ھىجران ۋە قىساس( پوۋسىت ) 5- قىسىم

ھىجران ۋە قىساس

( پوۋسىت ) 5- قىسىم

 باشلانغان قاباھەت


ھېچ ئىش قىلىپ خوش ياقماي دېڭىزغا چىقتىم،شۇنچلىك ساپ ھاۋا دېڭىزنىڭ ئۇ تەرپىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. مىنىڭ كۆڭلۈم مۇشىنىڭغا ئوخشاش كەڭرى بولسا ھە ھەممە ئازاپلىرىم دېڭىزغىلا چۆكۈپ كەتسە. بۈگۈن مەن  كىمىنى كىرالىغاچقا بۈگۈن نەگە بارسام ئاپىراتتى كىمە ھەيدەيىغان بالغا مۇشۇ ئەتراپنى ئايلىنىشنى تاپىلاپ قويۇپ، سۈزۈك سۇغا قاراپ يەنە ئۆتمۈش قاينىمىغا كىردىم.
بۈگۈن مانا يامغۇر بىلەن تونۇشقانغىمۇ تۆت ئاي بوپتۇ، يامغۇر ماڭا يىتەكچى بوپ تۈرۈك تىلنى ئۆگەتكەندىن باشلاپ پۈتۈن ئەسيادىم  بىلەن يامغۇرنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپ كەلدىم، ھەركۈنى بىز بىللە ئولتۇرۇپ دەرىس تەكرارلايتتۇق، بىللە باغچىلادا ئولتۇراتتۇق، لىكىن نىمىشقىكىن مۇھاببەتتىن ئېغىز ئاچمايتتۇق. بەلكىم كىيىن ئىگە بولالمايدىغان مۇھاببەتتىن ئىككىنىمىز قورقساق كىرەك. لىكىن پات پات ھولكان پەيدا بوپ قالاتتى، ئۇ ئىككىمىزگە ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ كىتىپ قالاتتى. يەنە بەزىدە كەينىمىزگە ئادەم چۈشەتتى، بۇنى يامغۇرمۇ مەنمۇ ھېسقىلغانىدىم. خۇشاللىنارلىق ئىشلا كۆپ ئىدى، مەسىلەن دادام ئانكارا ۋە ئىزمىر قاتارلىق شەھەرلەرگە زاۋۇت قۇرغانىدى. بۇ ئىشلاغا دادام بەك يۈگۈرەپ كەتمەيتتى، چۈنكى ئىشەنچىلىك ئادەملەنى يۇقرى ماش بىلەن ئىشلىتەتتى، شۇڭا ئۇلامۇ دادامنى ئىنتايىن چوڭ بىلەتتى. يەنە راس ئەزمەت يامغۇر ماڭىمۇ دەرىس ئۆتۈپ بەرسۇن دىگەنىدى مەن قوشۇلمۇدۇم، سەن ياخشىسى كۇرۇسقا بارغىن ئىككىمىزنى ئازادە قويۇپ بېرىپ دەپ تۇرۋالدىم، ئۇمۇ ئاخىرى ئۇيغۇرلا ئاچقان كۇرسقا كىرىپ تىل ئۈگۈنۈشكە باشلىدى. مەنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈرۈك تىلنى پىششىق ئۈگۈنۈپ بولدۇم، بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ بۇنچە ئەقىللىق لىقىنى بىلمەپتىكەنمەن ئەمدى بىر ئاز ھېس قىلۋاتىمەن مىنىڭ قېرىندىشىمنىڭ ئۆلىمىدىن كىيىن تۇنجى قېتىم بۇنداق خۇشال يۈرشۈم ئىدى.

بۈگۈن يەنە يامغۇر بىلەن ئۇچۇرشىشقا كىلشىپ قويدۇم، بۈگۈن مەن يامغۇرغا توي تەكلىپى قويماقچى ئىدىم. شۇڭا يامغۇرنى بىر خوش قىلۋىتەيدەپ ئالاھىدە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم. لىكىن نىم بولدىكىن ھەركۈنى شۇنداق ئۇچۇق ھاۋا بۈگۈن تۇتۇلۇپلا تۇراتتى، مەن بىر ئاشخانىنى كىرالدىم، ۋە ئىچىنى ھەرخىل گۈللە بىلەن بىزەتتىم، چىرايلىق بىر يۈزۈك سېتىۋالدىم. بۇ ئىشلادىن ئۆيدىكىكەنىڭ خەۋرى بولغاچقا ئۇلامۇ كىلىپ ياردەملىشىمىز دەل تۇرۋالدى، لىكىن مەن ئۇنۇمۇدۇم، سىلە ئەنسىرمەڭلە ھەممىسىگە مەن يىتىشىمەن دەپ تۇرۋالدىم.
