مەن ۋە ئۇ 1-قسىم
مۇھەببەت ھەرگىز قەدىمكى كىشىلەردە بۇلىدىغان ۋەياكى شاھزادە-مەلىكىلەردە بۇلىدىغان سۆيۈش ئەمەس مۇھەببەت دىگەننى ئەڭ ئاددى كىشىلەرمۇ يارىتالايدۇ، پەقەت سەن سۆيگەن ئادەم ئۈچۈن ھەممە كىشىدىن ۋازكىچىپ شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىڭنى ئاتىساڭ سەنمۇ ئەڭ ياخشى مۇھەببەت ھىكايىسىنى يارىتالايسەن، سۆزلىمەكچى بولغان ھىكايەم ھەقىقى بولغان ۋەقە تەپسىلاتىغا قىززىق سىڭىز ئازراق ۋاقتڭلارنى چىقىرىپ ئوقۇپ قويۇڭلا…
مەن غەمسىز شۇنچىلىك غەمسىز ياشاۋاتقان چاغلاردا، ھاياتىمدا ئۇنى ئۇچراتتىم، ئەزەلدىن مەندە قىزلارنى ياخشى كۆرۈش ھېسياتى بولۇپ باقمىغان ئىدى، پەقەت بىر ئىككى قىزبىلەن مۇنداقلا ئارلىشىپ قويغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا قىزلارنى ئانچە چۈشەنمەيتتىم، مەندە پەقەت سەبى بىر يۈرەكلا بارئىدى، بۇ يۈركۈمنى ئىلگىرى ھېچقانداق بىرقىزغا ئاتاپ باقمىغان ئىدىم، بىراق ئۇنى تۇنجى كۆرۈپلا باشقىچىلا ئادەم بولۇپ قالدىم، ئاستا-ئاستا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتىم، گەرچە ھەركۈنى ئۇنى كۆرۈپ تۇرساممۇ ئۇ كۆز ئالدىمدا ماڭا قاراپ تۇرسىمۇ ، ئۇنى قېشىمدىن بەك يىراقتا سىزەتتىم، بىلەتتىم مەن ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن، ماسكەلمىگەندىمۇ ئازراقمۇ ماس كەلمەيتتىم، بىراق مەندە پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈن سوقۇدىغان يۈرەكلا بارئىدى، كۈندىن كۈنگە ئاشىقلىق مىنى قىيناپ ھېچ ھالىمنى قويماي ۋاتاتتى، ئۇنىڭغا نەچچە قىتىم نەچچە ئونقېتىم، نەچچە يۈزقېتىم سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمدەپ يېزىپ بولۇپ يوللىيالماي يازغان خېتىمنى ئۆچۈرۋېتەتتىم، ھەرقېتىم ئۇ دىققەت قىلمىغاندا ئۇنىڭ چىرايىغا ئوغۇرلىقچە قاراپ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپ پىچىرلايتتىم، بىراق ئۇ قارىشى ھامان كۆزۈمنى ئىتتىك ئۇنىڭ كۆزىدىن ئېلىپ قاچاتتىم، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەشلىرى، كۈلۈشلىرى يېقىملىق ئاۋازلىرى يۈرۈكۈمنىڭ ئەڭ چوڭ قۇر قاتلام لىرىغا مەڭگۈ ئۆچمەس بولۇپ سىڭىپ كىتىۋاتاتتى، يۈرۈكۈم كۈندىن كۈنگە مۇجۇلۇپ مىنى قىيناپ باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتاتتى، ئۆز-ئۆزەمگە ساڭا نىمە بولدى سەن ئۇنىڭ خىلى ئەمەس ئەڭ ياخشىسى توختاپ قال ئۇ مەڭگۈ سىنىڭ ئەمەس، دەيتتىم بىراق يۈرۈكۈم بارا-بارا ئۇنىڭ بولۇپ كەتتى، بەزىدە بۇ ھالىتىمغا قاراپ كۈلگۈم كەلسە بەزىدە قاتتىق يىغا تۇتاتتى ماڭا زادى نىمە بولدى، مەن نىمىش قىلىۋاتىمەن، مەن كىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ئاخىرى يوق چىگىش خىياللار مىنى بەك خىيالچان قىلىپ قويىۋاتاتتى، نەچچە قېتىم ئۆزۈمگە سەن، ئەركەك ھەممە گەپنى دىيىشىڭ كېرەك، دەپ باقاتتىم لىكىن پېتىنالمايتتىم، چۈنكى ئۇنىڭ مىنى رەت قېلىۋىتىشىدىن بەكلا-بەكلا قورقاتتىم، شۇنداق قىلىپ ھاياتىم بىرخىل رېتىم ئىچىدە ئۇنۇڭغا باغلىنىپ ئۆتۈۋاتاتتى، ئوغۇرلۇقچە ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆيىنى كۆرۈۋېلىشلىرىم، نەدە بولاي پەقەت ئۇنى سېغىنىشىم، بۇ مىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئەڭ ساددا ئەڭ پاك مۇھەببەتلىرىم ئىدى، سىزنى سۆيىمەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ سۆزلەرنى پەقەت پىچىرلاپ تۇرۇپ دىيەلەيتتىم، مەن ھەقىقەت جۈرئەت سىز لىكىن پەقەت ئۇنىڭغا سادىق بىريۈركۈم بار…كۈنلەرنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆتۈشلىرى بىلەن، ئۇنىڭ مىنى ئازراقمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان لىقىنى يۈرۈكۈم تۇيۇپ قېلىۋاتاتتى، بىراق ئاجىز يۈركۈمنى ئالداپ ئۇنىڭ ئاددى قاراشلىرىدىن ئۈمۈتلىنىپ يۈرەرتتىم، بىراق كۈندىن كۈنگە ئۇنىڭ سوغۇق تىگىشلىرى،قوپال مۇئامىلىرى، مىنى قاتتىق ئازاپلايتتى،ئۇنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلار دىكىدەك ماڭا ئىللىق قاراشلىرىنى كۈيۈنىشلىرىنى، قىزغىنلىقىنى ئىزدەيتتىم، بىراق ئۇ ھېچئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا ئىدى، مەن نىمىنى خاتا قىلدىم؟ گۇناھىم زادى نىمە؟ ئۆزۈمنى تىزگىن لىيەلمەي مىنى ئازراقمۇ، ياخشى كۆرمەيدىغان بىرقىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتاتتىم، ھەركۈنى ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بارمىدۇ، ياكى ئارلىشىۋاتقان ئادىمى بارمىدۇ، دىگەندەك ئاخىرى يوق خىياللارغا غەرىق بولاتتىم، شۇنداق ئۇنى مەن بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىنى قىلىمەن، بىراق ئۇ ھازىر مىنىڭ مەۋجۇت ئىكەن لىكىمنى ئۇنتۇپ، قېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
يۈرۈكۈم ئاغرىدى، ئاغرىغاندىمۇ سېلىش تىن توختىغاندەك ئاغرىپ كەتتى، نىمىنى خاتا قىلدىم، ئۇ ماڭا كۈندىن كۈنگە سوغۇق ناھايىتى سوغۇق تىگىدىغان بولۇپ كەتتى، پەقەت ئۇنىڭ رەسىملىردىكى سۈرەتلىرگە، كۈلۈم سىرەپ تۇرۇشلىرىغا، قاراشلا ھازىر مىنىڭ كۈندىلىك ئىشىمغا ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى،ھەرقېتىم ئۇنۇڭغا قاراپ تۇراپ ئىچىمدە، بەلكىم سىنى باشقىلارمۇ ياخشى كۆرەر، بەلكىم ساڭا باشقىلارمۇ كۆيەر، بەلكىم سىنى كۆپ ئوغۇللار قوغلىشار، لىكىن شۇنداق بىركۈنلەر كېلىپ، سەن كەينىڭگە قارىغاندا ئىزچىل سەن دىن ئايرىلمىغان كىشى مەن، نىمىشقا دەمسەن ماڭا سىنىڭ چىرايىڭ كېرەك ئەمەس، ماڭا سىنىڭ بايلىقىڭ كېرەك ئەمەس، ماڭا سىنىڭ ياشلىقىڭ كېرەك ئەمەس،ماڭا پەقەت بىرسەن كېرەك،ئۆتمىشىڭ قانداقلا بولسۇن مەن سىنى سۆيدۈم،مەيلى نىمىشلا بولۇپكەتسۇن ھەممىگە چىدىدىم، چۈنكى سىنى چىندىلىمدىن ياخشى كۆرىمەتتىم، ماڭا سىنىڭ پەقەت كۈلۈم سىرەشلىرىڭ خوشاللىقىڭ، خاتىرجەم لىكىڭلا كېرەك، مەيلى سەن ئىشەن ياكى ئىشەنمە، بىرئۆمۈر سىنى سۆيىمەن، مەيلى ماڭا قاتتىق تەگكىن، مەن بەك قەيسەر مەن ھەممىگە چىدىيالايمە، مەيلى سەن ماڭا پەرۋا قىلما، مەن بەك غەيرەتلىك ئۆزۈمگە تەسەللى تاپالايمە، مەيلى سەن مىنىڭ مەۋجۇت لىقىمنى ئۇنتۇپ قال مەن سەۋىرچان سىنى سۆيىۋېرىمەن،مەن ھەممىگە بەرداشلىق بېرەلەيمەن، دەپ بۇ سۆزلەرنى يۈرۈكىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىدىن، پىچىرلاپ تۇرۇپ ئېيتاتتىم، بىلىمەن ماڭا ئازراقمۇ كۆڭلۈڭ يوق بىراق، مەن سىنى مەڭگۈ سۆيىمەن، مەيلى بۇرۇن سىنى كىم ئ‍الداپ كىم يىغلاتقان بولسۇن، شۇنداق ۋەدە بېرەيكى سەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن، شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئايلار ئۆتتى، ئاخىر بىركۈنى مەن غەيرەتكە كېلىپ، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم، ئۇ …




219 قېتىم كۆرۈلدى RifoYin ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-8 2:31:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