خاتىرە ۋە رىئاللىق 1 - قىسىم ھىكايە

خاتىرە ۋە رىئاللىق

 

- قىسىم ھىكايە

 (كەترەن)

 

 1.خاتىرە

 

 كۆزۈمنى مىڭ تەستە ئاچتىم. بېشىم توختىماي قىيىۋاتاتتى. بويۇنلىرىممۇ قەتئى ھەرىكەتلەنمىدى. مەن ئامالسىز كۆز قارچۇقۇمنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئەتراپىمدىكى كۆرەلىگۈدەك يەرگە بىرمۇ بىر قاراپ چىقتىم. ئىنىقكى، بۇ دوختۇرخانىنىڭ كېسەل ئۆيى ئىدى.

ــــ توۋا، مەن بۇ يەردە نىمىش قىلىمەن؟

ھېچ يەردىن سادا كەلمىدى.

ـــ بوپتۇلا، ئۆزۈم ئويلىنىپ باقاي...

مەن ئەسلەشكە تىرىشقان شۇ زامان بېشىم مىڭلىغان ھەرە بىر ۋاقىتتا نەشتىرىنى سانجىغاندەك زىڭىلداپ ئاغرىشقا باشلىدى. مەن ئاغرىققا چىدىماي بېشىمنى قاماللىغان پىتى ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. بۇ ۋاقىتتا بەدىنىمدىكى بارلىق بوغۇملار تېلىپ ئاغرىپ كەتتى. قارىماققا مەن بۇ يەردە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ياتقاندەك قىلاتتىم. تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ ئاق خالات كەيگەن پاينەك باش بىرى كىرىپ كەلدى:

 ــــ ئاخىرى ھوشىڭىزغا كەپسىزدە؟

مەن يىنىك باش لىڭشىتقاچ بۇ سېمىز ھەم پاكار دوختۇرنىڭ تەقى تۇرقىغا ئېچىمدە مەسخىرلىك كۈلىۋالدىم.

 ـــ بېشىڭىز ھىلىمۇ ئاغرىۋاتامدۇ؟؟

 مەن شۇ چاغدىلا ئۈستەلگە قويۇلغان ئەينەكتىن بېشىمنىڭ تېڭىقلىق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. دوختۇر جاۋابىمنى كۈتمەيلا ئالدىراش سۆزلەشكە باشلىدى:

 ـــ سىز ھوشسىز ياتقىلى بىر ھەپتە بولدى، سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا قاراپ تىخى سىزنى بۇنداق تىز ئەسلىگە كىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن....

 ـــ سەنچە بولسا يەنە نەچچە كۈن ياتسام بولىدىكەندە دېدىم (ئېچىمدە) .

ـــ سىز تىخى ئەمدى ھوشىڭىزغا كەلدىڭىز، ئامال بار كۆپ ھەرىكەت قىلماڭ...يەنە بىر ئىش، ئۆيىڭىزدىكىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى دەرھال بىزگە ئېيتىپ بېرىڭ...

دوختۇرنىڭ بۇ گېپىدىن كىيىن كاللامدىن خاتىرەمنى ئاغدۇرۇشقا باشلىدىم... لىكىن يەنە بايىقىغا ئوخشاش مەن كۆزۈمنى ئېچىشتىن بۇرۇنقى ھېچقانداق بىر ئىشنى ئەسلىيەممىدىم.. ئەكىسىچە بېشىم يەنە زىڭىلداپ ئاغرىشقا باشلىدى. دوختۇر چىراي ئىپادەمدىن بىرنىمىنى سەزگەندەك دەرھال نىمە ئىش بولغانلىقنى سورىدى.

ــــ دوختۇر.. مەن ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن!!!

دوختۇرنىڭ چىرايى دەرھال سۈرلۈك تۈسكە كىردى ھەم مىنى كارىۋاتتا يىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ ئالدىراش چىقىپ كەتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كىيىن دوختۇر قاپىقى چۈشكەن ھالدا كىرىپ كەلدى. قولىدا بىرنەچچە ۋاراق قەغەز تۇراتتى.

 ـــ قانداق ئىش دوختۇر؟؟ ئالدىراپ سورىدىم.

