ئوتتۇز ئۈچ يىل كىچكىپ تاپشۇرۇلغان خەت 2-قىسىم

ئوتتۇز ئۈچ يىل كىچكىپ تاپشۇرۇلغان خەت

 

  2-قىسىم

 

‏ ‏ مۇماي پوچتالىيوننىڭ گىپنى تازا چۈشنەلمىگەندەك ئاغزىنى ئىچىپلاپ تۇرۇپ قالدى. بىر ھازادىن كىيىن:

- ھە -دەپ پوچتالىيونغا غەلىتىلىك بىلەن قارۋەتتى. پوچتالىيون مۈرۈسگە ئېسۋالغان يان سومكىسدىن سارغىيىپ قاتلانغان بىر نەچچە يېرى ئۈزۈلۈپ قالغىلى ئاز قالغان بىر پارچە خەتنى ئىلىپ سۇندى. مۇماي بۇ ۋاقىتتا چوڭقۇر خىيالغا چۆككەن ئىدى.

«بۇ خەت ئەجەبا ئۇ ماڭا يازغان خەت بولغىيمىتى ئوتتۇز ئۈچ يىل نىمە ئالدىنقى سەپتىن ؟ نىمە ئۇ ،ئۇ چۇقۇم شۇنىڭ خېتى »؛مۇماي ئۆزگە توختىماي خىتاپ قىلدى. پوچتالىيوننىڭ قاتتىق بىر ھۆتۈلىشى بىلەن مۇماي ئۆز خىيال دۇنياسدىن ئويغۇنۇپ قوللىرنى پوچتالىيونغا سۇندى، ئۇنىڭ قورۇق چۈشۈپ قېتىپ كەتكەن قوللىرى ئىختىيارسىز تىتىرەيتى. ئۇنىڭ قولى خەتكە تەككەندە يۈرىكىنى توك سوقىۋەتكەندەك بەدەنلىرنى تىتىرەك بېسىپ كەتتى. مۇماي خەتنى ئېلىپ چاندۇرماي ئاستا يېڭى ئىچىگە تىقتى دە، ئەس ھۇشىنى تىپىپ پوچتالىيوننى ئۆيگە كىرىپ چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى ؛پوچتالىيون سۇس تەبەسسۇم بىلەن رەخمەت ئىيتىپ، يانچۇقىدىن بىر چىكىم ئاچچىق كۆك تاماكىسىنى ئىلىپ ئۆلچەپ كىسىپ قويغان گېزىت پارچىسىغا تۈكۈرۈك ئارلاش يۆگەپ تۇتاشتۇرۇپ تۇختاتماي قاتتىق قاتتىق بىسىپ تارتىپ :

-خوش مەن قايتاي -دەپ موتسىكىلىتىغا چىقتى .

مۇماي:

- ئەينى ۋاقىتتا بۇ خەتنى سىزگە بەرگەن ئادەمنى تۇنۇمسىز ؟ئۇ ھازىر ھاياتمىدۇ؟- دەپ ئۈمۈتۋارلىقى بىلەن سۇردى.

 پوچتالىيون :

-ئۇ مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ، ئۇنىڭ جىسمى جەنۇبى تاغدىكى قەھىرمانلار قەبىرستدنلىقدا. روھى مانا مۇشۇ ئانا يۇرتىمىزنىڭ ھاۋاسى تۇپرىقى سۈيگە قېتىلىپ كىتگلىك. ئۇ ھەربىر ۋەتەن سۆيەر خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!ئۇنىڭ قۇشۇنىنىڭ باتۇرلىق بىلەن جەڭ قىلشى ئارقىلىق تۇپرىقىمىز ئۆز ئاياغ ئاستىمىزدا، ئۇ بىر ئۇلۇغ جەڭچى!- دىدى.

 مۇماينىڭ كۆزلىردىن ئىسسىق ياشلار تارام -تارام بولۇپ مەڭزىدىن ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى. پوچتالىيون نىملەرنىدۇر بىر نەرسىلەرنى دەپ غىڭشىغاچ شامالنىڭ يۈلنىشگە ئەگىشىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. مۇماي يېڭىدىن ھېلىقى خەتنى چىقرىپ ئىچىشقا ئۇرۇندى، ئەمما قوللىرى تىترەپ ئاچالمايۋاتاتتى. ئۇ بىرخىل غەيرەتكە كىلىپ كۆزلىردىكى ياشنى سۈرتىپ خەتنى ئاچتى دە كۆز ئەينىكنى ئۈستىگە كۈتۈرۈپ سىنچىلاپ ئۇقۇشنى باشلىدى :

- ‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جېنىم !ياخشى تۇرۋاتدمسىز؟ ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئامانلىقڭىزنى تىلەۋاتىمەن ،سىزنى بەك سىغىندىم. بۇرۇنقى ئۆتمۈشلىرمىز ئارقىلىق كۆڭلۈمنى تەسەللى تاپقۇزماقتىمەن. بەلكىم بۇ خەتنى كۆرۈپ ماڭا:-شۇنچە سېغىنغان تۇرۇپ نىمىشقا كەلمەيسىز؟- دىيشڭىز مۇمكىن .بۇ يەردە سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزدىنمۇ ئۇلۇغ بىر مۇھەببەت مىنى ئۆزىگە چىرمىۋالدى. ئۇ بولسىمۇ ئانا ۋەتەن مۇھەببىتى! قاچان دۈشمەنلىرمىزنىڭ ئاياغ ئىزى ئانا تۇپرىقىمىزدا كۆرىنمەس بولغاندا مەن شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ يىنىڭىزغا قايتىپ بارىمەن. ئانا ۋەتەنىڭ پارلاق قۇياشى كۆتۈرۈلگىلى ئازلا كۈن قالدى. ئەگەر مىنى سېغىنسىڭىز ئايغا قاراڭ، مەن كۈندە ئايغا قاراپ سىزگە بولغان سىغىنىشىمنى ئۇنىڭغا ئېيتىمەن. سىزنى مەڭگۈ سۆيىدىغان ئاشىقىڭىزدىن؛

 ‏مۇماي بۇ قۇرلارنى ئۇقۇپ خەتنى يۈركىگە چىڭ بىسىپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. تۇيۇقسىز ھاۋا تۇتۇلۇپ، قاتتىق چاقماق چېقىپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. مۇماي قېتىپ قالغاندەك، يامغۇردا ھەممە يەرلىرى ھۆل بولغان ھالدا تۇراتتى. بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن مۇماي ھىلقى جەنۇبى تاغ قەھىرمانلار قەبىرستانلىقغا بىرىپ ئاشقىنىڭ قەبرسى ئالدىغا بىر تال ئەتۈر گۈل قويۇپ دۇئا قىلدى. مۇماي بولسا ئىنتايىن تەمكىن جۇشقۇن كۆرىنەتتى. ئۇ ئازاپلانغانلىقىمنى بىلسە ئازاپلانمىسۇن دەپ، مۇماي قايغۇسنى قەستەن يۇشۇراتتى.ئۇ قەبىرگە قاراپ:- مەن سىزنى ساقلاپ تەركى دۇنيا بۇلۇپ، ئىككىمىز ئوينايدىغان ھىلقى تاغ باغرىدا مۇشۇ ياشقىچە يالغۇز ياشاپ كەلدىم. سىز مىنى ئەسلى ئۇ ئالامدە ساقلاۋېتىپسىز ساقلاڭ، مەن پات ئاردا بارمەن.- دەپ بىرخىل مەجبۇر تەبەسسۇم قىلىپ قۇيۇپ ئارقىسىغا ئۆرلىپ ماڭدى. يىقىنلا يىردە يىغا زار بىلەن نۇرغۇن ئادەم بىر مېيىتنى كۆتۈرۈپ كەلدى. تۇيۇقسىز مۇماينىڭ قۇلقىغا توپتىكىلەر ئىچىدىن كىملەردۇر بىرسىنىڭ:

- ھەي بۇ بىرچارە پوچتالىيون ئوتتۇز ئۈچ يىل بىھۇش يىتىپ يىقىندىلا ئويغانغان، ئەمدى يەنە ئەجەل كىلىپ مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتتى.- دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ جايىدا قىتىپلا قالدى. غۇر غۇر شامال ئۇنىڭ يۈزنى سۆيۈپ ئۈتۈپ تۇراتتى. غازاڭلىرى سارغىيىپ كەتكەن دەرخلەر خۇددى قوغدۇغۇچى ئەسكەللەردەك قەھىرمانلار قەبىستانلىقنى ئوراپ تۇراتتى ؛مۇماي شاما يۈلنىشگە ئەگىشىپ ئۇچۋاتقان غازاڭلار بىلەن بىرگە قېتىلىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. ئاردىن خىلى مەزگىل ئۈتۈپ ھىلقى قەھىرماننىڭ قەبىرسى يىنغا يېڭىدىن بىر قەبىرە قوپۇرلۇپ بىر مىيىت قۇيۇلدى.

بىر قىش ئۇ قەبىرىستانلىق جىمجىتلىق ئىچدە تۇردى. باھار كىلىپ ھىللقى ئىككى قەبىرە ئالدىغا بىر جۈپ قىزىل ئەتۈرگۈل ئۈنۈپ چىقتى. ئۇنى كۆرگەن كىشىلەر« بۇ ئاشىقلار ئۇ دۇنيادا بىرگە بولغان بولسا كىرەك» دەپ ئۇ ئىككى قەبىرنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئۇ ئالەمدىكى بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلشاتتى. ‏

 ‏ ‏قەلەمدە: ئەيسا (ئويغاق)





1492 قېتىم كۆرۈلدى oYGaK ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-18 17:57:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-6 3:04:04 tudi tusun
yahxi yezilhanyezilhan asarkanasarkan
2015-10-4 1:06:07 TURSUNAY
bu asarni bak yshxi yizipsiz tihimu yahxi asarlarni yollang
2015-9-20 0:05:32 قەيسەر
تەسۋىرگە بەك باي ئىكەنسىز ياخشى ئەسەر بوپتۇ تىخمۇ تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