قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 22 - قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە


قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون


ۋەھىمىلىك ھىكايە 22- قىسىم

ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro)


ئەرۋاھ ئايال تايىرنىڭ سورىغان مەسىللىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلى بۇزۇلدى، ئۇنىڭ مەڭزى كۆزىدىن ئاققان قان ياشقا تولدى، ئۇ بىر باشتىن بۇ خارابىلىك توغۇرسىدا سۆزلەشكە باشلىدى :

- بۇ جاي ئىلگىرى ئىنتايىن گۈزەل ، ئەتىراپ بوستانلىققا تولغان، ھەر خىل ياۋايى ھايۋانلار ، ئۇچار قۇشلار بىلەن ئاۋات ئىدى ، ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ شەھەر كىچىكلىگىگە مۇۋاپىق ئادەملىرى ئىناق ، ئائىلىلىرى بەخىتلىك قاينام - تاشقىنلىق شەھەر ئىدى. لېكىن ئالۋاستى كىتاپ ئېلىپ كىلىندى. بۇ جاينىڭ ئاۋات ، گۈزەلىگىگە ، ئىناقلىغىغا كۆز تەگدى، دەسلەپتە بۇ جايدىكى بۇلاقلار قۇرىدى. قۇدۇق قازدۇق سۇ چىقمىدى، تاغدىكى بوستانلىقلار يوقاپ، ياۋايى ھايۋانلار يىرتقۇچلارغا ئايلاندى. قەيەردىن كەلگەنلىگى نامەلوم بىر توپ شەپەرەڭ ئۇچار قۇشلارنى تۇتۇپ يەپ تۈگەتتى، يۇرتنى يىلان ، چاشقان باستى. قوشۇن ئىچىدىمۇ بىر - بىرى بىلەن پېتىشالماي قىرغىن قىلىدىغان ئىشلار كۆپەيدى. بېگىم بۇ ئىشلارنىڭ مەنبەسى ئالۋاستى كىتاپ ئىكەنلىگىنى بىلسىمۇ خان پەرمانىدا ئۇنى ساقلاش بۇيرۇلغاچقا ئامالسىز ئۇنى ساقلىغاچ ئۇنىڭ سىرىنى يىشىشكە ئادەم يۆتكەپ كىلىپ شۇ ئىش بىلەنلا بولۇپ كەتتى.

