ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن (8)

ئەسلى ئاكام ياخشى ئاكا ئىكەن (8)


مەن ئۇيەدىن قايتىپ بازا ئارلاي دىسەم بازا ئايلىنىشبىلەن  خۇشۇم يوق شۇڭا يەنە ئامال سىز تورخانىغا كەلدىم ،مەن بىلەن بىلە ئىشلەيدىغان ، مەندىن چوڭ بىر ئاكىمىز بارئىدى. ئۇ كۈندۈزى ئىشلەيتى.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاكا ،قانداق ئەھۋالىڭىز؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ئۇكام ياخشى  سىز چۇ؟
دەپ تۇرۇشۇمغا تىلفون كەلدى،
ئاكام ئىكەن ،ھە…ئاكا بىكا بولدۇڭما؟
ھە ئە ئۇكام بىكا بولدۇم  نەدە سىز مەن باراي ،
بولدى مەن باراي سىنىڭ ئىش ئورنۇڭغا يېقىن يەردە تاماق يەيلى دەپ تىلفوننى قويدۇم،
بۇيەگىمۇ كەلدىم ،ئاكام چىختى تاماق يىدۇق مەن بولغان ئىشلانى ئاكامغا دەي دىدىميۇ بولدىلا دەپ ئويلۇدۇم،
ئاكام: ئۇكام ئەتە ماڭا ئارام سىز نى بىر قەشقەرنى ئايلاندۇرۇپ كۈزىڭىزنى ئېچىپ قۇياي دىدى،
مەنمۇ خۇشال ھالدا ماقۇل  ياخشى بولدى ،يالغۇر ئايلىنىپ زىرىكىپ كەتكەن ئىدىم دىدىم،
ئۇنى بۇنى دىيشىپ كەشمۇ بولدى ئازغىنە كۇچا ئايلاندۇق،
ئاكا ئەمدى مەن قايتاي سەنمۇ قايتىپ ئارام ئالغىن دىدىم،،
ئاكام ۋۇي ئۇكام كەتسىڭىز ئاي پۈتكەن بولسا يەنە ئۇيەگە بېرىپ  يۈرەمسىز بۈگۈن مەنبىلەن قۇنۇپ قېلىڭ يۈرۈڭ دىدى ،
ئاكا مەن تېخى  ئۇلانى خەۋەر لەندۈرمىدىم  كىتىمەن دەپ قويمىسام ئۇلا مىنىڭ ئورنۇمغا ئادەمنى بالدۇرراق تاپمىسا بولمايدۇ،بولدى ئاكا رەھمەت شۇنداق  دىگىنىڭگە ئەتە بولسۇن  ئەتە قۇناي ،دىدىم ،
شۇنداق قىلىپ ئەتە كۈرشىدىغاننى دىيشىپ خوشلاشتۇق،
ئەتىمۇ بولدى مانا مەن لوبەنگە تىلفون قىلدىم ۋە سام قىلىپ بولغاندىن كىيىن  مەن يۇرتۇمغا قايتاي دىگەن ،شۇڭا ئورنۇمغا ئادەم تېپىۋالساڭلا مەن شۇ چاققىچە ئىشلەپ تۇراي دىدىم ،لوبەن بىرە ئىش بولدىمۇ دىگەندەك گەپلەنى ياغدۇر ۋەتتى،
ياق مەن كىچە ئىشلەپ چارچاپ كەتتىم بېشىم ئاغرىيدىغان  بوپ قالدى ،يىنە كىلىپ ئۆيدىكىلەنى سېغىندىم،دىگەندەك بولغان ئىشلانى بىر قۇر دەپ ئۆتتۈم ،
ھە …ئەمسە  5كۈن ئىشلەپ تۇرۇڭ ئىش ھەقىڭىزنى  چۇقۇم  بىرىمەن كۈنلۈك ھىساپلاپ دىدى،ۋە قۇشۇپ ياخشى  ئۇكام سىزدىن مەمنۇن  بولدۇم ،ماڭا دەپ قويمايلا ئايلىق مۇئاشىنى ئالغان پىتى كەتمىدىڭىز دىدى  ،
شۇنداق قىلىپ خوشلاشتۇق،ئاكام بىلەن كۈرشۈپ بازا ئايلاندىم گۈزەل يەرلەنى ئايلاندىم،بۈگۈن  يەنە ئىشلەيدىغانلىقىمنى دەپ ئاكامبىلەن خوشلۇشۇپ يەنە ئىش ئورنۇمغا كەلدىم ،بۈگۈن ھارغانلىقتىن ئۇيقۇم بەك كەلدى بىراق نىم ئامال ، يۈزۈمنى سائەتتە بىر قېتىم يۇيۇپ تۇردۇم،بەشكۈنمۇ توشتى،
ئادەم تاپالماپتۇ،يەنە ئۈچ كۈن دىدى ماقۇل  دىدىم ،
