قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون - 26- قىسىم - ۋەھىمىلىك ھىكايە
قورقۇنۇچلۇق سىرلىق رايون 26- قىسىم ئابدۇرېقىپ قەييۇم (metro) ئايال ئەرۋاھ مەغرور ھالدا تايىرلارغا قاراپ ۋاقىردى : - ئالۋاستىلار ئۇۋۇسىنى بىتچىت قىلىش سىلەرگە قالدى ، مەن ۋەزىپەمنى ئادا قىلىپ بولدۇم ، ئەمدى نىمىلا بولسام ئارمىنىم يوق ،- ئۇ شۇلارنى دەپ بولۇپ كۈلۈمسىرىدى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشىدە ئەندىشىمۇ باردەك ھەم خاتىرجەم بولغاندەك بىر خىل سىما ئەكىس ئەتكەندەك قىلاتتى. ئىككى ئالۋاستى ئۇنى بوغۇپ تۇمانغا ئايلاندى ، ئۇمۇ شۇ تۇمان ئىچىدە كۆزدىن غايىپ بولدى .ئۇلار بىلەن تەڭ غالجىر ئىتلارمۇ غايىپ بولدى . تايىرلارنىڭ كۆڭلى يېرىم ئامالسىز قاراپ تۇرماقتىن باشقىنى قىلالمىدى ، گۈزەلنۇر بوينىدىكى تۇمارغا قاراپ كۆزىدىن ياش ئەگىدى ، چۈنكى بىر ئەرۋاھ ،ئەرۋاھ بولسىمۇ بىر ئايال ئەرۋاھ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قويۇش ئۈچۈن قىممەتلىك ئەنگۈشتىرىدىن ۋاز كىچىپ ، قۇل بولۇشتىن قورۇقمىغان ئىدى. - قانداق قىلىمىز ؟ - دىدى ئىسكەندەر ، - سارايغا قايتامدۇق ؟ - پۇتۇمنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سوراپ قويمايسىلەر ؟- دىدى گۈزەلنۇر تۇمشىغىنى ئۇچلاپ ،- بەك قايرىلىپ كەتتى ، ماڭالمايۋاتسام . ئۇلار شۇندىلا گۈزەلنۇرنىڭ پۇتىنى ئەسكە ئېلىشىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى . - قانداقاراق يەنە ئاغرىۋاتامدۇ ؟- دىدى تۇرغۇن ئۇنىڭ پۇتىنى بېسىپ بېقىپ ، ئىشىپمۇ قالماپتۇ بولمىسا . - ئىشىپ قالسا بولاتتىمۇ ؟ - گۈزەلنۇرنىڭ بىئارام بولىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى ،- قايتايلى داۋاتىسىلەر مەن يە ماڭالمىسام . - بىز يۆلىۋالايلى ، قايتمىساق بولمايدۇ ، بولمىسا قاراڭغۇدا قالساق تېخىمۇ خەتەرلىك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرساقلارمۇ ئاچ . گۈزەلنۇر ماقۇل بولۇپ ئورنىدىن تۇردى ، تۇرغۇن بىلەن تايىر ئۇنىڭ جەينىكىدىن يۆلەپ ئېلىپ ماڭدى ، ئىسكەندەر بىلەن سەمەت شەمشەر ، نەيزىلىرى بىلەن قوغداپ ماڭدى .ئۇلار شۇ سۈرئەتتە كۆز باغلانغاندىلا سارايغا قايتىپ كىلىۋالدى ، ساراي ئىچى گۈرۈستانلىقتەك سۈرلۈك ، ۋەھىمە ئىچىدە جىمجىت ئىدى ، ئۇلار قول چىراقلارنى ياندۇرۇپ باقتى ،لېكىن ئىشلىتىۋېرىپ باتارىيەلەرنىڭ كۈچى قالمىغاچقا جىن چىراقتەكمۇ يورۇق بىرەلمەي غۇۋا يۇرۇق چىقاردى . - يوقتىن ياخشى ، ئايمۇ خېلى كۆتۈرلۈپ قالدى ، قاراڭغۇدىمۇ قالماسمىز ،- دىدى تايىر . - قۇرساق توقلايلى !- تۇرغۇن شۇنداق دىگەچ سۇ ، نانلارنى تەييارلىدى ، سەمەت بىلەن ئىسكەندەر دەرھال قاچىلارنى ئېلىپ كىلىشتى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار قۇرساق توقلاشقا تۇتۇش قىلدى . - سۇمۇ ئاز قاپتۇ ؟- دىدى ئىسكەندەر سۇ ئىچكەچ . - ماشىنىدا بار ، بۇ تۈگىگىچە ماشىنىنىمۇ تېپىۋالارمىز . - دىلبەر قانداق تۇرغاندۇ ، ھاياتمىدۇ ؟