ياشلىقىمغا يىغلايمۇ ياكى مۇھەببىتىمگىمۇ ؟ - ھېكايە

 ياشلىقىمغا يىغلايمۇ ياكى مۇھەببىتىمگىمۇ ؟
  (ھېكايە)
  گۈلنىگار  مەترۇزى 


  بۈگۈن ھايات دەپتىرىمنىڭ ئون سەككىزىنچى ۋارىقى يىرتىلدى ، قەلبىم شۇنچىلىك لەرزان بەخىتتىن ئۆرتىۋاتاتتى ، چۈنكى بارچە ھەۋەس قىلىدىغان ھەتتاكى ناخشىلاردىمۇ كۈيلەيدىغان ئون سەككىز يېشىمنى مەن كۈتىۋالغان ئىدىم .
 ئىسمى ئون سەككىز ياشلىق بۇ مىھمان ، قىسقىغىنە ئىككى ئايدا  ماڭا  نۇرغۇنلىغان نىممەتلىرىنى  بەردى . ھەممە ئارزۇ قىلىدىغان ئۆزۈمنىڭمۇ ئارزۇسى بولغان ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە ئېرىشتىم . گەرچە شۇ خىزمەت ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولساممۇ ، كىشىلەر نەزىرىدە تىرىشچانلىقىمدىن بەكرەك يېشىم قززىق نوقتا  بوپ قالغان ئىدى "كىچىكلا خىزمەتكە چىقىپتۇ " "بالا خانىم ئىشتىن كەلدىڭما " ... دېگەن گەپلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇراتتىم ،دېمىسىمۇ ھازىرقى  دەۋرگە نىسبەتەن مەن راسلا  "بالا خانىم " ئىدىم .
مانا ھەش پەش دېگۈچە خىزمىتىمگىمۇ ئىككى ئاي بوپ قالدى . مەن ناھىيىمىزگە 67كىلومىتىر كېلىدىغان تاغلىق يېزىدا  ئىشلەيتتىم . يول يىراق ھاۋاسى نەم خىزمەت جاپالىق بولسىمۇ كۆڭلۈم ئىنتايىن خۇشال ئىدى چۈنكى ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئاتائانىلىرى مائارىپنى بەك قوللايتتى . بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىسىنىڭ  تىرىشچانلىقى ، ئاتا ئانىلارنىڭ قوللىشىدىن ئارتۇق بەخىت بولمىسا كېرەك . يېشىم كىچىك يېڭى ئىشقا چۈشكەن بولساممۇ توختىماي ئىزدىنىپ تىرىشىش ئارقىلىق مەكتەپتە خېلىلا  ئىناۋەت تىكلىۋالغان ئىدىم .ھازىر تۇرمۇشۇمدا شۇ خىزمەتتىكى  بېسىم چارچاش ۋە يەنە خۇشاللىقتىن باشقا ھېچ قانداق يېڭىلىق ئۆزگۈرۈش يوق ئىدى . ھاياتىم خۇددى كۆلدىكى سۇدەك تىمتاس ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى .
بۈگۈن شەنبە بولۇپ دەم ئالغان ئىدىم ، ئۆيدىكىلەر ھېچ قايسى يوق ئىدى  ، شۇنداق يالغۇز زىرىكىشلىك دەملەردە ئادەمگە ئازراق مەنا بېرىدىغان ، ياشلارنىڭ كېچە كۈندۈز يېنىدىن ئايرىيالمايدىغان تېلفۇننى قولۇمغا ئالدىمدە ئۈندىدارىمنى ئاچتىم . كەلگەن خەتلەر ساناقسىز  ئىدى . ئۈندىدارىمدا توپ كۆپ بولغاچقىمۇ مۇشۇنداق خەتكە توشۇپ كېتەتتى ، يېڭى كەلگەن ئۇچۇرلارنى بىررەت كۆرىۋەتكەندىن كىيىن بىر سالوندىكى تىمىسى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ھالدا "ھەممە  ئادەم كۆرۈپ بولدى ، پەقەت سىزلا قالدىڭىز " دەپ قويۇلغان بىر ئۇچۇر دىققىتىمنى تارتتى ، شۇ قىزىقىشىم بىلەن بىر  چىكىپلا ئاچتىم ئەمما ئىچىدە بولسا " نىمىلىقىنى كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز ئېتىۋېتىڭ " دېگەن خەتتىن باشقا  ھېچ نىمە  يوق ئىدى بۇنى كۆرۈپ كۈلگۈم كەلدىيۇ ئەمما  كۈلەممىدىم ، چۈنكى مەندەك بىر  ئىنچىكە  ئادەم ئۈچۈن بۇ ئالدامچىلىق ئىدى ، شۇ ئىدىيە بىلەن سالونغىلا " ئالدامچى " دېگەن خەتنى يېزىپ يوللۇدۇم ، خىيالىمدا  سالون دېگەن ماشىنا  ئاپتۇماتىك ئۇچۇر  قايتۇردۇ بىردەم تىللاپ زىرىككىنىمنى  تۈزەي دەپ يەنە بىر نەچچە ئۇچۇرلارنى يوللۇدۇم ، دەل شۇ ۋاقىتتا سالوندىن  "سىزنى قانداق ئالدىدىم ؟" دەپ خەت كەلدى  ، بۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم ، ھەم سالونننىڭ ماشىنا  ئەمەس  ئادەم باشقۇرىدىغان ئۈندىدار سۇپىسى ئكەنلىكىنى بىلدىم .  كىچىكىمدىن گەپدان بولغاچقىمىكىن سەل گېپىم جىق ئىدى ھەم زىرىكىشتىنمۇ شۇ سالونغا خەت يېزىپ پاراڭلىشىپلا كەتتىم  .  ئۇ سالوننى باشقۇرغۇچىمۇ ماڭا ئوخشاشلا  گەپدان ئىكەن ، شۇڭىمىكىن تۇنۇشماي تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق . بىز پاراڭنىڭ  ئاخىردا  ئايرىم ئۈندىدارىمىزنى قۇشۋېلىشپ خوشلاشتۇق .
