مەندىن رەنجىمە
بىلىمەن ، سەن بۈگۈن مەندىن رەنجىدىڭ . باشقا چوڭ ئىشمۇ يوق ئىدىغۇ ئارىمىزدا ، پەقەتلا كىچىككىنە ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى تېلفۇنىڭنى ئېتىۋەتتىڭ ، يەنە تېخى ئۈندىداردا خەت يازسام بىر پارچە ئۇچۇر بولسىمۇ يېزىپ قويمىدىڭ . بوپتۇ ، سەن بەك ئالدىراش، ھەتتا مۇشۇ كۈنلەردە يېقىن دوست - بۇرادەرلىرىڭ بىلەنمۇ كەمدىن -كەم كۆرىشىىدىغان بولۇپ كەتتىڭ. بۇنى توغرا چۈشىنىمەن ، بىراق سەن ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ سەنغۇ شۇ دوستلىرىڭ بىلەن كۆڭلۈڭنى ئېچىپ ، تېلفۇنىڭنى ئېتىۋېتىپلا مېنىڭ كوتۇلداشلىرىمدىن قۇتۇلدۇڭ . مەنچۇ؟ مەن يەنىلا سېنى ساق - سالامەت ئۆيىگە بارغانمىدۇ ؟ دەپ ئەندىشە بىلەن ، ئۆزۈمنى - ئۆزۈم ئەيىپلەپ ئولتۇرۇپتىمەن .
جېنىم ، دادامدىن قالسىلا مەن ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ، ئەڭ ئىشىنىدىغان ، مۇشۇنداق بىر چوڭ شەھەردىكى مېنىڭ ئەڭ يېقىن يۆلەنچۈكۈم ، سىردىشىم سەن ئىدىڭ ! سەن بۇنى ھېس قىلدىڭمىكىن تاڭ ، مەن بۇنى بىلىشكە ئاجىزمەن ! ئەمما سەن مېنىڭ سېنىلا ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلىسەن . خۇداغا شۈكرى ، سەندە مۇشۇنى ھېس قىلالىغۇدەك بولسىمۇ قەلىپ بار .
ئېسىڭدىمۇ ؟ بىز بۈگۈن ئۈندىداردا شۇنچىلىك كۆپ پاراڭلاشتۇق ھەم پاراڭلىرىمىز شۇنچىلىك تاتلىق . ھەتتا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان دوستۇممۇ ئوقۇپ كۈلۈپ كەتتى ھەم بىزگە مەستلىكى كېلىپ كەتتى. ھە ، راست ، تېلفۇنۇمدا بىزنىڭ ئون كۈنلۈك پاراڭلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بار ئىدى ، بايا سەن بىلەن قىيدىشىپ قالغاندا يۇيېۋەتتىم ، ئەمما يۇيىۋېتىپلا بەك پۇشايمان قىلدىم . نىمىشقا دەمسەن جېنىم ، چۈنكى سەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان شۇ دەملەردە ، سەن بىلەن پاراڭلىشىشنى كۆڭلۈم خالاپ تۇرسىمۇ ، يەنىلا سېنى ئاۋارە قىلىشتىن قورقىمەن ، (بۇ ھەرگىزمۇ سەندىن قورققانلىقىم سەۋەبىدىن ئەمەس ، سېنى چوڭ بىلگىنىم ، سېنى ھۆرمەت قىلغىنىمدىن بولدى . )شۇنداق چاغلاردا ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ئېچىپ ئوقۇپ، بەزىدە كۈلۈپ ، بەزىدە ئارقاڭدىن تىللاپ كېتىمەن ، چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا سەن مېنى بەك جىلە قىلىسەن . بىراق ئەتىگەن سەندىن شۇنچىلىك خۇش بولدۇم . نىمىشقا دەمسەن ؟ چۈنكى مېنىڭ ئىنتايىن ئوڭلۇق ، كۆيۈمچان بىر يۆلەنچۈكۈم بار ئەمەسمۇ ؟
شۇ تاپتا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتىمەن. چۈنكى سەنلا بولساڭ مەن خاتا يولغا ، ئويۇن - تاماشىغا بېرىلمەي، پەقەت ئۆگىنىشىمنىلا قىلىپ ئۆتەلەيدىكەنمەن. بىلەمسەن جېنىم ، شۇ تاپتا سېنىڭ تېلفۇن قىلىپ « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جانىم ، نىمىش قىلۋاتىسەن ؟ ئۇيقۇڭنى ئېچىۋەتتىممۇ ؟ بايامقى ئىشتىن خاپا بولما » دېيىشىڭنى شۇنداق ئارزۇ قىلاتتىم، تولىمۇ ئەپسۇس جېنىم ، سەن شۇ تاپتا يا دوستلىرىڭ بىلەن ، يا بولمىسا ئاللىقاچان ئۇيقۇ سەپىرىگە ئاتلىنىپ بولدۇڭ ! بىراق ، مەن يەنىلا سېنى ساقلايمەن ، چۈنكى سېنىڭ كۆڭلۈڭنىڭمۇ جايىدا ئەمەسلىكىنى بىلىمەن .
سەن ئۇخلىمىدىڭ ! جېنىم ، بەلكىم بەزىدە ساڭا تولا تېلفۇن قىلىپ ، تولا خەت يېزىپ ئىچىڭنى سىقىۋەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن ، چۈشەنسەڭ بۇ ھەرگىزمۇ سېنى باشقۇرغانلىقىم ئەمەس، بەلكى سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن، سەندىن ئەنسىرگەنلىكىمدىن . شۇڭا مېنىڭ ئىلگىرى سېنى چىڭ تۇتقىنىم ۋە كۆزۈڭگە كىرۋالغىنىمنى كەچۈرگىن. مەن ئەمدى چۈشەندىم، ھەممە نەرسىنىڭ تەبىئىي بولغىنى ياخشىكەن. ھازىردىن باشلاپ سەن ئەركىن بىر قۇش ، نىمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل! ئەمما ئېسىڭدە بولسۇنكى ، خاتا يولغا مېڭىپ قالما ، نىيىتى يامان كىشلەر بىلەن ئارلىشىپ قالمىغىن! مېنىڭ سېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ، سەندىن ئەنسىرەپلا ئۆتىدىغىنىمنى ئۇنۇتمىغىن !
1414 قېتىم كۆرۈلدى | kuyaxim | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-3-18 0:52:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-3-19 18:31:32 | نىگار |
مىنىڭ ئىچىمدىكىنىلا يېزىپسىز ئىككىمىزنىڭ ھېسياتى ئوخشاشكەن |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|