يامغۇر بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆيدىكىلە يامغۇرنى ئوبدانلا چۈشۈنۈپ قالغاچقا ئۇلامۇ تىزلا قوشۇلدى. مەن تەييارلىق لارنى پۈتتۈرۈپ بوپ سائەتكە قاردىم. سائەت سەككىز بولاي دەپتۇ، يامغۇردىن تېخىچە خەۋەر يوق. تىلپۇن قىلدىم. قايەردە سەن يوقاپلا كەتتىڭغۇ يەنە ساقلىتاي دىگەن ئوخشىمامسەن دىدىم مەن.  مەن ئادەتتە سەن دەيتتىم يامغۇر سىز دەيتتى.
مانا ھازىرلا تەييار بولمەن دىدى. ئۇنداق بولسا مەن ئۆيۈڭنىڭ ئالدىغا باراي يامغۇر ياغىدىغاندەكلا قىلدۇ دىدىم. بۇلدۇ ماقۇل ئۇ ۋاقىتقىچە مەنمۇ تەييار بولمەن دىدى يامغۇر. مەن تىلپۇننى قويۇپ ماشىنىنى ھەيدەپ يامغۇرنىڭ مەھەللىسىگە يۈرۈپ كەتتىم. مەن كەلگەن ۋاقىتتا يامغۇر سىرتا ساقلاپ تۇرۇپتىكەن، تىزلا ماشىنىغا چىقتى مەن يامغۇرنى ئېلىپ ھېلقى مەن كىرالىغان ئاشخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. يامغۇر بۈگۈن ئىنتايىن چىرايلىق بوپكەنكەن بولۇپ خۇددى ئەرەپ قىزىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.  بىز ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختۇدۇق. مەن تىزلا ماشىنىدىن چۈشۈپ يامغۇر تەرەپتىكى ئىشىكنى ئاچتىم، يامغۇرمۇ ئاستا سىلىق سىپايىلىق چۈشتى. مەن يامغۇرنى ئاشخانىغا ئېلىپ كىردىم، يامغۇر مىنىڭ بۇ قىلغانلىرىمنى كۆرۈپ بەكلا خۇش بوپكەتتى. مەن ئستا يانچۇقۇمدىن  قۇتىنى چىقىرىپ، بىر تىزىمنى يەرگە تىرەپ تۇرۇپ توي تەكلىپى قويدۇم. يامغۇر مەن بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز دىدىم. يامغۇر ئاغىزىنى تۇتۇپ دەماللىققا گەپ قىلامماي قالدى ۋە، بىردەمدىن كىيىن يىغلاپ تۇرۇپ خالايمەن دىدى. مەن ئاستا يۈزۈكنى چىقىرىپ يامغۇرنىڭ قولىغا تاقاپ قويدۇم. يامغۇر ئىككىمىز شۇنچىلىك خۇش ئىدۇق، مەن يامغۇرغا تۇنجى قېتىمدىلا توي تەكلىپى قويغانىدىم. ئارلىشىش تەكلىپىنى قويۇشنى شۇنچە كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ لىكىن ئىگە بولاممايدىغان سۆيگۈدىن قورقۇپ قويمىغانىدىم. بىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بىر ۋاق تاماق يىدۇق. كەچ سائەت  ئون بولغانىدى. بىز ئاشخانىدىن چىقىپ ماشىنىنىڭ قېشىغا كەلدۇق. مەن يامغۇرنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن يولغا چىقتىم. قانچلىك ۋاقىت ئۆتتىكى ئىنىق ئىسىمدە يوق، يامغۇر بىلەن ئىككىمىز