 ئۇنىڭ گەپلىرى شۇنچىلىك قىززىق ، يۇمۇرىستىك ئىدى شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان ئىدىم .  
مانا دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپ دۈشەنبىمۇ كەپ قالدى ئىشلەپ كەتتىم . مەۋسۇم بېشى بولغاچقىمۇ  بەكلا  ئالدىراش  ئىدىم .  شۇنداق ئالدىراشچىلىقتىن مىنۇت بىكار  ۋاقىت چىقارساملا  ئۈندىدارغا  قارايتتىم . خەتلەرنى كۆرەتتىم ، يۇمۇرلاردىن كۈلەتتىم ...    خەتلەر ئارىسىدىكى  "ياخشىما خانىش "دېگەن خەت باشقىچىلا دىققىتىمنى تارتتى . ئەسلى ئۇشۇ ھېلىقى سالوندا تۇنۇشقان كىشى ئىكەنتۇق . يەنە پاراڭلىرىمىز باشلىنىپلا  كەتتى . بۇ قېتىم بىز ئۆزىمىزنى تۇنۇشتۇردۇق . ئۇمۇ مەن بىلەن بىر ناھىيىلىك بولۇپ ، دۆلەت كادىرى ئىدى . ئىسمى  ئەكرەم ئىكەن . شۇ تۇنۇشىشلاردىن كىيىن پاراڭلىرىمىز  بارغەنچە جىقلىشىپ كەتتى ،  ۋاقىت چىقسىلا پاراڭلىشاتتۇق  كىيىن تېلفۇن نۇمىرلىرىمىزنى قالدۇرۇپ تېلفۇنلىشىدىغانمۇ بولدۇق .  
ئارىدىن بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتتى ، بىربىرىمىزگە بولغان قىزىقىش بىزنى كۆرۈشۈشكە مەجبۇر  قىلدى . بىز كۆرۈشمەكچى بولدۇق .
  مانا بۈگۈن باشقىچە تەييارلىق قىلىپ سىرتقا  چىقتىم ، بۈگۈن دەل ئەكرەم بىلەن كۆرىشىدىغان كۈن ئىدى . ئۇنى كۆردۈم ، ئۇنىڭ  ئۈستىدىكى ساقچى كىيىمى بەكلا  ياراشقان  . ئىنتايىن كىلىشكەن ، سالاپەتلىك يىگىت ئىدى . تۇنجى كۆرۈشۈش بولغاچقىمۇ ئۈندىداردىكىدەك جىق پاراڭ قىلاممىدۇق .  جىمجىتلىقنى ئۇ بۇزۇپ سۆز قىلدى ، "تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشكە جىق تەييارلىق قىلالمىدىم ، خىزمەت بەك ئالدىراش "دەپ ئۆزىنىڭ خىزمەت كىيىمى بىلەنلا  كەلگىنىنى چۈشەندۈردى . مەنمۇ چاقچاق قىلىپ :"شۇنى دەيمەن مەن ياسنىپ  ھېرىپ كىتىپتىمەن " دەپلا قويدۇم كۈلۈپ ، شۇ كۈلۈشلە بىلەن ئۇچۇرشىشمۇ ئاخىرلاشتى ،  ئۇ مىنى ئۆينىڭ ئالدىغا  ئەكەپ قويۇپ يەنە ئىشلەش ئۈچۈن ئىدارىسىغا قايتتى .
ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ئىچىمدە بىر  لەرزان تۇيغۇ بار ئىدى . بەلكى بۇ ياشلىق بولسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇمدە خىزمەت  ھارغىنلىقىدا بىردەمدا  ئۇخلاپ قاپتىمەن .  ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە شۇ ئىشلەش بىلەن بوپ كەتتىم . ئارىدا  ئەكرەم بىلەن تېلفۇنلىشىپ ، ئۇچۇرلىشىپ تۇردۇق . يەنە بەزىدە ئۇ ئالدىمغا  ئالغىلىمۇ  چىقاتتى . ناھىيىگە بارغۇچە بىز  ئىنتايىن قىززىق پاراڭلار بىلەن كۈلۈشۈپ  ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنىنىمۇ تۇيماي بىردەمدىلا بېرىپ قالاتتۇق .
بىر  ئايدەك ۋاقىت ئۆتتى بىز  بارغانچە يېقىنلىشىپ سىرداشلاردىن بوپ قالغان ئىدۇق . كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دەپ ئۇنىڭغا  كۆنۈپ قالغان ئىدىم ، بىرە كۈن پاراڭلاشمىسام ئىچىم ئاچچىق بوپ قالاتتى .  شۇنداق بىر بىرىمىزگە كۆنۈپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ماڭا  يۈرۈش تەكلىۋىنى قويدى . ماقۇل دەي دىگەن بولساممۇ ئاخىردا  قىزبالىلىق  نازىم  ھالىم بولسۇن دەپ ئويلاپ بىر  ئاي ئويلىنىۋالاي دېدىم . ئەكرەم ماڭا  شۇنچىلىك ھۆرمەت قىلاتتىكى مەن بىر دېسەم ھەرگىز ئىككى دېمەيتتى . ئۇ بىر  ئاينى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۈندە كۈن ساناپلا  ئۆتەتتى ھەم ماڭىمۇ "29كۈن قالدى " "19كۈن قالدى " دېگەن ئۇچۇرلارنى كۈندە يوللاپ تۇراتتى . ئۇ ئىنتايىن كۆڭۈل ئۇتۇشقا  ئۇستا  ئىدى . كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى  بىلىپلا  تۇراتتى ، دائىم  ھەر خىل ئىشلارنى قىلىپ مىنى تەسىرلەندۈرۈپلا  تۇراتتى شۇڭىمىكىن  ئۇنىڭغا  بارغانچە ئامراق  بولۇپ قالغان ئىدىم . شۇ ئامراقلىق سەۋەپ بولدىمۇ ياكى ئۇنىڭ مەن ئۈچۈب قىلغان ئىشلىرى مىنى بەك تەسىرلەندۈرۋەتتىمۇ ئاخىرى بىر  ئاي ئويلىنىش  ۋاقتىدىن 11كۈن قالغاندىلا ئۇنىڭغا  ماقۇل بولۋەتتىم . بىز شۇنداق بەخىتلىك ئۆتەتتۇق كۆلدىكى سۇدەك تىمتاس  تۇرمۇشۇممۇ ئەكرەمنىڭ  مۇھاببىتى بىلەن چۈشۈپ كەتسە چىقىش مۇمكىن بولمىغان قاينامغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى ، بۇرۇنقى خىزمەت بىلەنلا ئۆتكەن زىرىكىشلىك كۈنلىرىمدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى  . دەل مۇشۇ بەخىتتىن كۈلۈپ خۇشال يۈرگەن چاغلىرىمدا ئون سەككىز يېشىمنىڭ ئەكرەمدەك نىمەتنى يەنە ماڭا  ئايىماي بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتتىم . ھەم ئو سەككىز ياشنىڭ نىمىشقا ھەممە ھەۋەس  قىلىدىغان ياش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم .
بىز  قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ ئايلار ئۆتتى يىللار ئۆتتى ، بىز  ئەكرەم بىلەن بۇرۇنقىدەكلا  بەخىت  ئىچىدە بەش قىشتىن كىيىنكى باھارنى كۈتىۋالدۇق . ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئون يوققۇز ، يىگىرمە ، يىگىرمە بىر ، يىگىرمە ئىككى ، يىگىرمە ئۈچ يېشىمنىمۇ كۈتىۋالدۇق ھەم ئۇزاتتۇق . يېنىمدا ئەكرەم بولغاچقىمۇ ئەمدى ئون سەككىز يېشىمغا قايتالمىساممۇ يەنىلا ئون سەككىز يېشىندىكىدەكلا خۇشال ئىدىم .
بىز شىرىن مۇھەببەت قاينىمىدا چۆرگىلەۋاتقىلىمۇ بەش يىل بوپ قاپتۇ بۇ بەش يىلدا بىز  بىرەر قېتىممۇ زىدىيەتلىشىپ باقمىغان ئىدۇق شۇنچىلىك بىربىرىمىزنى چۈشۈنۈپ ياخشى ئۆتەتتۇق .
گەر يېشىم كىچىك بولسىمۇ خىزمەتكە  چىقىپ قالغىلى ئۇزۇن بوپ قالغاچقىمۇ ئۆيگە پات پات ئەلچىلەر كىلىپ تۇراتتى . كۆڭلۈمدە ئەكرەم بولغاچ ھەر قانچە ياخشى يىگىتلەر كەلسىمۇ ، ئۆيدىكىلەر سۆزلەپ نەجبۇرلىسىمۇ مەن يەنىلا  رەت قىلاتتىم .
ئەكرەمنىڭ ئەلچى كىرگۈزىشىنى شۇنچىلىك كۈتەتتىم ئەمما ئۇنىڭغا  دىيەلمەيتتىم ، ئۇنى توي قىللى دېگۈزۈش  ئۈچۈن بەزىدە :"ئۆيگە يەنە ئەلچى كىرىپتۇ ، دادام ئاناملا زورلاۋاتىدۇ " دەپ قۇياتتىم ھەر  قېتىم توي توغرۇلۇق گەپ قىلسام ئۇ گەپنى ئۇياق بۇياققا  بۇراپ ئۆزىنى ئەپ قاچاتتى ، ئۇنى بەك ياخشى كۆرگەچكە پەقەت ئۇنىڭ بىلەن قېيداشقۇم زىدىيەتلەشكىم كەلمەيتتى ھەر قانداق ئىش بولسا چىرايلىق ئۆتكۈزۋېتەتتىم .
  كۆزدىن ئايرىغان ئىگەم ، ھاسىدىن ئايرىماپتۇ دەپ كۆڭلۈم توي ئىشى بىلەن يېرىم بولۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ، مەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يۆتكۈلۈش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . بەش يىل تاغدا خىزمەت قىلغان مەن ئۈچۈن كاتتا بىر خۇشاللىق بوپ قالدى . بۇندىن كىيىنكى خىزمەت ئورنۇم بولسا ئۆيۈمگە يەتتە يۈز مېتىرلا  كېلىدىغان ناھىيىلىك بالىلار باغچىسى ئىدى . ئەكرەمنى ھەيران قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ خۇش  خەۋەرنى دېمىگەن ئىدىم .
