يوقالغان قوشۇن -9 - قىسىم ھىكايە

يوقالغان قوشۇن


(9-قىسىم)


metro


      قوشۇن شۇ ماڭغىنىچە قۇم داۋانغا چىقىپ يەنە چەكسىز كەتكەن ئوڭغۇل - دوڭغۇل قۇم بارخانلىرى ئىچىگە كىرىپ كەتتى ،ئەتىراپ تىمتاس چۆل - جەزىرە ، بىرەر جانلىقتىن ئەسەرمۇ يوق  ، كۈننىڭ قىزىقى ئۇلارنى ئۇسسۇتۇپ ، كەلپۇكلىرىنىڭ بىر قات تىرىسىنى سۆيىۋەتكەن ، چىرايلىرى قارداپ ، كۆزلىرى ئاران پىلىداپ تۇراتتى. چۈش قىيىلغاندا قوشۇن بىر قۇم بارخىنىنىڭ قولتۇقىدا چۈشلۈك دەم ئېلىشقا ، تاماققا توختاشتى ، يولباشلىغۇچىلار بىلەن ئەسكەرلەرگە نان تارقىتىپ بىرىلدى ، ئۇلار نانلىرىنى مىڭ تەستە يۇتۇشۇپ قۇتىلىردا قېلىپ قالغان ئاز سۇلىرىنى ئىقتىساد قىلغىنىچە ئېغىزلىرىنى نەمدەشتى ، خو قۇماندان ، قاسىمبەگلەرنىڭ كۈنى ئۇنچۇۋالا ئېغىر ئەمەس ئىدى ، چۈنكى ئۇلاردا قاپاقلارغا مۇزدەك ساقلاشقا ئېلىپ قويغان زاپاس سۇ بار بولۇپ ، ئۇلار چىدىر ئىچىدە بەھەزور قۇرساق توقلاشتى . پولات نېنىدىن يېرىمىنى «قارا ئېيىق» بەرگەچ ئاتىسىدىن سورىدى:

     - ئاتا ، ھازىر قىيىن ئەھۋالدا قالغاندەك تۇرىمىز ، سۇ يوق بۇ ئىسىقتا قانچىلىك بەرداشلىق بىرەلەرمىز ، ئەگەردە مۇمكىن بولسا بۇلاردىن قۇتۇلۇپ كەتسەك قايتىپ كىتەلەرمىزمۇ؟ سادىر بۇۋاي ئويچان كۆزلىرىنى ئوغلىغا تىكتى:

      - بالام ، بىز ھازىر تۇتقۇنلا ئەمەس بەلكى بۇلار بىلەن بىر كىيمىگە چىققان يولوچىلار بولۇپ قالدۇق ، ئەگەردە بۇلارنى ئازدۇرۇپ قاچقان تەقدىردىمۇ بۇ چۆلدە ئاچلىقتىن ئۆلمىسەكمۇ ، ئۇسسۇزلىقتىن ئۈلۈپ كىتىمىز، ھازىرچە ئالدىرمايلى پۇرسەت ھامان چىقىدۇ ، ئۇلار شۇ گەپلەرنى دىيىشىپ تۇرغاندا خو قۇماندان يىتىپ كەلدى ھەمدە يول باشلىغۇچى ئەسكىرىنى چاقىردى - دە ئاۋال ئەسكىرىدىن سورىدى :

      - بىزنىڭ ھازىرقى ئورنىمىز قەيەر ؟ ئەسكەر دەرھال خەرىتىنى يېيىپ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرسىنى كۆرسەتتى :

        -دوكىلات قۇماندان ، بىز ھازىر بۇ يەردە ، يەنە سۈرئىتىمىز تىز بولسا ئون كۈندە بۇ قۇملۇقتىن چىقىپ كىتىمىز، خو قۇماندان خەرىتىگە بىر قۇر قارىۋېتىپ سورىدى :

       - بىزگە ئەڭ يېقىن سۇ مەنبەسى قەيەردە ؟ ئەسكەر سۇز ئاۋازدا جاۋاپ بەردى :

       - دوكىلات قۇماندان ، بىز يېقىن سۇ مەنبەلىرىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق ، بىزگە يېقىن سۇ مەنبەسى يوق .

