يوقالغان قوشۇن
(7-قىسىم)
metro
قاسىمبەگ بىر دەم جىمىلىپ كەتتى ،ئۇ بۇۋاينىڭ بۇ ھىكايىسىنى يالغان دەي دىسە ئەتىراپىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىشلار ، راس شۇنداقمىكىن دىسە ، تېخى ئۇنداق ھايۋان - مەخلوقلارنى كۆرۈپمۇ باقمىغان تۇرسا شۇنىڭ بىلەن بۇۋايدىن يەنە سورىدى :
- سادىرۋاي ، سەن بىزنى قورقۇتۇش ئۈچۈن بۇ ھىكايەڭنى توقىمىغانسەن ھە ، مەنغۇ ھازىرغىچە ئۇ سەن دىگەندەك ئاجايىپ - غارايىپ يۇغان مەخلوقلىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم ، سەنمۇ كۆرۈپ باقمىساڭ ، نىمىگە ئاساسەن ئۇنداق ھايۋانلارغا يېقىنلاپ قاپتۇق دەيسەن ، سەن جەسەتلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا قاراپلا بۇنداق دىسەڭ قالماشماس ، بەلكىم ئۇلارنى بۆرىلەر موشۇنداق قىلىۋەتكەندۇ، بەلكىم موشۇنداق ھىكايىلىرىڭ بىلەن بىزنى كەينىمىزگە ياندۇرماقچى بولۇپ ھېيلە ئىشلىتىۋاتامسەن تېخى!
سادىربۇۋاي ،قاسىمبەگنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەيدىغىنىنى بىلەتتى، ئۇنىڭ گۇمانخور مىجەزى ئۇنىڭغا ئايدىڭ ئىدى ، ئۇ كۈلۈپ قويۇپلا زىيادە گەپ قىلمىدى، لېكىن قاسىمبەگ بۇۋاينىڭ جىمىلىپ قالغىنىدىن تېخىمۇ ئەزۋەيلەشكە باشلىدى:
- توغىرا تاپتىممۇ سادىرۋاي ، مەن بۇنداق ھىيلە مىكىرلەرنى كۆپ كۆرگەن ،نەدىكى مىڭ بىر كىچە ھىكايىلىرىڭ بىلەن باشقىلارنى قورقۇتساڭمۇ مېنى قورقۇتالمايسەن ھە !
گۈلنەزەر دادىسىنىڭ مەسخىرلىك گەپلىرىدىن خىجىل بولۇپ دادىسىغا ئاغرىنغاندەك ئاھاڭدا:
- دادا ، نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن ، سادىرتاغاممۇ ئاڭلىغان ، بىلگەنلىرىنى دەپ بەردىغۇ ، يە بىر قايتايلى ماڭساق ئۈلىمىز دىمىدىغۇ ، بىكاردىن بىكارغا گۇمان قىلىپ …
قىزىنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرى چىقمايلا قاسىمبەگ قوپال ۋاقىرىدى :
- ئاغزىڭنى يۇم ! سادىر تاغام دىيىشلىرىنى ، ساڭا نىمە قويدى ئېغىز غېرىچلاپ...