دوختۇر ئېغىر كىچىك تىنىۋىتىپ تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلىدى:

 ــــ سىزنى ئالدىنقى قىتىمدا ئۈسكۈنە ئارقىلىق تەكشۈرگەندە مېڭىڭىزدە كىچىككىنە قان ئۇيۇپ قالغانلىقنى بايقىغانىدۇق، لىكىن ۋاقتىنچە مېڭىڭىزدىكى ئۇ كىچىك يارىنىڭ قانداق ئەكىس تەسىرى بولدىغانلىقنى بىلمىگەنىدۇق. بايا سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز توغۇرلۇق مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پىكىرلەشكەندىن كىيىن دەسلەپكى قەدەمدە ۋاقىتلىق خاتىرىسىنى يوقىتىش كېسىلى، دەپ دىئاگنوز قويدۇق.

 ـــ خاتىرىسىنى يوقىتىش؟؟

ـــ شۇنداق.. خاتىرىسىنى يوقىتىش. باش قىسمىڭىز يارلانغاندا قالغان كىسەللىك ئاسارىتى. سىز ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىيەلمەسلىكىڭىز مۇشۇ كىسەللىك سەۋەبىدىن ...

 مەن ئالاقىزادىلىك بىلەن سورىدىم:

 ـــ ئۇنداقتا مەن ئەسلىمگە كىلەلەيمەنمۇ؟؟

دوختۇر نەچچە سىكۇنت ئويلانغاندىن كىيىن:

 ـــ بۇنى بىرنىمە دىمەك تەس، بەلكىم تىزلا ئەسلىڭىزگە كىلەلىشىڭىز مۇمكىن، مەڭگۈ كىلەلمەسلىكىڭىزمۇ مۇمكىن...

 ـــ ئاھ خۇدا!!

 ئىككى قولۇم بىلەن بېشىمنى چىڭ قاماللىدىم.

ـــ ئۇنداقتا مەن كىم؟؟ مىنىڭ ئائىلەمدىكىلەرچۇ؟؟ مەن بۇيەرگە قانداق كىلىپ قالدىم؟؟

دوختۇر قولىدىكى بىر ۋاراق قەغەزگە قاراپ:

 ـــ سىز بۇنىڭدىن دەل بىر ھەپتە بۇرۇن بۇ يەرگە ئېلىپ كىلىنىپسىز، يارىڭىزدىن قارىغاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندەك قىلىسىز، لىكىن سىز ھوشسىز ياتقان مەزگىلدە بىز سىز توغۇرلۇق ھېچقانداق ئۇچۇر ئىگلىيەلمىدۇق.شۇڭا ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭىز بىلەنمۇ ئالاقىلىشالمىدۇق.....

 مەن دوختۇرنىڭ قولىدىكى قەغەزنى ئىلىپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتۈم.

 ــــ ھەراست... سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدىن قارىغاندا سىز دوختۇرخانىدىن چىقسىڭىز تامامەن بولىدۇ..لىكىن.. ـــ لىكىن نىمە؟؟؟

بېشىمنى كۆتۈرۈپ دوختۇرغا قارىدىم.

ـــ سىز ھەپتىدىن بۇيان ھوشسىز ياتقاچقا بىز ئامالسىز ھۆكۈمەت مەخسۇس ئاجىز ئورۇق يىتىم يېسىرلارغا ئاجراتقان ئالاھىدە ياتاققا ئورۇنلاشتۇرغانىدۇق... ھازىر ئەسلىڭىزگە كەلدىڭىز ..شۇڭا....

مەن پاينەكنىڭ بۇ گېپىدىن يېرىلغۇدەك بولدۇم دە دەرھال بېشىمدىكى يارىنى كۆرسەتتىم:

-مەن يارىدار، ئاجىز ھېسابلىنامدىمەن يوق؟

 دوختۇر يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىگىنىمدىن سەل چۆچۈگەندەك قىلاتتى:

 ــ شۇنداق. ئاجىز ھېسابلىنىسىز.

مەن مايكامنى كۆكرىكىمگىچە قايرىدىم:

ــ مەن سېمىزمىكەنمەن ئورۇقمىكەنكەن؟

 دوختۇر:

ــ ئورۇق.

ـــ ئۇنداقتا مەن ئاجىز ئورۇق بولماي نىمىكەنمەن؟؟؟

دوختۇر بۇ ئالىجۇقا لوگىكامدىن رىئاكسىيە يىدىمۇ نىمە تاڭ قولىنى شىلتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر سېستىرا كىرىپ ئورنۇمنى يىغىپ رەتلىگەچ مىنى دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرىدى..

