن.بىز كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىين ئۇ ماڭا دوستىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ سابىرە ئىكەنلىكىنى ئيىتپ بەردى.سالمىرە<چىرايى قارامتۇل،يۇزى ئۇزۇنچاق،دائىملا چىچىنى ئارقىسدىن بۇغۇۋالىدىغان،يىگىرمەبىر-يىگىرمە ئككى ياش ئەتراپىدىكى ۋىجىك،ئوتتۇرا بويلۇق قىز ئىدى> بىز بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق،مەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ مەن بىلەن بىر ڧاكۇلتۇتتا ئىكەنلكىنى بىلىدىم.بىزئۈچىمىز كەچتە بىللە تاماق يىدۇق .تاماقتىن كىيىن ھەممىز كەچلىك مۇزاكىرىگە چىقىش ئۈچۈن ئۆز سىنىپلىرىمىزغا قايتتۇق.شۇنداق يۈرۈپ مەن ئۇنىڭغا بارا-بارا ئامراق بولۇپ قالدىم.ئۇنىڭ ئوماق قىلىقلىرى، سۆزلىرى ،ئانامغا ئوخشاش جاھىل مىجەزى ،دائىملا كۈلۈپ تۇرىدىغان بىر جۈپ قارا كۆزلىرى ،مىنى ئۇنىڭغا ئامراق قىلىۋىتىپ باراتتى.شۇڭا باشتا رەسمىيەتكە،ئۇنىڭ كۆڭلىنى يىغلىماسلىقىنى ئۇ ئارقىلىق كۆڭلۈمنى خۇش قىلىش ئۇچۈن ئىزدىگەن بولسام،ئەمدىلىكتە كۆرگۈم كىلىپ سىغىنىپ ياخشى كۆرۈپ ئىزدەيدىغان بولدۇم.شۇنداق قىلىپ گاھى خۇشال گاھى يىغا بىلەن ئويۇن تاماششا بىلەن بۇ مەۋسسۈممۇ توشۇپ قالدى. ھەممىز ئىمتاھانلارنى بىرىپ بولۇپ ئۆيگە قايتشىقا تەييارلىق قىلىدۇق.مەنمۇ تەييارلىقمنى پۇتتۇرۇپ قۇيۇپ ئۇنى پويىز ئىستانسىسىغا ئاپىرىپ ئۆيىگە يولغا سىلىۋىتىپلا مەكتەپكە كىلىپ چامدىنىمنى ئىلىپ ئۆيگە قايتىتىم.<ئۆي ھەقىقەتەن ياخشى-دە! ئۆزۈڭ بەگ،ئۆزۈڭ خان،سىناقلارغا تەييارلىق قىلىش يوق،مۇئەللىملەرنىڭ تاپا-تەنىسى يوق،ئاجايىپ ئىسىل دۇنيا سەن-دە!> كۈنلىرىم كۈندە ئۇخلاش ،ئويۇن تامششا بىلەن قىز كەلتۇرۇش ، دوستلىرىم بىلەن ئۇيان-بۇيان قاتراش بىلەن يۈرۈپ بۇ تەتىلىمۇ يىرىم بولۇپ قالدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا پات-پات تىلىڧۇن قىلىپ پاراڭلىشىپ تۇردۇم.شۇنداق قىلىپ تەتلىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى .تەتلىنىڭ ئاخىرلىشىغا ئاز قالغانسىرى ئۇنى كۆرگۈم كىلىپ چىدىمايدىغان،ئاۋازنى ئاڭلىغۇم كىلىدىغان،ئۇنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانىلىقنى بىلگۈم كىلدىغان بولۇپ قالىدىم.بۇرۇنلا كارىمۇ بولسىمۇ بۇنچىلىك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى.پەقەت ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىلا سەپ قۇياتتىم.ھازىر بولسا يۈرىكىم دەيدىغان ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قورقۇيدىغان بولۇپ قىلىۋاتاتتىم.شۇڭا دائىم ئاچچىقلىنىدىغان،ئۇنىڭدىن گۈمان قىلىدىغان ئۇنىڭ بىلەن تولا ئۇرشىدىغان بولۇپ قالىدىم.ئۇمۇ باشتا مىنى ياخشى كۆرگەچكە چىداپ بەرداشلىق بەردى بىراق مىنڭ بۇ ئىشلىرىم پەسلەش تۈگۈل ئەۋج ئىلىۋەرگەچكە مەن بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ماڭا يانىدىغان بولدى.بىز شۇنداق ئۇرۇش جىدەل قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى تەتىل توشۇپ قالدى. مەن تەتلىنىڭ توشقانلىقىغا خۇش بولۇپ مەكتەپكە ئككى كۈن بۇرۇن كىلىۋالىدىم.ئۇ ئككى كۈندىن كىيىن كىلەتتى.مەن ئۇنىڭ كىلىشنى كۈتۈپ ئنىتىزارلىق بىكەن ئىككى كۈننى ئاران توشقۇزۇپ ئۇنى كۈتىلىۋىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا پويىز بىكتىگە چىقتتىم. ئۇ بۈگۈن كۆزۈمگە شۇنداق ئىللىق،گۈزەل كۆرۈنۈپ كەتتى.ئەگەر ئەتراپىمدا ئادەم بولمىغان بولسا بۇ ھاياجىنمدا ئۇنى قۇچاقلىۋالغان بولاتتىم.<مانا بۈگۈن تۇنجى قىتىم سىغىنشنىڭ،ياخشى كۆرۈشنىڭ،مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكنى ھىس قىلىپ يەتتىم.ئەگەر بۇرۇن ھس قىلغان بولسام بەلكىم قىزلارنى ئازاپلىمىغان ئالدىمىغان بولاتتىم.مۇھەببەت نىمىدىگەن گۈزەل-سەن!> بىزپويىز بىكتىدە ئۇزاق تۇرماي مەكتەپكە قايتتىپ كەلدۇق.