قىز يەنە گەپ قىلاي دىۋېدى ئاچىسى يېڭىنى تارتىپ گەپ قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. پولات ئۆزىنى باسالماي گەپ قىستى :
- ئىشىنەمسىلەر ، ئىشەنمەمسىلەر ئۆزەڭلەرنىڭ ئىشى ، لېكىن كىمدە - كىم ئاتامغا ھاقارەت قىلسا …
ئۇ ئاچچىغىدا مۇشلىرىنى تۈگدى ، بۇنىڭ يەنە ئىش تېرىپ سەپىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشىدىن ئەنسىرگەن قاسىمبەگ سەل يۇمشاپ بۇۋايدىن سورىدى :
- ئەمىسە ئاساسىڭنى سۆزلەپ باقە سادىرۋاي ، مېنى ئىشەندۈرگىدەك قانداق ئاساسىڭ بار؟ بۇۋاي يىنىك بىر نەپەس ئېلىۋېتىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى :
- بىز دەسلەپتە چاتقانلىقتا كۆرگەن كۆرۈنىشلەر يادىڭلاردا بادۇ؟ ئۇ يەردىكى ھايۋانلارنىڭ جەسەتلىرى غايەت زور بىر ھايۋاننىڭ ھۇجۇمىدا پارچىلانغانلىغى ئېنىق ، ھەتتا كىيىكتەك شۇنداق چەبدەس ھايۋانلارمۇ قېچىپ ئۈلگۈرەلمەپتۇ ، شۇ چاغدا مەن ئۇ سىرلىق مەخلوقنىڭ ئىزىنى ھېچقانداق بىر ھايۋاننىڭ ئىزىغا ئوخشۇتالمىغان ئىدىم ، ئۇ ئىز شۇنداق چوڭ ، ھەم كۆپ پۇتتىن تەشكىل تاپقان ئىدى ، جەسسەتلەر پارچىلانغان يەردىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئىز ، مەيلى ھايۋانلارنىڭ ، ياكى جەسەتلەرنىڭ پارچىلىشىدا قىسىپ ئۈزىۋېتىلگەن يەرلىرى ئىنتايىن كۈچلۈك ، چوڭ قىسقاچتا ئۈزۈلگەندەك ئېنىق بىلىنىپ تۇرۇپتۇ ، بۇنداق قىسىپ ئۈزىدىغان ھايۋاننى مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن ، لېكىن مەن ھېلقى چاياننى كۆرگەندىن كىيىنلا ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ، مەن ئۇنى گىگانىت چايان دەپ پەرەز قىلسام ئۇنىڭ قىسقاچلىرى ، پۇت ئىزلىرى بىز كۆرگەن ئىزلارغا دەل چۈشىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ھېلقى ھىكايە يادىمغا كەلدى ، ئىشەنسەڭلەرمۇ ، ئىشەنمىسەڭلارمۇ بەربىر مەن پەرىزىمنى دىدىم ، ئەگەردە پەرىزىم توغىرا بولۇپ قالسا بىزنىڭ بۇ ھايۋانلارغا تاقابىل تۇرغىدەك ھالىمىز يوق.
- ھە ، بۇ بىر پەرەز دىگىن ، - قاسىمبەگ خوشاللىغىدا كۈلۈپ ،- پەرەز دىگەن پەرەز ،پەرەزگە تايىنىپلا ئۇنداق ھايۋانلارنى بىزنىڭ يېنىمىزدا دىسەڭ بولمايدۇ - دە ، دەپ باقايلى ئۇ ھايۋانلار نىمە ۋەجىدىن ئۇنداق يۇغىراپ كىتىدۇ ، ئۇلارنى ھىكايە سۆزلۈگىچىلەر باشقىلارنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈنلا توقۇپ قويغاندۇ تايىنلىق . سادىر بۇۋاي قاسىمبەگكە ئەمدى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىغى چۈشىنىپ يەتتى - دە قىستۇرۇپ قويدى :
- ئۇنداق ھاشارەت ، ھايۋانلارنىڭ يۇغىراپ كىتىش سەۋەبىنى مەنمۇ بىلمىدىم ، شۇ مىتورىت تاشنىڭ ئەتىراپىدىلا شۇنداق بوپتۇ . گۈلنەزەر يەنە ئۆزىنى تۇتالماي گەپ قوشتى:
- مەن بەزى كىتاپلاردىن ئوقىغان ، ئالىملارنىڭ دىيىشىچە بەزى مىتورىت تاشنىڭ ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا ئىنتايىن زور تەسىرى بار دەپ يېزىلىپتىكەن. قاسىمبەگ قىزىنىڭ گپىنى يەنە قاقتى :
- قويە ئۇنداق كىتاپلىرىڭنى ، بۇ يەردە قېرى قۇلاق بولماي ئۇخلاڭلار بېرىپ ، گۈلنەزەر ئاچچىقلاپ دادىسىغا يەنە بىر نىمە دىمەكچى بولىۋېدى ئاچىسى تارتىشتۇرۇپ ئېلىپ كەتتى ، قاسمبەگمۇ خو قۇمانداننىڭ يېنىغا بۇ ھىكايىگە ئىشەنمىسىمۇ سۆزلەپ بىرىشنى لايىق تېپىپ ماڭدى ، پولات ، ئاتىسىغا ئورۇن راسلىدى...