بۈگۈندىن باشلاپ يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا يېڭىچە قىياپەت بىلەن ئىشقا چۈشتۈم ، بۇ يەردىمۇ سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتۈدۈم ، بۇرۇنقىدەكلا ئوقۇتىدىغىنىم تۆت ياشلىق بالىلار ئىدى . بىر كۈنلۈك جاپالىق ئىشلەش ئاخىرلىشىپ بالىلارنىمۇ قويۇپ بېرىدىغان چاغ بولدى بالىلار بىلەن ئاتا ئانىسىنى كۈتكەچلا ئەكرەمنى سېغىندىمدە تېلفۇن قىلدىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇننى تېزلا قۇيۋەتتى ، ئۇ ساقچى بولغاچقا بۇنداق ئەھۋاللا كۆپ كۆرۈلگەچ مەنمۇ توغرا چۈشۈنەتتىم .  تېلفۇننى قويۇپ بالىلار بىلەن پاراڭلىشپ بىرلىكتە ئاتا ئانىلارنى كۈتتۈم ، بۇيەردىكى تۇنجى كۈنۈم بولغاچقا ھەر بىر ئاتا ئانىغا سالام قىلىپ ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ بۇندىن كىيىن مۇشۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئكەنلىكىمنى ئېيتىپ چىقتىم بالىلار بىر بىرلەپ ئازلاۋاتاتتى ، ناتۇنۇش چىرايلار ئىچىدىكى ئەكرەمنىڭ تۇنۇش چىرايى دىققىتىمنى تاتتى ، مىنىڭ بۇ يەرگە يۆتكەلگەنلىكىمنى بىلىپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىميۇ ئەمما كۆرگەنلىرىمگە چۈشمىگەنلىكىنى ھېس قىپ جىملا بوپ قالدىم . ئۇنىڭ يېنىدا 28ياشلار ئەتراپىدا ئەكرەم بىلەن تەڭتۈش بىر ئايال بار ئىدى . ئەكرەمنىڭمۇ چىرايى ئۆزگەردى ، مەنمۇ تامغا قاققان مىختەك تۇرۇپلا قالدىم ، ئۇلارنى كۆرۈپ سىنىپىمدىكى خالنۇر ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇغۇچۇم "خانىم دادام ئانام كەلدى "دەپلا يۈگۈرۈپ ئەكرەمنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ تۇردى . بېشىم قايدى ، بېشىمدىن بەكرەك يۈرۈكۈم بىئارام بولىۋاتاتتى . كىچىكىمدىن غۇرۇرۇم كۈچلۈك بولغىنى ئۈچۈنمۇ ئازابىمنى چاندۇرۇشنى خالىمىدىم . مەن سۆيگەن ، مەن تىگىمەن دەپ جان دىلىم بىلەن ياخشى كۆرگەن ئەكرەمنىڭ بىر ئائىلىنىڭ بېشى ، بىر ئايالنىڭ ئېرى ، بىر گۈدەك سەبىنىڭ دادىسى ، مىنىڭ يىگىتىم ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى قار بېسىپ قاپتۇ دەپ قوپقان چۈشلىرىمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم . ئۇلارغىمۇ چىرايلىق كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇردۇم ھەم ئەكرەمنىڭ ئايالى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتىم . ئۇلارمۇ خوشلىشىپ كېتىپ قالدى . ئەكرەمنىڭ مەن گىرە سالىدىغان بوينىدا بۈگۈن بىر سەبىنىڭ قولى بار ئىدى ، مېنىڭ قىززق گەپلىرىم ياڭرايدىغان قۇلاق تۈۋىدە خالنۇرنىڭ تاتلىق ئاۋازى ياڭراۋاتاتتى . شۇ تاپتا ئەكرەمنى ئۇرغۇم تىللىغۇم كىلەتتى ئەمما قولۇمدىن كەلمىدى .  چۈنكى  بىر  قىز بولۇش  سۈپۈتۈم بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئەكرەمنىڭ بۇ ئالدامچىلىقىدىن مەندەك ئازاپلىنىپ كىتىشىنى خالىمىدىم . ئۆز ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۇرۇش جىدەل بىلەن تولۇشىنى خالىمىدىم .
يۈرۈگۈم بەك ئاغرىۋاتاتتى . بەش يىلدىن بۇيان نۇرغۇن يىگىتلەر قوغلاشقان بولسىمۇ ئەكرەم بار دەپ ئالاقە  قىمىغان ئىدىم ،  بۈگۈن ئاچچىققا چىدىماي ئۇزۇندىن بۇيان قوغلىشۋاتقان بىر يىگىتكە تېلفۇن قىلدىم ئۇ دەرھاللا ئالدىمغا كەلدى ئۇمۇ ساقچى بولۇپ ئىسمى مۇرات ئىدى .
مۇرات كۆڭلۈمنىڭ  يېرىملىقىنى بىلىپ مىنى خۇش  قىماقچى بولدى ، ئەمما خۇش قىلاممىدى . ئۇ سۆزدىن توختىدىدە مىنى ئۆيگە ئەكەپ قويدى  . ماشىنىدىن چۈشۈشۈمگە ئەكرەمنىڭ تېلفۇنى كەلدى ، شۇ تېلفۇن نۇمۇرغا  قاراپ تۇرۇپلا ئويغا چۆكتۈم ، ئۇ ماڭا  ھەر بىر  تېلفۇن قىغىنىدا ئەسلى ئايالىنى ، بالىلىرىنى ئالداپ ھېچ ئىنسان يوق يەرلەرگە بېرىپ ئالاتتىكەن . مەن تېلفۇننى ئاممىدىم . ئۇيەنە ئالدى ئاممىدىم . ئۇ توختىماي ئون قېتىمدەك تېلفۇن ئۇردى مەن يەنىلا  ئالمىدىم . تېلفۇننى تاقىۋەتتىم ، ئۆيگە كىرىپلا ئۆزۈمنى ياتاق ئۆيۈمگە سۇلاپ يىغلاشقا  باشلىدىم . چۈنكى بىر  قىز  ئۈچۈن ئازاپ چىقىرىدىغانغا يىغلاشتىن باشقا ئۇسۇل يوق ئىدى . ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئازاپلاش ئۈچۈن ناخشا قويدۇم ، چۈنكى شۇ ئەكرەمنىڭ ھېچ ئىشىنى بىلمەي ىۈرگەن ئۆزۈمگە ئاچچىقىم بار ئىدى بىر  ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلمىگەن پەس كۆڭلۈمگە ئاچچىقىم بار ئىدى . ناخشىلار ئارىسىدىكى "بىر يۈرەككە ئىككى مۇھەببەت بىلەرسەنمۇ سىغماس ھېچ قاچان " دېگەن مىسرالار مىنى تېخىمۇ  ئازاپقا چۆكتۈرۋەتتى . خۇددى ئانىسىنىڭ ئېمىتىشىگە مۇھتاج بولغان ئاچ بوۋاقتەك ساراڭلارچە يىغلاپ كەتتىم . ئاۋازىمدىن ئاناممۇ يا  يىغلىغىنىمنى يا  كۈلگىمنى بىلەلمىگەن ئىدى . ئۇ ئىشىكنى چىكەتتى نىمىش بولدى دەپ مەندىن جاۋاپ چىقمايتتى  يىغلاپ يىغلاپ ھارغان بولسام كىرەك ئۇخلاپ قاپتىمەن .