پاراڭلىشىپ كىتىپ باراتتۇق. بىز ماشىنا بىزگە سوقۇلدى، ئەگىشىپلا يەنە بىرسى سوقۇلدى مەن رولنى ناھايىتى تەستە كونترول قىلدىم. نىمىش بولغىنىنى ئۇقمۇدۇم، لىكىن ئىككى ماشىنامىنى ئوتتۇرغا ئېلىۋېلىپ سوقۇشقا باشلىدى. يامغۇر ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەنىدى. قورقماڭ مەن قېشىڭىز دا سىزگە خەتەر يىتىشىگە يول قويمايمەن دەپ يامغۇرنى بەزلىدىم. مەنمۇ ئىككى ماشىنىدىن قېچىپ ھەيدەشكە باشلىدىم.  ئۇزۇن تىركىشىش داۋامىدا مەن بىر تۈگرۈككە سوقۇلۇپ كەتتىم. مەن سوقۇلۇشنىڭ ئالدىدا دەرھال رولنى قويۋىتىپ يامغۇرنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانىدىم. ھېلمۇ ياخشى يامغۇرغا ھېشنىم بولمىغانىدى. ئەينەك پارچىسى مىنىڭ دۈمبەمگە سەنجىلگەنىدى. يامغۇر قاننى كۆرۈپ بەك قورقۇپ كەتتى ۋە دەرھال مىنى ماشىنىدىن چۈشۈردى. مەن ئەتراپقا قاردىم تۆت ماشىنا بىزنى قورشىۋالغانىدى. بىر ھەشەمەتلىك ماشىنىنىڭ ئىچىدىن ھولكان چۈشتى، ۋە كىلىپ مىنىڭ قورسۇقۇمغا بىرنى تەپتى. مەن ئاغرىققا چىدىماي قان تۈركرىۋەتتىم. سەن بۇزۇق بۇرۇنلا مەن بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولغان بولساڭ بۇ كۈننى كۆرمەس ئىدىڭ، بەلكىم ھازىر بىر داچىنىڭ ئايال خوجايىنى بولۇپ بولغان بولاتتڭ دىدى ھولكان ئاغىزىنى بۇزۇپ. مەن يامغۇرنىڭ ئورنىغا جاۋاب بەردىم. شۇنداق ئۇ بۇرۇنلا ماقۇل دىگەن سەن ئىشتنىڭ قولىدا ۋەيران بولغان بولاتتىڭ بۇ ھالىتىڭدە سەن قاندقمۇ ئۆزگۈرەلەيتتىڭ، ھىڭ قولۇڭدىن كەلگىنى بۇ كەن بۇنىڭدىن ئارتۇقىنى قىلساڭمۇ. يامغۇرنىڭ سىنىڭ قولۇڭدا نابۇت بولىشىغا قاراپ تۇرمايمەن دىدىم مەن. ھە سەن ھارمىنىڭ تىلى چىقىپ قاپتا، بىر ئاز ياساپ قويۇڭلا دەپ ئىككى ئادەمگە بۇيرۇق قىلدى، ئىككىسى كەپ مىنى قاتتىق  ئۇرۇشقا باشلىدى. يامغۇر ۋاقىراپ تۇرۇپ قويۋەت دەپ يىغلاۋاتاتتى. بىردەمدىن كىيىن  ئۇ ئىككىسى ئۇرۇشتىن توختاپ قالدى. ھولكان مىنىڭ قېشىمغا كىلىپ تۇرۇپ قانداق زۇۋانىڭ ئۆچكەندۇ دىدى. ئەمسىرمە قاۋاش نۆۋىتىنى سەندىن تارتىۋالمايمەن سەن زادى ھەمممىدىن نوچى قاۋايسەن دىدىم مە  يەنە تىل ئۇزاتىپ. ئەسلى ئۇرشاي دەپ ئويلىغانىدىم لىكىن ئەھۋالىم بەك ناچار ئىدى دۈمبەمدىن توختىماي قان ئېقىۋاتاتتى. پۇتۇمنىمۇ مىدىرلىتاممىدىم. بۇ ۋاقىتتا شاقىراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىغانىدى. ھولكان