ئەدەبىيات پاسىىپ كۈچكە ئايلىنىپ قالمىسۇن

 زىيارەت قىلىنغۇچىلار

جاڭ جياڭ (جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پىروفېىسسور)

گاۋ جيەنپىڭ (جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پىروفېىسسور)

لۇ جيەندې (جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى)

لۇ ياۋجىن (جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)

داڭ شېڭيۈەن (جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چەت ئەل ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)

جياڭ: ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تەدرىجىي ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە ئەدەبىيات يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئۈزلۈكسىز بېيىدى. ئىنسانلارنىڭ ئەدەبىياتنى يارىتىشى، شۇنداقلا ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە ئۇنى قوغداپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ، تۈزۈلمىسى مۇكەممەل سەنئەت تۈرىگە ئايلاندۇرۇشىدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟ سەۋەبى ئەدەبىياتنىڭ ئاكتىپ كۈچنى زىممىسىگە ئالغانلىقىدا. ئەدەبىياتتىكى ئاكتىپ كۈچ كىشىنى جاسارەتلەندۈرىدۇ، ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ، ئىنساننىڭ قەلبىنى پاكلاپ، روھىنى تاۋلايدۇ. ئىنسانلار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ ئەدەبىيات سوتسىئولوگىيەسىدىكى ئەقەللىي ساۋات، شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى. بۈگۈنكى كۈندە پەنلەر نوپۇزىنىڭ قاتماللىشىشى ۋە تۈرلۈك رېئال ئامىللارنىڭ ئازدۇرۇشى تۈپەيلى بەزىلەر بۇ ئاساسىي نۇقتىنى ئەستىن چىقاردى، بەزى ئەدىبلەر پاسسىپ كۈچلەرنى تەرغىب قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا يول قويۇپ، ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىغا زەخىم يەتكۈزدى. بىزنىڭ گۇمانلىنىدىغىنىمىز، ئىنسانلارنىڭ ئەدەبىياتنى يارىتىشتىكى ئەسلىي مەقسىتى ئۆزىنى بوغۇش، ھەسرەتلىك، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ھالىتىدە كۈن ئۆتكۈزۈشمۇ؟ ئەگەر ئەدەبىياتتا ئىجابىي كۈچ بولمىسا، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولامدۇ؟ ئەدەبىيات يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟

‹‹پاسسىپ كۈچ›› يامرىماقتا

گاۋ جيەنپىڭ: قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەدەبىيات ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن. بۇنداق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇساق، ئۇنىڭدىن ئىللىقلىق ھېس قىلىمىز، نەپ ئالىمىز. ئۇ كىشىنى ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلارغا ئۈمىد بېغىشلاپ، ئۇلارغا تۇرمۇشقا يۈزلىنىش جاسارىتى ۋە غەيرەت – شىجائەت ئاتا قىلىدۇ. مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئاكتىپ كۈچى. ئەمما بەزى ئەسەرلەر دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرنى ئىلغارلىققا، گۈزەللىككە ئەمەس، بەلكى قالاقلىق، رەزىللىككە دەۋەت قىلىدۇ، كىشىلەرگە پەسلىك، ياۋۇزلۇق، قەبىھلىكنى تەرغىب قىلىدۇ. بۇنداق ئەسەرلەر ئىرادىنى سۇسلاشتۇرۇپ، كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ. ئىنسان ماھىيىتىدە ھەم خىيالغا ئىنتىلىش ھەم ئەمەلىيەتكە قىزىقىش تۇيغۇلىرى مەۋجۇت بولىدۇ، ئاكتىپ كۈچكە تويۇنغان ئەدەبىيات ئىنساننىڭ روھىنى نۇرلاندۇرىدۇ، پاسسىپ ئەدەبىيات خۇنۈكلۈك، چاكىنىلىقنى نامايان قىلىدۇ. ئاكتىپ كۈچكە ئىگە ئەدەبىيات جەمئىيەت ئىناقلىقى، دەۋر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولسا، پاسسىپ ئەدەبىيات كىشى قەلبىنى چىرىتىپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنى بۇزىدۇ.

