«مەست»نىڭ يىغىسى

«مەست»نىڭ يىغىسى

(شىڭگىل ھېكايە)

س.م.رامىزان

بۇ قېتىمقى يىغىن كاتتا يىغىن بولدى، بۇرۇن تونۇشىدىغانلار بىلەن يەنە بىر دىدارلاشتۇق، بۇرۇن تونۇشمىغانلار بىلەن تونۇشۇپ سىرداش بولۇپ قالدۇق. مانا شۇتاپ كونا-يېڭى تونۇشلار تاماق شىرەسى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۆز-ئارا پاراڭلىرىمىزنى قىلىشقاچ يىغىندىن كېيىنكى كەچلىك زىياپەتنىڭ باشلىنىشىنى كۈتىۋاتىمىز. نىھايەت بىر چاغدا تاماق تارتىلىپ، قورىمىلارمۇ كەلتۈرۈلدى. يەپ-ئىچىش بىلەن تەڭلا شاراپخورلۇقمۇ باشلاندى.

ـ ياندىكى ئورۇندۇق بوشقۇ ئۇستاز، تېخىچە كېلىپ بولالمىغانلار بارمۇ نىمە؟-دېدى ساقى يىگىت لىق تولدۇرۇلغان رومكىنى ماڭا تەڭلىگەچ يېنىمدىكى بوش ئورۇندۇقنى ئىما قىلىپ.

ـ پولات ئەپەندى كېلىپ بولالمىغان چېغى، قارىغاندا بۇ سورۇندا قانماي قالارمەنمىكىن دەپ باشقا بىر يەرلەردە ئىچىپ ئاشقازىنىغا ئەستەر سېلىپ يۈرسە كېرەك،-دېدى رازىيوف چۈشەنچە بېرىپ،-ئۇ ئورۇن شۇ زاتنىڭ ئورنىغۇ دەيمەن.

ـ قايسى پولات ئەپەندىنى دەيدىلا تەقسىر؟-سورىدى ساقى ئېسىگە ئالالماي.

ـ پولات «پىلاستىر»چۇ ھېلىقى چاپلاشقاق بايقۇش.

ـ ھە، غۇلجىدىن كەلگەن ھېلىقى «ھېكايە يازىدىغان شائىر» نى دەپسىز-دە؟ توغرا چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنلا يۈزلىرى كەچلىك شەپەقتەك بوپ قاپتىكەن بايقۇشنىڭ، بەلكىم ياتاقتا ئۇخلاۋاتسا كېرەك.

شۇنداق دېيىشىپ تۇرىۋىدۇق نەق پولات «پىلاستىر» سالامنى چوڭ قىلىپ كىرىپ كەلدى.

ـ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم، ئۇستازلار، دوستلار، كەچۈرۈڭلار، بىر ئاز كېچىكىپ قالدىم، ساقلىتىپ قويغان سەۋەنلىكىم ئۈچۈن نەچچە رومكا جەرىمانە بولسىمۇ مانا مەن تەييار،-دېدى ئۇ ھېلىقى بوش ئورۇندۇققا لوككىدە ئولتۇرۇپ.

ھەممەيلەن ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ پىخىلداپ كۈلۈشۈپ كەتتى. قارىسام ئەتتىگەندىلا ساق تۇرغان قاڭشىرىغا چۈشتىن كېيىن يېڭىلا پىلاستىر چاپلاقلىق تۇراتتى. مۇشۇنداق بىر بايقۇش بىلەن بىر يۇرتتىن بولۇپ قالغانلىقىمغا سەل ئىچىم ئېچىشقاندەك بولدى. ھەقىقەتەن پولات دوستىمىز كەيىپ قىلىشقا، بولۇپمۇ ئوخشىغان مۇسەللەستىن بىر-ئىككى قاپاق ئىچىۋېلىپ شىركەيپ بولۇپ، يولنىڭ ھەممىلا يېرىگە تەڭ دەسسەپ، قايسىدۇر بىر خەلق ئاھاڭىغا غىڭشىغىنىچە كوچا ئايلىنىشقا بەكلا ئامراق. بەزىدە ئۈلپەتسىز يالغۇز ئولتۇرۇپمۇ ئىچىپ كېتىشلىرى بار. تېخى ھەۋەسكار ياشلار بىلەن ئولتۇرۇپ قالسا بولدى ئۆزىنى «كاتتا يازغۇچى» كۆرسىتىپ، قۇلاق مىدىرىغىچە، سەل قانماي قالسا بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىپ تۇرۇپ تا مەست بولۇپ يىقىلغىچە ئىچىپ قويىدۇ. ئۆيدىكىلىرىمۇ، ئۇرۇق-تۇققانلىمۇ، ئەل-ئاغىينىلەرمۇ توسۇپ ھاردۇق، «ئىچسەڭمۇ ئىچ، كۆڭۈل خۇشى، ئاز-ئاز ئىچ، ياخشى دوست، ئاقىللار بىلەن ئىچ» دەپ نەچچە-نەچچە رەت نەسىھەت قىلىپ باقتۇق، ئەممازە «ياق» دىمەيدۇ. لېكىن يەنە قىلىدىغىنىنى قىلىپ، غەرق مەست بولۇپ ھۇشىنى يوقاتقىچە ئىچىۋېلىپ، يىقىلىپ قوپۇپ، ئۇ يەر، بۇ يەرگە مۇشت ئېتىپ، ئىستولبا تاملارغا ئۈسىۋېلىپ دىگەندەك يۈز-كۆزىنىڭ ساۋاسىنى قويماي يېغىر قىلىۋالىدۇ. قاچانلا قارىسىڭىز يۈزىدىن پىلاستىر ئېرىمايدۇ، شۇڭا «قايسى پولات» دەپ قالسا «ھېلىقى پولات پىلاستىر» دەۋالىدىغان بولدۇق.