- گۈزەلنۇر ناننى زولاپ چاينىغاچ ،- ئۇنىڭدىن بەكلا ئەنسىرەۋاتىمەن . تايىرنىڭ ئويلاۋاتقىنىمۇ دىلبەر ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭمۇ گېلىدىن نان ئۆتمەي بىر نەچچە يۇتۈم سۇ ئىچىپلا توختاپ قالدى . - ئاللاھتىن ئامانلىغىنى تىللەيلى ،- دىدى تۇرغۇن گۈزەلنۇرنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ،- ئەتە كۈن يورىسىلا ئۇنى قۇتۇلدۇرغىلى بارىمىز ، سىزلا ئەمەس بىزمۇ ئۇنىڭدىن شۇنداق ئەنسىرەۋاتىمىز . ئۇلارنىڭ بۇ تامىغى شۇنچىلىك بۇرۇختۇم ، كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئاخىرلاشتى ، تايىر ئولتۇرۇپلا يېڭىلا كەلگەن ۋاقىتلىرىدىكى پاراڭلارنى ئەسلەپ قالدى ، ئۇ چاغدا ئۇلار شۇنچىلىك خۇشال ، كۈلكە - چاقچاق بىلەن ئولتۇرۇپ ، بىر - بىرىگە تاماق زولاپ ئولتۇرىشاتتى ، ئەمدىچۇ ، بەلكىم ئەتە بۇ يەردىكىلەرمۇ بۇ دۇنيادىن كىتەمدۇ تېخى بىلگىلى بولمايتتى . - سىلەر ئۇخلاڭلار مەن قاراۋۇللۇقتا تۇراي ،- دىدى تايىر شەمشىرىنى ئېلىپ ،- بەربىر ئۇيقۇم كەلمىگۈدەك . - مەنمۇ ئۇخلىيالمىغۇدەكمەن ، تۇيۇقسىز خەتەرگە ئۇچىراپ قالمايلى ، قاراۋۇللۇقتا مەنمۇ تۇرۇشۇپ بىرەي،- تۇرغۇن شۇنداق دىگەچ ئىسكەندەرنىڭ نەيزىسىنى ئالدى - دە تايىرنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى . ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق قاپلىدى . - تۇرغۇن بالىلىرىڭىزنى سېغىندىڭىزمۇ ؟- گۈزەلنۇر تۇيۇقسىز سورىدى . - سېغىنىدىم ،- دىدى تۇرغۇن ،- بەكلا سېغىندىم ، ماڭا بۇ يەردە ئۆتكەن نەچچە كۈن نەچچە يىلدەك بىلىنىپ كەتتى ، ئۇلار مېنىڭ ئىز-دىرىگىمنى ئالالماي نىمە بولۇپ كەتكەندۇ، سىزمۇ ئۈيىڭىزنى سېغىنىپسىزدە . - بەكلا سېغىندىم ،- گۈزەلنۇرنىڭ كۆزىدە ياش غىل - پال ئەگىدى ،- مەن بۇ جاينىڭ بۇنداق خەتەرلىكلىگىنى ، بۇنداق سولۇنۇپ كىتەلمەيدىغىنىمىزنى بىلسەم ھەرگىز كەلمەسكەنمەن ، مەن تېخى چىرايلىق بىر جاي بولسا كۆرۈپ كەلسەم دەپلا كەپتىمەن ، مەن كەلمىگەن بولسام دىلبەرمۇ كەلمەستى ،ئەمدى ئۇ… گۈزەلنۇر گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي ياشلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى . - بىزمۇ پۇشايمان قىلىۋاتىمىز ،- تايىرمۇ ئېغىز ئاچتى ،- بىزمۇ ساددىلىق قىپتىمىز ، كىچىك بالىلاردەك مەخپىي بۇ جاڭگالغا ، ئالۋاستىلار ئۇۋۇسىغا كىرىپتىمىز ، سىلەرلا ئەمەس مەنمۇ ئۈيۈمنى شۇنداق سېغىندىم ، مەن ئويلانغىلى شۇنچىلىك بولدى ، بايلىق دىسە بىردىنلا بېيىپ كەتسەم ، ھەشەمەتلىك ئۈيۈم ، ئىسىل ماشىنام ، خەجلەپ تۈگەتكۈسىز پۇلۇم بولسا دەپ ئويلاپتىمەن ، مانا بايلىقلار تۇرۇپتۇ ، ئۇلار دۆۋە - دۆۋە تاشلاركەن خالاس ،لېكىن ھاياتىمىزنى ساقلىيالماي قىل ئۈستىدە تۇرۇپتىمىز ، بۇ يەردىن ھاياتلا چىقىپ كەتسەك مەن ئىشەك ئورنىدا ئىشلەپ ياشاشقىمۇ رازى ئىدىم لېكىن … ،- ئۇمۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇرتىۋەتتى . - مەن دادام ، ئاپامدىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن ، ئۇلارنى نىمىشقا پۇلدار ، باي بولۇپ قالمىغاندۇ دەپ ،- پەس ئاۋازدا سەمەت ئېغىز ئاچتى ،- باشقىلارغا قارىساملا ئۆزىمىز ياشاۋاتقان تۇرمۇشقا ئۆچ بولۇشقا باشلىدىم ، پۇلدارلارنىڭ ھاكاۋۇرلىغى بارغانچە كۆزىمگە سىغمىدى ، پۇل تېپىپ ئۆزەمنى كۆرسىتىپ قوياي دىسەم مەندە يە بىلىم ، يە