ئاخىرغىچە توختىمايسەن شۇنداقمۇ  قاراپ باقايلى ئاخىرغىچە كىم كۈلدىكىن دىگىنىچە يېنىدىن قورالنى چىقاردى ۋە ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ يامغۇر دىن ۋاز كەچمىسەڭ بۇ سىنىڭ ئاخىرىقى كۈنۈڭ بوپ قالدۇ دىدى. مەن خىيالىمدا يوق دىدىم ئەمسە نىمگە قاراپ تۇرسەن تەپكىنى چۈنكى مەن يامغۇردىن ئاخىرقى تىنىقىمغىچە ئايرىلمايمەن دىدىم. يامغۇر ياق ئۇنداق قىلما دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. ھولكا  ئەگەر مەن بىلەن توي قىلساڭ بۇ ئاشىقىڭ ياشايدۇ بوممىسا بۇ ئاخىرقى قېتىم كۆرشۈشۈڭلا بوپ قالدۇ دىدى يەنە تەھتىد سېلىپ. قورقۇنجاق نىمىكەنسە ئاتساڭ مىنى قىز بالغا يېقىن كەلمە دىدىم.  قورقۇنجاق دىگەن گەپ ھولكاننىڭ ئاچچىغىنى راسلا كەلتۈرگەنىدى. مەنما مەن قورقۇنچاقما دەپ قورالنى ماڭا قاراتتى ئۇ ھازىر تەلۋىنىڭ ئۆزى ئىدى. ماڭا نىم بولۇپ يامغۇرغا ھېچ ئىش بوممىسا مەن شۇنىڭدىن خۇشال ئىدىم. ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس، تۇيۇقسىز ھولكان ئوقچىقاردىن. مەن كۆزۈنى يۈنىۋالدىم. لىكىن ماڭا ئوق تەگمىدى، ھەيرانلىقتا كۆزۈمنى ئاچتىم. مىنىڭ  ئالدىمدا يامغۇر تۇراتتى. ئۇ ماڭا قارتىپ ئېتىلغان ئوقنى توسىۋالغان ئىدى. دۇنيا توختاپ قالغاندەك تۇيۇلدى ھەممە نەرسە شۇنچلىك ئاستا مېڭىۋاتاتتى. يامغۇر قۇچقۇمغىلا يېقىلدى، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. يااااااق مەن قاتتىق ۋاقىرغىنىمچە يامغۇرنى قۇچاقلاپ يىغلاشقا باشلىدىم. كۈتۈلمىگەن ئەھۋالدىن چۆچىگەن ھولكان يەنە مىنىڭ ئەھۋالنى ساقچقغا مەلۇم قىپ قويشۇمدىن ئەنسىرەپ ماڭا قارتىپ ئوق چىقاردى. مەن ھېچقانداق ئاغرىق سەزمىدىم. يامغرنىڭ يېنىغىلا يېقىلدىم، ئاستا ئاستا كۆزۈم يۇمۇلۇپ كىتىۋاتاتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمىدىم. كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن. مىنىڭ كۆزۈمنى ئاچقىنىمنى كۆرۈپ ھەممىسى شۇنداق خۇش بوپ كەتتى. مىنىڭ كاللام قۇپ قۇرۇق ئىدى. خۇددى چۈشتىن ئويغانغاندەكلا. مەسئۇل دوختۇر كىرىپ مىنىڭ كىسەل جەدۋىلىمنى ئوقۇشقا باشلىدى. ئوق سىزنىڭ يۈركىڭىزنىڭ يېرىم سانتىمىتىر ئاستىدىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ. سىزدىن شۇنچە كۆپ قان ئېقىپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ئىككى ھەپتىدىن