مىنىڭ ئانام ساراڭ
مىنىڭ ئانام ساراڭ

ساغلاملىق دوسىتى ژورنىلىدىن ئېلىنىدى ئاپتۇرى نامەلۇم ،
كىشنىڭ يۇرەك تارىنى چېكىدىغان ئانا ھەققىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ھېكايە .
باشلانغۇچ مەكتەپىنىڭ 3 - يللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى ، قىشنىڭ بىركۈنى بىردىنلا يامغۇر يىغىپ كەتتى ،مومام ئانامنى ماڭا يامغۇرلۇق ئاپىرىپ بېرىشقا بۇيرىغان ئىكەن . ئانام يولدا نەچچە قېتىم يىقىلىغان بولسا كېرە ك ، لايغا مىلىنىپ كېتىپتۇ . دەرستىن چۈشكىنىمىزدە ئانام دېرىزە تۈۋىدە ماڭا قاراپ تۇرغان ئىكەن . بەزى ساۋاغداشلىرىم مازاق قىلىپ كۈلۈشىتى . مەن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ كەتتىم . ئانامغا يۇزۇمىنى چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈنئۆرلۇكۇم كەلدى . باشلامچى بولۇپ غەۋغا كۆتۇرىگەن ئالىمىغا تېخىمۇ ئۆچلۈكۈم كەلدى ، ئۇ ئانامنى مازاق قىلىپ كۆپتۇرۇپ دوراۋاتقىنىدا ئالدىمىدىكى قەلەمداننى ئۇنىڭىغا ئاتتىم ، ئەمما ئالىم ئۆزىنى قاچۇرۋالدى -دە ئالدىمىغا ئېتىلىپ كېلىپ كانىيىمدىن ئالدى ، بويۇم پاكار بولغاچىقا ئۇنىڭىغا تەڭ كېلەلمىدىم ، ئۇ مىنى ئوڭايلا يەرگە بېسىۋالدى ، بۇ چاغدا سىنىپىنىڭ سىرتىدىكى ئانام توۋلىغىنىچە خۇددى پالۋاندەك ئىتىلىپ كىرىپ ئالىمىنى تۇتقىنىچە تالاغا ئېلىپ چىقىتى ، كىشىلەر ساراڭىنىڭ كۇچى جىق بولىدۇ دېيىشەتتى . راستىنلا شۇنداق بولدىكەن ، ئانام مىنى بوزەك ئەتكەن ئالىمىنى قوللىرىدا دەس كۆتەردى ، ئالىم قورقىنىدىن يىغلاپ كەتتى ، دىغماققىنە پۇتلىرى ھاۋادا تىپىرلاپ تۇراتتى ، ئانام ئۇنى مەكتەپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى كۆلچەككە تاشلىۋەتتى ، ئاندىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك كېتىپ قالدى .
ئانام ماڭا چاتاق تېرىپ بەرگەن ئىدى ، ئەمما ئۆزى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئالدىمدا بىمالال مېڭىۋەردى . ۋە ماڭا خۇشامەتكۇيلۇق بىلەن قاراپ - قاراپ قوياتتى ، ئانا مېھرىنىڭ شۇنچىلىك بولدىغانلىقىنى چۈشەندىم . ئانامىنىڭ ئەقلى ھوشى جايىدا بولمىسىمۇ مىڭىسى سەگەك ئىدى .