قابىلىيەت يوق ، توي قىلاي دىسەممۇ ئۇنىڭغىمۇ پۇل ،ئۆي سالاي دىسەم ئۇنىڭغىمۇ پۇل … نىمە ئىش قىلاي دىسەم يەنىلا شۇ پۇل ، شۇنىڭ بىلەن تۇرغۇننىڭ بايلىق باركەن دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالمايلا قالدىم ، بۇ بايلىق ئۈچۈن مانا جاننى سېلىپ بەرگىلىۋاتىمىز ، بولدى ماڭا ھازىر بايلىق لازىم ئەمەس ، ئەگەردە نامىرات بولسىمۇ ئۈيۈمگە قايتقىلى بولسىدى مەن ئۇنداق بايلىقلارغا نەزەر كۆزىمنى سالمايتتىم. سەمەتنىڭ سۆزى تۈگىشىگە يەنە ئۇلار يەنە جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتىشتى . - ئىسكەندەر سىزچۇ ، سىز سېغىنمىدىڭىزمۇ ؟- دىلبەر ئىسكەندەرنىڭ ئۈن - تىنسىز ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ سورىدى. - سېغىنمايدىغانمۇ ئىش بولامدۇ ،- دىدى ئىسكەندەر ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ ،- مەنمۇ ئۈيۈمنى كىسەلچان ئانامنى بەك سېغىندىم ، بىچارە ئانام مەندىن ئەنسىرەپ نىمە بولۇپ كەتكەندۇ ، ئانام ئېغىر كىسەل بولۇپ قالغىلى خېلى يىللار بولدى ، ئۇنى داۋالىتىمىز دەپ ئۆيدىكى ھەممە نەرسىنى سېتىپ تۈگەتتۇق ، ئىشلەپ پۇل تېپىپ باقتىم لېكىن ئۇ پۇل ھېچنىمىگە دال بولمىدى چۈنكى ئانامنىڭ دورىسىغىلا نۇرغۇن پۇل كىتەتتى ، دادام ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدا جاپا تارتىپ مۈكچىيىپلا قالدى ، ئۇكام ، سېڭلىمنىڭ ئوقۇشى ، كىيىم - كىچەكلىرىگىمۇ پۇل لازىم ، تەڭتۈشلىرىم توي قىلىپ بولدى ، لېكىن مەن … ،- ئۇ بىردەم تۇرۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،- ئانام كىسەل ئاسارىتىدىن قۇتۇلالماي تېخىمۇ ئاجىزلاپ كەتتى ، بەزىدە قاراپ ئولتۇرۇپ ئانامدىن ئايرىلىپ قالسام قانداقمۇ قىلارمەن دەپ…، ئۇنىڭ يېشى مەڭزىگە سىرغىپ چۈشتى ،- شۇنىڭ بىلەن تىرشىپ پۇل تېپىش نىيىتىدىمۇ بولۇپ باقتىم ، يەنىلا تاپقان پۇل كۈنلۈككە يەتمىدى شۇ چاغدا تۇرغۇن بايلىقنىڭ گېپىنى چىقىرۋېدى تەۋەككۈل قىلىش نىيىتىگە كەلدىم . ئىسكەندەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ گۈزەلنۇرنىڭ ياشلىرىمۇ سىرغىدى ، باشقىلارمۇ دوسىتىنىڭ بۇنداق قىيىنچىلىقتا ئۆتىۋاتقىنىدىن زەھەر ئىچكەندەك ئازاپلاندى . ئۇلار ئۈن - تىنسىز ئولتۇرشاتتى ، دەل شۇ چاغدا ئىشىك تۈۋىدىن خورازنىڭ كۆچەپ چىللىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، بۇ تۇيۇقسىز ئاۋازدىن ھەممىسى قورقۇپ كىتىشتى - دە ئىشىككە قاراشتى ، ئاي يورۇغىدا ئىشىكتىن بىر قارا مېكىيان بىلەن يۇغان چار خوراز قوقوقلىغان پېتى بىر توپ چۆجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرگىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ، ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كىتىشتى ، تايىرلار قاققان قوزۇقتەك بۇ مەنزىرىدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپلا قېلىشتى. بۇلار ئەمدى قانداق قىسمەتكە ئۇچۇرار ، قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز كىيىنكى قىسمىدا بولسۇن



1751 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-9 18:26:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