قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون
ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)
2- بۆلۈم 7- قىسىم
www.yazghuqilar.com
موماي چېچىنى تاراپ بولۇپ كەينىگە ئۆرۈلدى ، ئۇنىڭ چىرايى خۇددى ئۈلۈكتەك ئاپپاق بولۇپ ، كۆزلىرىمۇ چىرايىدىن پەرقى يوق ئاپپاق ئىدى ، بۇرنى ئۇزۇن ، قۇلاقلىرىنىڭ گۆشى ساڭگاللاپ تۇراتتى ،ئۇ شۇ بەتبەشىرە ھالەتتە ئورۇق ، ئۇزۇن تىرناقلىق قوللىرىنى سوزۇپ دىلبەرگە قاراپ يېقىنلىدى ، دىلبەر بۇ چاغدا ئۆزىنى باسالماي قاتتىق چىقىرۋەتتى -دە ھوشسىزلىنىپ يىقالدى . چىقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىغان دىلبەرنىڭ ئانىسى يۈگۈرەپ كىلىپ ئۇنى چاقىرغاچ ئىشىكىنى قاقتى ،ھېچقانداق سادا يوق ، بولمىغاندا دادىسى ئىشىكنى بۇزدى ، ئۇلار ئۆيگە كىرگەندە دىلبەر سۇنايلىنىپ ياتاتتى .
دىلبەر ھوشىغا كىلىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ، دادىسى بىلەن ئانىسى قىزىنىڭ بۇنداق قاتتىق قورقۇپ كەتكىنىنىڭ ، يىغلىشىنىڭ سەۋەبىنى شۇنچىلىك سورىسىمۇ ، قىز ئۇلارنى چۆچۈتۈپ قويۇشنى خالىماي دىگىلى ئۇنمىدى .
ئەتىسى بىر كۈن دىلبەر روھى چىقىپ كەتكەندەك يۈرىدى ، گۈزەلنۇر قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭ بۇ ھالىدىن ئەجەپلىنىپ سوراپ تۇرۋالغاندىلا ئۇ بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى ، گۈزەلنۇر سىرلىق رايوندىن قايتىپ كىلىپ ئەمدىلا يۈرىگى جايىغا چۈشكەندە ، ئويلىمىغان يەردىن يەنە جىن ئالۋاستىلارنىڭ پەيدا بولغىنىنى ئاڭلاپ يۈرىگى «جىغ» قىلىپ قالدى ، ئۇ كاللىسىدا« سىرلىق رايون جىن - ئالۋاستىلار ئۇۋۇسى ، جىن - ئالۋاستىلار شۇنداق ئادەم ئايىغى يەتمەيدىغان جايلاردىلا بولىدۇ ، بۇنداق ئىنسانلارنىڭ ئارسىغا كىلەلمەيدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ئۇلارنى يوقاتتۇق ، ئەمدى ئۇ نەرسىلەر مەڭگۈ بىزگە ئۇچۇرمايدۇ ،» دەپ ئويلاۋاتقاندا يەنە ۋەھىمىنىڭ ئىز بېسىپ ئۈيىگىچە كەلگىنى ئۇنى ساراسىمگە سېلىپ قويدى .
- مەن قايتايمىكىن !- دىدى ئۇ تامغا قادىلىپ ئۈن - تىنسىز ياتقان دىلبەرگە قاراپ پەس ئاۋازدا ،- مەن كەلگىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەندىلا بىر ئۈلۈپ ، بىر تىرىلىپ يۈرۈگۈم ئىزىغا چۈشمەيلا سەن يەنە ئادەم قورقاتقىلى تۇردۇڭ ، مەن يەنە بۇنداق ئىشقا ئۇچۇرسام بەرداشلىق بىرەلمەيمەن ، چوقۇم ساراڭ بولۇپ قالىمەن ، سەنمۇ يەنە بىر قېتىم ئېغىر زەربىگە ئۇچۇراپسەن ، بۇنداق بولىۋەرسە بىز جىن - ئالۋاستىلارغا جېنىمىزنى سېلىپ بەرگۈدەكمىز !.