كىچىنىڭ سالقىن شامىلى باشقىلارنى ئۇيقۇغا غەرىق قىلغان بولۇپ ، لېكىن سادىربۇۋاي بىلەن پولات ئاسماندىكى يولتۇزلارغا قارىغىنىچە يۇرتىنى ، ئۆيىنى سېغىنىپ خىياللارغا غەرىق بولدى،
- ئاتا ، - دىدى پولات ، - ئەگەردە سەن دەپ بەرگەن ئۇنداق ھايۋانلارغا راسلا ئۇچۇراپ قالساق ، موشۇ قۇملۇقتا تۈگىشەرمىزمۇ ؟
- ئۇيقۇڭنى ئۇخلا بالام ، - دىدى بۇۋاي مىھرىبانلىق بىلەن ، - ھەممىنى ئاللاھ ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، ئاللاھ قانداق ئورۇنلاشتۇرغان بولسا بىز بەندىلە بوي سۇنىمىز خالاس ، ئارتۇق ئويلاپ كەتمە ، بۇ بەلكىم قاسىمبەگ دىگەندەك بىر ھىكايىدۇ.
ئەتىسى يېڭى تاڭ سۈزۈلگەندە «قارا ئېيىق»نىڭ ئەنسىز قاۋىشى بىلەن تەڭ ئاتلارمۇ تېپىرلاپ كىشىنىشىپ ، تۆگىلەرمۇ تۇرۇپ كىتىشتى، بۇ تاسادىپىلىقتىن ھەممە ئادەم ئالاقزادە بولۇشۇپ ئەتىراپقا زەن سېلىشتى.
- ئۇ كىلىۋاتقان نىمە ؟ پولات قۇملۇق داۋاندىن بىر قارا سايىنىڭ تۇمان ئىچىدە ئۆزلىرىگە قاراپ كىلىۋاتقىنىنى كۆردى ، ھەممىسى پولات كۆرسەتكەن جايغا قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قېلىشتى ، قۇم داۋاندىن غايەت زور بىر مەخلۇق تىز سۈرئەتتە يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى ، خو قۇماندان قورقۇپ ۋاقىردى :
- تىز قوراللارنى ئېلىڭلار … تىز ، ئاۋۇنىڭغا قارىتىپ ئېتىڭلار ، - ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تاپانچىسىنى چىقىرىپ مەخلوق تەرەپكە ئوق ئۈزدى ، كەينىدىن ئەسكەرلەرمۇ ئوق ئۈزۈشكە باشلىدى ، چىدىردىن ئەمدىلا چىققان ئاياللار چار - چۇر قىلىشىپ چىدىرغا ئۆزىنى ئېتىشتى . پولات تىزلىك بىلەن ئاتىسىنى چىدىرغا كىرگۈزۋەتتى - دە، چىدىردىكى ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن ئايال ، قىزلارنى سىرتقا چىقماسلىقنى تاپىلاپ چىدىرنىڭ ئىشكىگە ئىشلەتكەن يۇغان توخماقنى كۆتەرگىنىچە مەخلۇق تەرەپكە يۈگەردى ، ئوقلار ۋىژىلداپ مەخلۇق تەرەپكە ئۇچماقتا ئىدى ، لېكىن تەككەن ئوقلار تەسىر قىلىدىغاندەك قىلمايتتى .
