دادام كەتتى (ھىكايە)- ماھىنۇر قادىر

دادام كەتتى (ھىكايە)

 ماھىنۇر قادىر


  كۈز ۋاقىتلىرى ئىدى، مانا مەن شۇ مىھرىبان مۆھتىرەمىم دادامدىن ئايرىلغىنىمغا ئىككى ئايدىن ئاشتى، بەكمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ قازاغا چىن پۈككۈم كەلمەي بەك ئازاپلاندىم ،ئىشىنىپ ئىشەنمەي ،بەزىدە تېلىقىپ يىغلاپ،بەزىدە خىيالغا پېتىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا بىر جايدا ئولتۇرپ كېتەتتىم ، ئۇ كۈنى يەنى جېنىم دادام كەتكەن كۈنى مەن ئاۋالقىدەكلا دوسلۇرۇم بېلەن دوسلار يىغىلىشىدا ئالدىراش ئىدىم،تۇيۇقسىز تىلفونۇم جىرىڭشىدى تىلفون ئۇرغان ئىنىم ئىدى،ئۇ،،،ئاچا ،دادامنىڭ مىجەزى يوق ،شەھەرلىك دوختۇرخانىغا كەلدۇق ،بالنىستا ياتىدىغان ئوخشايدۇ كەلسەڭ بوپتىكەن دىدى،نىمىشقىكىن يۈركۈم ئىغىپ تىلفوننى قويدۇممۇ قويمۇدۇممۇ ئۆزەمگە نامەلۇم ،دوختۇرخانىغا قاراپ يۈگۈردۈم ،كېلىپ تاپالماي ئىنىمغا يەنە تىفون قىلدىم ، ئۇ دادام جىددى قۇتقۇزۇشتا دىدى قۇلۇقۇمغا ئىشەنگۈم كەلمىدى ،يۈگۈردۈم جىددى قۇتقۇزۇش ئالدىدا ئانام سىڭلىم ئىنىملا يىغلىشىپ تۇراتتى، ئەزەلدىن ئاغرىپ ياتقىننىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان دادام بىھۇش ھالەتتە ياتاتتى،يەردە ئولتۇرۇپلا قالدىم ،يىغلاپ يەنە داۋالاش ئۆيىنىڭ ئەينىكىدىن بارلىق جەرياللارنى كۆرگەش ئۆكسۈپ يىغلاپ، رەببىمدىن شۇ دادامنىڭ ئامانلىقىنى تىلەيتىم،ئەپسۇس،بەك ئەپسۇس دوختۇرلا مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان جاۋاپنى بەردى،كەچۈرۈڭلا بىز بار كۈچىمز بېلەن تىرىشتۇق ئەمما ئۇ،بولاممدى،ھەممەيلەن ھەر تەرەپتىن دادامغا ئۆزىمىزنى ئېتىپ يىغلىدۇق ئەمما دادام جىم ئىدى ،قايتۇرۇپ كەلدۇق،بىردەمدىلا ئۇرۇق تۇققان خوشنا خۇلۇم ئايغى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشلىدى ئىشەنمەيتتىم ،دادام ئاغرىپمۇ قاممىغان تۇرسا،دىگەننىلا ئويلايتتىم ،بىر توپ جامائەت بىردەمدىلا دادامنى يۇيۇپ پاكلاپ كىپەنلەپ تەييار قىلىشتى يېرىم كېچىدىن ئاشتى تاڭ نامازغا ئەچىقىمىز دىيشىپ چىقىپ كېىشتى،كاللامدا بىرلا خىيال دادام چوقۇم ھايات ،بىھۇش بوپ قالسا بىلمۇدۇقمۇ دەپلا ئويلايتتىم يىغلاپ قاخشاپ تاڭمۇ ئاتتى ھەممىمىز جىنازىغا