ئەتىسى ئۇيقۇدۇن ئويغىنالمىدىم ئۆزۈمنى ئۆزۈم زورلاپ ئويغانساممۇ كۆزۈمنى يۇمىۋالاتتىم . چۈنكى رىئاللىقتىكى بۇ ئازاپقا  بەرداشلىق بەرگۈدەك ساق مىڭە ساق روھ مەندە يوق ئىدى
ئانام ئىشىك تۈۋۈمدە "تاماق يە ، ئىشقا  بارمامسەن " دەپ چىكىپلا  تۇراتتى . مەندە نەگەپ قىلغۇدەك مادار ، نە ئىشقا بارغۇدەك چىراي بار  دەيسىلەر . ئانام ئىشقا  بارمايدىغانلىقىمنى بىلدى بولغاي باشلىقىمغا تېلفۇن قىلىپ مەن ئۈچۈن رۇخسەت سورىدى .
ئەكرەمنى يەنە سېغىندىم بولغاي ئۆزۈمنىمۇ تۇيمايلا تېلفۇننى ئاچتىم ئەكرەمنىڭ چۈشەندۈرۈش ئۇچۇرلىرى يېغىپ كەتكەن ئىدى . "سېنى ياخشى كۆرىمەن " دېگەن قايتىما قايتا  ئەسكەرتمىلىرى خۇددى كىچىك بالىنى دانلايدىغان سوسكىدەك مىنىمۇ  ئالدايلا  دەپ قالغان ئىدى بىراق شۇ دەملەردە مەن بىلەن تەڭ  ئىشىك تۈۋىدە ئازاپ چەككەن ئانامنىڭ نەسىھەتلىرى مىنى ئالدىنىشتىن توسۇپ قالدى. ئانامغا گەر نىمىش بولغىنىنى دېمىگەن بولساممۇ مىنىڭ مۇھەببەتتىن ئازار يىگىنىمنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان ئىدى . " سىزبىلەن تەڭ خىزمەتكە  چىققان باللانىڭ بالىسىمۇ بولۇپ بولدى ، سىزلا ھەممە  يەنى ياندۇرۇپ يۈردىڭىز ئەمدى بۇنىڭىزغىنا  يىگەندەك قىلىسىز ئەمدى ئويلۇشۇڭ ، مۇراتمۇ بولىدىغان بالا ئۆيدىكىلىرى بىلەنمۇ بىلىشىمىز ئۇ بالىمۇ  ۋاي دېگىلى بەش يىل بولاي دېدى ، شۇنىمۇ ئويلۇشۇپ بېقىڭ ." دەپ توختىماي سۆزلەيتتى . ئانامنىڭ توختىماي سۆزلىشىدىن بىزار بولسام كېرەك ئىشىكنى ئېچىپ ئانامنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتىم . ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقى شۇ بولسا كېرەك دەرتنى مەن تارتسام ئۇ مەندىن بەكرەك يىغلاپ كەتكەن ئىدى .
ئادەم ئەڭ بەك ئازاپ تارتقاندا قارار چىقىرىدىغان ئەقىلدىن ئايرىلىپ قالسا كېرەك ئانامنىڭ سۆزلەشلىرى بىلەنلا ئانام نىمە دېسە ماقۇللا دەپتىمەن .  
 گېلىمدىن بىرە يۇتۇم سۇ مۇ ئۆتمەيتتى . خۇددى ئەكرەمسىز  ياشالمايدىغاندەك بوپ كەتكەن ئىدىم . مۇرات ئارىدا  ئەھۋال سوراپ تېلفۇن قىپ تۇراتتى . ئىشقا بارمىغىلى ئۈچ كۈن بوپ قالغان ئىدى . شۇنچىلىك مىجەزىم يوق ئولتۇرسام مۇراتنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۆيىمىزگە ئەلچى بولۇپ يەنە كىردى . ئانامغا  نىمە  دېسە ماقۇل دېگىنىم ئۈچۈن بولسا كېرەك بۇدا ئۇلارنى يەنە  رەت قىلاممىدىم . بىر تەرەپ تىن ئەكرەمگە قېيدىسام يەنە بىر تەرەپتىن ئەكرەمگە چىدىمايتتىم . بىراق مۇراتنىڭ شۇ ئەقىدىلىرىگە ئۇنىمۇ رەت قىلىش تەستە .
شۇ ئەلچىلەركىرگەن كۈنىلا توي بىكىتىلدى تويۇم بولسا مۇشۇ شەنبە ئىدى پەقەت تۆت كۈنلا قالغان .  بۇندا ئالدىراشتىكى سەۋەپ مۇراتنىڭ يېشى خېلىلا بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى . ئارىدا ئۆيىدىكىلىرى نەچچە زورلىغان بولسىمۇ توي قىلىشنى خالىمىغان . بۇ قېتىم مەن ماقۇل بولغاچ ئالدىراپلا تويغا  تەييارلىق قىلغان ئىكەن . بۇ تۆتكۈندە بىز توي ئالدىدىكى "گۈل توي …" دېگەندەك كىچىك تىپتىكى ئادىمىگەرچىلىكلەرنى قىلىپ ئالدىراشلا ئۆتۈپ كەتتى . دوسلۇرۇم تېلفۇن قىلىپ تەبرىكلەپ تۇراتتى . بەزىلىرى كىلىپ ئىشلار بولسا قىلىپ ياردەملىشەتتى .