بىراق مەكتەپكە كىلىپلا بايىقى خۇشاللىقىلىرىم غايىپ بولدى.چۈنكى ئۇ مەكتەپكە كلىپ ئۆزىنىڭ پويىزدا ئۇزاق ئولتۇرۇپ چاچاپ قالغانلىقنى ئىيتىپ مىنىڭ بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى دىگىنمگە ئۇنماي ياتقىغا كىرىپ كەتتى.مەنمۇ ئامالسىزلىقتىن كۆڭلۈم يىرىم ھالدا ياتقىمغا يىنىپ كەلدىم. كەچتە بىز بىللە تاماق يىدۇق.شۇنداق تەتلىدىن كىلىپ بىر ھەپتە ياخشى ئۆتكەن بولدۇق.بىراق بىر ھەپتىدىن كىين يەنە جىدىلىمىز باشلىنىپ كەتتى.بۇنداق بۇلۇشغا مەن سەۋەپچى ئىدىم.چۈنكى مىنىڭ مىجەزىم ئىتىكلىشىپ دائىملا ئاچىقىلىنىدىغان،ئۇنى كۈنلەيدىغان بولۇپ قالغاندىم.شۇڭا ئۇ بۇ قلىقلىرىمغا مىنى ياخشى كۆرسىمىۇ بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئىدى.شۇڭا ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ ئىززەت ھورمىتىنى دەبسەندە قىلىش بەدىلىگە ساقلاپ تۇرۇۋاتقان بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كىچىپ مەندىن ئايرىلىشنى تاللىدى.بىراق مىنىڭ ئۇنىڭدىن پەقەتلا ئايرلىغۇم يوق ئىدى.مىنىڭ ئاشۇنداق قىلىشلىرىمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكم ئايرىلىپ قلىشتىن باشقىلارنىڭ ئالداپ كىتىشىدىن قورۇققانلىقىم ئۈچۈن ئىدى.بىراق ئۇ بۇ ئىشلىرىمىنى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىك،مىنى چەكلىگەنلىك،دەپ ھىس قىلىۋالغاندى .شۇڭا ئۆزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قايرىپ قۇيۇپ قەتئى ئايرىلىش نىيتىگە كەلگەنىدى.مىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىم،گەپ-سۆزلىرىم،ئىش ھەرىكەتلىرىم ئۇنىڭغا كار قىلمايۋاتاتتى.شۇنداقتىمۇ مەن ۋاز كەچمەستىن ،ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلىغانلىرىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن قىسقىسى ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ سوغوق مۇئامىلىرىگە پەرۋامۇ قىلماستىن غورۇرۇمنى قايرىىپ قۇيۇپ ئۇنى ئىزدەۋاتاتتىم.شۇنداق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۇنى ئىزدەپ ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا باردىم.چۈنكى ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنمايۋاتاتتى.شۇڭا ياتىنقىنىڭ ئالدىدا بارغانىدىم.تەلىيمگە ئۇمۇ ياتىقىنىڭ ئالدىغا بىرىپ تۇرۇشىمغا ناشتىدىن يىنىشكەن كىلىپ قالدى.مەن ئۇنىڭ مەندىن قىچىپ ياتقىغا كىرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ پارڭلىشىنى ئىييتىم.ئۇمۇ مۇشۇنى كۈتكەندەكلا گەپ قلىماي ماقۇل بولدى.مەن ئۇنى ئۇنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ يان تەرىپىدىكى بوش ئورۇنغا باشلاپ ئەپكىلىپ ئەمدى سۆ قىلاي دەپ بولغۇچە،ئۇ ياشلىرىنى تۆككۈنىچە سۆزلەپ كەتتى.شۇڭا مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ گەپ قلىماي جىم تۇردۇمۈ ئۇ سۆزلەپ مىنىڭ ئۆزىنى ھاقارەتلىگەنلىمنى،ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلكىمنى ۋە مىنىڭ ئۆزىنى ئازاپلىغانلىقىمنى ئىيتىپ بارغانسرى ئەدەپ مىنى ھاقارەتلەشكە باشلىدى.مەن ئۇنىڭ ھاقارەتلەشلىرىنى ئاڭلاپ پەقەتلا بەرداشلىق بىرەلمىدىم.شۇڭا ئۇنى ئۇرماقچى تىللىماقچى بولدۇم بىراق نىمىشقىكىن قوللىرىم ئىشلىمەس بولۇپ زۇۋانىم تۇتۇلۇپ قالغاندەك ئورۇنۇمدا تۇرۇپلا قىلىۋاتاتتىم.ئۇنى ئۇرۇشقا،تىللاشقا پەقەتلا چۈرئەت قىلالمايۋاتاتتىم.شۇڭا ئورۇنۇمدا قىتىپ قالغان بۇتتەك غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرنى،ۋارقىراشلىرنى ئاڭلاپ تۇردۇم.ئۇ توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.تۇيۇقىسىز كۆزلىرىمىدىن ياش قۇيۇلۇپ كەتتى.مەن ئۇنىڭ مىنى ھاقارەتلىشرىگە توختىماستىن ۋارقىراشلىرىغا چىدىمىغانىدىم .