ئېسىلىشىپ يىغلىشاتاتتۇق ،قامائەتلە بىزلەنى مەجبۇر ئايرىم شۇ دادامنى،ھاياتلىقتىكى بىردىن بىر يۆلىكىمنى ئېلىپ كەتتى،مەن پۈتۈن خامۇش ھالەتكە كېلىپ  قالدىم شۇ تەرقىدە دادامنىڭ ئۇش نەزىر يەتتە نەزىرلىرى بېرلىپ تۇققانلا ئۆيۈمگە ئەكىلىپ قويدى ،پەتىگە كېلىدىغانلانىڭ ئايقى ئۈزۈلمىدى نىمىشقىكىن ھېشكىمنىڭ ئالدىدا ،كۆز يېشى قىممىدىم،ئەمما يالغۇز قالغاندا بولسا دادامنىڭ بىر پوفايكىسىنى پۇراپ يىغلاپ ھالىمدىن بىر كېتىپ يەنە قاچانلادىن ئوڭشۇلۇپ ۋاقىت شۇنداق ئۆتىۋەردى،ئىككى ئاي،،،،ئاھ دادام استىلا كەتكىنىگە تەن بەردىم ،ئۆزەمچىلا سىرتقا چىقتىم ،سىرتقا چىقىپلا بۇ كۆزلىرىم كىشىلەر توپى ئارسىدىن شۇ دادامنى ئىزدەيتتى،ئەمما يوق ،شۇ تەركىدە جايىمدا ئۆمچۈيۈپ يىغلاپ قانچىلىك تۇرغۇنۇمنىمۇ بىلمەيمەن بىر چاغلادا ئۆزەمگە كېلىپ ئەتىراپقا قارسام كىشلە ھۈشۈنۈكسىز چىراي ئىپادىسى بېلەن ماڭا قارشىپ قويۇپ كېىپ باراتتى،ئۇلانىڭ بەزىللىرنىڭ قارشى ماڭا ھەي يىتىم دەپ قاراۋاتقاندەك يەنە بەزىللىرى ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك كۆرۈندى يەنە ئالدىمغا قاراپ نىشانسىزلا ماڭدىم ،يەرگە ەل دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ تۇراتتى،بىر چوڭ تۈپ دەرەخ ئالدىغا كېلىپ توختۇدۇم ،ياشلىق كۆزۈم بېلەن دەرەخقە نەزەر سالدىم ،يوپۇرماقلىرى پۈتۈنلەي تۆكۈلۈپ بولغان ئىدى ،تۇرۇپلا شۇ دەرەخ دادامدەك يەردە دەسسىلىپ تۇرغان غازاڭلا مەن ۋە قېىنداشلىرىمغا ئوخشاپ قالغاندەك بېلىندى ئۆزەممۇ بىلمىدىم يەنە دەرەخكە ئېسىلىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ تاشلىدىم ،مەنچە مەن خاتا ئوخشاتمىغان ئىدىم ئادا بىر دەرەخ ئۇ كۆكلەپ تۇرغاندا،ياپ يىشىل يۇپۇرماق بولمىش باللىرى تولىمۇ گۈزەل سالامەت ئىدى كۈزنىڭ جۇتى تۈككەش دەرەخ ،قاخشال شۇ يۇپۇرماقلا باشقىلا ئايىقى ئاستىدا يەكسان ئىدى،،يىغلاپ ھالىم قالمىدى،بىر چاغدا ئىسىمگە كېلىپ ئەتااپقا قاردىم ھېلىمۇ ئىنسان يوق دەرەخنى تۇتۇپ تەسلىكتە ئورنۇمدىن تۇردۇم ،دەرەخ ۋەيەردىكى غازاڭلارغا قارغاش بىر جاينى تېپىپ ئولتۇردۇم  ،تۇيۇقسىزلا دادام تۈگەپ كېتىشتىن بىر كۈن ئاۋال ئۇرغان تىفونى قوۇلاق تۈۋۈمدە قاراڭلاشقا باشلىدى،(قىزىم نەۋرىللىاىمنى ئېلىپ كېلىڭە ئۇلارنى بەك سېغىندى )دىگەن ئىدى مەن (دادا كەچۈرۈڭ ئەتە دوسلا يىغىلىشى بار ئىدى دىسم(مەيلى بوپتۇ بالاپ ئىشڭىز تۈگىگەند كېلەرسىز )دىگەن ئىدىئىچىمدىكى ئاچچىق پۇشايماننى تىل بېلەن ئىپادىلەشكە بەك ئاجىز كەلدىم ،ئۇنداق ئالدىراشلىقىم شۇ كۈنلا بوغان ئىش ئەمەس ئىدى شۇلانى ئويلاپ يىغلاپ ھالىممۇ قالمىغاندا ئۆيۈمگە قايتىپ كەلدىم،ئۆيگە كەلسەم باللىرىمنىڭ ماڭا تەلمۈرۈپ ئانا چوڭ دادامنى سېغىندىم دەپ يىغلاشلىرى ،مىنى يىغىدىن ھالسىز كىلدى،كۈندە بىر رەت شۇ يالغۇز دەرەى تۈۋىدە قانغۇدەك يىغلاپ ،ئۆيگە كېلىپ  باللىرىمغا يالغان كۈلۈپ 6ئاينى ئۆتكۈدۈم مھرى كۈينۈشلىرى باللىرىمنى يەۋاغۇدەك ئامراقلىق بېلەن بېقىشلىرى،ئاھ شۇ دادامنىڭ ماڭا دەيدىغان گەپلىرى بار بولغىدى تاپىلايدىغان ئىشلىرى بولغىدى،شۇلارنى ئويلاپ يىغلايتتىم دادام جاپايىمنى جىق تاتتى قېرىغىنىدا ياخشى باقىمەن دەيتىم  ئەمدى كىمنى باقىمەن ئۆيۈمدە بىرەر ئاخشام قوندۇرۇپ ئۆيۈم تۆرىگە كۆرپە سېلىپ ئامراق تامىقىنى قىپ بېرىپ بىر كۈن باقالىغان بولسامچۇ كاشكى،،،،شۇنداق ئىشلانى ئيلاپ يىغلاپ يۈرۈپ ئۆزەممۇ ساقسىز بوپ قالدىم،يىغلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قاپەىمەن چۈشۈمدە مەرھۇم دادامنى شۇنداق ئېبىق كۆردۈم چۈشۈمدە دادام شۇنچىلىك مىھربان ھالەتتە ماڭا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى ،مەن دادا دەپ ئالدىغا يۈگۈردۈم ئەمما دادام كەممە مىنىڭ ئۇنداق يىغلاڭغۇ قىزىم يو دەپ قاپىقىنى تۈرۈپلا كۆزۈمدىن غايىپ بولدى دادا دەپ ۋاقىرغىنىمچە چۆچۈپ ئويغۇنۇپ يىغلاپ تاشلىدىم ،ئاندىن ئويلاپ يىغلىماي مۇشۇ ىغىللرىم دادامنى نارازى قىلغان ئوخشەيدۇ ،شۇ يىغىنى يىغلىغاننىڭ ئورنىغا شۇ دادامغا قىلاممىغىنىمنى يالغۇزۇم ئانامغا ،دادامنىڭ يالدامىسى قېرىنداشلىرىمغا قىلاي دەپ ،ئويلۇدۇم ،يىغلىمىدىم دىسەم يالغان يىغلاپ تۇردۇم ،ئاتا ئاننىنى پۇرسەت بولسىلا يوخلاپ تۇرسا بولىدىكەن ،كىيىنكى پۇشايمان يۈەككە مەڭگۈ ساقايماس جاراھەت بولىدىكەن  مەندەك ئازاپتا قالماي دىسەڭلا ۋاختىڭلا بولسىلا ئاتا ئاناڭلاغا ھەمراھ بولۇڭلا يوقلاڭلا،ئۇلار سىلەردىن بىر نەرسە تاما قىلمايدۇ پەقەت دىدارىڭلارغا قانمايدۇ خالاس ،،ئەل ۋىدا يۈرۈكۈمدىكى خىزىر سۈپەت  دادا!
     





831 قېتىم كۆرۈلدى ماھىنۇر قادىر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-28 0:11:44  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-18 0:15:37 گۈلبەھرەم
ماينۇر ئ‍اغىينەھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بەك تەسىرلەندىم يىغلاپ تۇرۇپ ئ‍ۇقۇدۇم ساڭا ئ‍اپىرىن
2016-12-17 23:53:51 گۈلبەھرەم
ماينۇر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسەن بەك تەسىرلەندىم
2016-12-17 23:51:15 تۇنساگۈل
بەك ياخشى
2016-12-10 20:15:51 دىلبەر
بەك ياخشى يېزىپتۇ
2016-12-10 20:14:12 ئارزىگۈل
بۇ ھېكايە بەك ياخشى يېزىلىپتۇ بەك تەسىرلەندىم
2016-12-2 9:48:35 رىزۋانگۈل
دادام كەتتى ،بۇ ھېكايە بەك ياخشى يىزىلىپتۇ ،ھەقىقى ۋەقە بولغىنى ئۈچۈن يۈرەك ئ‍ېچىشىدىكەن
2016-12-2 1:25:26 ئەمەتجان
بەك ياخشى يىزىپسز
2016-12-1 22:47:21 ماھىنۇر قادىر
تىلفوندا يازغاشقا ئىملا خاتالىقىدىن خالى بولالمىدىم ياختۇرۇپ ئوقۇغۇنۇلارغا رەخمەت
2016-12-1 22:40:35 رازىيە
ماھىنىۇر جىنىم ھېكايىنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپىسىز تېخىمۇ غەيرەت قىلىڭ
2016-12-1 22:13:40 مەرەمنىسا
دادام كەتتى دىگەن بۇھېكايە شۇنداق ياخشى ھەم شۇنداق تەسىرلىك يېزىلىپتۇ .مىنىڭ ماھىنۇر قىزغا بەرگەن باھايىم ياخشى
2016-12-1 22:11:05 مەرەمنىسا
دادام كەتتى دىىگەن ھېكايە شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ .رەخمەت سىزگە ماھىنۇرقىز بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق ياخشى ھېكايىلەرنى يېزىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەت
2016-12-1 20:53:06 ئوماق
ياخشى يېزىپسىز جانىم ئىچىڭىز بوشاپ قالغاندو
2016-12-1 20:18:31 پاتىمە
ياخشى يىزپسز
2016-12-1 17:07:31 دىلبەر
بەك تەسىلىك يىزىپتۇ شۇ دادىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي
2016-12-1 16:56:06 ھۆرىگۈل
ئ‍اپتۇر ئ‍ۆز بېشىدىن ئ‍ۆتكەن كەچۈرمىشلىرنى يېزىپتۇ ، راس ، بىز پەرزەنىت بولغۇچىلار ئ‍اتا ئ‍انىمىزنى پات پات يوقلاپ تۇرشىمىز كرەك ، دوست تېپىلىدۇ ، لىكىن شۇ مېھرىبانلىرمىز كەتسە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ ، دەماللىققا كۆڭلىمىزنى خوش قىلغان تۈگىمەس چاي ، سورۇن ، مەنىسىز يىىغىلىشلارغا چىقارغان ۋاتىمىزنى شۇ مېھرىبانلىرمىزغا چىقارساق دىگەن ئ‍ۈمۈدىمەن
2016-12-1 16:37:30 گۈلپەرىز
بەك ياخشى يىزىلپتۇ يارايسىز ماھىنۇر خانىم ئوقۇپ بەك تىسىزلەندىم
2016-12-1 16:12:54 خاسىيەت
بەك تەسىرلىك يېزلىپتۇ يۈرۈگۈم ئىزىلىپكەتتى ماينۇر سىزدىن پەخىرلىنىمەن قىزىم
2016-12-1 16:09:31 Jamila
Sawr kiling jenim dostum igam dadingizning yatkan yerini jannatta kilsun
2016-12-1 16:04:28 تۇرسىناي
ياخشى يېزىلىپتۇ 💐💐
2016-12-1 15:52:05 خالىدە
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ , يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم زادى
2016-12-1 15:49:44 تۇرسۇئاي ئېلياس
جېنىم ماھىنۇر،بەك ياخشى يېزىپسىز،،ئاتا ئانا ھەقىقەتەن بىز نىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر يۆلەنچۈكىمىز،غەمگۈزارىمىز،،سەبىر قىلىڭ،بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ بشىدابار ئىشكەن،غەيرەتلىك بولايلى !!دادىمىزنى يوقلاپ بولالمىساق ئاپىمىزنى يوقلاپ يالغۇز قويمايلى،،ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز جېنىم ،،،يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەنى يېزىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ،،ياقتۇردۇم
2016-12-1 15:46:20 rizwangul
maynur kadir yazgan dadam katti namlik yekaya bak tasirlik ikan
2016-11-30 0:08:01 خەيىر گۈلۈم
بەك ياخشى ئ‍ەسەر ئ‍ىكەن ،رەھمەت سىزگە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