 ھەممە قىز بەخىتتىن جىددىيلىشىدىغان توي ھارپا كۈنى كەلدى . مەندە جىددىيلىشىش نىمىش قىلسۇن تۇيغۇ  سىزىم يوق ئىدى . ئەكرەمنىڭ ئائىلىسىنى كۆرۈپ قىسقىغىنە ئون كۈنگە بارماي تۇرۇپلا  توي قىلدىغىنىم ئۈچۈنمۇ ، ئۆزۈمنى چۈش كۆرىۋاتقاندەكلا ھېس قىلاتتىم .
مانا شەنبە يەنى توى كۈنۈم تاڭ ئاتتى سەھەر سائەت ئالتە بولدى . دوسلۇرۇم توي كۆينەكنى كىيگۈزۈپ ، مىنى پەردازخانىغا  ئەپ ماڭدى . يىغلىغۇملا  كىلەتتى . ھەتتا ھازىرمۇ ئۆزۈمنى سەزمىگەن ئىدىم .
‏m پەرداز قىۋاتقاندا خىيالىم يەنىلا ئەكرەمدە ئىدى ، قۇلاق تۈۋۈمدە ئۇنىڭ "سىنى ياخشى كۆرىمەن ، سەندىن ئايرىلمايمەن " …دېگەندەك ھەرخىل ۋەدىلىرى ياڭراۋاتاتتى .
پەردازخانىدىن يېنىپ بىز ئۇدۇللا توي مەرىكە زالىغا باردۇق . مېھمانلارنى كېلىۋاتاتتى ، كېتىۋاتاتتى . نەۋرە ئاچىلىرىم دوسلۇرۇم توختىماي تەبرىكلەۋاتاتتى . "بەكلا چىرايلىق بوپ كېتىپسە نەزەر ، بەك ئېچىلىپ كىتىپسەن " دېگەن گەپلەرنى مىنۇتتا بىر  ئاڭلاپ تۇراتتىم .
مانا بىردەمدە يىگىت تەرەپ كەلدى . نىكاھ ئۇقۇدى . شۇ چاغدا سەل ئۆزۈمنى تۇيغاندەك بولدۇم .  "تەگدىڭىزمۇ "دەپ سورىغاندا تىنىم بىر چۆچىدى . چۈنكى  بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىشىم بىلەنلا مەن جان دىلىم بىلەن سۆيگەن ئەكرەمدىن مەڭگۈ ئايرىلاتتىم ، ئۇنى سېغىنىدىغان ، ئويلايدىغان ھوقۇقۇممۇ يوق بولاتتى .  بىراق شۇنچە مىھمان ئالدىدا "ياق " دېيەلەمدىم . ئانام دادامنى ئويلۇدۇم  نائىلاج "ھەئە " دەپلا جاۋاپ بەردىم .
مۇھەببىتىم شۇ "ھەئە " بىلەنلا يوق بولدى يۈرۈگۈم ئۆلدى . پۈتۈن مۇھەببىتىم ئەكرەم ، خىيالىم ئەكرەم ئىدى . ئۇنىڭ ئۆلىشىنى ئۈمۈد قىلدىم ."ھايات تۇرۇپ بىرگە ئۆتەلمەي يۈرگەندىن ئۆلسىچۇ ، ھېچ بولمىسا جەسىتى قەبرىسى بولسىمۇ ماڭا  تەئەللۇق ئىدى " دەپ نالە قىلاتتىم .
مۇرات تەرەپكە يۆتكىلىپ ئەكىلىندىم . ئازاپتا يىغلاشنىمۇ ئۇنتىغان ئىدىم . خۇددى ماشىنا  ئادەمدەك كىم نىم دېسە ماقۇل دەيدىغان قۇرۇق تەنلا  بوپ قالغان ئىدىم . مۇراتنىڭ ئانىسى يۈزۈمنى ئېچىپ قويغاندىن كىيىن ياشلار توي ئۆتكىزىمىز  دەپ بىر  رىستۇرانغا  كەلدۇق . مۇراتنىڭ دوسلىرى بەك كۆپ ئىدى . ناخشىلارغا يىگىتلەر  توختىماي ئويناۋاتاتتى . شۇ يىگىتلەر  ئارىسىدىكى ئەكرەمنىڭ  چىرايى مىنى يەنە بىر چۆچۈتتى . قاراپلا  قالدىم . ئەسلى ئەكرەم مۇراتلار  كەسىپداش بولغاچ بۇرۇندىنلا  تۇنۇشاتتىكەن . ئەكرەمنى كۆرۈپ ھەم خۇش بولدۇم ھەم ئازاپلاندىم . چۈنكى ئۇنى كۈندە كۆرمىسەم چىدىمايدىغان بوپ قالغان مەن مۈچۈن ئون كۈن كۆرۈشمەسلىك بەكلا تەس  بولغان ئىدى . نە ئامال مىنى ئالدىغان بولسىمۇ ، ئازاپلىغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا  مەن تاللىغان ، مەن سۆيگەن يىگىتتە .
ئۇنىڭ قاراشلىرى شۇنچىلىك غېرىپ ئىدى . مەنمۇ ئۆزۈمنى ئاران ئاران تۇتىۋالغان ئىدىم . ئۇ يېنىمىزغا كىلىپ بىزگە بەخىت تىلىگەندىن كىيىن كىتىپ قالدى . بەلكى  ئۇ بۇيەردە تۇرالمىدى بولسا كېرەك .
بۇ مىنىڭ ئەكرەمنى ئاخىرقى كۆرۈشۈم ئكەنلىكىنى ئىنىق بىلەتتىم . ئەكرەمدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمىگەن ئىدىم ئۇنىڭ  سىماسى يوق بولغۇچە ئۇنىڭغا  قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم . شۇنداق  مەنىسىزلىك بىلەن  ھاياتتا بىر بولىدىغان تويۇم ئاخىرلاشتى .