دىلبەر ئۇنىڭ قورقىمسىراپ دىگەن گەپلىرىنى جىمجىت ئاڭلاپ يەنىلا ئۈندىمىدى .
- مەن كەتسەم سەن يەنىلا يالغۇز قالغۇدەكسەن ، ئۇنىدىن كۆرە مەن بىلەنلا سەنمۇ بىزنىڭ ئۆيگە بارە بولمىسا ، بۇنداق ئىشلاردىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالايلى !
دىلبەر بۇ قېرىندىشىنىڭ كۆيۈنۈپ دىگەن گېپىدىن كۈلۈمسىرەپ قويدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سورىدى :
- سېنىڭچە بىز شەھەرگە بېرىۋالساق ئۇلاردىن قۇتىلارمىزمۇ ؟
گۈزەلنۇر بۇ سۇئالغا دەماللىققا بىر نەرسە دىيەلمىدى .
- مېنىڭچە قۇتىلارمىز!
دىلبەر ھالسىز ھالەتتە ئېغىز ئاچتى :
- بىز ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويدۇق ، شۇڭا ئۇلار بىز نەگە بارمايلى بىزنى چوقۇم تېپىۋالىدۇ ، ئۇلار بىزنى ئامان قويمايدىغان ئوخشايدۇ ،- ئۇ شۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ كۆزىگە مۆللىدە ياش ئالدى ، گۈزەلنۇرنىڭمۇ ئىچى ئاچچىق بولۇپ قالدى .
راس دىگەندەك ئەمدى بىر رىئال تۇرمىشىنى باشلاپ ، بۇنداق رىئاللىققا يات جىن - ئەرۋاھلاردىن قۇتۇلدۇق دەپ ئويلىغان بۇ قىزلارنى بۇ ئىشلار قاتتىق ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ ، كاللىسىنى بەكلا چارچاتقان ئىدى ، دەل شۇ چاغدا دىلبەرنىڭ تىلفۇنى سايرىدى ، دىلبەر تىلفۇن ئىكىرانىغا قاراپ تايىرنىڭ تىلفۇنى ئىكەنلىگىنى بىلدىدە تىلفۇننى ئالدى ، تايىر ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ بولۇپ ، كىچىنى قانداق ئۆتكۈزگىزنىنى سورىغاندا بۇ قەيسەر قىز ، ئۆزىمۇ بىلمەي يىغلاپ تاشلىدى ، تايىر قىزنىڭ يىغىسىدىن ھەممىنى چۈشەندى ھەم دوسىتلارنىڭ بىر يىغىلىشى كىرەكلىگىنى ، بۇنداق ئەھۋالغا ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇچۇرغانلىغىنى ، بۇنىڭغا بىر ئامال قىلىش كىرەكلىگىنى ئېيتىپ تىلفۇننى قويىۋەتتى .
- سەنمۇ قايىتما !- دىدى دىلبەر گۈزەلنۇرغا ،- سەن شەھەرگە بېرىپ مەن ئۇچۇرغان ئەھۋاللارغا ئۇچۇرساڭ دەردىڭنى باشقىلارغا دەپ بەرسەڭمۇ ئىشەنمەيدۇ ، بىز ھەممىمىز بۇ ئىشلارنى تەڭ بېشىمىزدىن ئۆتكۈزدۇق ، بىرلىكتە مەسىلھەتلىشىپ ، بىرلىكتە ئامالىنى قىلايلى ، بىزنىڭ شۇنداق قىلماقتىن باشقا ئامالىمىزمۇ يوق ، بىز بۇ بالا - قازالارنى ئۆزىمىزلا بىلىمىز ، بۇلارنىڭ راسىتلىغىغا ئۆزىمىلا ئىشىنىمىز ، بىزدىن باشقىلار بۇ ئىشلارنى ئاڭلىسىمۇ ئىشەنمەيدۇ ھەتتا بىزنى ساراڭغا چىقىرۋاتىدۇ ، شۇڭا تايىر دىگەندەك بىز بىر توپلىشىپ باقايلى ، ئۇلار نىمە قىسمەتلەرگە ئۇچۇردىكىن بىلىپ باقمامدۇق ، ئاندىن بۇ ئەھۋالغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز ئۇلارنىڭ چوقۇم بىرەر پىلانى باردۇ ، قالغىنىنى شۇ چاغدا دىيىشەيلى!