كىيىن بىز بىلە  قايتا ئۇچۇراشتىڭىز، سىز بىلەن بىرگە ئېلىپ كىلىنگەن قىزنى قۇتقۇزۇپ قالالمىدۇق، دىدى مەن ئۈندىمىدىم. ئۇنىڭغىچە ئىككى ساخچى كىرىپ مەندىن ئەھۋالنى سورىدى، مەن ھېچ ئىشنى ئەسلىيەلمىدىم دەپلا گەپنى تۈگەتتىم، مىنىڭ كىسەل ئەھۋالىمنى بىلگەن ساقچىلا ئامال قىلالماي چىقىپ كەتتى. ئەمىلىيەتتە مە يالغان سۆزلىدىم. ھەممە ئىش ئىسىمگە كەلگەنىدى. مەن بۇ توغۇرلۇق ھېچكىمگە ئېغىز ئاچمىدىم. مەن بۇ ئارلىقتا ئۆسۈملۈك ئادەمدەك گەپمۇ قىلمايتتىم تاماقمۇ يىمەيتتىم. ئاپام دادام ئەزمەت ھەركۈنى يېنىمدىن ئايرىلمايتتى. ئۇلانى زورلاشلىرى بىلەن ئازراق بىر نەرسە يىگەندەكمۇ بولاتتىم. بىر ئايدىن كىيىن دوختۇرخانىدىن چىقتىم. ساقچىلامۇ بوش ئاۋارە قىلمىدىم. مەن پەقەت ئەسلىيەلمىدىم دەپلا يولغا سالاتتىم. ئۆيگە كىلىپ ئەزمەت نىڭ شۇنچە يالۋۇرشى بىلەن يامغۇرنىڭ قاتىلى دەپ بەردىم، ئۇمۇ بەك كۆپ نەرسە سورىمىدى. مەن يامغۇرنىڭ مەھەللىسى تەرەپكە كەلدىم، مەن ئۇنى ئۆلمىدى پەقەت مىنى ئالداۋاتىدۇ، مەن بىلەن مۈكۈشمەك ئويناۋاتىدۇ دەپلا بىلەتتىم. لىكىن مەن شۇنچە ئىزدىسەممۇ ئۇنى تاپالمىدىم. بۇ مىنىڭ ئەڭ ئامراق ئادىمىمدىن ئايرىلىپ قېلشىمنىڭ ئىككىنجى قېتىمى ئىدى. يۈرگۈم پارە پارە بوپ كەتتى. خۇددى دۇنيا ماڭا رەڭسىز تىلۋۇزۇردەكلا كۆرنەتتى، يولدا كىتىپ بارغان ئادەملەمۇ شۇنداق سوغۇق چىراي. مەن ئاستا يامغۇر بىلەن بىللە دەرىس تەكرارلايدىغان باغچىغا كەلدىم. بۇرۇن بىز بىللە ئولتۇرغان ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم، بۇرۇن مېھرى شۇنچىلىك ئىسسىق ئورۇندۇق مانا ھازىر ئىنتايىن سوغۇق ئىدى. بۇ يەردە كەچكىرگۈچە ئولتۇردۇم. خىيال قىلىۋېرىپ مىڭەم پارتلاپ كىتىدىغادەك چىڭقىلىپ ئاغرىشقا باشلىدى. ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ چوڭ يولغا چىقتىم. ماشىنىلا خۇددى تىز چۈمۈلىلەر دەك كۆپ ئىدى، مەن ئىگىزرەك بىر بىنانىڭ تۈپىسىگە چىقىپ شەھەر  مەنزىرسىنى  كۆرمەكچى بولدۇم. ئەڭ ئىگىز كۆرۈنگەن بىر بىنانىڭ تۈپىسىگە چىقتىم. بۇ يەردىن شەھەرنىڭ ھەممە تەرپىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئولتۇرىۋېرىپ تۇيۇقسىز كاللامغا« ئۆلۈم » دىگەن بىر ئېغىز سۆز كەلدى، توغرا مىنى بۇ ئازاپتىن قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن. مەن پەقەت مۇشۇ نەچچ قەدەمنى  ئالساملا پۈتۈن ئازاپتىن قۇتۇلالىشىم مۇمكىن. بۇنداق ياشىغاننىڭ نىم