چۈنكى ئوغلىنى باشقىلارنىڭ بوزەك ئېتىشىگە قاراپ تۇرالمايتتى . مەن شۇ چاغدا ئىختىيارسىزلا << ئانا ! >> دەپ توۋلىۋەتتىم . بۇ مىنىڭ تىلىم چىققاندىن بۇيان ئانامىنى بىرنجى قېتىم شۇنداق چاقىرىشىم ئىدى ، ئانام شۈركىنىپ كەتتى ۋە ماڭا ئۇزاق - ئۇزاق قاراپ كەتتى ، ئاندىن يۇزلىرى بالىلاردەك قىزىرىپ كەتتى ۋە گۆدەكلەرچە جىلمىيىپ كۈلدى ، شۇ كۈنى ئانا - بالا ئىككىمىز تۇنجى قېتىم بىر يامغۇرلۇقىنى تۇتۇپ ئۆيگە قايىتتۇق . مەن بۇ ئىشىنى مومامغا ئېيىتىپ بېرۋىدىم مومام قورقىنىىدن سەنتەرەكلەپ بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدى ، ئاندىن دادامىنى چاقىرتىپ كەلدى ، دادام ئەمدىلا ئۆيگە كىرىپ تۇرۋىدى قوللىرىغا كالتەك ئېلىشقان بىر توپ ئادەم ئۆيىمىزگە باستۇۇرپ كىرىپ ئاق - قارنى ئايرىمايلا قاچا پ قۇچا ، قازان - قۇمۇشلارنى بولۇشىغا ئۇرۇپ چېقىپ تاشلىدى، ئۆيمىز خۇددى توققۇزبال يەر تەۋرىگەندەك بولۇپ كەتتى ، بۇلار ئالىمىنىڭ ئۆيدىكلەر باشلاپ كەلگەن ئادەملەر ئىدى، ئالىمىنىڭ دادىسى قولىنى دادامغا غەزەب بىلەن شىلىىتپ << ئوغلۇم قۇرقۇپ نېرۋا كېلىسى بولۇپ قالدى ، ھازىر دوختۇخانىدا ياتىدۇ ، سىلەر 1000 كوي داۋالاش ھەققىي چىقارمايدىغان بولساڭلار ئۆيۇڭلارنى كۆيدۇرۇپ كۈل قىلىۋېتىمەن >> دېدى ،
1000 كۇي ؟ دادام ھەرئايدا نەچچە 100 يۇۋەنلا مائاش ئالدىغان تۇرىسا ! چىرايدىن شۇملۇق يېغىپ تۇرغان بۇ كىشىلەر ئارىسىدا كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن دادام ئانامغا ۋەھىملىك بىلەن تىكىلىدى -د ، ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرغىلى تۇرىدى ، بىچارە ئانام قورىققىنىدىن خۇددى جېنىنى ئېلىپ قاچىدىغنا يەر تاپالماي قالغان چاشقاندەك ، بىر قاراشتا خالتا كوچىغا كىىرپ قالغان ئوۋلۇققا ئوخشاش ئۇياق - بۇياققا ئۆزىنى قاچۇراتتى ، ئېچىنىشلىق چىرقىراش ئاۋازى ۋە كەمەرنىڭ تاراسلاپ تەككەن ئاۋازى مەڭگۈ ئېسىمىدىن چىقمايدۇ ، ئاخىردا ساقچىخانا باشلىقى يېتىپ كېلىپ دادامىنى بۇ زوراۋانلىقىتىن توسۇپ قالدى .
ساقچىىاننىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە ھەر ئىككى تەرەپ زىيان تارتىقان تەرەپ قارىلىپ ھېچكىم - ھېچكىمىگە تۆلەم بەرمەيدىغان بەردى ، كىم يەنە غەۋغا قىلسا شۇنى تۇتىدىغان گەپ . ئۇ بىر توپ كىشى كەتكەندىن كېيىن دادام ئۆينى بىر ئالغان قاچا- قۇچا سۇنۇقلىرىغا ئاندىن ئۇسىتى - بېشى يېغىر بولۇپ كەتكەن ئانامغا قارىدى ، ئاندىن بىردىنلا ئانامىنى باغرىغا بېسىپ ئېچىنىش ئىچىدە يىغلاپ كەتتى ، ۋە << ۋاي ساراڭ خوتۇنۇم ، سېنى ئەتەيلا ئۇغۇنۇم ئەمەس ، ئەگەر سېنى ئۇرمىسام بۇ ئىشىتىن قۇتۇلغىلى بولمايتتى ، بىزنىڭ خەققە تۆلەم بەرگۈدەك پۇلىمىز يوق ئەمەسمۇ ، بۇنىڭ ھەممىسى نامراتلىقىنىڭ كاساپىتىدىن بولدى >> دېدى ۋە ئاندىن يەنە << بالام سەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆت ، بولمىسا مانا مۇشۇنداق ئۆمۈر بويى خەققە بوزەك بولۇپ ئۆتىدىغان گەپ >> دېدى ، مەن ئىتائەتمەنلىك بىلەن بېشىمىنى ئىرغىتتىم ،
كىيىن مەن ئەلا نەتىجە بىلەن تولۇق ئوتتۇرىغا چىقتتىم ، بۇ چاغدا مومام تولا چارچاپ كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى ، كۇنىمىز تېخىمۇ ئېغىرلاشىقان ئىدى ، خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ئائىلىمىزنى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۇپ بىزگە ھەر ئايدا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىدىغان بولدى ، ، مەن ئوقۇۋاتقان تولۇق ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇش پۇلۇمىنى مۇۋاپىق كېمەيىتتى ، مەن شۇندىلا داۋاملىق ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم . مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇۋاتقانلىقىم ئۈچۈن ئۆيگە كەمدىن - كەم قايتاتتىم ، دادام بۇرۇنقىدەكلا نەچچە 100 يۈرەن ئۈچۈن چاكار بولۇپ ئىشلەيتى ، ماڭا تاماق يەتكۇۇزپ بېرىش مەسئوليىتى مۇقەررەر يوسۇندا ئانامغا يۈكلەنگەن ئىدى . ھەر قېتىم قۇشنا ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ھاممام ماڭا يەيدىغان نەرسە تەييارلاپ ئانامدىن ئىۋەرتىپ بېرەتتى ، ھېلىمۇ ياخشى ئانام 20 كېلومېتىر ئورۇنلۇقىتىكى چىغىر تاغ يولىنى ئېسىدە تۇتۇۋالغان ئىدى . جۈت - جۈدۈنلارغا قارىماي ماڭا ئەكېلى پبېرەتتى ، تېخمۇ مۆجىزدەك ئىش شۈكى ئانام مەن ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىدا قىلچىمۇ ساراڭلىق قىلمايتتى . مەن بۇ ھادىسىنى مېدىستىنادا قانداق چۈشەندۈردىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ ، بۇنىڭ ئانا مېھىر ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتىم ،
كىيىن بىر كۈنى ئانام ماڭا تاماقلا ئەمەس ، يەنە 10 نەچچە تال ياۋا شاپتۇل ئەگەلگەن ئىدى ، مەن شاپتۇلىدىن بىرنى ئېلىپ بىر چىشلەم يەپ ، كۈلۈپ تۇۇرپ << ئەجەپ تاتلىق ئىكەن ، نەدىن ئالدىڭ ؟ >> دەپ سوردىم ، ئانام : << مەن ........... ئۆزەم ........ئۆزەم ............>> دېدى ، ئانامنىڭ ياۋا شاپتۇل ئۇزەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىدىم ، چىن كۆڭلۇمدىن ماختاپ << بارغانسېرى قولۇڭىدىن ئىش كېلىدىغان بولۇپ كېتىۋاتسەن >> دېدىم ئانام خۇشاللىقىدىن خىر - خىر كۈلدى ، ئانام كېتەر چاغدا مەن ئادەتتىكىدەكلا بىخەتەرلىكىڭگە دىققەت قىل دەپ جېكىلىدىم ، ئانام << ھە ... ھە >> دېگىنىچە ماقوللۇق بىلدۈردى . مەن ئانامنى ئۇزتېۋىتىپلا ئالى مەكتەپ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى مۇزاكىرىگە كىىرپ كەتتىم ، ئەتىسى دەرسىتە ئىدىم ، ھاممام پالاقشىغىنىچە مەكتەپكە كېلىپ مۇئەللىم ئارقىلىق مېنى سىنپتىن چاقرىتتى . ھاممام مەندىن ئاناڭ تاماق ئەكلىپ بەردىمۇ ؟ دەپ سوردى . مەن : ئەكىلىپ بەرمىدى ، تۈنۈگۈن قايىىتپ كەتكەن ئىدىغۇ ، دېدىم ، ھاممام << يوق ، ھازىرغىچە ئۆيگە كەلمىدى >> دېدى . مەن ياق ماڭا 10 نەچچە تال ياۋا شاپتۇل ئەكەلگەن ئىكەن ، دېدىم ، ھاممام قوللىرىنى ئۇچقىلاپ تۇرۇپ چاتاق بوپتۇ ، چاتاق شۇ ياۋا شاپتۇلدا ئوخشايدۇ . دېدى ئاندىن مەن رۇخسەتسوردىم ، ھاممام ئىككىمىز تاغ يولى بىلەن قايىتىپ ماڭدۇق ، يولدا ھەقىقەتەنمۇ بىر قانچە تۈپ ياۋا شاپتۇل دەرىخى ، دەرەختە شالاڭ شاپتۇل بار ئىكەن ، بۇ شاپتۇللار تىك قىيادا بولغاچقا ساقلىنىپ قالغان ئىەن ، بىز يەنە بىرتۈپ شاپتۇل دەرىخىدىكى شاخنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق ، دەرەخنىڭ ئاسىتى 100 گەز چوڭقۇرلۇقىتىكى جىلغا ئىدى . ھاممام << بىز جىلغىغا چۈشۈپ قاراپ باقايلى >> دېدى مەن : << ھامما مىنى تولا قورقۇتمىڭە >> دېدىم . ھامما مىنى يېتىلىگىنىچە جىلغىغا قاراپ ماڭدى . ئانام جىلغىدا جىممىدە ياتاتتى . ئەتراپىغا شاپتۇللار چېچىلىپ چۈشكەنكەن ، قولىدا بىر تال شاپتۇل سىقىمداغلىق ئىدى ، مەن يۈرىكىم پارە - پارە بولغۇدەك ھەسرەت بىلەن يىغىلاپ ، ئانامىنى مەھكەم قۇچاقلىدىم . ئانا ، ۋاي شور پېشانە ئانام ، نېمىشقىمۇ بۇ شاپتۇلىنى تاتلىق دېگەندىمەن ، ، بېشىڭىغا چىقتىمغۇ ئانا ، ئۆمۈرۈڭدە بىركۈنمۇ راھەت كۆرۇپ باقمغان ئىدىڭىغۇ ئانا ...................... مەن بېشىمىنى ئانامىنىڭ مۇزدەك سوۋۇپ كەتكەن يۈزىگە ياقىتىم ، يىغامىدىن تاغ جىرالاردىى تاشلارمۇ ئېرىپ ياش تۆككەندەك تۇيۇلاتتى ...
ئانام يەرلىككە قويۇلۇپ 100 كۈن بولغاندا بېيىجىڭ ئۇنۋېرسىتنىڭ ئالتۇنىدن ھەل بېرىلىگەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇش نامىسىنى ئېلىپ .ئانام ماڭغان يوللارنى ، ھېلىقى بىر قانچە تۈپ شاپتۇل ئۆسكەن دەرەخزارلىقىنى ، مەھەلىمىزنىڭ بېشىدىكى خامانلىقىنى كېزىپ ئۆيىمىزگە ئۇدۇل ئۇچۇپ كەلىدىم ، مەن كېچىكىپ كەلگەن بۇ مەكتۇپنى ئانامىنىڭ قەبىرسىگە سانجىپ قويۇپ : << ئانا ! ئىستىقبال تاپىتىم ، ئاڭلىدىڭىمۇ ؟ ئەمدى ئۇ دۇنيادا كۈلۈپ ياتساڭ بولىدۇ >> دېدىم




200 قېتىم كۆرۈلدى miyfir ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-4-26 13:41:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