شۇڭا ۋۇجۇدىمدىكى بارلىق غەزەپ ئاچچىق كۆزۈمدىن ياش بولۇپ قۇيۇلغانىدى. ئۇمۇ يىشىمنىڭ چىققىنى كۆرۈپ چىدىيالمىدى.بولغاي سۆزىنى توختىتپ ياتقىغا يۈگۈرگەن پىتىى كىرىپ كەتتى. مانا شۇ قىتىملىق ئىشتىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئىمكانىيتى بولمىدى.ئۇ ئۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپلا تۇرۇۋاتاتتى.بىراق مەن يەنىلا غورورۇمنى قايرىپ قۇيۇپ ئۇنى ئىزدەۋاتاتتىم.چۈنكى بىر ئەركەك ئۈچۈن بىر قىزنىڭ ئالدىدا كۆز يىشى قىلىش تولىمۇ ئۇياتلىق ئىش ئىدى.مەن شۇ ئىشلارغىمۇ بوپتۇ-دەپ يەنىلا ئۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزەلمىەيۋاتاتتىم.بىراق ئاخىردا مىنىڭ تارتقان ئازاپلىرىم.خورلۇقىلىرىم بىكارغا كەتتى.چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئىزدەشلىرىمىگە ،ئازاپلىنىشلىرىمغا چىدىماي،كۆڭلى مەندىن سوۋۇپ كەتكەچكە،مىنى ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن باشقا بىرى بىلەن يۈرۋالدى.ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ماڭا بەكلا ھار كەلدى.چۈنكى مەن ھىچقانداق بىر قىزغا ئۇنىڭغا قىلغاندەك قىلىپ باقمىغان ئىدىم.شۇڭا مەن بۇ رىئاللىقنى پەقەتلا قۇبۇل قىلالمىدىم.شۇڭا بارغانسىسرى ئەسەبىليىشىپ ئۇ ئككىسىنى ئۆلتۈرۋىتشىنى نىيەت قىلىدىم.شۇنىڭ بىلەن پۇرسەت كۈتۈپ ئككىسنى كۆزتۈپلا يۈردۈم .شۇنداق پۇرسەت كۈتۈپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇئككىسنىڭ كەچلىك تاماق يەپ قايتىشىكەن ئالدىمغا ئۇچراپ قالدى.مەن ئۇ ئككىسنى ئۆلتۈرۈشنى نىيەت قىلغاندىن تارتىپ يىنمغا بىر پىچاق سىلىۋالغانتىم.پىچاقنى ئاستا يانجۇقىمدىن چىقىاردىم-دە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم .ئۇلار كۈلۈپ چاقچاقلىشپ مىڭىپ مىنىڭ ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ كىلىۋاتقانلىقمنى سەزمىدى.مىنىڭ كۈتكىنممۇ شۇ ئىدى.شۇڭامەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇلار نىڭ كىينىدىن ۋارقىرغىنمچە بىرىپ باشتا ھىلقى ئاداشنىڭ ئارقىسىدىن پىچاق ئۇرۇدۇم.ئۇ ۋايجان دىگىنىچە يەرگە يىقىلدى.ئاندىن ئۆرۈلۈپلا ئۇنى يەنى خىيانەتكار ئاشىقىمنى قۇچاقلىغىنمچە ئۇنىڭغا پىچاق ئۇرۇدۇم.ئۇ ماغدۇرسىزلىنىپ مىنىڭ قۇچىقىمغا يىقىلىدى.ئەتراپىمدىكلەر بۇ قانلىق پاجئەنى كۆرۈپ ئاللا قاياقلارغا غايىپ بۇلۇشقانىدى.مەن تىزلانغىنمچە ئۇنىڭغا قارىدىم.ئۇ قانغا مىلەنگەن ھالدا قۇچىقىمدا ياتاتتى.كۆزلىرىدە غەزەپ ئۇچقۇنى چاقنايتتى مەڭزىدە بولس ئككى دانە ياش تامچىسى يالتىراپ قالغانىدى.مەنمۇ ئۇنىڭ سۇۋۇشقا ئازا قالغان تىنى قۇچقالىغىنمچە كۆز يىشى قىلماقتا ئىدىم.ئەسلى مەن خۇشال بولۇشۇم كىرەك ئىدى بىراق ئۇنداق قىلالمىدىم.چۈنكى منىڭ شەخسىيەتچىلىكىم،ھەسەتخورلۇقۇم،چىدىماسىلىقىم سەۋەبىدىن گۇناھسىز ئككى جان كۆز ئالدىمدا جان تالىشىپ ياتماقتا ئىدى.مەن ئۇلارنىڭ جنىغا زامىن بولغانىدىم،يەنە كىلىپ ئۇلانىڭ بىرى مەن ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بەرگەن مىنى ياخشى كۆرگەن قىز ئىدى .شۇڭا مەن خۇشال بولالمايتىم. مەن شۇ تەرىقىدە ئۇنىڭ سوۋۇپ مۇردىغا ئايلانغان تىنى قۇچاقلاپ خىلى ئۇزۇنغىچە تۇردۇم.ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىن تاڭ بىر چاغ بولغاندا ساقچى ماشنىسىنىڭ غۇيۇڭىشتقان سىگىنال ئاۋازى ئاڭلاندى.بىراق مەن يەنىلا شۇ پىتى تۇردۇم.ساقچىلارنىڭ كىلىپ مىنى سۆرەپ ماڭغان چاغدىلا ئاندىن ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئۇنىڭ نۇرى ئۆچكەن چىرايىغا قاراپ ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈللىككە خوشالاشتىم.<خەير-خوش سۆيگىنىم رازىمەن،مىنى كەچۈرگىن،ئاللاھ ساڭا جەننەتنى نىسىپ ئەتسۇن-ئامىن!>دىگىنمچە ساقىچلار بىلەن قىلغان خاتا ئىشىم ئۈچۈن قانۇن ئالدىدا سوراققا تارتلىشقا ماڭدىم.