ھازىر پاسسىپ كۈچ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ھەدەپ يامراشقا باشلاپ، تۈرلۈك شەكىللەردە نامايان بولماقتا. بەزىلەر ئەدەبىياتنىڭ ‹‹مەن››نى يازىدىغانلىقىغا زىيادە ئىخلاس قىلماقتا. نەتىجىدە، ئەسەرلەردە ‹‹مەن›› چەكسىز چوڭايتىلماقتا، ھالبۇكى بۇنداق ‹‹مەن›› نىڭ كۆپىنچىسى دۇنياغا (ھاياتقا) بىھۇدە دۈشمەنلىك نەزەرىدە قارايدىغان كېسەل ھالەتتىكى ‹‹مەن››دۇر. شەخسلەرنىڭ كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقى، دىل يارىسى شىددەتلىك كەلكۈن سۈپىتىدە مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئەسەر قانداقتۇر ‹‹مەن››نىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان جاي بولماسلىق، تەقدىر – پېشانىسى تەتۈر كېلىپ قېلىشتەك جاھاندىن زارلاشلىرى بىلەن تولماقتا. بەزىلەر قەيەرلەردىندۇر ئاڭلىۋالغان مىش – مىش خەۋەرلەرنى ئەسەرلىرىدە ئۇدۇللا ئىپادىلەپ، جەمئىيەتنىڭ ۋاپاسىزلىقى، كىشىلەرنىڭ ياردەمسىزلىكىنى ھە دەپ تەرغىب قىلىپ، بىزارلىق كەيپىياتىنى بىلدۈرمەكتە. بەزىلەر ھەتتا ئىنسان تەبىئىتىدىكى رەزىللىكنى زوقلىنىپ يېزىپ، كىشىلىك تۇرمۇشنى شەخس بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان كۈرەش قىلىپ سۈرەتلىمەكتە. قېرىنداشلىق، دوستلۇق مېھرى ھەم ساداقەتمەنلىك، ئىشەنچ بولمىغان، بىرىنى – بىرى ئالداشلا بولغان جەمئىيەتتە بىر – بىرىگە ئورا كولايدىغان، بىر – بىرىنى قەستلەيدىغان، ھەتتا كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كەيپىيات ئەۋج ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.

كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغان يېرى شۇكى، جەمئىيەتنىڭ بۇنداق پاسسىپ تەرىپىنى سۈرەتلەيدىغان ئەدەبىيات ھازىر بازار تاپماقتا، ھەتتا بەزى ئەدىب، ئوبزورچىلىرىمىز بۇنداق ئەسەرلەرنى چوڭقۇر، چىن، زامانىۋى دېگەن سۆزلەر بىلەن تەرىپلىمەكتە. ئاكتىپ كۈچلەر تەشۋىق قىلىنغان ئەسەرلەر ئەكسىچە يۈزە، كونا، دەۋر تۈسى ئاجىز دەپ تەنقىدلەنمەكتە. بۇنداق يۈزلىنىشكە دىققەت قىلماي بولمايدۇ.

ئىپادىلەش پىسخىك ھالەتكە باغلىق

جاڭ جياڭ: بەزىلەر پاسسىپ كۈچ تەرغىب قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسى يازغۇچىلار ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت، رېئاللىقتا ئادەمنى بىزار، دىلنى غەش قىلىدىغان تۈرلۈك ئىشلار، رەزىل خاھىشلار ئەدەبىياتتىكى پاسسىپ كۈچنى بارلىققا كەلتۈرمەكتە، دېيىشى مۇمكىن. بۇنداق قاراشنىڭ بەلگىلىك ئاساسى باردەك قىلغىنى بىلەن، تەپسىلىي پەرق ئېتىدىغان بولساق مەسىلىنى بايقايمىز. ئەدەبىيات رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بىراق ئۇ ئوبيېكتىپ، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئەينەن كۆرۈنۈشى ئەمەس، ئۇنىڭغا مۇقەررەر ھالدا يازغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ تاللىشى، قىممەت قارىشى، خاس ئۇسلۇبى سىڭىدىغان بولغاچقا، سۇبيېكتىپ ئىدىيە شەرتسىز ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە ھامان ئەكس ئېتىدىغان كۈچ مەيلى ئاكتىپ ياكى پاسسىپ بولسۇن، ئۇ ئوبيېكتقا باغلىق بولماستىن، بەلكى يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