پايدىسى. دەپ ئويلاشقا باشلىدى ۋە ئالدمغا ئىككى قەدەم ئالدىم، يەنە ئىككى قەدەم ئالسام مىھرى سوغۇق بۇ دۇنيادىن خوشلىشاتتىم. لىكىن تۇيۇقسىز ئىسىمگە نەچچە يىل بۇرۇن بولغان ۋەقە كەپ قالدى، توغرا دەل ئۆزى ئۇ ۋاقىتمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەچ ئىدى، يەنە ئىگىز بىنانىڭ تۈپىسى ئىدى. ئۇ ۋاقىتتىمۇ ئۆلۋېلىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئەمما لىكىن نىمىشقا ئۆلۋالمىدىم. مەن بىلەن ۋاقىتسىز ئايرىلغان قېرىندىشىمنىڭ كەينىدىن كەتمەكچى ئىدىمغۇ. مىنى ئۇ ۋاقىتتا كىم قۇتقىزىۋالدى…؟ ئۆزۈمگە سوئال قويدۇم. تۇيۇقسىز يۈركۈم گەپ قىلىشقا باشلىدى. بۇ سوئاللارغا مەن جاۋاب بېرەي. سەن ئۇ كۈنى ئۆلۋېلىش ئۈچۈن بىنانىڭ تۈپىسىگە چىقتىڭ مانا ھازىرغا ئوخشاش. پۈتۈن ئازاپنى ئۆلۈم بىلەن تۈگەتمەكچى بولدۇڭ. لىكىن سىنى مەن قۇتۇلدۇرۇپ قالدىم يۈركۈم ئىنتايىن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن گەپ قىلۋاتاتتى. مەن نىمىشقا مىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭ…؟ سەن ئۆلۈم بىلەن ھەممە ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلاپ قالغانمىتىڭ! ئەپسۇس، ئۆلۈم بىر باشلىنىش، بۇ دۇنيادا قىلغانلىرىڭنىڭ ھىساۋىنى بىردىغان بىر باشلىنىش، سەن ھازىر بۇ يەردىن سەكلىسەڭ بەلكىم ئەڭ چوڭ خاتالىقنى ئۆتكۈزگەن بولسەن. قارا قەلبىڭگە قارا يەنە سىنىڭ مۇھىم ئادەملىرىدىن كىملە با. ئاتا ئاناڭچۇ قېرىنداشلىرىڭچۇ. سىنى سۆيگەن يامغۇرچۇ، يامغۇر ئۇدۇنيادا سىنى ساقلاۋاتىدۇ سەن ھازىر بۇ يەردىن سەكرىسەڭ ئۇلا بىلەن مەڭگۈ كۆرشەلمەيسەن. ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشنىڭ قانچىلىك گۇناھ ئىش ئىكەنلىكىنى مەن ئىلگىرى ساڭا سۆزلىگەن. ئەمدى قارار ئۆزۈڭدە يا مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىش ئۈچۈن بۇ يەردىن سەكرەيسەن ياكى سۆيگەن ئادەملىرىڭ ئۈچۈن ئۆيۈڭگە قايتىپ بارسەن. ئۇلا بۇ ۋاقىتتا سىنى سېغىنىپ ساراڭ بولاي دەپ قالدى. سەن بۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلاممايسەن ئۆلۈم ھامان سىنى تاپىدۇ. ئەمما ئۆلۈمدىن كىيىنكىسى تاللاش ئۆزۈڭدە. يۈركۈم شۇنداق دەپ گىپىنى تۈگەتتى.
مىنىڭ كاللام بىراز سەگىگەندەك بولدى ۋە دەرھال كەينىمگە قايتتىم.