خاتىمە

 
پاكلىق دەرياسىدىن ئىچەتتىم شاراپ،


ۋىجدانىمنى بۇلغىمايتتىم چىرايغا قاراپ.


مەڭگۈگە سۆيەتتىم پەقەت بىر سىسنى،


دۇنيادىن مەۋقەسىسز بولساممۇ خاراپ.



مانا شۇنداق قىلىپ مىنىڭ سەككىز ئايلىق مۇھەببەت ھىكايەم.ئەنە شۇنداق تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلاشتى.مەنمۇ تۈرمىگە كىرگەندىن كىين قىلغانلىرىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ تۈرمىدىكى ئىپادەم ياخشى بولغاچقا جازا مۇددىتىم كىمەيتىلىپ تۈرمىگە كىرىپ ئالتە يىلىدىن كىيىن قۇيۇپ بىرىلىدىم.تۈرمىدىن چىقىپ بىرىنىچى قىلغان ئىشىم ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش بولدى.مەن ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنڭغا بۇنىڭدىن كىيىن ياخشى ئادەم بولۇشقا،ياخشىلىق قىلىپ ياشاشقا ۋەدە بەردىم.ئاخىردا قۇلۇمغا قەلەم ئىلىپ ئىشلرىمنى ھىكايە قىلىپ يىزپ چىقىتىم قاملاشمىغان تەرەپلىرى بولسا دوسىتلارنىڭ توغرا چۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرڭلارنى ئايمىغايسىلەر!

16-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنى
قەشقەردە يىزىلىدى





451 قېتىم كۆرۈلدى xah007 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-8-13 11:43:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