- بومبا ، تىز گىرانات ئېتىڭلار ، تىز پىلموتنى تەييارلاڭلار ،-ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرگەچ ئىشەككە تېڭىلغان پىلىموت تەرەپكە سۈرۈلدى ، قاسىمبەگ بۇ مەنزىرىدىن ھۇدۇقۇپ كىتىپ پالاقلىغىنىچە چىدىر تەرەپكە يۈگەردى ، ھېلقى مەخلوق تۇمان قاينىتىپ يۈگۈرۈپ كەلدى، ھەممىسى ئېنىق كۆردىكىن ئۇ ئىگىزلىگى ئىككى مىتىر ئەتىراپىدىكى ئۇزۇنلىغى سەككىز مىتىرغا ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلىغى ئون مىتىرغا يەتكۈدەك غايەت زور چايان ئىدى ، بۇ مەخلوق كەلگەن پېتى ئۈركۈپ قاچقان تۈگىدىن بىرنى تۇمشۇقىدىكى يۇغان قىسقۇچتا قىسىپ ئىگىز كۆتۈرۈپلا ئىككى پارچە قىلىپ يەرگە تاشلىدى ، تۆگىنىڭ قېنى ئەتىراپقا چاچىراپ ئەسكەرلەرنى ئالاقزادىلا قىلىۋەتتى ،قۇيرۇقىنى بىر شىلتىۋېدى ئوق ئېتىۋاتقان بەش - ئالتۆيلەن بۇ كۈچتە خۇددى بىر توپ غازاڭلاردەك ئۇچۇپ كىتىشتى ، خو قۇماندان پىلىموتنى چايانغا توغۇرلاپ تەپكىنى باستى ، چايان بۇرۇلۇپ پىلموت تەرەپكە قايرىلىشغا گىراناتتىن بىرى ئۇچۇپ چۈشۈپ ئۇنىڭ ئاستىدا پارتىلدى ، بومبىنىڭ كۈچلۈك پارتىلىشىدا ئۇ سىلكىلىنىپلا چەتكە چىقتى ، پىلموت بىلەن ئاپتۇماتلار نىشاننى مەركەزلەشتۈرۈپ ئوق تۇتۇشتى ، لېكىن بۇ ئوقلار بومبىلار ئۇنىڭغا ئەجەللىك زەربە بولالمىدى، چايان ئېتىنلىپ كىلىپ ئەسكەردىن بىرنى قىسىپ ئىگىز كۆتۈرۈپ ئىككى پارچە قىلىۋەتتى ، قانلار ئەتىراپقا چاچىردى ، ئەسكەرنىڭ جان بەرگۈچە چىقىرغان ئاۋازىلا قالدى .
پولات توخماق بىلەن بۇ مەخلوقنى بىر نەرسە قىلالمايدىغىنىغا كۆزى يىتىپ ئەتىراپقا نەزەر سالدى ، شۇ چاغدا چايان قۇيرۇقىنى ئىگىپ ئەمدىلا باغلاقتىن بوشاپ يۈگەرگەن ئىشەككە نەشتىرىنى ئۇردى ئىشەكنىڭ پۇتلىرى نەچچە چاپچىپ جىمىدى ئۈستىدىكى يۈكلەر چېچىلىپ چۈشتى ، پولات بۇ چاغدا چېچىلىپ چۈشكەن نەرسىلەر ئىچىدىكى گىراناتلارنى كۆرۈپ يۈگەردى ، چاياننىڭ نەزىرى پولاتقا يۆتكەلدى ، ئۇ پولاتنى قىسماقچى بولۇپ بۇرۇلىشىغا « قارا ئېيىق » ئېتىلىپ چىقىپ ھاۋشىغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىنى توسىدى ، لېكىن شۇنچە بەسلىك « قارائېيىق» بۇ مەخلوقنىڭ يېنىدا قۇيرۇقىنىڭ بىر بوغۇمىغىمۇ تەڭ ئەمەس ئاجىز بىرجانلىق ئىدى. قوشۇن بۇ قانلىق قىسمەتتىن قۇتۇلالامدۇ، يەنە ئۇلارنى قانداق ھالاكەتلەر ساقلاۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھايات - ماماتى ، قىسمەتلىرىگە قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن ...