مۇرات ماڭا  بەك كۆيىنەتتى ، قېيىنئاتام ، قېيىنئاناملارمۇ بەك ھۆرمىتىمنى قىلاتتى ، ئالدىنقى رۇخسەت ۋە توي رۇخسىتىممۇ تۇشۇپ ئىشقا  چۈشكەن ئىدىم . ئەكرەم بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەكرەمنىڭ قىزى خالنۇر بار سىنىپنى تۇتماسلىق توغرىسىدا مەكتەپ مۇدۇرىمدىن ئۆتۈندۈم ، ئۇمۇ ئارتۇق سورىمايلا ماقۇل بولدى .
شۇنداق قىلىپ ئەكرەم بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالماي يېرىم يىلنى ئۆتكەزدىم . ئارىدا  ئۇنى قىلچىلىك ئۇنتالمىدىم .  شۇڭىمىكىن مۇراتقا بولغان مۇئامىلەم بەك سوغۇق ئىدى .
كۈلۈپ بىرە چىرايمۇ ئاچمايتتىم . ھەر كىشى قىلسا ئۆزىگە دەپ جاھان چۆرگىلەپ مەندىنمۇ ئۆتنىسىنى ئېلىش ئۈچۈن يىتىپ كەلدى .
ئىشتىن كىلىپ تاماق ئىتىۋاتاتتىم ، تېلفۇنۇم سايراپ قالدى جىددىلا تېلفۇننى ئالدىم ، تېلفۇندا  بىر  قىزنىڭ  ئاۋازى چىقاتتى ئۇ قىز  مۇرات بىلەن يۈرۋاتقىنىنى ، مۇراتنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى ، مىنىڭ ئاجىرشىپ ئۆينى بىكارلىشىمنى ئېيتتى  ھە ھە دەپ تۇرۇپلا  قالدىم . گەرچە مۇراتنى ياخشى كۆرىمەن دېيەلمىسەممۇ ئالتە ئايدىن بۇيان بىر ئۆيدە ئولتۇردۇمدە ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ تۇراممايلا قالدىم ، يېنىمدا قېيىئانام بار ئىدى  ، ئۇمۇ جىددىلىشىپ كەتتى چوڭلارنى بىئارام قىلغۇم كەمىگەچ چاندۇرمايلا  تاماقنى ئېتىۋەردىم . مۇراتمۇ قايتىپ كەلدى بىز چىرايلىق تاماق يىدۇق . خىيالىمدا :"مەن مەيلى بىلەي ياكى بىلمەي ئەينى چاغدا ئائىلىسى بار مەكرەم بىلەن يۈرگەن ئىدىم مانا مىنىڭمۇ ئېرىمنى بىلەن باشقىلار يۈرۈپتۇ ، ئۆزەمنىڭ  قىغانلىرىنىڭ جازاسىنى تۆلەيدىغان ئوخشايمەن ھەممىگە چىداي . مۇراتقا  يا كۈلۈپ چىراي ئاچالمىسام ، بولدى ئۆينى بىكارلاپ مۇراتنىمۇ بەخىت تاپقىلى قۇياي ." دېدىم
ئەسلىدىنلا مۇھەببەتتىن ئەسەر يوق ، مۇز يېغىپ تۇرىدىغان ئۆيىمىزدىن شۇ تېلفۇندىن كىيىن جەڭگە جىدەل رەڭ بولۇپ قوشۇلدى .
مۇراتمۇ ماڭا  چىراي ئاچمايتتى مەنمۇ ئۇنىڭغا  چىراي ئاچمايتتىم ، بارا بارا  ئۇ خىزمەت باناسىدا ئۆيگە كەلمەس بوپ كەتتى . مەنمۇ ئۇ كەمىگەندىكىن ئانامنىڭكىدىلا  تۇردۇم . شۇندا  ئۇرۇش  ، كۆرۈشمەسلىكلەر بىلەن بىر  ئاي ئۆتتى .
ئۆيدىكىلەرمۇ بۇ ئىشنى ئۇقتى ، ئىككى ئۆيدىكى چوڭلار  كىلىشىپ بىزنى ياراشتۇرۇپ قويدى . شۇ يارىشىش ھەپتىگىمۇ بارماي يەنىلا ئۇرۇش ، جىدەل باشلاندى . ئاخىرى بىز ئۆزىمىزنى توختىتىپ پاراڭلىشىش ئارقىلىق  ئاجىرشىدىغان بولدۇق .
ئەتىسى سەھەر مەن يۈكتاقلىرىمنى ئېلەپ قېيىنئانام ، قېيىنئاتاملارنىڭ توسىشىغا  قارىمايلا  ئانام قېشىغا  قايتىپ كەلدىم . ئىشقا  باراتتىم كىلەتتىم ئارىدا  مۇراتنى نەچچە باشقا  كىچىك بىر  قىزبىلەن كەتكەنلىرىنى كۆردۈم .  ئۆزەمنىڭ  شورى دەپ لىۋىمنى چىشلەپ ھەممىگە چىدىدىم . شۇ تەرىقىدە ئىككى ئاي ئۆتتى .
بىز ئاجىرشىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش ئۈچۈن كۆرۈشتۇق ،  خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا  كەلگۈچە بىرەر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدۇق . كەلگەندىن كىيىنكى مۇرەسسە قىلىدىغانلارنىڭ  سۇئالىغا  مۇراتلا  جاۋاپ بەردى ، مەن گەپ قىلماي ئولتۇردۇم .