بۇ ئۈچكۈنمۇ ئۆتتى ئادەم تاپالماپتۇ يەنە ئۈچ كۈن دىدى ماقۇل  دىدىم ،
يا بۇلا ماڭا تۇزاق قۇرۇپ يالغان گەپ قىلىپ يۈرەمدىغاندۇ بىلمىدىم،
بۈگۈن ئادەم تېپىپتۇ ،مەن بەك خۇشال  چۈنكى ئۆيگە قايتىمەن سىڭلىم ئاپام دادام نى كۈرىمەن ئەمەسمۇ،
لوبەن دىگەندەك بۇ كۈنلەنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالماي بەردى،
ماشىنىغا چىقتىم ئاكام دوستۇم مىنى ئۇزۇتۇپ قويدى ،
مەن بەك خۇشال بوپ كەتتىم يۈرەكلىرىم بىرخىللا ھىلىلا ئېتىلىپ چىقىپ كىتىدىغاندەك،
تۇيۇقسىز بۇ خۇشاللىقىم يۇقالدى ،ئاتا -ئانام مىنىڭ بۇنچە جاپا تاتقىنىمنى بىلمىسە  سىڭلىمغا راس گەپ لەنى دىۋەتكەن بولسا چۇ دەپ ئويلۇدۇم،
تىلفوننى ئالدىمدە دادامغا تىلفون  قىلدىىم ، تىلفون ئۇلاندى
دادام: ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،
مەن :ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،دەپ كۈزۈمدە ياش بولمىسىمۇ بىرخىللا يىغا ئاھاڭىدا ئاران شۇنداق دىيەلىدىم،
سىز ……؟
ھە دادا بۇ مەن ،
ۋاي بالام بامۇ سەن ھاياتكەنسەن ھە تىلفون قىپمۇ قويمۇدۇڭ ھە ،دىدى،
دادام يىغلاۋاتامدۇ ياكى كۈل ۋاتامدۇ،بىلەلمىدىم ،
بىر قۇر ئەھۋال   سۇراشتۇق  مەنمۇ  ئەمدى بايقى خۇشاللىقىمنى يەنە نەچچە ھەسسىلەپ تېپىۋالدىم،
ھە دا دا    ئۆي ئىشلىرى ياخشى مۇ،
ياخشى بالام  ياخشى  بۈگۈن سىڭلىڭ ماڭماقچى شۇڭا بازاغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز ،
كىلەلەمسەن دىدى ،
ئەلۋەتتە  مەن ھازىر ئاپتۇبۇستا  يولغا چىققىلى  خېلى  بولدى  ،دىدىم  بىراق يەنە بىر يەلىرىم بىرخىل ،نىمىشقىكىن دىسەم سىڭلىمنى قانغۇدەك كۈرەممەي دىدارلىشالماي ،سىردىشالماي، مانا ئەمدى بارغىنىمدا ئۇ كىتىدىكەن ،قاراڭ بۇ بەدەللىرىم ئەرسىسە ئىدى بەك خۇش  بۇلاتتىم  بىراق بۇ ماڭا نامەلۇم ،،بىراق ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن ،شۇڭا يەنە خۇشال ھالەتتە ئۈزۈمنى بەزلىدىم،
دادام تۇيۇقسىز بالام ئەمسە  كەگەندە كۈرشىلى ،مەن موتو ھەيدىمىسەم بولمايدۇ ،ھىلى ئاپاڭ سىڭلىڭ بىلەن كۈرشۈپ  مەن تىلفون  قىلاي كەچۈر ئوغلۇم  توغرا چۈشەن سوغوقتا موتۇ ھەيدەپ تىلفون سۆزلىشىش  سەل تەسكەن  دىدى
ماقۇل دادا دىدىم
ئەمسە خوش دىدى  تىلفوننى قويدى،
ئۇخلاپ قاپتىمەن بىرچاغدا شوپۇرنىڭ چاقىرىشىدا ئويغۇنۇپ كەتتىم ،
مانا ھايات… ،مانا تەغدىر… ،
ئاھ ……ئانا ماكانىم نىمانچە  گۈزەل ،نىمانچە مىھرىڭ ئىسىق،مانا بۇ يۇرتۇمغىمۇ كەلدىم ،
ئوبدان بىر كۈزەمنى يۈگرۈتۈپ بۇلۇپ ،دادامغا تىلفون قىلدىم ،

داۋمى بار،…





388 قېتىم كۆرۈلدى بىر تامچە ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-21 20:41:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