| 2800 قېتىم كۆرۈلدى | metro | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-10-9 20:51:59 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
| 2015-10-14 0:06:21 | mayir | 
| dawamini yollimay sizgu | |
| 2015-10-13 22:24:39 | شۇھرەت | 
| ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم مۇشۇ ۋاختىڭلار خەيرىلىك بولسۇن! يوقالفان قوشۇن دىگەن بۇ يىكايە بىرە كىتاپتىن ئلىندى يا ؟.......كىتاپ خانلاردىن تاپقىلى بولامدۇ ؟ | |
| 2015-10-13 19:02:05 | مىھراي | 
| يوقالغان قوشوننىڭ كەينى تىخى چىقمىدىما؟ | |
| 2015-10-13 16:29:59 | ەنۋەر | 
| يۇقالغان قوشۇننېڭ داۋامىنى نەدىن كۆرىمىز،،،،،، | |
| 2015-10-13 13:13:13 | askar | 
| kaqan yollina ahiri | |
| 2015-10-13 0:27:14 | ئەلى | 
| يوقالغان قوشۇننىڭ ئاخىرى بارمۇ؟؟؟ | |
| 2015-10-12 23:22:57 | يۈسۈپچان | 
| بو ھىكاينى كنۇ-فىلىمى قىلىپ ئىشلىسە تازا بولغودەك،،،،، | |
| 2015-10-12 21:46:36 | نۇربىيە | 
| بەك ئىسىل ھىكايىكەن ئاخىرنى تىزراق يولىلساڭىلارچۇ ھەركۈنى ئاخىرى قانىداقىتۇ دەپ خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم | |
| 2015-10-12 18:59:58 | ئايدىل | 
| ئەسەرنىڭ ئاخىرى قاچان چىقاركىن دەپ كۆزۈم تۆت | |
| 2015-10-12 17:16:40 | ئەسلىمە | 
| بۇ ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ، ئاخىرىچۇ؟ | |
| 2015-10-12 15:30:30 | nur gul | 
| Rah mat.man hi ka ya o kigan dak a mas ki no kor gan dak bol dum | |
| 2015-10-12 14:37:52 | ئەلى بابا | 
| يوقالغان قوشۇننىڭ ئاخىرىنى قاچان يوللايسىز؟ | |
| 2015-10-12 1:25:57 | uyunqi | 
| xunqilik kizikip ukiwatsam ahiri keni bunig tizrak yullisagla bulti | |
| 2015-10-12 0:36:33 | ئابلەت | 
| يوقالغان قوشۇن ھىكايىسى بەك ياخشىكەن. | |
| 2015-10-11 21:48:34 | nur amina | 
| bak yahxi yezepsiz kolegezga dat barmesun aherni tezrak yezep puttursegez rahmat | |
| 2015-10-11 21:08:36 | mikri | 
| manbakyahturupokudumahirinitezrakawatsagla | |
| 2015-10-11 19:38:47 | پەرھات | 
| بەك ياخشى يېزىلىپتۇ داۋامىنى تېز يوللاڭلا | |
| 2015-10-11 17:40:38 | yahxe。do s | 
| nau te ya h x e a sa r la r ba r kan | |
| 2015-10-11 17:14:50 | akram | 
| bak yahxikan dawamlik yollap turung, japa qaktigiz | |
| 2015-10-11 16:52:00 | nurimangul | 
| ahirini. tizrak awatsa boptikan | |
| 2015-10-11 14:19:15 | ئايدىل | 
| ئاخرىسىنى تىزراق يازسىڭىزچۇ ئەجەپ تەققازار بولدۇم | |
| 2015-10-11 14:08:31 | كەترەن | 
| مۇشۇ قىسىمغىچە ناھايىتى قىزىقىپ ئوقىدىم، يىغىنچاقلىساق ئاسماندىن چۈشكەن سىزكەنسىزغۇ ،، مىترو ئىت چۈشۈپتۇ دەپ .. شۇ ئىتىڭىز بىلەن بىللە ئەسەرنىڭ ئاخىىردىدا پەيدا بولدىڭىزما .. . ....چاقچاق ھە.. نوچىكەن، داۋاملىق تەشنادۇرمىز | |
| 2015-10-11 13:24:20 | شىرئەلى | 
| نىمىدىگەن ئىسىلل ھىكايە | |
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |