شېئىر ھەققىدە چۈشەنچە

شېئىر ھەققىدە چۈشەنچە


شېئىر_  ئەدەبىيات نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە تۈپكى ژانىرى، ئۇ كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋەئەدەبىيات نەزەرىيسىدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى

     شېئىر _ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەنكىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ مەزمۇن، ماھىيىتىنى باي تەسەۋۋۇر، قايناق ھېسسىياتۋاسىتىسى بىلەن جانلىق، ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىدىغان ئەڭ نازۇك،    ھەرىكەتچان بەدىئىيتۈر ، ئۇنىڭدا تەبىئەت بىلەن جەمىئيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، خىيال بىلەنتەسەۋۋۇر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي، ئورتاق ئېقىمى بىلەن كونكرېت شەخىسنىڭئارزۇ ، ئىنتىلىشى بىر پۈتۈن مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، شېئىر تەبىئەت ۋە جەمىئيەتھادىسلىرىنىڭ نەزمىي كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ شائىرنىڭ ئەنە شۇ    رېئاللىقىنىڭتەسىرىدە پەيدا بولغان ئەڭ نازۇك، ئەڭ    قايناق    ھېس ــ تۇيغۇسىنىڭبەدىئىي مەھسۇلى، شېئىر پەلسەپە ئەمەس، لېكىن ئۇ ئەقلىي ھېكمەت بىلەن ھاياتىيپەلسەپىنىڭ تەبىئىي ماكانى، شېئىر- روھلار ئىسيانى. ئەقىدە ۋە ئىتىقادنىڭ پارلىشى،چىنلىق، گۈزەللىك ۋە ئىزگۈلۈكنىڭ نۇرلىنىشى،    ئەقلىي ۋە ئەخلاقىيكامالەتكە يەتكەن ئالىيجاناپ ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ۋە ساداقىتىنىڭسادا بېرىشىدۇر .    

شېئىر _ ھاياتنىڭئۆزى، كىشىلەر مەنىۋى دۇنياسىنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئارزۇ، ئىنتىلىشى بىلەن قايغۇ ۋەتەشۋىشىنىڭ ھېچقانداق پەدازلانمىغان ھالدا ساپ لىرىكىغا كۆچۈشىىدۇر.

 شېئىر ئاتالغۇسى

شېئىر دېگەن بۇ سۆزئەرەب تىلىدىكى«شوئور» دېگەن سۆزدىن ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىنغان سۆز بولۇپ،ئەرەبچە مەنىسى «سەزمەك»، «تۇيماق»، «ھېسابلىق» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ،يازما ئەدەبىياتتا «ئومۇمەن سۆزلەرنىڭ تەرتىپلىك يۇسۇندا بەلگىلىك قاپىيە بىلەنرىتىملىق ئورۇنلاشتۇرلۇشى....» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ، بۇ    ئۇيغۇر تىلىداشېئىرىي ئەسەلەرنىڭ يىغىندىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .①

شېئىر ۋەزىن ، رىتىم،قاپىيە بىلەن يېزىلغان، ئايرىم مىسرالاردىن تۈزۈلگەن گۈزەل ھېس- تۇيغۇلۇق بەدىئىيئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىجتىمائي ھايات باي تەسەۋۋۇر ، كۈچلۈك لېرىكا ياردىمى بىلەنئەڭ ئىخچام، ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ،

شېئىر ئەڭ دەسلەپخەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا راۋاجلىنىپ يازما ئەدەبىياتقا سېڭىپ كىرگەن. شۇڭا ئۇنىڭنامى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، بولۇپمۇ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا«قوشۇغ»، «تاقشوت»،    «يىر » (جىر، يىر،)،«ئۆلەن» دەپ ئاتالغان.②

خەلقئارادا گېرىكتىلىدىكى(پوئىزىيە)ئاتالغۇسىبىلەن بۇ ژانىرغا نام بەرگەن، كېيىن بۇ ئاتالغۇ رۇس تىلىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن    ئۇيغۇر تىلىغا پوئىزىيەدەپ قوبۇل قىلىنغان، ھازىرمۇ ئەدەبىياتساھەسىنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرىدا    شۇ نامقوللىنىۋاتىدۇ، ③

ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىمىزدىكىشېئىر سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى«سەزمەك» ، «ھىسقىلماق»، «كۈي لىمەك» دېگەندىنئىبارەت.

شېئىر يۇقۇرىقىدەكئاتالغۇلار بىلەن ئىپادە قىلىنىدىكەن، 

ئىنىقلىما

«شېئىر»نىڭ ئىنىقلىمىىسى ھەققىدەئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆز قارىشى ئاساسەنبىردەك. «شېئىر» ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل كۆز قاراش مەۋجۇت.

شېئىر دېگىنمىز : _كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ھاياتتىن كېلىپ چىققان، مەلۇم ئىدىيىۋىپىكىرنى رىتىملىق، قاپىيىلىك، ۋەزىنلىك بەدىئي سۆزلەر ۋاستىسى بىلەن ئەڭ ئىخچام،ئەڭ مەركەزلىك ۋە ئەڭ تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئىنتايىن باي ھېسسىياتقا،مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تۈرلۈكقىلىپ ئېيتقاندا، شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەڭ مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان،چوڭقۇر ئىدىۋي مەزمۇن، كۈچلۈك ھېسسىيات، مول تەسەۋۋۇر، جانلىق، ئوبرازلىق تىل،بەلگىلىك ئاھاڭ ۋە رىتىمغا ئىگە بولغان ئەڭ ئىخچام بەدئىي شەكىلدىن ئىبارەت.

كەڭ مەنىدىن ئېلىپئېيتقاندا، شېىئىر ھېس تۇيغۇنى لېرىك ئوبرازلار بىلەن ئىپادىلەش سەنئىتى ياكى ئوبرازلىقتىل سەنئىتى دېمەكتۇر، تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىر نەسىر نىڭ ئەكسىچە، بىرەر ئوبرازلىقپىكىرنى رىتىم، ۋەزىن ۋە قاپىيە ئارقىلىق ئىخچام ۋە تەرتىپلىك ئىپادىلەش سەنئىتىدېمەكتۇر. رىتىم، ۋەزىن، قاپىيە شېئىرنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى بولسىمۇ، شېئىرنىڭپوئېتىك ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن ئېلىپ    ئيتقاندا، ئۇلاربىردىنبىر زۆرۈر شەرت ئەمەس، شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى سۇبيېكىتتا ھاسىل بولغانئوبرازلىق پىكىر،    ھېس تۇيغۇ ۋەتەسەۋۋۇرنى ئۆزىگە خاس شېئىرىي تىل ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. شۇڭامەلۇم ۋەزىندە كەلگەن قاپىيلىك سۆزلەر تىزمىسىنىڭ ھەممىسى شېئىر بولالمىغىنىدەك،ۋەزىن ۋە قاپىيىگە ئىگە بولمىغان دەبدەبىلىك ھېس ــ تۇيغۇلۇق ۋە ھاياجانلىق سۆزلەرتىزمىسىمۇ    شېئىر بولالمايدۇ. شۇ مەنىدىن ئالغاندا،كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان شېئىرىي پىكىر ياكى مەنىنى شېئىرنىڭ جېنى،ئوبرازلىق  تەپەككۇر  ۋە تەسەۋۋۇردىنقۇرۇلغان پوئېتىك    ۋەزىن ھەمقاپىيىلەرنى شېئىرنىڭ قانىتى، پوئىتىك تىلنى شېئىرنىڭ قېنى ۋە تېنى دېيىش مۇمكىن،شۇنىڭ ئۈچۈن رەسسام بۇيىقى بىلەن،مۇزىكا نىت بارمىقىبىلەن، ئۇسسۇلچى بەدەن ھەركىتى بىلەن، شائىر ھېس تۇيغۇ، تەسەۋۋۇر بايلىقى بىلەن سەنئەت كاردۇر،

شېئىر ئىجادىيتىبىلەن شۇغۇللىندىغان كىشىلەر «شائىر»، «شائىرە»(ئايال) دەپ ئاتىلىدۇ، «شائىر» ۋە «شائىرە»سۆزىنىڭ مەنىسى «ھېسسىيات ئىگىسى»، «ھېس تۇيغۇلارنى ئىپادىلىگۈچى»، «ھېستۇيغۇلارغا باي ئادەم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

شېئىر    تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نەپىس،ئەڭ ئىخچام ئىپادىسى بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تېز تەسىركۆرسىتىش ۋە يېقىملىق تەسىراتقا ئىگە قىلشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سەنئەتنىڭ ئەڭيۇقىرى تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇنى ھەتتا بەزىلەر «ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ تاجىسى»دەپ ئاتايدۇ، شېئىرنڭ مەنىسى «ھېس- تۇيغۇ» بولغانلىقتىن ئۇنڭ ئستېمال مەنىسىدىنمۇكۈچلۈك ھېسسيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ھەم مول تەسەۋۋۇر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ.شېئىرنىڭ مەزمۇنى ئالىي دەرىجىدە تىپىكلەشكەن ھەم مەركەزلەشكەن بولغانلىقتىن،شائىر ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى تولۇق بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىجادىي پىكىريۈرگۈزگەندە شېئىر تىلىنىڭ ئىخچام، ئېنىق،    چۈشىنىشلىك،    كۆركەم بولۇشىغائالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شېئىر ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، ھاياتتىكى ئەڭمۇھىم ۋە ئەڭ تۈپ نەرسىدۇر.    سۇبيېكتىپ ھېسسىيات جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ شائىرنىڭ قەلبىدە زور ھاياجان قوزغىغان ۋە تاۋلىنىشىدىن ئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىدۇر.






234 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-31 20:32:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