 ـــ مانا دۇنيا... پۇلۇڭ بولمىسا كىشىلەر ساڭا كۈلۈمسىرەپمۇ قويمايدۇ... دوختۇرخانا ئالدىدىكى تاش ئورۇنداقتا ئولتۇرۇپ ئاسمانغا نەزەر سالدىم. ئاسمان شۇنچىلىك كۆك، قۇشلار ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. كاللامدا مىڭلارچە خىيال ئەگىۋاتاتتى، گەرچە ھېچنىمنى ئەسلىيەلمىسەممۇ لىكىن تەسەۋۋرۇم ناھايىتى ساغلام ئىدى.مەن سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىشقا باشلىدىم .. مەن بۇيەردە ياتقىلى بىرھەپتە بوپتۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئاتا ئانام ياكى دوست بۇرادەرلىرىم ئىز دېرىكىمنى قىلىپ ئىزدەپ كەلسە بولاتتى، مەن ئەجىبا بىر يىتىممۇ؟؟ ئۇنداقتا بىرەر تونىشۇممۇ بولمىسا مەن زادى قەيەدىن كەلگەن؟ نىمىش قىلىدىغان ئادەم؟؟ مەن بۇ چىگىش سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى نەدىن ئىزدەشنى بىلەلمەي ئۈمۈدسىزلىنىپ تۇرغاندا بىرەيلەن بالىسىنى يۈدۈپ ئالدىراش دوختۇرخانىغا كىرىپ كەتتى. كۆڭلۈم پاللىدە يورىدى: ـــ توغرا، مىنى دوختۇرخانىغا ئەكەلگەن كىشى ....

 

 2. مەن نىمىشقا ئۆلىۋالماقچى بولىمەن؟

 

 پاينەك دوختۇر مىنى كۆرۈپ ئەرۋاھى ئۆرلىگەندەك قىلاتتى.مەن ئۇنىڭ ئەرۋاھى بىلەن ھېسابلاشماي سۇئالىمنى سوراۋەردىم:

ـــ دوختۇر.. سىز مىنى بىر ھەپتە بۇرۇن ئەكىلىنگەن دېدىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ كۈنى مىنى دوختۇرخانىغا زادى كىم ئىلىپ كەلگەن؟؟

 ـــ ئادەتتە ئۇ ئىشلار دوختۇر بىلەن مۇناسىۋەتسىز.. كېسەلنىڭ كىرىپ چىقىش ئەھۋالىنى مەخسۇس خاتىرلەيدىغان ئادەم بار، پەستىكى ئېشىك بىقىنىدىكى كۆزنەكتىكى خادىمنى ئىزدەڭ...

 مەن كۆزنەك ئالدىغا كىلىپ ئەھۋالنى بايان قىلدىم. مەسئۇل كىشى خاتىرىنى تەپسىلى ۋاراقلىغاندىن كىيىن بىر بەتنى ئېچىپ ئۇزاق كۆز يۈگۈرتتى ھەم ماڭا غەلىتە نەزەر بىلەن تىكىلىپ قارىدى.

 ـــ نىمىش بولدى؟؟؟

ئۇ ھېچنىمنى ئاڭقىرالمايۋاتقان ماڭا قاراپ كىچىك بىر تىندى:

 ـــ سىز راستنلا خاتىرىڭىزنى يوقاتتىڭىزما؟

 ــ شۇنداق .. راست دىدىم كەسكىن ھالدا.

ـــ ئۇنداقتا سىزگە ھەقىقى ئەھۋالنى دەپ بەرمىسەم بولمىغۇدەك... بىز ئادەتتە بىمارنى دوختۇرغا ئەكەلگەن ئادەمنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى ھەم ئىسمىنى چوقۇم خاتىرلىۋالمىز، ھەم بىمارنىڭ ئۆيدىكىلىرى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇن شۇ كىشىنى بىمارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى تاپشۇردىغان بىردىنبىر كىشى دەپ بىلىمىز. ئۇنداق قىلمىغاندا ھېچقانداق ھامىيىسى يوق بىمارلار پەيدا بولۇپ قىلىپ نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇ كۈنى دوختۇرخانىغا كىرگەن بىمارلار دىگەندەك كۆپ بولمىغاچقا سىز ئىلىپ كىلىنگەندە يۈز بەرگەن ئىشلار ئىنىق ئېسىمدە.. مەيلى راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن، ھازىر ئېسىڭىزنى يوقىتىپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە دىمىسەم پەقەت بولمايدۇ..