ھەي خىيال دېڭىزىدىن چىقسام ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ كىيمىچى بالىغا قىرغاققا ھەيدەشنى ئېيتتىم، مەن كىيمىدىن چۈشۈپلا ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

«خاتىمە»
بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ياخشى ئىدى، مىن شامال لەرزەن ئۇچۇپ يۈرەتتى. مەن ئويلاپ باقسام بۈگۈن يامغۇر بىلەن تونۇشقۇنۇمغا ئالتە ئاي بوپتۇ. شۇنى ئويلاپ يامغۇرنىڭ قەبرىسى ئالدىغا كەلدىم. ئۇنى ئىنتايىن سېغىنغان ئىدىم. يامغۇرنىڭ ئۆلمى خۇددى چۈشتەكلا بىلنەتتى، تۇيۇقسىز مەن چۈشۈمدىن ئويغىنىپ كىتىدىغاندەك. يامغۇر مىنىڭ ئالدىمغا كىلىدىغاندەك. مانا مەن مۇشۇ خىل تۇيغۇدا ياشاۋاتقىنىمغىمۇ ئۇزۇن بولدى، مەنچە ئەمدى ئويغىنىدىغان ۋاقىتمۇ كەلدى. ئۇزۇن ئۇيقۇ ئادەمگە زىيانلىق. يامغۇرنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن دۇئا قىلدىم. دۇئا قىپ بوپ بىردەم شۇ يەردە تۇردۇم. شامال ماڭا يامغۇرنىڭ ھىدىنى ئەكىلىۋاتاتتى. مەن تويماي تويماي پۇرايتتىم. تۇيۇقسىز كاللانغا «قىساس»دىگەن  بىر ئېغىز سۆز كەلدى. يۈركۈمدىن «ئەلقىساسۇ مىنەلھەق» دىگەن ئدۋاز كەلدى. توغرا قىساس. مەن قىساس ئېلشىم كىرەك. يامغۇرنىڭ قىساسىنى ئېلشىم كىرەك. كاللام ۋاللىدە يۇرۇپ كەتتى، مەن دەرھال شەھەر تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم. يولدا تۇيۇقسىز بىرسىگە سوقۇلۇپ كەتتىم. تونۇش بىرى توغرا مەن بۇ چىراين، يامغۇر ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ھولكاننىڭ كۈچۈكلىرىدىن بىرى ئىدى. مەن شۇلانى خىيال قىلىپ تۇرسام. قارشى تەرەپتىن تېخى ئادەم سوقۇۋىتىپ ئاچ بۆرىدەك قارايسەنغۇ تېخى دىدى غەزەپ بىلەن. مەن دەرھال ئەنسىرمە لالما كۈچۈكلەرگە ئۇنچىلىك قارشىممۇ يوق دەپلا كۆزىگە قارتىپ بىر مۇش ئاتتىم. ئۇ لالمىنىڭ قېشىدا يەنە ئۈچ ئاغىنىسى باكەن، كىلىپلا مىنى ئۇرۇپ كەتتى، ھېلقى لالمىمۇ، ساڭا ئاكاڭنىڭ چىشىغا تەگسە قانداق بولدىغىنى كۆرسۈتۈپ قوياي. دىگىنىچە ئۇرۇشقا باشلىدى. تۆت ئادەم مىنى ھارغۇچە ئۇردى، ئاخىرى بىرىنىڭ توختا نىمىشقىلۋاتىسەن دىگەن گىپى بىلەن، ھېلقى گۇيلا قېچىپ كەتتى. مەن ھۇشۇمدىن كەتتم. قانچىلىك ياتتىم بىلمەيمەن. كۆزۈمنى ئاچسام قېشىمدا دادام ئاپام ئەزمەت يەنە بىر ساقچى قاراپ تۇراتتى. مەن دەرھال مەن قەيەردە دەپ سوردۇم. ئاپام مىشىلداپ يىغلاپ تۇراتتى. سەن ھازىر دوختۇرخانىدا، بۇ ساقچى تاغاڭ سىنى قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ دىدى دادام. ھېلقى ئادەملە نەدە دىدىم مەن ئۇلاپلا. يېنىمدا تۇرغان ساقچى، ئۇلا قېچىپ كەتتى قوغلاي دىگەنىدىم لىكىن سىنىڭ ئەھۋالىڭ سەل چاتاق تۇردۇ شۇڭا ئۇلانى قوغلىماي سىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەنىدىم. تىلپۇنۇڭدىن ئاتا ئاناڭنىڭ نۇمرىنى تېپىپ ئۇلاغىمۇ خەۋەر بەرگەنىدىم دىدى. مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇن ۋە يەرگە چۈشۈش ئۈچۈن ھەركەت قىلدىم. ھەن ھازىر كىسەل ئورنۇڭدىن تۇرساڭ بوممايدۇ قارا سول قولۇڭ سۇنۇپتۇ ساقچى تاغاڭ كەلمىگەن بولسا ناكا بولۇپ قالاتتىڭ كەن دىدب ئاپام يىغلاپ تۇرۇپ.