لۇ جيەندې: دەرۋەقە، ھەممە ئادەم ئۆز قارىشى، پىسخىكىسى بويىچە دۇنيانى تونۇش ئەركىنلىكىگە، دۇنياغا بولغان خاس قارىشىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەمما ئۇ يازغۇچىغا قويىدىغان تەلىپىمىز ئادەتتىكى كىشىلەردىن پەرقلىق بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يازغۇچى ئىدىيە، كەيپىياتنى تارقاتقۇچى، يەتكۈزگۈچى مەنبەدۇر. يازغۇچىنىڭ دۇنيانى قانداق تونۇشى، دۇنياغا بولغان تونۇشىنى قانداق ئىپادىلىشى ئوقۇرمەنلەرگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىپ، سانسىزلىغان ئەگەشكۈچىنى جەلپ قىلىدۇ. يازغۇچى ئادەم روھىيىتىنى يارىتىش(پاكلاش) مەجبۇرىيىتىنى زىممىسىگە يۈكلىگەن كىشىدۇر، ئۇنىڭ ئىجادىيەت مەقسىتى كىشىگە يورۇقلۇق، ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇشمۇ ياكى كىشىلەرنى زۇلمەتكە باشلاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىنى سوۋۇتۇشمۇ؟ جاۋاب ئۆزىدىنلا مەلۇم.

ئەدەبىيات ئارزۇ يېتىلدۈرۈش كەسپىدۇر. ئارزۇ رېئاللىق ئەمەس، ئۇ ھەم رېئاللىقنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، رېئاللىق قانداقلا بولسۇن كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ. ئەمما، ئارزۇدىن ئۈمىد، كۈچ تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن رېئاللىقنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئارزۇ رېئاللىقنى يورۇتسۇن، ئۇ ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى ماياك بولسۇن. مانا مۇشۇنداق ئەدەبىياتنى ئاكتىپ كۈچكە ئىگە ئەدەبىيات دەيمىز.

دەۋر بىلەن ئەدەبىيات ئوخشاشلا ‹‹چوڭ بايان››غا موھتاج

جاڭ جياڭ: يېقىنقى يىللاردا ئەدەبىيات ئېقىمىدا بىر خىل مودا قاراش، يەنى ‹‹ماكرو بايان›› ئانالىزى بارلىققا كەلدى. ئەمما بەزىلەر ‹‹ماكرو بايان›› قالاق ئىجادىيەت قارىشى، ‹‹كېيىنكى مۇدىرنىزم››، ‹‹كىچىك بايان››، شەخس ۋە ئۆزلۈك توغرىسىدىكى ئىنچىكە بايانلا ھەقىقىي ئەدەبىياتتۇر، دېگەن قاراشنى ياقلىماقتا. ئۇنداقتا ماكرو بايان دەۋردىن قالدىمۇ؟ دەۋر تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق، ئىنسانلار ئۈزلۈكسىز بۈيۈك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى كۆركەم ھاياتلىقىنى يەكۈنلىمەكتە. تارىخ ئېقىمى تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدۇر، ئۇ ئورتاقلىققا ئىگە دۇنيا ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ناماياندىسىدۇر. ئەدەبىيات زوقلىنىش، كۆڭۈل ئېچىشلا بولماستىن، ئۇ ھەم كىشىگە روھ ۋە كۈچ ئاتا قىلىدۇ. ‹‹ماكرو بايان›› دەۋردىن قالمايدۇ، ئەدەبىيات داستان كەبى كەڭ، مول مەزمۇنلۇق بۈيۈك ئەسەرلەرنىمۇ چەتكە قاقمايدۇ، ئەلۋەتتە.

ليۇ ياۋجىن: تۇرمۇش رەڭگارەڭ بولىدۇ، ئەدەبىياتمۇ ھەم شۇنداق. ئەدەبىيات ‹‹كىچىك بايان›› غىمۇ، ‹‹چوڭ بايان›› غىمۇ موھتاج. مەن ئەدەبىياتنىڭ دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرىمەن. ئەدەبىيات تارىخىدا سانسىزلىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋۇجۇدقا كەلدى، ئۇلار دەۋرنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاساسىي يۆنىلىشكە ئىگە بولۇپ، ئۆلمەس نادىر ئەسەرگە ئايلىنالىدى. ئېلىمىز ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى لۇشۈن، گو مورۇ، ماۋدۇن، باجىن، لاۋشې، ساۋيۈ قاتارلىق مەشھۇر ئەدىبلەر تەپەككۇرىنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، خەلقنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە روشەن دەۋر ئېڭى ئەكس ئەتتى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا قەدەمداش بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىنى تەربىيەلەپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىگە چاقىرىق قىلىپ، ئېلىمىزدە زامانىۋى مىللىي دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا ئاجايىپ زور رول ئوينىدى.

بەدىئىي گۈزەللىك تېخىمۇ قىممەتلىك

جاڭ جياڭ: ‹‹ماكرو بايان›› بىلەن ئېستېتىكىدىكى ‹‹بەدىئىيلىك›› بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق. مۇشۇ يىللاردا بەدىئىي گۈزەللىك ئەدەبىياتىمىزدا بارغانسېرى سۇسلاپ، ئەدەبىيات ساھەسىنى مەسخىرە، كىنايە ۋە يېڭىچە ‹‹ئۇسلۇب››لار قاپلاپ كېتىۋاتىدۇ. بىز ئۇسلۇبنىڭ كۆپ خىل بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز، ئەمما ھە دېگەندىلا ‹‹بەدىئىيلىك›› تىن چەتنەشكە، ‹‹بەدىئىيلىك›› نىڭ ئورنىغا ‹‹ھەجۋىيلىك›› دەسسىتىلىپ، ‹‹بەدىئىيلىك›› نىڭ يوقىلىپ كېتىشىگە قوشۇلمايمىز.

گاۋ جيەنپىڭ: ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆسكەندىن كېيىن، كىشىلەردە مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش ئېھتىياجى تۇغۇلدى؛ جەمئىيەتنىڭ سىغدۇرۇش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشى نوقۇل كۆڭۈل ئېچىش ئەسەرلىرىگە سورۇن ھازىرلاپ بەردى. پەس ئارزۇ – ھەۋەسلەرنىڭ بازار تېپىشى قىسمەنلەرنى نەپسانىيەتچىلىككە باشلىدى. بۇنداق ئەھۋالدا بەزى ئەدىبلەر ھازىرقى ئەدەبىيات بەدىئىيلىككە موھتاج ئەمەس، ئارامبەخش، يۇمۇرلۇق كەيپىيات پەيدا قىلىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە، دەپ قارىدى. نەتىجىدە مەسخىرە، ھەجۋىي، توقۇلما ئەسەرلەر كۆپىيىپ كەتتى.

ئەدەبىي ژانىرلار كۆپ خىل بولىدۇ، ھەم شۇنداق بولۇشى كېرەك. بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش دەل ئەدىب، سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ئۆز تالانتىنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇشى دېگەنلىكتۇر. ھازىرقى زامان تۇرمۇش رىتىمى بېسىمىدا بەزى ئەسەرلەر كىشىنى كۈلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جىددىيلەشكەن نېرۋىلىرىنى بوشىتىۋاتىدۇ، قەلبنى ئىللىتىدىغان بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە زىيىنى يوق. بىراق، ئەدەبىياتى ئارامبەخش، يۇمۇرلۇق بولۇش بىلەنلا قانائەتلەنگەن، ھەتتا بەك ياغلىما بولۇپ كەتكەن مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولماي قالىدۇ. ھازىر مۇنداق بىر خاھىش كۆرۈلۈۋاتىدۇ، ئەدەبىيات ۋە كىنو – فىلىملەر، ھەتتا دىراما – ئېتوتلار كۈلكىلىك بولۇش بىلەنلا بازار تاپماقتا. ئەسەرلەر چوڭقۇر مەزمۇن، قالتىس ۋەقە، سەمىمىي تارىخىي تۇيغۇ، كۆتۈرەڭگۈ روھتىن چەتنەپ، كۈلكىلىك بولۇش بىلەنلا كۇپايىلەنمەكتە. بۇ مەسىلە بولماي نېمە؟

كۆڭۈل ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇقەددەس ھەم كۆركەم بەدىئىي گۈزەللىك تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر. مەزمۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، بەدىئىيلىك بىر خىل بۈيۈكلۈك، كۆركەملىك ۋە گۈزەللىكتۇر. يۇمۇرلۇق، مەسخىرۋازلىققىلا بېرىلىپ، ئەدەبىياتنى ئارامبەخىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىپ، كۆركەم بەدىئىيلىكنى چەتكە قايرىپ قويۇش ئەدەبىياتنى ھەم ئەدىبلىرىمىزنى پەسلەشتۈرگەنلىكتۇر. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئەلۋەتتە. ئەمما نوقۇللا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا بېرىلمەسلىك، ھەتتا چاكىنا ھەزىل، مەسخىرىۋازلىق بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە مايىل بولماسلىق كېرەك. ئەدەبىيات ئۇلۇغ ئىدىيە ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ يۈكسەكلىكىدە ئوقۇرمەنلەرنى يېتەكىلىشى كېرەك. بۇنداق يۈكسەكلىك ۋە يېتەكلەش ئەسەرنى يۇمۇرلۇق، مەسخىرىۋازلىققا تويۇندۇرۇشتەك ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. دېمەك، ئەسەردىكى يۈكسەكلىك ۋە يېتەكلەش ئېڭى قانچە كۈچلۈك بولسا ئەدەبىياتنىڭ ئەھمىيىتى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ، ئەدىبلىرىمىزنىڭ قىممىتىمۇ شۇنچە ئاشىدۇ.

ئەدەبىي ژانىرلاردا ھەرقانچە ئۆزگىرىش بولسىمۇ، بەدىئىيلىكنى قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. قوپاللىق، تۇراقسىزلىق، مۇشتۇمزورلۇقنى بەدىئىيلىككە كۆتۈرۈشكە، كۈندىلىك تۇرمۇشنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بەدىئىيلىكنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدە قەيسەرلىك، بۈيۈكلۈك، مۇقەددەسلىك ئۇقۇمى بار. بىز يەنىلا شۇنداق بىر ئەدەبىياتقا موھتاجمىزكى، ئۇ زىلزىلە كۈچىگە، كۆركەم ھەم مۇقەددەسلىككە، ھۆرمەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. مانا بۇ ھەقىقىي ئەدەبىياتتۇر.

ئويلىنىش ۋە تەنقىدمۇ ئاكتىپ كۈچتۇر

جاڭ جياڭ: بىر نۇقتا ئايدىڭ بولۇش كېرەككى، ئەدەبىياتنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاكتىپ كۈچ يەتكۈزۈش رولىنى تەشەببۇس قىلىش ئۇنىڭ ‹‹كۈيلەش›› ‹‹مەدھىيەلەش›› رولىنىلا تەكىتلەپ، ئويلىنىش، تەنقىد قىلىش رولىنى يوققا چىقىرىش دېگەنلىك ئەمەس. جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدە پائال ئويلىنىش ۋە ئۇنى كۈچلۈك تەنقىد قىلىشمۇ ئەدەبىياتنىڭ ئاكتىپ كۈچىدۇر. گەپ ئەدىبلىرىمىزنىڭ قانداق ئويلىنىشى، تەنقىد قىلىشى، مەقسەت، مەۋقەنى تېپىپ چىقىشىدا.

داڭ شېڭيۇەن: بۇ نۇقتىنى تەكىتلەش بەكمۇ مۇھىم. بىز ‹‹ئەدەبىيات ئاكتىپ كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك›› دېگەن تېمىنى ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدا، بۇ بەزى بىر خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىشى؛ بەزىلەر بۇ ھەممىنى پەردازلاپ كۆرسىتىش، رېئاللىقنى مەدھىيەلەپ، ئەدەبىياتنىڭ ئويلىنىش، تەنقىد قىلىش ئىقتىدارىنى ئىنكار قىلىش ئەمەسمۇ؟ دېيىشى مۇمكىن. بۇ خاتا چۈشەنچە. بىزنىڭ ئەدەبىياتنىڭ ئاكتىپ كۈچى توغرىسىدىكى ئانالىزىمىز ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇش توغرىسىدىكى ئاكتىپ ئويلىنىشى ۋە تەنقىدىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەدەبىيات ‹‹بۈيۈكلۈك››نى نامايان قىلىدۇ، ماكرو بايان ئارقىلىق زىلزىلە پەيدا قىلىدۇ؛ ئەدەبىيات ‹‹بەدىئىيلىك››نى يارىتىدۇ، غايە گۈزەللىكى ئارقىلىق قەلبنى پاكلايدۇ. مۇشۇلار تارىخ ۋە رېئاللىق، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك تۇرمۇش توغرىسىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە تەنقىدنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

ئەدەبىيات جەمئىيەتنى تولۇقلاش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، پائال ئويلىنىش ۋە تەنقىد قىلىش رولى ئارقىلىق، جەمئىيەت ۋە كىشىلەر قەلبىدىكى ئېغىشلارغا مەلھەم بولىدىغان ‹‹دورا›› بولىشى، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ پاكلىنىشىغا تولۇقلىما بولۇپ، مىللەتنىڭ مەنىۋى ئەخلاق ساپاسىنىڭ يۈكسىلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك. دەرۋەقە، كىشىلەردە كېسەلنى يوشۇرۇش پىسخىكىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىپالىق دورا ئاچچىق بولىدۇ، مانا بۇ ئەدىبلىرىمىزنىڭ ماھارىتىنى سىنايدۇ، مۇھىمى دورا رېتسېپى كېسەلگە شىپا بولۇشى، ساختا بولماسلىقى كېرەك.

جاڭ جياڭ: ھەر قانداق دەۋردە ئاكتىپ، پاسسىپ كۈچلەر تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئاكتىپ كۈچ مەڭگۈ مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرىدۇ، پاسسىپ كۈچ ئۈستىدىن مەڭگۈ غالىب كېلىدۇ. ئاكتىپ كۈچ دەۋر تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يادرولۇق كۈچى. ئەدىبلەر ئاكتىپ كۈچنى بايقىغۇچىلار، تارقاتقۇچىلار بولۇشى كېرەك. ئەدىبلەرنىڭ نەزەرى، قىزىقىشىنىڭ قاياققا بۇرۇلۇشى، تۇرمۇش ۋە كىشىلەر قەلبىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىنى بەلگىلەيدۇ. ‹‹ئەسەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق›› دېگەن سۆزنىڭ ئاساسى بار. ئەدىبلەر بەدىئىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، مەنىۋى پاكلىقىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى، پەزىلەت، نىشان، يۈكسەكلىك ۋە بۈيۈكلۈككىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

شۇنداق قىلغاندىلا، ئەدىبلىرىمىز ئاكتىپ كۈچنى ئېغىشماي بايقىيالايدىغان ئۆتكۈر نەزەرگە ئىگە بولۇپ، ئاكتىپ كۈچنى تەشۋىق قىلىدىغان كۈچلۈك كەيپىياتنى يارىتالايدۇ.

ئادىل ئابلىز شاكىر تەرجىمىسى





834 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-1 1:38:20  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-5 0:48:36 ئ‍اينىگار (ئەتتىرگۈل )
بۇ ئەسەرنى بەك ياخشى يوللاپسىلەر، دىمىسىمۇ بۇ ئ‍ەسەردە دىيىلگەندەك ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىندىغالارنىڭ ئ‍ىجابىلىقنى قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ۋە ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىرشىپ يېڭىلىق يارتىشقا، ئ‍نسان روھىيتىنى ئ‍ۆزىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق گۈزەللەشتۈرۈشگە ياخشىلىققا ئ‍ىنتىلدۈرىشىگە مۇھتاج .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