ـ ھى، ھى، ھىھ... ھەيران قالماڭلا، كىچىككىنە سۈرۈلۈپ كەتتى، خوش ساقى، بۇ قولۇمدىكىسى جەرىمانىمۇ ياكى نۆۋىتىممۇ؟-سورىدى ساقىغا قاراپ غەلىتە ھىجاراپ.

- بۇنىسى نۆۋىتىڭىز دوستۇم، بىزمۇ سىز كېلىشتىن سەللا بۇرۇن باشلاپ تۇرغان شۇڭا جەرىمانە قويمىساقمۇ بولامدىكىن دەيمەن، قانداق دېدىم سورۇن ئەھلى؟-دېدى ساقى ئولتۇرغانلارغا قاراپ. كۆڭلىدە ئۇ «جەرىمانە ھاراق قۇيساممۇ كۆتۈرەلمىگىدەك» دەپ ئويلىغان ئىدى.

ـ يەنە سەل كېچىكىپ كەلگەن بولسام جەرىمانە ھاراق قۇياتتىڭىزكەن-دە؟ قاراڭ ساقى بۇ سورۇندا ھاراق بىكارلىق بولغاندىكىن ئىككى ئۈچ رومكا جەرىمانە قۇيىۋېتىڭا بىر، مەن جەرىمانىگە تالاش-تارتىش قىلىپ بويۇنتاۋاقلىق قىلىپ باققان ئەمەس، سىزنى ھەرگىز خىجىل قىلىپ قويمايمەن دەيمەن،-دېدى پولات قولىدىكىنى گۈپلا قىلىپ قېقىۋېتىپ.

رومكا نۆۋەت بىلەن نەچچە رەت ئايلانغان بولسىمۇ ساقى يىگىت پولاتنىڭ كەيپ بولۇپ قالماسلىقىنى ھەم سورۇننىڭ كەيپىياتىنى كۆزدە تۇتتىمۇ ئەيتاۋۇر پولاتقا ئىككى نۆۋەت ھاراق سۇنمىدى. پولاتنىڭ زېھنىمۇ تېخى پۈتۈنلەي «گاس» بولمىغان بولسا كېرەك، نۆۋەت ساقى يىگىتكە كەلگەندە پولات ئالدىدىكى لىق چاي تولدۇرۇلغان ئىستىكاننى قولىغا ئېلىپ ئورنىدىن تىترەپ تۇرۇپ قوپتى.

ـ خوش ساقى، نۆۋەت سىزگە كەلگەن ئوخشايدۇ، ئەسلىدە سىز بىلەن بىر رومكىدىن سوقۇشتۇرۇپ ئىچىشەرمەن دەپ تاما تارتىپ تۇرسام مېنى «ئۇسسۇز» قويىۋاتىسىز، رومكىڭىزغا مۇشۇ بىر ئىستاكان چاينى بولسىمۇ بىر سوقۇپ ئىچىۋالسام بولارمۇ؟-دېدى ساقىغا ئىستاكاننى تەڭلەپ.

ـ چاتاق يوق ئاكا، پەقەت بېشىڭىز بىلەن سوقمىسىڭىزلا بولىۋېرىدۇ، مەن سىزنىڭ مۇبارەك باش-كۆزلىرىڭىزنىڭ ساق، بېجىرىم تۇرىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلىمەن،-دېدى ساقى رومكىسىنى ئۇنىڭ ئىستاكانىغا يېنىك ئۇرۇپ قويۇپ. سورۇندا بىرپەس كۈلكە كۆتۈرۈلدى. پولات نېمىدۇر ئېسىگە كەلگەندەك پىشانىسىدىكى پىلاستىرنى سىيلاپ قويۇپ لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى.

ـ سورۇنمۇ بىر يەرگە باراي دەپ قالدى، ئەتە ھەممىمىز ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەسەل ھەرىلىرىدەك جاي-جايلارغا پېتىرايمىز، شۇڭا بۇ پۇرسەتتە تېلېفون نومۇرلىرىمىزنى يېزىشىۋالايلى، قانداق دېدىم،-دېدى تۇراقجان تۇرنا كۈلكە بېسىققاندىن كېيىن ھەممەيلەنگە قاراپ.

ـ بەك ياخشى گەپ بولدى، ئالدى بىلەن ئاتاقلىق يازغۇچىمىز تۇراقجان تۇرنانى ئاشۇ نەچچە توم ئېسىل رومانلارنى يازغان مۇبارەك قەلىمى بىلەن ئەرزىمەس خاتىرەمگە ئىمزا قويۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمەن،-دېدى ۋولقانى ئىسىملىك ھەۋەسكار خاتىرىسىنى تۇراقجاننىڭ ئالدىغا ئاۋايلاپ قويۇپ.

ـ مېنى شۇنچىلىك چوڭ بىلگىنىڭگە رەھمەت ئۇكا، كەلگۈسىدە سېنىڭمۇ نادىر ھېكايىلەرنى يازىدىغان «داڭلىق شائىر» بولۇپ قېلىشىڭغا تېلەكداشمەن،-دېدى تۇراقجان خاتىرە ۋارىقىنى ئېچىۋېتىپ،-ئەپسۇس ئۇكا، مېنىڭ رومان يازىدىغان قەلىمىم بۇرۇن بار ئىدى، ھازىر كومپيۇتېر بىلەن يازىدىغان گەپ، شۇڭا قەلىمىڭنى بېرىپ تۇرىسەن-دە؟

ۋولقانىي ئىمزا قويۇلغان خاتىرىنى «رەھمەت» دەپ قولىغا ئېلىپ، ئۆمۈچۈك ئىزىدەك ئىرماش-چىرماش يېزىلغان خەتلەرگە قاراپ، نىمە دىگەن خەتلىكىنى ئاڭقىرالماي ھەيران بولۇپ تۇرغىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئۆزگىرىش ئالامەتلىرىدىن بىر نەرسىنى بايقىغان تۇراقجان دەرھال ئەسكەرتىش بەردى:

ـ پۇچۇركىسى سەتكەن دەپ ھەيران قېلىۋاتىسەنغۇ تايىنلىق ئۇكا، ئۇنداق ئەمەس، ئەسلى مېنىڭ پۇچۇركام خېلى چىرايلىق ئىدى، لېكىن سېنىڭ ماۋۇ قەلىمىڭ تازا بەلەن قەلەم ئەمەسكەن، ئادەمنىڭ قولىغا بويسۇنمايدىكەن ئەمەسمۇ؟-دېدى ئەيىبنى قەلەمگە قويۇپ.

ئىمزا قويۇش، تېلېفون نومۇرلىرىنى يېزىشىش ئەۋجىگە چىقىپ سورۇن يىپ بازىرىغا ئايلاندى.

ـ سورۇن ئەھلى، خەپشۈك! ئۇستازلا، دوستلار، قەلەمداشلار! يېزىشىدىغاننىمۇ يېزىشىپ بولدۇق، قارىغاندا مۆھتەرەم بوستانى ئەپەندىمنىڭ بىر ئىككى ئېغىز پىكرى باردەك قىلىدۇ، ئاڭلاپ باقساق قانداق؟-دېدى ساقى بىر چاغدا تەرتىپكە چاقىرىپ. ۋاراڭ-چۇرۇڭ سەل بېسىقتى. باياتىندىن بېرى نەچچە رەت گەپكە ئېغىز ئېچىپ، ھېچكىمنىڭ پەرۋا قىلمىغانلىقىدىن گېپىنى قىلالماي ئىچى تىتىلداپ، يۈزىدە بۇلۇت ئەگىپ يۈرگەن سايىتوف بىر ئاز جانلىنىپ قالدى.

ـ مۆھتەرەم ئەپەندىلەر، كىچىككىنە ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويىدىغان بولدۇم، رەنجىمەيسىزلەر، مۇشۇ پۇرسەتتە سىلەرگە بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن، يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇلىشى ۋە قوللىشى بىلەن جەمئىيىتىمىز قارمىقىدا بىر مۇزىي قۇرماقچى...

ـ نىمە؟ «موزاي تۇغماقچى» دېدىڭىزما؟ بۇ قانداق بولغىنى؟ سىز موزاي تۇغقاننى كۆرمىگەنما؟ مۇشۇمۇ خۇش خەۋەر بولدىمۇ ئەمدى؟ «ئەتىكى سورۇننى مەن ئۇيۇشتۇرىمەن» دەمدىكىن دىسەم...-دېدى پولات «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك»لا گەپنىڭ بېلىگە تېپىپ. ئۇنىڭ بارغانسېرى ئېقى چوڭىيىپ كېتىۋاتقان كۆزى سايىتوفقا تىكىلگەن ئىدى.

ـ ساقمۇ سىز ئۇكا؟ مۇزىي قۇرىمىز، مۇزىي، ئېنىق ئاڭلىدىڭىزمۇيا؟!-سايىتوف تىترەپ كەتتى، «بولدىلا» دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا غۇدۇراپ، ئاندىن قايتىدىن سورۇن ئەھلىگە يۈزلەندى،-شۇنداق قىلىپ بىز ھەر ساھە زاتلارنىڭ قوللىشىغا، ياردىمىگە مۇھتاج. ناۋادا ھەر بىرىڭلارنىڭ قوللىرىدا قىممەتلىك قوليازما ماتىرىيال، تارىخىي خاتىرە، كونا بۇيۇم، ئاسارە-ئەتىقە... دىگەندەك مۇزىيغا ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بار بولغان بولسا ئايانماي ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،-دېدى ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ.

ـ ئەجەب ياخشى ئىش بوپتۇ، بىزنىڭ مەھەللىدە 111 ياشقا كىرگەن قارىغۇچىسى يوق بىر بوۋاي بار، تىرىك تارىخ-تە ئۆزى، شۇ بوۋاينى ئەكىلىپ قويساقمۇ بولامۇ؟-دېدى پولات سايىتوفنىڭ قولىغا مەھكەم ئېسىلىپ.

ـ بۇنداق بولسا قانداق بولىدۇ، مەست بوپ قالمىغانسەن ئۇكا؟

ـ كىم مېنى مەست دەيدۇ؟ راست دەيمەن، شۇ بوۋاينى مۇزىيغا ئەكىلىپ قويساق ساۋاب بولارمىكىن دەيمەنغۇ، ئۆزى خېلى تېتىك، ماتىريال بولالمىسا دەرۋازىغا قارىغىلى بولسىمۇ يارايدۇ.

پولات سايىتوفقا يۇپۇشقىنىچە يەنە نىمىلەرنىدۇر چۈشەندۈرمەكچى بولىۋاتاتتى. سورۇننىڭ كەيپىياتى بۇزۇلدى. ساقىمۇ تەرتىپكە چاقىرىپ ھاردى بولغاي، ئويلاپ قويغىنى بويىچە «دەبدەبىلىك خۇلاسە» قىلىشتىنمۇ ۋاز كېچىپ جىندەكلا غايىب بولدى. باشقىلارمۇ بىر-بىرلەپ تارقاپ، ئاخىرىدا پولاتلا قالدى.ـ يوقۇلۇش! ھەممىڭ يوقۇلۇش! ئىككى تۆت سەر ھاراقنى ئوغۇل بالىدەك، ياق! مانا مەندەك گۈپۈلدىتىپ ئىچىشەلمىگەن، كۆڭلىدىكى دەرد-ھەسرەتلىرىنى ئېچىلىپ-يېيىلىپ دىيەلمىگەن بىر نېمىلەر داڭلىق شائىر، يازغۇچىمىش تېخى! ئېست شۇلارنىڭ ھالىغا، بوپتۇ يازغۇچىمۇ بولماپتىمەن! مەن ئىچىمەن! قانغىچە ئىچىمەن!...

ئۇ تۇرۇپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.

بۇ ھېكايە «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىل 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان.





576 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-5 2:43:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-6 20:55:29 كەترەن
نوچى ئەسەر...
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