     - ئەبلەخ !

 خو قۇماندان ئاچچىقلاپ ۋاقىردى ، - بىزگە يېققىن سۇ مەنبەسى قەيەر دەۋاتىمەن ؟ ئەسكەر چۆچۈپ قورۇققىنىدىن بىر ئورۇننى كۆرسەتتى :

    - بىزگە ئەڭ يېقىن سۇ مەنبەسى بۇ يەردە لېكىن يەنە سەككىز كۈن ماڭساق بۇ يەرگە بارالايمىز...

    خو قۇماندان ئاچچىقتا ئەسكەرگە بىر ھازا قارىۋەتتى ، موشۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ ھالاكەت قوينىغا كىرىپ قالغانلىغىنى ھېس قىلىۋاتاتتى ، ئۇ سادىر بۇۋايغا يۈزلەندى ،چۈنكى سادىر بۇۋاينىڭ چوقۇم بىرەر ئامالى بارلىغىغا ئىشىنەتتى:   

     - بۇۋاي ،- دىدى ئۇ مۇلايىم قىياپەتتە ،- سەپىرىمىز ئەڭ تەس كۈنگە كىرگەندەك قىلىدۇ ، بىز چوڭاراق سۇ مەنبەسىگە بۇ ھالىمىز بىلەن بېرىپ بولالمايمىز ، بۇنداق ماڭساق ھەممىمىزنىڭ ئۈلىگى قۇملۇقتا قالىدىغاندەك تۇرىدۇ ، سەن ھەممىگە پىشقان ، تەدبىرلىك ، بۇنداق ئىشلارنى بېشىڭدىن ئۆتكۈزگەن ئادەم ، دەپ باقساڭ بىز ئەمدى قانداق قىلساق بولىدۇ ، ئۇسسۇزلۇقتىن بۇنداقلا ئۈلۈپ كەتسەك بولماس ، بىزنى دىمىسەڭمۇ ئوغلۇڭنى دەپ بولسىمۇ ئامالىنى قىلساڭ بولار، سادىر بۇۋاي خو قۇمانداننىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل قورقۇش ، ئەنسىرەشنى كۆردى ، ھەمدە كۈلۈپ تۇرۇپ :  

    - خو قۇماندان ، سىلى نىمىگە ئەنسىرەيلا ، ئۆلسەكمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا بىز ئۈلىمىز ، سىلىنىڭ ئىچكىدەك سۇلىرى تۈگىمىدىغۇ تېخى ، - دەپ كۈلكىگە زورلاپ گەپنى ئاخىرلاشتۇردى . خو قۇماندان بۇۋاينىڭ چاقچاق ئارلاش تەنە گېپىنى دەرھال چۈشەندى، ھەمدە ئەسكىرىدىن بىرىگە بىر پىيالىگە سۇ ئەپكەلدۈرۈپ بۇۋايغا سۇندى، بۇۋاي سۇدىن بىر نەچچە يۇرتۇم ئىچكەندىن كىيىن پولاتقا سۇندى ، پولات بۇ سۇنى ئىچىشكە قىيماي ئاۋايلاپ قاچىسىغا قۇيىۋالدى.

      - قۇماندان ، - دىدى بۇۋاي بىر ئاز راھەتلەنگەن ھالدا ،- سۇ تېپىشنىڭمۇ ئامالى بولۇپ قالار ، ئىلگىرلەپ باقساق بىرەر گىيا بار جاي ئۇچۇراپ قېلىشى مۇمكىن ، گىيا بولىدىكەن سۇ بولىدۇ ، قۇدۇق قېزىپ بولسىمۇ سۇنىڭ ئامالىنى قىلارمىز ، خو قۇماندان بۇۋاينىڭ گەپلىرىدىن بىر ئۈمىت نۇرىنى كۆرگەندەك بولدى - دە دەرھاللا ھارغىنلىقتا توختىغان يىرىدىلا ھەر خىل يېتىپ كەتكەن قوشۇنغا بۇيرۇق قىلدى :