 مەن جىددىيلەشكەنچە ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىۋاتاتتىم.

ــــ شۇ كۇنى، سىز جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ كىتىلگەندىن كىيىن مەن ئۇنىڭ دەرھال ئىشىك تەرەپكە ماڭغانلىقنى كۆرۈپ ئۇنى توسىۋالدىم .. ئۇ قارىماققا بەكلا ھودۇقۇپ كەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭغا ئىسىم فامىلىسىنى ھەم تىلىفون نومۇرىنى يازغۇزىۋالدىم. ئاندىن ئۇنىڭدىن بىمار بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى سورىسام ئۇ پەقەت :ئۇ ئۆزى كىلىپ مىنىڭ ماشىنامغا ئۇرۇلىۋالدى، مەن بىر شوپۇر ئۇنىڭ بىلەن ئالاقەم يوق، دەپ تۇرىۋالدى. ئەڭ مىنى ھەيران قالدۇرغان يېرى دەل شۇ چاغدا قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكىلەر كىلىپ ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، ئۇلار يول بۆلىكىنى چارلاۋاتقاندا سىزنىڭ تۇيۇقسىز ئۇ شوپۇرنىڭ ماشنىسىغا ئۆزىڭىزنى ئۇرۇۋالغانلىقىڭىزنى، قاتناش ساقچىلىرى دەرھال شوپۇرنى ماشنىغا سېلىپ ئۇنى دوختۇرغا ئاپىرىشنى بۇيرۇپ، ئۆزلىرى نەق مەيداننى ئاددى سۈرەتكە ئىلىپلا بۇيەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.  مەن شۇچاغ بەكلا ھەيران قالغانىدىم، شۇڭا ئېسىمدە ئىنىق قاپتۇ...

ــــ توۋا... مەن ئىشەنمىگەندەك ئۇنىڭ خاتىرىسىنى ئىلىپ ئىجىر مىجىر ئالدىراپ يېزىلغان سان سىفىر چېسلالارغا ھەم قىسقە ئىزاھاتنى بىر قۇر ئوقۇپ چىقتىم. ئۇنىڭدىن كىيىن سىرتقا قانداق مېڭىپ چىقكەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ... كاللامنى باش ئاخىرى يوق سۇئاللار چىرماشقا باشلىدى... مەن ئەجىبا ئۆلىۋالماقچى بولغانمىدۇرمەن؟؟ مەن نىمىشقا ئۆلىۋالماقچى؟؟ بۇ ھايات ئاللاھنىڭ بىر ئىمتىھانى ئىدىغۇ، قايسى بىر تەس سۇئال مىنى ئىمتىھان ۋەرىقىنى يىرتىپ تاشلاپ ئاللاھقا ئاسىي بولۇشقا مەجبۇرلىغان بولغىيىتى؟؟؟ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن بولغىيمىتىميا؟؟؟ مەن يول ياقىسىدىكى تازلىق ئۆيىگە كىرىپ يۈز كۆزۈمنى پاكىز يۇيىۋىتىپ ئەينەككە قارىدىم.

 ـــ ياق.!! ئەينەكتىكى بۇ يارىشملىق مودا ياسىتىلغان چاچ، ئاپئاق تېرە، ئەمدىلا 20ياشلار چامىسىدىكى بايۋەتچە سۈپەت بۇ سايىنىڭ بىرەرىگە قەرزى باردەك ئىزناسى يوق ئىدى. ئەمىسە زادى نىمىشقا؟؟؟ نىمىشقا؟؟نىمىشقا ئۆلىۋالماقچى بولىمەن؟؟ مەن خاتىرەمنى تېپىشىم كېرەك!! ئەينەككە قاراپ بايا خىزمەتچى خادىمنىڭ خاتىرىسىگە خاتىرلەنگەن مىنى دوختۇرغا ئەكەلگەن شوپۇرنىڭ ئىسمىنى ئوقۇدۇم: ـــ رىشات!!!

كىينكى بۈلۈم 3. مەن خاتىرەمنى تېپىشىم كېرەك.





1873 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-10 20:58:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-13 23:13:12 r.x
بەك ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەرت كەممىسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