مەن ئۇلانى تېپىشىم كىرەك، مىنى ماڭغىلى قويۇڭلا دەپ تەرسالىق قىلىشقا باشلىدىم. بۇ قېتىم ئاپام چىدىمى بولغاي ماڭا ۋاقىراشقا باشلىدى. يىتەر بولدى بەس سەن قاچانغىچە بىزنى قىيناپ يۈرۈيسەن، سىنىڭ كۆڭلۈڭلا كۆڭۈك بىزنىڭكى تاشمۇ. قېرىندىشىڭ ئۆلگەن ۋاقىتتىمۇ شۇنداق قىلغانىدىڭ. ئەجەبا بىزنىڭ يۈركىمىز ئاغرىمىغانمىدۇ. ئۇ سىنىڭ قېرىندىشىڭ بولسا مىنىڭ يۈرەك پارەم ئىدى. مەن ئۇنى قارنىمنى يېرىپ تۇققان ئىدىم.ئەمدى سەنمۇ بىز بىلەن خوشلاشقىلى تاشلا قالدىڭ، ئەجەبا داداڭ ئىككىزگە سەن كىرەك ئەمەسمۇ. سەن ياتقان شۇ ئىككى ھەوتە ئىچى بىز قان يىغلاپ چىقتۇق، سەن بىزنى ئويلىمامسەن. دىدى. مەن جىمىپ قالدىم، توغرا ئاپام ھەقلىق، نىمىشقا مەن ئۇلانى ئويلىمۇدۇم. ئۇلاغا مەن كىرەكقۇ. دادام ئەزمەت ۋە ھېلقى ساقچب تاغام ئاپامنى بەزلەشكە باشلىدى. مەنمۇ يىغلاشقا باشلىدىم. يۈركۈمدىن يىغلاۋاتىمەن. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتتى. مەن ئۇ كۈنى ئىشنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ تەييارلىقىنىڭ تېخى يوقلىقىنى بىلدىم. مەن تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ يامغۇرنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەبچى ھەر بىر ئادىمدىن قىساس ئېلشىم كىرەك. بۇ ھىجرانلىق، چارىسىزلىق. كۈلەگە خاتىمە بېرىش كىرەك.

بۈگۈن دوختۇرخانىدىن چىققىنىمغا ئىككى كۈن بولدى. دوختۇرخانىدا ياتقان بىر ئاي ئىچىدە مەن قولۇمنى ياخشى ھەركەتلەندۈرۈپ، ئوزۇقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەچكە ناھايىتى تىزلا ساقايدىم. ۋە ئەزمەتكە بولغان ھەممە ئىشنى چۈشەندۈردۈم ۋە قىساس  ئېلىشقا مەن بىلەن باردىغان بارمايدىغانلىقىنى سورۇدۇم. ئەزمەت مەن ھەر ۋاقىت سەن بىلەن بىللە دىدى. بىز ئۆزىمىزنى مۇكەممەللشتۈرۈش ئۈچۈن دادام تاغدىكى ئۆيىگۈ چىقىپ كەتتۇق. بۇ يەردە بىزنىڭ نۇرغۇن مال چارۋىلا بولغاچقا، بۇەردىكى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇق. بۇيەردە بىزنىڭ چېنىقىشىمىزغا ھېچكىم توسالغۇ بوممايتتى. ھەن ئۇنىڭ ئۈستىگە قورال ئېتىشنى ئۆگەنگىلىمۇ بولاتتى.
بىز جاپالىق كۈنلىرىمىزنى باشلىدۇق. ئاخىرقى نىشانىمىز «قىساس».

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلە بۇ مىنىڭ تۇنجى ئىجادىيتىم بولغىنى ئۈچۈن نۇرغۇن نۇقسانلا بولىشى تەبىئى تەكلىپ پىكىرىڭلانى ئايىماسلىقىڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن .
ۋېشىن نۇمۇرۇم1914213989
بۇ ئەسەر يېقىن ئادىشىم ئابدىراززاق ئۈچۈن يېزىلغان ئەسەر بولۇپ پات ئارىدا ئىككىنجى بۆلىمىنى باشلايمەن.





298 قېتىم كۆرۈلدى aliy1314 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-3 5:58:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-6 6:55:43 guzal
بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزىلىپتۇ .داۋامىنىڭ تىزراق يىزىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
2017-4-5 9:02:23 ئادىلە
بەك ياخشى يېزىپسىز ، سىزنى قوللايمەن ، داۋاملىق تىرىشىڭ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