بىر كۈنى بېگىم شۇنداق ئەنسىز ھالدا ھەممىمىزنى يىغدى، ئۇ، ئۇ چاغدا كىتاپنىڭ سىرىنى بىلىپ بولغان ئىكەن ، ئۇ پۈتۈن يۇرتتا چوڭ قۇرۇلۇش قىلىش لازىملىغىنى، پۈتۈن شەھەر مۇداپىئەنى قاتتىق كۆچەيتىدىغىنى، قۇرۇلۇشنىڭمۇ مۇداپىئە ئۈچۈن بولىدىغانلىغىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن شەھەر ئۆزگەرتىلىشكە باشلاندى ، ئۇدا بىر يىلدەك ئىشلەپ بۇ شەھەر دۇنيا بويىچە ئەڭ سىرلىق شەھەرگە ئايلاندى. سىلەر چۈشەنمىگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن. بىر سىرلىق، مەخپىي ئۆي بار ، ئۇ ئۆيدە شەھەرنىڭ ھەر قانداق جايىنى مەسىلەن، ھەر قانداق ساراي ، سېپىل ، قورغان ، ھەتتا تاملارنىمۇ مىخانىكىلىك قۇرۇلما ئارقىلىق ئورنىدىن يۆتكەپ قوغدىنىش، ئۇرۇش قىلىش ھالىتىگە ئېلىپ كەلگىلى بولىدىغان مىخانىك باشقۇرىدىغان قۇرۇلمىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يەنە ئالۋاستى كىتاپ ئۈچۈن مەخسوس مۇداپىئەسى ئەڭ پۇختا ، ئىچى ئەڭ سىرلىق ساقلاش ئۈيى سالدۇردى. ئۇ، قۇرۇلۇشلارنى پۈتكۈزۈپ بولۇپ تۇرۇشىغا پايلاقچىمىز بىر مەلۇمات ئېلىپ كەلدى ، مەلۇماتتا سىرلىق كىتاپنى بۇلاش ، تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئورغۇن قەبىلىسى بىلەن روس چار پادىشاھنىڭ قوشونى بىرلىشىپ 50 مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇن تەشكىللەپ ئىلگىرلەپ كىلىۋېتىپتۇ دىيىلگەن ئىكەن. دۈشمەننىڭ 50 مىڭ قوشۇنى بىزنىڭ قوشۇندىن بەش ھەسسە كۆپ بولسىمۇ بېگىم تەمكىن ئىدى ، چۈنكى بۇ شەھەردىكى مۇداپىئە 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى توسۇپ قالالايتتى، شۇندىمۇ بېگىم ھەرخىل ئىھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يانداش سانغۇن بىلەن مۈلىكى ئەمەلدارنى چاقىرىپ ئالۋاستى كىتاپ ساقلانغان ئۆينىڭ ئاچقۇچلىرى بىلەن ئۆي ئىچىنىڭ بىخەتەر يولى خەرىتىسىنى بۆلۈشۈپ ساقلاشقا مەسلىھەتلەشتى ،بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ يەنە خاتىرجەم بولالماي ماڭا بۇ تۇمارنى ئېسىپ بۇ مەخپىي ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردى ، چۈنكى ئۇ ماڭا بەك ئىشىنەتتى ، ئۇ مېنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ماڭا ھەرقانداق ئىش بولسىمۇ بۇ يەردىن ئايرىلماسلىقىمنى، سىرلىق ئۆينىڭ ئاچقۇچلارنىڭ بىر قىسمىنى بۇ ئۆيگە قويغانلىغىنى، بۇ جاينىڭ بىخەتەرلىگى ئۆزىمىزنىڭ سارىيىنىڭ مەخپىي ئۆيىمىزدىنمۇ پۇختا ئىكەنلىگىنى، ئەگەردە دۈشمەن شەھەرنى قولغا چۈشەرسە ئەڭ قاتتىق ئاختۇردىغىنى باش سانغۇن مەھكىمىسى ئىكەنلىگىنى ، ياردەمچى سانغۇن مەھكىمىسىگە ئۇنچۇۋالا دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغانلىغىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئالۋاستى كىتاپنىڭ سىرىنى سۆزلەپ بەردى، مەن ئۇنىڭغا نىمىشقا كىتاپنى يوقىتىۋەتمەيسىز ، يوقىتىۋەتسىڭىزلا بۇ بالا - قازا ئۇرۇشلارمۇ بولمايتتى دىسەم ئۇ خاننىڭ بۇيرىقى ساقلاش، يوقۇتۇش ئەمەس دىدى.

ئۇ كىتەر چاغدا بۇ ئۆينى ئېچىشنى ماڭا ئۆگۈتۈپ قويغاچ ، بۇ جاينىڭ مەخپىيەتلىگىنى ئىككىمىزلا بىلدىغىنىمىزنى ئەسكەرتتى، يەنە مېنى ئالغىلى ئۆزى كەلمىگۈچە سىرتقا ھەرگىز چىقماسلىقىم توغۇرلۇق ۋەدىمۇ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ مېڭىش ئالدىدا مېنى قۇچاقلاپ قويۇپ، ئازاپتا كۈلۈمسىرەپ خوشلاشقىنى ھېلىمۇ ئىسىمدە، شۇنىڭ بىلەن مەن موشۇ يەردە ئۇنىڭ كىلىشىنى ساقلىدىم، كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقىنىنىمۇ بىلەلمىدىم ، ساقلىدىم ، كۈندۈز قانداق ، كىچە قانداق، بۇ ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم ،پاراڭلاشقۇدەك ، گەپ قىلغۇدەك ئادەم يوق مۇشۇ تاملارغا، ساندۇقلارغا گەپ قىلىپ ئۆتتۈم ، ھەتتا ساراڭ بولۇپ قالغىلىمۇ قىل قالدىم، كۈنۈم پەقەت كۈتۈش ، ساقلاش بىلەن ئۆتتى، لېكىن ئۇ يەنىلا كەلمىدى. ئوزۇقلىرىم ، سۇلىرىم تۈگىدى ساقلىدىم ، ئاخىرى ئاچ قېلىشقا باشلىدىم. ئۇنى ساقلاپ ياشلىرىم دەريا بولۇپ ئاقتى ، كىم بىلسۇن ئۇ كۈنى ئۇنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈم بولۇپ قېلىشىنى ، ئاچارچىلىق ، ئۇسۇزلۇق دەردىدە ئۆز گۆشۈمنى ئۆزەم يىگۈدەك بولدۇم. ھەتتا ھوشسىزمۇ نەچچە كۈنلەرنى ئۆتكۈزگىنىمنى بىلمەيمەن، سىرتقا شۇنداق چىققۇم بولسىمۇ ۋەدەمنى ئويلاپ مۇشۇ يەردە ياتقان پېتىم جان ئۆزۈپتىمەن .