ئاخىرى  بىز ھەممىگە قول بېسىپ ئاجىرشىش دەپتىرىنى ئېلىپ قايتىپ چىقتۇق . چىرايلىق خوشلاشتۇق ، بەخىت تىلەشتۇق . ئۇنىڭ بۇرۇنقىدەك ئۆيگە ئەكىلىپ قويۇشلىرى يوق ئىدى . قاراپمۇ قويماي كەتكەن ئىدى . تاكسى توسۇپ كىلەي دىدىميۇ ئەمما  ماڭغۇم كەلدى ، قولۇمدىكى دەپتەرگە قاراپ  ئىچىۋالغان مەستەك ناھايىتىمۇ روھسىز مېڭىۋاتاتتىم . ئىچىمدە بىر يەرلىرىم قان ياش  تۆكەتتى ، كۆيۈۋاتاتتى : " نىمىگە يىغلايسەن نەزەر ياشلىقىڭغىمۇ ياكى مۇھەببىتىڭگىمۇ ؟ يىگىرمە تۆت ياشقا  كىرىپلا  ئاجراشقان ئايال بولدۇڭ ! زادى نىمىگە يىغلايسەن ؟! ھەممىنى ئۆزۈڭدىن كۆر ئەكرەم ئەكرەم دەپ خەقنىڭ ئېرىگە كۆيۈپ ئۆز ئېرىڭنى ئۆزۈڭ تالاغا  قاراتتىڭ كۈتكىنىڭ مۇشۇمىدى ؟ ئەمدى خۇش بولدۇڭمۇ ؟ " دەپ توختىماي نالە قىلاتتى .
ھەر ئازاپلارنى ھەر كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ كۆنۈپ كەتكەچكىمۇ ، بۇ ئىشلارنىمۇ تېزلا ئۆتكۈزۋەتتىم . تىرىشىپ ئىشلەۋاتاتتىم . چۈنكى ھازىر  شۇ  خىزمەتتىكى خۇشاللىقدىن باشقا  ھاياتىمدا ھېچ  بىر  مەنا  يوق ئىدى . ئاجراشقىنىمنى ئاڭلىغانلا كىشى ، دوسلۇرۇم ، تۇققانلار ماڭا  ھېستاشلىق قىلاتتى . غۇرۇرى كۈچلۈك مەنننىڭ بۇنداق ھېستاشلىقلارغا  چىدىمىقىم تەس بولسىمۇ چىدىماي ئامالىم يوق ئىدى .
دائىم كىچىلىرى مىنىڭ ياشلىقىم مۇھەببىتىم بولغان ئەكرەمنى ئويلاپ ئۈنسىز  ياش تۆكەتتىم .  شۇنداق ئېچىنىشلىق ھايات ، كەچمىشلەر ئۆتۈپ مۇراتنىڭ ئىككىنجى تويىنىمۇ كۈتىۋالدىم . تويغا باردىم تويدا  مۇراتمۇ ئەكرەممۇ بار  ئىدى ئىككىلىسى بىلەن كۆرۈشۈپ مۇراتقا  بەخىت تىلەپ قايتماقچى بولدۇم . مەرىكە زالىدىن چۈشىۋاتسام "نەزەر " دېگەن تۇنۇش  ئاۋاز مىنى قىزىل چىراغقا توختىغان ماشىنىلاردەك تۇرمۇزلاپلا قويدى . ئۇنىڭ چاقىرىشلىرىنى بالىسىنى ئالغىلى كەلگەنىدىكى  تىراگىدىيەلىك ئۇچرىشىشتىن كىيىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم . ئۇنىڭ ئاۋازى بۇرۇنقىدەكلا يېقىملىق ئىدى .
ئۇ " مەن ئاپرىپ قوياي " دەپ يۈگرەپ چۈشۈپ ماشىنىسىنى ئوت ئالدۇردى  مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىمايلا چىقتىم چۈنكى بۇ كۆرۈشۈش مىنىڭ ھازىرقى ھالىمغا ،  خۇددى كۆيۈك يارىنى  پۈۋلەپ قويسا خۇش ياققاندەك، راھەت بېغىشلىغان ئىدى .
ئۇ يولدا كەلگەچ : " بولدى ئازاپلانماڭ ، ھەممە كۈن ئۆتۈپ كېتىدۇ سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن " دېگەندەك سۆزلىرى مىنى ئۇزۇندىن بۇيان پارتىلىيالماي قالغان قەرەلىك بومبىنى چۇۋىمەن دەپ سىمىنى خاتا ئۈزۈپ قويغاندەك پارتىلاشقا مەجبۇر قىلدى . ئۆكسۈپ يىغلاپلا كەتتىم . ئەكرەم تەسىللى بېرىمەن دەپ يىغلىغىنىدىن ئۇڭايسىزلىنىپ قالدى .  يىغلاپ يىغلاپ توختىشىم تەس  ئىدى  . توختىماي نە ئامال ئەكرەمنى قۇيۇپ بەرمەي ئىلاجىم يوقتە . ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەكرەم بىلەنمۇ خوشلاشتىم .
قەدەملىرىم شۇنچىلىك ئېغىر ،  مەن سۆيگەن ئەكرەمدىن ئايرىلغان ئىدىم مانا ئەمدى مىنى سۆيگەن مۇراتتىنمۇ ئايرىلدىم . ھازىر  مەندە قالغىنى بۇرۇنقى كۆل سۈيىدەك جىمجىت ھاياتتىن باشقا  قۇرۇق تەنلا  بارئىدى .
كۈنلۈرۈم مەنىسىز بىلىنىپ ئازاپ چىكىپ ياش تۆكمەكچى بولغىنىمدا مۇنۇ سۇئالنى ئۆزۈمگە قۇياتتىم «ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىقىمغا يىغلايمۇ ياكى خازان بولغان مۇھەببىتىمگىمۇ ؟» 

2016-يىلى 10-ئاي
     





475 قېتىم كۆرۈلدى nigarhan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-15 22:57:53  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-22 11:38:57 رەبىگۈل
بۇرۇنقى ئ‍ەۋەتكەن قورقۇنۇشلۇق ئ‍ەسەرلەرنىڭ ئ‍اخىرىنى ئ‍ەۋەتسەڭلە ،يەنە يېڭى يېڭى قورقۇنۇشلۇق ئ‍ەسەرلەرنى ئ‍ەۋەتسەڭلەر
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