پەرىشتەم ( پوۋسىت ) 2- قىسىم

 پەرىشتەم
(پوۋسىت)
ئاپتورى : ئابدۇللا ئابدۇلمەجىد ئۇچقۇن
2- قىسىم 


سېستىرا قىزنىڭ يول باشلىشدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كارىدوردا ئازىراقلا مېڭىپ بىر ئۆينىڭ ئىچىگە كىردۇق ، بۇ ئۆيگە بىمارلار ئوكۇل سالدۇرغاندا ياتىدىغان كارۋاتتىن ئۈچى بار بولۇپ تەلىيمگە كارۋاتنىڭ ئۈچىلىسى بوش ئىدى . سېستىرا قىز :
- بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ، مەن ھازىرلا كىرىمەن دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ، مەن گەپمۇ قىلماستىن ئاپئاق كىرلىك تارتىلغان كېسەل كارۋىتىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ سېستىرا قىزنىڭ قولىدا ئوكۇل كۆتۈرۈپ كىرىشنى كۈتمەكتە ئىدىم . تەختىمەن بەش مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن سېستىرا قىز قولىدا بىر بوتۇلكا ئوكۇل ۋە يىڭنىنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا پەيدا بولدى . مەن ئولتۇرغان جايىمدىن بوشقىنە قىمىرلاپ قويۇپ ئۇنىڭ گەپ قىلشىنى ساقلاپ تۇردۇم . سېستىرا قىز قولىدىكى ئوكۇلنى كارۋاتنىڭ يېنىغا قويۇپ قۇيۇلغان جازىغا ئېسىپ قويغاندىن كېيىن مەندىن :
- يېتۋالامسز ياكى مۇشۇنداق ئولتۇرامسز ؟ دېدى .
- بولدى مۇشۇنداق ئولتۇراي، سەل تۇرۇپ ياتارمەن دېدىم.
سېستىرا قىز :- بولىدۇ ئەمسە دېگنچە ، ئەپچىللىك بىلەن سول قولۇمنىڭ تومۇرىغا ئوكۇل يىڭنىسنى ئاۋايلاپ كىرگۈزگەندىن كېيىن يىڭنە ئۈستىگە پىلاستىرنى چاپلاپ قويۇپ بوشقىنە ئاۋازدا :
- ئەمسە ياخشى ئارام ئېلىڭ ، مېنىڭ يەنە باشقا ئىشلىرىم بار ئىدى ، ئەگەر بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، مېنى چاقىرسىڭىز بولىدۇ دېدى .
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرگە جاۋابەن بېشىمنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن سېستىرا قىز ياتاق ئىشكىنى ئاۋايلىپ يېپىپ چىقىپ كەتتى مەن ئايىقىمنى سېلىۋېتىپ كارۋاتقا چىقىپ ياستۇقنى ئېگىزلىتىپ قويغاندىن كېيىن ئاستا خىيالغا چۆكتۈم . ئىچىمدە : ھەجەپمۇ مۇلايىم سېستىراكەن بۇ  گەپ سۆزلىرمۇ شۇنداق جايىدا ، يەنە شۇنداق چىرايلىق…… خىيالىمدا سېستىرا قىزنى باھالاۋاتقىنىمدا تۇيۇقسز تېلېفونۇم سايراپ كەتتى ، دەررۇ چوقۇم ئاپام تېلېفون قىلغان گەپ دېگەنلەرنى ئويلىغاچ  ئىشتان يانچۇقىمدىن تېلېفوننى ئېلىپ نۇمۇرغا قارىدىم ، دېگەندەك تېلېفون قىلغان ئاپام ئىدى . مەن تېلېفوننى ئالدىم ۋە :
- ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاپا ، قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشى تۇردىڭىزمۇ ،ھەممەيلەن ياخشى تۇردۇڭلارمۇ ؟؟ ئاپامغا سوئال دېگەننى ياغدۇرۋەتتىم ، ئاپام قاخشاپلا كەتتى : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام ، ئۆيگە تېلېفونمۇ قىلىپ قويماسمەن ، مەن تېلېفون قىلسام ئەھۋال سوراپ ئېغزىڭنىڭ بىر قات تېرىسمۇ چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالىدۇ ، بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ياخشى ، سەنچۇ بالام قانداقراق تۇردۇڭ ، ئىشلەۋاتامسەن ؟؟
