يوقالسۇن ساختا مۇھەببەت

يوقالسۇن ساختا مۇھەببەت

 

كىچىگىمدىن تارتىپ شۇ ئاتالمىش مۇھەببەتلەر قاينىمىدا ياشىدىم، مەن ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدىم ، شۇ سەۋەپتىن چوڭ كىچىك ئوغۇل بالىلار «ياخشى كۆرىمەن، كۆيىمەن،سۆيىمەن» دەپ ئەتراپىمدا ئەگىپلا يۈرەتتى، سىرىت جايلارغا بېرىپ قالسام دائىم ئوغۇللار توسۇۋىلىپ تىلفۇن نومۇرۇمنى سورايتتى، QQ ، ئۈندىدارلاردىمۇ ئوغۇللاردىن كەلگەن خەتلەرگە جاۋاپ يىزىپ ئۈلگۈرەلمەيتتىم، ئەمەليەتتە ھەممىسى پەقەت مىنىڭ چىرايمىغا، بوي تۇرىقىمغىلا كۆيگەن ئىكەن. مەن ئەنە شۇ ئاسي چىرايمىغا ئىشىنىپ ھەپتىدە بىر مۇھەببەت ئالماشتۇراتتىم، شۇڭا بەزى ئوغۇللار ماڭا رەقىپ بولۇپ قالدى، ئەمما بۇلارغا يەنىلا پىسەنت قىلمايتتىم، ھەي…

ئۆزۈمنى مەلىكە ھىس قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئاجايىپ بىر قىسمەتكە يولۇقتۇم.

بۇ كۈنىمۇ دائىمقىدەك تانسىخانىدا ئويناپ كەچ كىرگەندە ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز يولدا ئىككى ئادەم كەينىمگە چۈشتى، مەن جىددىيلىشىپ مۇھەببىتىمگە تىلفۇن قىلدىم.

 - ۋەي بەرنا بۇ سەنمۇ ، گەپ قىلە.

- فەرۇق، ياشلار كوچىسىغا تېز كېلىڭ ، مەن خەتەر ئىچىدە قالدىم.

 -نېمە بولدى ،يەنە شۇ تانسىخانىدىما …

ئۇ تىلفۇننى قويۇۋەتتى، سۆزلىردىن ئاچچىقى كەلگىننى بىلىش تەس ئەمەس ئىدى. ھىلىقى ئىككىيلەن ماڭا قەدەممۇ قەدەم يىقىنلاشتى، مەن ئاخىر بولالماي بۇلاڭچى بولسا كېرەك دەپ سومكامنى تاشلاپ بېرىپ يۈگۈردۈم، لىكىن ئۇلار سومكامغا قاراپمۇ قويماي ئارقامدىن يۈگۈردى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلار مىنى تۇتىۋالدى، قارىسام بۇزۇقلىقى چىرايىغا چىقىپ كەتكەن 40 ياشلار ئەتراپىدىكى ئادەملەر ئىكەن ، «جىنىم » دەپ تۇرۇپ مىنىڭ بەدەنلىرىمنى سىلاشقا باشلىدى، مەن فەرۇقنىڭ كېلىشىنى بەكلا كۈتتۈم لىكىن ئۇ كەلمىدى، ئاخىر بۇ ئىككى قېرى بۇزۇققا يەم بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىرسىنىڭ قولىنى چىشلەپ يەنە بىرسىنى بار كۈچۈم بىلەن ئىتتىرۋىتىپ يول تەرەپكە قاچتىم. چوڭ يولغا ئەمدىلا چىقىشىمغا قاياقتىندۇر بىر يۈك ماشىنىسى چوڭ چىرىقىنى يورۇتۇپ كەلدى، كۈچلۈك يورۇقتا قاياققا قېچىشنىمۇ بىلەلمەي ئاخىر قاتتىق سوقۇلۇش بىلەن ئەينەك دۆۋىسنىڭ ئۈستىگە يىقىلدىم، ئاندىن نېمە ئىشلار بولغىننى بىلمەيمەن، ھوشۇمغا كەلسەم يۈزۈمنى پۈتۈنلەي داكا بىلەن ئورىۋىتىپتۇ، ئەسلىدە مەن ئاشۇ گۈزەل ھەم ئاسي چىرايىمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان ئىكەنمەن. يىغلىدىم، ئۆلىۋالماقچى بولدۇم لىكىن ئاتا ئانام توسىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي بالنىستا ياتتىم.

 ئاخىر ئاشۇ بەتبەشرە ھالىتىم بىلەن دۇختۇرخانىدىن چىقتىم، دەل شۇ كۈندىن باشلاپ ئەتراپىمدا يۈرگەن ھېلىقى پەرۋانىلەر ئۆزلىكىدىن ئۇچۇپ كېتىشتى، مىنى كۆرگەنلا كىشى بىر خىل قورقۇش بىلەن قارايتتى، ئەينەككە قارىسام مەن ئادەم سۈلىتىمنى يوقاتقان ئىكەنمەن.  چىرايىم بۇزلۇپ كەتكەندىن كېيىن مۇھەببىتىممۇ مېنى تاشلىۋەتتى، QQ ،ئۈندىدارلارمۇ چۆلدەرەپ قالدى. ماڭا يەنىلا ھەمراھ بولۇپ قالغىنى مىھرىبان ئاتا ئانام بولدى…

بۇنى ئوقۇغان ھەر بىر قېرىندىشىم مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار ، قىزلارغا ياخشى كۆيۈنۈڭلار ، ئۇلار ئاجىز .

مەن ئەمدى چىراينى كۆزلىگەن شۇ ساختا مۇھەببەتكە ئىشەنمەيمەن ، يوقالسۇن ساختا مۇھەببەت.





1354 قېتىم كۆرۈلدى نامسىز ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-10 21:47:24  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-3 21:11:22 قەلبىنۇر
بەكلە ياخشىي يېزىپسىزيېزىپسىز ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