گۈزەلنۇر دىلبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئورۇنلۇق دەپ بىلدى ، ئۇ ،دىمىسىمۇ شەھەرگە قايتسا ، شەھەردە موشۇنداق قىسمەتلەرگە ئۇچۇرسا ، بۇنى كىمگە دەيدۇ؟ خەققە دىسە ساراڭ دەر ، ئاتا - ئانىسىغا دىسە داخانغا ئوقۇتۇپ سازايى قىلار ، بولدىلا قانداق كۈن كۆرسەم موشۇ تەقدىرداش دوسىتلىرىم بىلەن كۆرەي دەپ ئويلاپ دىلبەرنىڭ گېپىگە قوشۇلدى .
چۈش بولغاندا قىز - يىگىتلەر دىيىشىۋالغان يىرىگە يىغىلىشتى ، بۇ جاي سالقىن ، جىمجىت كىچىك بىر كۆل بويى ئىدى ، سەھرا بولغاچقا ھەممە ئادەم ئەتتىگەندىن ئالدىراش ئىشلەپ ، چۈش بولغاندا ئۇيقۇغا كەتكەچكە ، بۇ جايدا بۇ قىز - يىگىتلەردىن باشقا ئادەم يوق بولۇپ ، پەقەت جان ئىگىلىرىدىن تال شاخلىرى ئارسىدا ئىسسىققا چىدىماي چۇرقۇرۇشۇپ ئۇچىشۋاتقان قۇشقاچلار بىلەن ، غۇيۇلداپ كىلىپ پۇتىنى كۆل سۈيىگە چىلاپ ئويناۋاتقان قالغاچلارلا بار ئىدى .
ئۇلار بىر - بىرى بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن دەقىقە جىمىلىپ قېلىشتى ، ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىدىن ئىلگىركىدەك چاقچاق قىلىشپ ، بىر - بىرىنى گەپتە سوققىدەك جۇشقۇنلۇق كۆرۈنمەيتتى ، ھەممىسىنىڭلا ھالى سۇلغۇن بولۇپ بىر قاراشقىلا بىر كىچىدە كۆرگەن بۇ ۋەھىمىلىك ئىشلار ئۇلارنىڭ ئەس ھوشىنى يوقۇتۇپ، ساراسىمىگە ، ئەنسىزلىككە سېلىپ قويغان ئىدى .
- كىچە نىمە ئىشلار بولدى ؟ - تەڭلا دىلبەر بىلەن تايىر بىر - بىرسىدىن بۇ سۇئالنى سوراشتى ھەمدە ئىككىسىلا ئوڭايسىزلىنىپ بىر بىرىگە قاراپ كۈلۈپ قويۇشتى .باشقىلارمۇ بۇلارنىڭ ھالىتىگە قاراپ كۈلىشتى .
- قېنى سىز باشتا دەڭ ؟- دىدى دىلبەر ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ .
- سىز دەڭ ؟ - دىدى تايىرمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا .
- بولدى ، بولدى !- دىدى تۇرغۇن ئۇلارنىڭ تۈزۈتلىرىدىن ئىچى سىقىلىپ ، - قايسىڭلارلا دىسەڭلا بولىۋېرىدۇ ، بۇنداق تۈزۈت قىلىشقۇچە بىرىڭلار دىسەڭلارلا بولمىدىمۇ ، بىرسى سىلەرنى نەزىردە ئايەت ئوقۇشقا تەكلىپ قىلمىغاندىكىن ، قېنى قىزلار دەڭلارچۇ كىچىدىن نىمە ئىشلار بولدى ؟ غاچچىدە دىمىسەڭلار ئىچىم بەك سىقىلىپ كىتىۋاتىدۇ!
بالىلار ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق گېپىدىن كۈلۈشتى ، كەينىدىن دىلبەر كىچە كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى ، ئوغۇللارمۇ قىزلارغا ئۇچۇرغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەچ ئۇلارنىڭ موشۇنداق خەتەرنىڭ بارلىغىنى ئوقتۇرماقچى بولۇپ بىر كۈن تىلفۇن قىلىپمۇ ئالاقىلىشالمىغانلىغىنى ئەسكەرتىپمۇ ئۆتۈشتى ، ئۇلار بىر - بىرسىنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاشقاندىن كىيىن تېخىمۇ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈشتى .
- ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟- سورىدى گۈزەلنۇر تاقەتسىزلىنىپ .
- مېنىڭچە ئۇلار قېلىچلارنى دەپ كەپتۇ ، بىرىپلا قۇتىلايلىمىكىن ،- دىدى سەمەت .
- قېلىچلارنى بەرسەك ئۇلار بىزنى يەنە ئامان قويارمۇ ؟ چۈشۈمدە كۆرگەن بۇۋاينىڭ ئاگاھلاندۇرىشى ئادەتتىكى بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس جۇمۇ ! - دىدى تايىر سەمەتنىڭ پىكىرىگە قارىشى چىقىپ ،- ئەگەردە بىز قېلىچلارنى بەرسەك ئۇلار مەقسىتىگە يىتىپ سىرلىق رايوندىكىدەك چوڭ بالايى ئاپەتنى باشلىسىچۇ ، ئۇ چاغدا بىز نەچچىمىزلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانلار بىز ھازىر ئۇچۇراۋاتقان قورقۇنۇچلۇق ئىشلاردىن نەچچە ھەسسە دەھشەتلىك كۈنلەرگە قالىدۇ .
- قېنى ئۇ خەرىتە ؟- دىدى دىلبەر قىزىقىپ ، تايىر خەرىتىنى ئالدى ، قىزلار بۇ سىرلىق نەرسىگە بىر ھازا قارىغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ نىمىگە سىزىلغىنىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ ، سىقىمداپ، سىلاپ بېقىشتى .
- بۇ خەرىتە سىزىلغان نەرسە رەخىتكە ئوخشىمايدىغۇ ؟
دىلبەرمۇ گۈزەلنۇرنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىدى :
- راسىت ئوخشىمايدىكەن ، بۇنى تۇتسا خۇددى ئادەم بەدىنىنى تۇتقاندەك يۇمشاق ، سىلىق تۇيغۇ بىرىدىكەن .
چەتتە قاراپ تۇرغان ئىسكەندەرمۇ كىلىپ خەرىتىنى تۇتۇپ بېقىپ دىدى :
- ھەي بالىلار بۇ ئادەم تىرىسىمۇ نىمە؟
ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن چۆچۈپ كىتىشتى . ئۇ بالىلارغا چۈشەندۈردى .
- كىتاپلاردا ئوقۇشىمچە ئادەم تىرىسىگە ھۆسنىخەت يېزىش ، مۇھىم خەرىتلەرنى قالدۇرۇش قەدىمقى دەۋىردە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاركەن .
ئۇلار ھەممىسى خەرىتىنى بىر قۇردىن كۆزۈتۈپ ئۇنىڭ راسىتىنلا ئادەم تىرىسىگە سىزىلغىنىنى ھېس قىلىشتى .
- بولدى ، ھازىرچە بۇنى دىيىشمەيلى ، مۇھىم مەسىلە بۇ ئەھۋاللارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ، موشۇنى دىيىشەيلى ؟- دىدى تايىر گەپنى بۆلۈپ .
- مېنىڭچە ،- دىدى تۇرغۇن ،- ھەممىمىز قېلىچلارنى ئىشقا سېلىپ ئۆزىمىزنى قوغدايلى ، بۇرۇنمۇ سىرلىق رايوندا ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغانغۇ ، ئەمدى نىمە قورقىمىز!
- سېنىڭ دىگىنىڭچە بولسا ،بىز قېلىچلارنى يېنىمىزدىن ئارماي ئۇلارنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ ئۆزىمىزنى قوغداپ دەككە - دۈككىدىلا ئۆتەمدۇق ،سېنىڭ دىگىنىڭدەك قىلدۇقمۇ دەيلى قاچانغىچە شۇنداق قىلىپ كىتەلەيمىز !
- سىلەر ئوغۇللارغۇ شۇنداق قىلىپ ئۆزەڭلارنى قوغدارسىلەر ، بىز قىزلار قانداق قىلىمىز ؟- دەپ قارىشى چىقتى گۈزەلنۇر .
- سىلەر بىزدىن ئايرىلماڭلار بىز سىلەرنى قوغدايمىز !- دىدى تۇرغۇن كۈلۈپ چاقچاق قىلغاچ .
- بولدى چاقچاققا ئايلاندۇرمايلى !- دىدى
دىلبەر، ئۇ تايىرنىڭ بىر پىلاننى كۆڭلىگە پۈككىنىنى سىزىپ قالغان ئىدى :
- تايىر سىز دەڭە، سىزچە قانداق قىلساق بولار ؟
- مېنىڭچە ،- دىدى تايىر ،- بىز ھېلقى بۇۋاينى ئىزدەيلى ، ئۇ بىزنى بالا - قازادىن ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن ، تاقابىل تۇرۇش چارىسىنىمۇ بىلىدۇ دىگەن گەپ ، ئۇنى تاپساقلا قېلىچلارنىڭ سىرىنىمۇ ئاچالايمىز ئالدىمىزدىكى بالا - قازادىنمۇ ساقلىنالايمىز دىگەن گەپ .
- نىمە چۈشۈڭدىكى بۇۋاينى ئىزدەمدۇق ؟ قىززىق گەپ قىلدىڭغۇ ئاداش ، ئۇ بۇۋاي بار بۇۋايمۇ ، يوق بۇۋايمۇ ؟ چۆچەكلەردىكىدەك گەپ قىلمىچۇ ؟- تۇرغۇن تايىرنىڭ سۆزىگە كەسكىنلا قارشى چىقتى .
- سەن ئۇ بۇۋاينى يوق دەپ ئويلىساڭ ، بۇ خەرىتە نەدىن كىلىدۇ ، ئاداش مەنمۇ دەسلەپتە سەن ئويلىغاندەك ئۇنى بىر چۈش دەپ ئويلىغان ، كىيىن بولغان ئىشلار بىلەن باغلاشتۇرۇپ ئويلىسام ئۇ بىر چۈش ئەمەسكەن بەلكى بۇ بىر بىشارەتكەن .
- توختاڭلار … توختاڭلار !-دىدى ئىسكەندەربىرئىشنى چۈشەنگەندەك ئۇ ئىككىسىنى گەپتىن توختىتىپ ،- خەرىتىنى ئەكىلىڭلار مەن يەنە بىر كۆرەي !
بالىلار خەرىتىنى ئۇنىڭغا بەردى ،ئۇ خەرىتىگە ئىنچىكىلەپ قارىۋەتكەندىن كىيىن :
- توۋۋا … توۋۋا ما ئىشنى ،- دەۋەتتى ، باشقىلار ھەيرانلىقتا ئۇنىڭدىن سوراشتى :
- نىمە بولدى ؟
- ماۋۇ خەرىتىگە سىزلغان جايلار ،- دىدى ئۇ ھاياجانلىنىپ،- مەن چۈشۈمدە بېسىپ ئۆتكەن جايلار ئۆزى شۇكەن ، قاراڭلار مانا ماۋۇ سىرلىق رايوننىڭ جەنوبى ، مانا ماۋۇ بىر كىچىك يۇرت ، توۋۋا ماۋۇ ئېدىرلىق ، قۇملۇقلارمۇ شۇ ، ماۋۇ بەلگە ئۇرۇلغان جاي بولسا ئالۋاستىلار ماكانى شۇدەك تۇرىدۇ .
ئۇنىڭ بۇ چۈشەندۈرىشىدىن تايىر ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنىڭ توغىرلىغىغا ھۆكۈم قىلسا ، باشقىلار ھەيرانلىقتا قاراپ تۇرۇپلا قالدى .
- توۋۋا بۇ جاھاندا بۇنداقمۇ ئىشلار بولىدىكەن ھە ،- دىدى سەمەت ئۆزىنى باسالماي .
- نەچچە ۋاقىتتىن كۆرىۋاتقانلىرىڭمۇ ئىشەنگۈسىز ئىشلار ئىدىغۇ ، لېكىن ئۆز كۆزىڭ بىلەن كۆردىڭ !-دىدى ئىسكەندەر .
- بولىدۇ !- دىدى تۇرغۇن ،- سىلەر قان قېرىنداش دوسىتلىرىم سىلەرگە ئىشەنمەي كىمگە ئىشىنەي ، ئەمىسە قانداق قىلىدىغان بولدۇق؟
تايىر قارار چىقاردى :
- يەنە بىر تەۋەككۈل قىلايلى، بۇۋاينى ئىزدەپ تاپايلى ، مېنىڭچە ئۇ بۇۋاي شۇ يۇرتتا بولشى مۇمكىن !
گۈزەلنۇر ھەيران بولۇپ سورىدى:
- موشۇنداق بىپايان قۇملۇق ، چۆل - جەزىرىدە سىلەر دىگەندەك شۇنداق يۇرت باردىمۇ؟
- مېنىڭچە بار ، چۈشۈمدە كۆرگەن ئۇ بۇۋاينىڭ سىماسى شۇنداق ئۆزگىچە ، خۇددى قەدىمقى دەۋىردىكى ئادەمدەكلا ، شۇڭا بۇ يۇرت شۇ بۇۋاينىڭ يۇرتى شۇ دەپ كىسىپ ئېيتىمەن !
ھەممىسى تايىر ئىشەنگەن بۇ سىرلىق يۇرتقا يەنە بىر رەتتىن قاراپ قويۇشتى .
…
داۋامى بار…
1732 قېتىم كۆرۈلدى |
metro |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-2-26 4:56:48 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-3-26 17:11:57 |
تەبەسسۇم |
بەك قالتىسكەن داۋامىغا بەكلا قىززىقۋاتىمەن |
2017-3-26 17:11:57 |
تەبەسسۇم |
بەك قالتىسكەن داۋامىغا بەكلا قىززىقۋاتىمەن |
2017-3-1 3:13:58 |
ئايجامال |
ئاكا داۋاملىق تېرىشقىن سەن بىزنىڭ پەخرىمىز |
2017-2-28 0:54:25 |
nursimsn |
man bok yakturuo okuynan buasarni dawamimu tizrak yollansa
|
2017-2-26 19:03:55 |
ئايشەم ئوسمن |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قۇلۇڭىزغا دەرت كەلمسۇن ،ئەسەرلىرىڭىزنى ناھايتى ياختۇرۇپ ئۇقۇيمەن رەھمەت سىزگە ،مۇشۇنداق ياخشى مەزمۇننى بىزگە يەتكۇزۇپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت |
2017-2-26 18:26:05 |
گۈزەلنۇر |
بەك ياخشى يېزىپسىز ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئۇقىدىم ئاخىرىنى كۈتىۋاتىمەن👍👏👀 |
2017-2-26 5:57:17 |
دىلكەش |
ھىكايە قالتىس ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ ،، داۋامىغا ئىنتىزارمەن،،، قەلىمىڭىزگە كۆز تەگمىسۇن ئاكا ،، سىزنى قوللايمەن ،، يارايسىز |
ئىنكاس يېزىڭ