ئۇ سۆزلەپ شۇ يىرىگە كەلگەندە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى ، ئۇنىڭ يىغىسى شۇنداق ئېچىنىشلىق بولۇپ بۇنىڭغا قاراپ تۇرغان قىزلارمۇ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاشتى، ئۇلار ئايالغا تەسەللىي بەرمەكچى بولۇشتى. لېكىن قانداق تەسەللىي بىرىشنىمۇ بىلەلمەي ئۇنىڭ ئېغىزىغا قاراپ تۇرۇشتى .

- جان ئۆزگەن ۋاقتىمدا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلىمەن، بىر چاغدا ئويغانسام ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇق ئۇنتۇلۇپ كىتىپتۇ، ئورنىمدىن تۇرۇپ قورقۇپ كەتتىم ، چۈنكى تېنىم مەندىن ئايرىلىپ يەردە ياتاتتى. شۇ چاغدا ئۆلگەنلىگىمنى چۈشۈنۈپ يىغلىدىم ، قاخشىدىم ، ئاۋازىمغا قۇلاق سالغۇدەك ھېچكىم يوق، شۇندىمۇ يىغلاپ يۈرۈپ ئۇنى كۆتتۈم. قانچىلىك ۋاقىت كۆتكۈنىمنىمۇ بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئۇنى شۇنداق كۆرۋېلىش ئىستىكى قوزغالدى، كاللامدا ھەرخىل سۇئاللار مېنى قىيناشقا باشلىدى ، ئۇ نىمىشقا مېنى كۆرگىلى كەلمەيدۇ؟ ئۇ ھاياتمىدۇ؟ شەھەر دۈشمەندىن ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالغانمىدۇ؟

بولماي ئىشىكلەرنى ئاچتىم . سىلەر بۇ جايغا شۇنداق ئاسانلا كىردۇق دەپ ئويلايسىلەر ئەمىلىيەتتە بۇ ئىشىكلەر پۈتۈنلەي ئەپسوننىڭ سېھرى بىلەنلا ئېچىلىدۇ ، بۇ ئىشىكلەرنى شۇ ئەپسۇن بىلەن ئېچىپ سىلەرنى باشلاپ كىرمىسەم ، سىلەرنىڭ كىرەلىشىڭلار مۇمكىن ئەمەس ، ئىشىكلەرنى ئېچىپ يۈرۈگۈمنى ۋەدەمگە ۋاپا قىلمىغانلىق ئازاپلىسىمۇ يەنىلا ئۈستىگە چىقتىم ،ئۈستىگە چىقسام شۇنچە چىرايلىق شەھەر ۋەيران بولۇپ خارابىلىككە ئايلىنىپتۇ. پۇتۇن ئادەم ئۈلۈپ ئەتراپ جەسسەت بىلەن تولۇپتۇ. ھەتتا ئۇ جەسسەتلەر چىرىپ ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ كىتىپتۇ. سارايغا بېرىپ بېگىمنى ئىزدىدىم ، ئۇمۇ ئاللىقاچان بۇ دۇنيادىن كەتكەن بولۇپ ئۇنىڭ جەسسىتى سارايدا قۇرسىقىغا قېلىچ تېقىلغان پېتى تۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭ جەسسىتىنى قۇچاقلاپ يىغلىدىم ، قاخشىدىم ، ياشلىرىم دەريا بولۇپ ئاخىرى قۇرۇپ تۈگىدى. قېرىنداشلىرىمنى ئىزدىدىم ، ئۇلارمۇ ھەممىسى ئۈلۈپ كىتىپتۇ، ئەرۋاھلىرىنى ئىزدىدىم بىرىنىمۇ تاپالمىدىم، شۇ جايلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن.

ئايال يىغىسى بىلەن سۆزلەۋاتاتتى ، ئۇنىڭ قىپ - قىزىل يېشى توختىماي چىقىۋاتاتتى .

- بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئەتراپىمدا بەزى ئالۋاستى، جىنلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا تونۇش بىلىنسە بەزىلىرى يات ئىدى ، ھەتتا بەزىلىرى بىزنىڭ ئادەملەرنىڭ ئەرۋاھىدىن ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇلار شۇنداق ۋەھشى بولۇپ مېنى تۇتقۇن قىلىشقا ئۇرۇندى، ھەتتا ، تونۇش ئەرۋاھلارمۇ ماڭا ھۇجۇم قىلدى، لېكىن تۇمارىم مېنى ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالدى، مەن شۇندىلا ئۇلارنىڭ ئالۋاستى كىتاپنىڭ كونتۇروللىغىغا چۈشۈپ، ئۆزگۈرۈپ كەتكىنىنى بىلدىم. شۇنىڭدىن بۇيان يوشۇرنۇپ ، مۈكۈپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم ، بولماي يەنە موشۇ يەر ئاستى ئۈيىگە سولۇنىۋالدىم ، بەزى چاغلاردا چىقىپ ئوغۇرلۇقچە يىراق جايلارنى كۆرۈپ كىلىمەن، بەزى شەھەر ، بەزى يېزا - كەنىتلەرنى كىزىمەن ، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ سىلەرنىڭ تىلىڭلارنىمۇ ئۆگۈنىۋالدىم. بەزى چاغلاردا ئىگىز تاغلارغا چىقىپ ئايغا قاراپ يىغلاپ ئولتۇرۇپ كىتىمەن، مەن موشۇنداق سەرسان - سەرگەردان ،تەنھا ،ئازاپ ئىچىدە يا ھەمىراھلىرىمنىڭ يېنىغا كىتەلمەي ، يا خاتىرجەم يۈرەلمەيۋاتقان بىر ئەرۋاھ ، شور پىشانە ئەرۋاھ . ئايال ئەرۋاھ گېپىنى تۈگۈتۈپ بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى .

- ئەمىسە ،- دىدى تايىر ،- جەڭنى سىزمۇ كۆرمەپسىزدە؟

- ياق ،- دىدى ئايال ئەرۋاھ ،- لېكىن بىلىپ بولدۇم ، بۇ شەھەرنى يالغۇز دۈشمەن قوشۇنلا ۋەيران قىلمىغان، ئالۋاستى كىتاپمۇ ھەركەتكە كىلىپ ئىككى تەرەپنى جەڭ قىلۋاتقاندا ھالاك قىلىۋەتكەن .

- بۇنى قانداق بىلدىڭىز ؟- قىزىقىپ سورىدى تۇرغۇن .

- جەسسەتلەردىكى تىرناق ئىزى، چىش ئىزلىرىدىن. ئۇلارنىڭ تىرنىغى ، چىش ئىزلىرى تەككەن ئىنسان ئالۋاستى بولۇپ ئۆزگىرىدۇ ، ماڭا تونۇش ئالۋاستىلار ئالۋاستىلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن قېرىنداشلىرىم.

بۇلارنىڭ تەقدىرى ئەمدى قانداق بولار ، بۇ جاي بۇلارنىڭ قەبىرگاھى بولۇپ قالارمۇ؟ قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن.






1491 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 17:48:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-7-31 14:27:54 alone
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ تېخىمۇ تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