       - قوشۇن سەپەرگە ئاتلانسۇن !!! ھالى ئاران قالغان بەگ ۋە ئۇنىڭ ئىككى قىزى ، خو قۇمانداننىڭ ئايالى ، ئايال خىزمەتكارى يەنە چىشىنى چىشلەپ دەلدەڭشىگىنىچە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ سەپكە قوشۇلدى ، يۈكنىڭ كۆپلىگىدە بىچارە تۆگىلەر ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەشتى. ئاسماندا غەرىپتىن تۇتۇلۇپ كەلگەن بۇلۇتتىن باشقا بىرەر ئۇچار قاناتمۇ يوق . قۇم بارخانلىرى ئوپۇققا تۇتاشقان كەڭ بۇ دېڭىزدا كارۋان قوشۇنى قۇرۇتتەك قىمىرلىماقتا ئىدى . كۈن ئاستا - ئاستا سۈرۈلۈپ كەلگەن بۇلۇتنىڭ كەينىگە ئۆتىشىگە خو قۇمانداننىڭ ئايالى بىلەن قاسىمبەگ ۋە ئىككى قىزى ماڭالماي ئولتۇرۇپ قالدى ،خو قۇماندان بىرەر سۇ مەنبەسىنى ئۇچۇرتۇپ قېلىشنى كۆزلەپ ئالدىراۋاتقاندا بۇ ئىشنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن چېچىلدى :

       - سىلەرنىڭ ھايات قالغۇڭلار يۇقما ، باشقىلارمۇ توختىماي مېڭىۋاتىدۇ ، لېكىن سىلەر ، - ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئايالىنىڭ سۇلغۇن ھالىتى ھەمدە كۆزىدىكى پىلدىرلاپ تۇرغان يېشىدىن باغرى شۇررىدە ئىرىدى -دە ۋاقىراشتىن توختاپ ، تۆگىدىن بىرنى بىكارلىماقچى بولدى ، قايسى تۆگىنى بىكارلاش كىرەك؟ ، تۆگىلەردىن تۆتىسىدە لىق بېسىلغان ئالتۇن- كۆمۈش ،قىممەت بويۇملار ، تۆتىسىدە يىمەكلىك ، ئىككىسىدە يېپىنچا ، يۈك - تاق ، ئۇلاقلارنىڭ يەم - خەشىگى ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ، بىر تۆگە بىلەن بىر ئىشەكتە قۇرال- ياراق ، ئوق- دورا بولىشىغا ئارتىلغان تۇرسا، قايسىنى تاشلىۋېتىش كىرەك؟ بولماي ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ، يېپىنچا قاتارلىق نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىپ ، تۆگىنىڭ يۈكىنى يىنىكلەتتى ھەمدە ئايالىنى مىندۈردى، قاسىمبەگ خوقۇمانداننىڭ ئايالى ئۈچۈن ئۇلاق تەييارلاپ ، قىزلىرى بىلەن كارى بولمىغانلىغىغا ئامالسىز قاراپ تۇردى ، نىمە ئامالى بولسۇن ، بۇ قوشۇننىڭ خوجايىنى خو قۇماندان تۇرسا ، ئۇ ئۈن - دېمىنى ئىچىگە يۇرتۇپ ئىككى قىزىغا قاراپ ئىچىدە « نىمە دەپمۇ بۇلارنى ئېلىۋالغاندىمەن ، ئاپىسىغا ھەمىرا بولۇپ يۇرتتا قالسا ، كىيىن ئورۇنلىشىۋېلىپ ، ئامالىنى قىلىپ ئېلىپ كەتسەم بولاركەنتۇق ، ھەي » دەپ ئويلاپ قالدى ، بۇ ئىشلارغا قاراپ تۇرغان سادىر بۇۋاينىڭ بۇ ئىككى قىزغا ئىچى ئاغرىپ قالدى - دە ئوغلىنى ئۇلارنى ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىدى ، پولات يۈگۈرۈپ قىزلارنىڭ يېنىغا باردى ، گۈلنەزەر تۇيۇقسىز پولاتنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ خىجىللىقتىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .

        - ئاتام ئىككىڭلارنى چاقىرۋاتىدۇ ، پولات نىمە ئۈچۈنلىگىنى ئۆزىمۇ بىلمەيلا شۇنداق سىپايىلىق بىلەن شۇ گەپنىلا قىلالىدى ، قىزلار پولاتقا ئەگىشىپ يىتىپ كەلگەندە سادىر بۇۋاي ئىشەكتىن چۈشۈپ كۆرپىدىن بىرنى ئىشەككە پۇختىلاپ تېڭىپ تەييار بولۇپ تۇراتتى :

        - كىلىڭلار بالىلىرىم بۇ ئىشەككە مىنىۋېلىڭلار ، قىز بالا دىگەن ئاجىز بولىدۇ ، بۇنداق سەپەرگە چىدىيالمايدۇ ،

        - ياق بولمايدۇ تاغا ،- گۈلنەزەر رەت قىلدى ،- ئۆزلەنىڭ ياشلىرى چوڭ ، بىز ياش بولغاندىكىن چىدايمىز ، ئۆزلە مىنسىلە ، بۇۋاي قىزلارنى ئىشەككە مەجبور مىندۈردى ھەمدە ئىشەكنى پولاتقا يىتىلەپ مېڭىشقا بەردى . قاسىمبەگ بۇۋاينىڭ بۇ قىلىغىدىن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەيلا قالدى ، ئۇ « بۇ تازىمۇ ساددا بىر قىرىكىنا ، مېنىڭ ئۆزىگە ، ئائىلىسىگە قىلغانلىرىمنى ئۇنتۇپلا كەتكەن ئوخشىمامدۇ » دىگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى . قوشۇن بىر چوڭ قۇم بارخىنىدىن ئۆتۈپ بارخانلار تۇتاش بوران يالاپ چىقىرىپ قويغان ئاندا - ساندا ياردەنلىكلەر بار يەرگە يىتىپ كەلگەندە كۆز باغلاندى. پۈتكۈل جاھان تۇتۇلۇپ قارا بۇلۇتنىڭ ئاستىنىدا تىزلا قاراڭغۇلاچقا باشلانغان ئىدى .

        - خۇداغا شۈكىرى ،-دىدى قاسىمبەگ خوشال بولۇپ ، - خۇدايىمنىڭ بىزگە ئىچى ئاغرىپ يامغۇر ياغدۇرۇپ بىرەمدۇ - نىمە؟ ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ھېچكىم ئىپادە بىلدۈرمىدى ، سادىر بۇۋايمۇ گەپ - سۆز قىلمىدى ، چۈنكى بۇ قۇملۇققا يامغۇر يېغىش ئىنتايىن ئاز ئۇچۇرايدىغان ئىش بولۇپ ، بۇلۇتلار شۇنداق ھەيۋە بىلەن كەلسىمۇ، گۈلدۈرماما شۇنداق قاتتىق گۈلدۈرلەپ چاقماق كۈندۈزدەك يورىتىۋاتسىمۇ، يامغۇردىن بىر تامچە چۈشمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئىدى. خو قۇماندانمۇ يامغۇردىن ئۈمىت كۈتۈپ قوشۇننى بىر ياردەنلىكنىڭ يېنىغا قونۇشقا بۇيرۇق چۈشەردى ، قوشۇندىكىلەر ئاچلىق ، ئۇسسۇزلۇقتىن شۇنداق ھارغان ئىدىكى خو قۇمانداننىڭ بېسىمى بولمىغان بولسا ئۇلار بۇ يەرگىچە كىلەلمىگەن بولاتتى . قاراڭغۇ ئاخشام ، ھەممىسى ئاچ بولۇپ، كىكىرتەكلىرىدىن ئۆتمىسىمۇ مەجبور نان يەۋاتاتتى، ئۇلارغا نەچچە ۋاقىتتىن ھەمىرا بولىۋاتقان ئاي - يۇلتۇزلار نى بۇلۇت يۇتۇپ كەتكەچكە،ئاسمان ، زىمىندىكى تىمتاس زۇلىمەت ئۇلارغا ئۆزلىرىنى گۆردىدەك ھېس قىلدۇرۋاتاتتى.

       تۇيۇقسىز قاتتىق چاقماق يورۇقى ئۇلارنى بىر يورتۇپ غايىپ بولىشىغا كەينىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلاندى ، بۇنىڭدىن ھەممىسى ھاياجانلىنىپ يامغۇر تامچىسى قاچان چۈشەركىن دەپ ئاسمانغا تەلمۈرۈپ يۈزلىرىنى يوقىرى قىلىشتى ، لېكىن كۈتكىنى چاقماق ، گۈلدۈرمامىلا بولۇپ قالدى ، شۇ ئەسنادا ياردەنلىكنىڭ چېتىدە ياتقان بىر نەچچىسىنىڭ «ۋايجان … ۋايجان ، بۇ نىمە ؟ »دىگەن چىقىراق ئاۋازى ھەممەيلەننى چۆچىتىۋەتتى ، قوشۇن ئىچىدە قاراڭغۇدا شاپىلاقتەك چوڭلۇقتا نۇرغۇن نەرسىلەر يۈگىرىپ يۈرگەندەك قىلاتتى.

     قوشۇن يەنە قانداق قىسمەتكە ئۇچۇردى ، يەنە قانداق قىسمەتلەر ئۇلارنى كۈتىۋاتىدۇ ، قىزىقسىڭىز داۋامى نەزىرىڭىزدە بولسۇن. كەڭ ئوقۇرمەن دوسىتلىرىمنىڭ بۇ ئەرزىمەس ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقىۋاتقانلىغىدىن شۇنداق سۆيۈندۈم ، سىلەرنى بەك تەققەززا قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ۋاقتىم چىقسىلا يېزىپ ئاخىرقى قىسىملىرىنى تىز دىقىتىڭلارغا سۇنىشقا تىرىشىمەن ، رەھمەت سىلەرگە !...





2521 قېتىم كۆرۈلدى metro ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-14 20:54:38  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-1-24 15:26:56 چۆل ئوغلى
ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ …
2016-12-13 6:02:22 فىردون
ياخشى يېزىپسىز
2016-8-1 17:35:46 ھەسەلگۈل
ئ‍ەسەر ياخشى يېزىلغان تېزرەك يېزىلسا
2016-8-1 17:35:45 ھەسەلگۈل
ئ‍ەسەر ياخشى يېزىلغان تېزرەك يېزىلسا
2016-7-27 2:07:09 halik
razi boldum yahxikan
2016-3-14 19:47:41 كىيانى
ئ‍اخىرى يوقما ؟
2015-12-11 10:57:16 hijran
buradar ahirsni tezrak awatsaglaqu
2015-12-11 9:31:07 نازىم
ياخشى يىزىپسىز ، داۋامىنى ئوقۇشقا تەقەززا بولىۋاتمەن، بولسا تىزرەك يوللىسىڭىز ياخشى بولاتتى.
2015-12-11 3:06:10 ozhan
ahiri kaQan qikar amdi hay
2015-12-11 0:03:40 rayhan
yahximu siz aptur asirigez din bez bak razi birah wahtida yullap birixigezni umut kilma
2015-12-8 23:27:23 نازىم
ياخشى يىزىلىپتۇ، داۋامىچۇ
2015-12-8 1:26:06 buxra
Bak yahxi yiziliptu likin ahirini tapaLma ywatiman
2015-10-15 19:22:25 Manzil
Ahiri nin tiz ram yazsizs
2015-10-15 15:32:56 مەخمۇتجان
ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، تېخىمى كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن . يەنىمۇ تېرىشىڭ ،راۋاجلىنىڭ.....!!!
2015-10-15 13:46:07 تاي
bak yahxi yizip sez bak yahturupkalduh uzigiz yiwatam sez
2015-10-15 11:48:36 ئايدىل
بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ
2015-10-15 5:27:27 tahdir
bo asar bak yahxi yiziliqto rahmat dawamni yolliwatsapla
2015-10-15 0:57:38 ماھىرە
داۋامنى چاقانراق يېزڭلار
2015-10-15 0:14:36 mayir
dawamiga takazza biz
2015-10-14 22:41:47 星运星
bak yahxi yizipsiz koligz gaa dat bamisun .
2015-10-14 22:38:20 arkin
bak yahxi yeziliptu dawamini kuti wa ti man
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