- ياقەي ئاپا شۇ ئالدىراش بوپ قالدىم.......
يوق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئاپام بىلەن ئازراقلا پاراڭلىشىپ تېلېفوننى قويۋەتتىم ، كۆڭلۈم نېمىشقىدۇر يېرىم ئىدى چۈنكى مۇشۇ كۈنلەردە ئۆيدىكلەر بىلەن تازا پاراڭلاشقۇم كەلمەيدىغان ، ئۇلار تېلېفون قىلمىسا مەن تېلېفون قىلمايدىغان ياكى ناھايتى ئاز قىلدىغان بوپ قالغان ئىدىم . بۇرۇن مۇشۇنداق ئاتا ئانىسنى ھەپتىلەپ ئىزدىمەيدىغان باللارنى كۆرسەم شۇنچىلىك بىئارام بوپ كېتەتتىم ھەم نىمىشقا بۇ باللار ئاتا ئانىسنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم ، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەنمۇ شۇنداق باللار قاتارىغا كىرىپ قالغىلى تۇردۇم . بىراق مەن يەنىلا ئۆيدىكلەرنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم ، ئۇلارنى سېغىناتتىم. گەرچە مەن يۇرتۇمدىن ئاتا ئانامدىن يىراق، يات بىر شەھەردە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ،ياشلىق  باھارىم ئەمدىلا ئېچلىۋاتقان 19 ياشلىق نەۋقىران بىر يىگىت بولساممۇ يات شەھەردە ئۆزۈم يەككە يېگانە بولغاچقا بەزى چاغلاردا ، سەھرادىكى شۇ خوشاللىق ئۈزۈلمەيدىغان ئۆيۈمنى ، ئاتا ئانامنى ،ئىنى سىڭىللىرىمنى شۇنداق كۆرگۈم كېلەتتى ، بەزىدە چۈشۈمدە ئۆيىمىزنىڭ ئالىدىدىكى توپىلىق يوللارنى ، ئاتا ئانام ،ئۇرۇق تۇققانلىرىمنى چۈشەپ قالغىنىمدا كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بوپ قالاتتى ، دوسلرىم يوق ئەمەس بار ، بىراق مەن يالغۇزلىقنى خالايدىغان بولغاچقا ئۇلار بىلەنمۇ كۆپ پاراڭلىشىپ كەتمەيتىم ، ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى مېنىڭ باشقا دوسلىرىمنىڭكىدەك قىز دوستۇم يوق ئىدى . ئۆزۈمغۇ بولمىسا قىزلا  كۆيۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە خېلى كېلىشكەن يىگىت ئىدىم . لىكىن نېمىشقىدۇر بىر قانچە قېتىم دوسلىرىمنىڭ :
- ھەي ئەركىن قاچانغىچە مۇشۇنداق بويتاق يۈرۈيسەن دەيمەن ، ھېچبولمىسا بىرەر قىزنى كەلتۈرۈپ ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرمەمسەن . دېگەندە مەن جاۋابەن :
- ھەي ئاداش نېمىسنى دەيسەن ، ئۇ قىزبالا دېگەننى كوچىغا چىقىپلا سىز مېنىڭ قىز دوستۇم بولۇڭ ، مەن سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بولاي دېگىلى بولمىسا ، نىمگە ئالدىرايتىم ئاداش ، خۇدايىم ماڭىمۇ بىرە قىزنى نېسىپ قىلا.....
ھەردائىم دوسلىرىمنىڭ مۇشۇنداق سوئاللىرغا مۇشۇ گەپنى يادلىۋالغاندەك ئويلانمايلا جاۋاپ بېرەتتىم . خىياللىرىم تازا ئەۋجىگە چىقاي دېگەندە تۇيۇقسز ئىشىك ئېچلىپ سېستىرا قىز كىرىپ كەلدى .
ئىككىنچى قىسىمى تۈگدى .
داۋامى بار.....  





594 قېتىم كۆرۈلدى uqkuni ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-6 23:38:58  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-2-24 4:33:44 ئەكبەر
بۇ ئەسەرنىڭ 6 قىسمىنىڭ داۋامى يوقمۇ يە
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