ئۇ كەلدى!!! 3-بۆلەك

ئۇ كەلدى!!!   3-بۆلەك

 

كەترەن

 

... ئۇلار قورققىنىدىن نىمە قىلارىنىمۇ بىلەلمەي قالدى. ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇنى كۆتۈرۈپ ئىلىپ كېتىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.شۇڭا كۆپچىلىك ئاۋۋال چېدىرغا قايتىپ كىتىشنى لايىق تاپتى. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە چېدىر ئاللىبۇرۇن ئۇچۇرۇپ كېتىلگەن بولۇپ تاشلاندۇق ئۆيلەرگە كىرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى . بوران ھامان شىددەتلىك ھۇۋلايتتى. ئۇلار تىخىچە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلالمايۋاتتاتتى. مېڭىلىرىمۇ بۇ تاسادىپى كېلىشمەسلىكلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئامال قىلالمايۋاتاتتى. ئاخىرى جىمجىتلىقنى ئارزۇگۈل بۇزدى: ـــ مۇرات مۇئەللىم، سىز بۇ ئىشلارنى يەنە ئاشۇ مەخلۇق قىلدى دەپ قارامسىز؟؟؟ خالىدە بىلەن ئابدۇللامۇ ئارزۇگۈلنىڭ بۇ سۇئالىغا كۆڭلىدە بىردىن بىلەت تاشلاپ مۇرات مۇئەللىمگە قارىدى. مۇئەللىم بېشىنى چايقىدى: ـــ مەن دىگەن . ئۇ رىۋايەت. كۆپچىلىكتىن ئەڭ نامۇۋاپىق پەيتتە بۇ رىۋايەتنى سۆزلەپ ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ـــ ئۇنداقتا ئۇ زادى كىم؟؟ ئۇ بىزنىمۇ ئۆلتۈرىشى مۇمكىنمۇ؟؟؟ ــ دىدى خالىدە ئالدىراپ. مۇرات مۇئەللىم سومكىسىدىن بىر يانفوننى چىقىرىپ كۆپچىلىككە سۇندى. ـــ بۇ ئاخشام كۆل بويىدىن تېپىۋىلىنغان يانفون.. ئەنۋەرنىڭ يانفونى ئوخشايدۇ ..ئاخشام ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتكەندىن كىيىن تىلىفوندا بىرى بىلەن ۋارقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلىغانىدىم، لىكىن ئۇيقۇ ئارلاش بولغاچ مۇنۇ بىر جۈملە سۆزنىلا ئاڭلىيالىدىم، ـــ يالغان... ئەركىن!!! بۇ سەن ئەمەس!! مۇمكىن ئەمەس!!!سەن بۇ يەرگە كىلەلمەيسەن!!! ــــ نىمە؟؟؟ ئەركىن!!! ؟؟؟ بۇنى ئاڭلاپ ئۈچەيلەن تەڭلا ۋارقىرىۋەتتى. ـــ شۇنداق.. مەن پەقەت غەلىتىلىك ھېس قىلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىزلا بۇ ئىشلار يۈز بەرگەچكە خاتىرەمدىن غۇۋالىشىپ قاپتۇ. ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ تىخىمۇ دەككە دۈككىگە چۈشۈشتى. ئەركىن ــــ ئۇلارنىڭ يىقىن دوستى. ئەسلى ئۇلار مەكتەپتە ئالتەيلەن بەك ئىناق ئۆتەتتى، لىكىن ئەركىننىڭ ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى بولمىغاچ ئۇلاردەك كۈندە بىللە يۈرەلمەيتتى، دائىم سىرتتا ئىشلەپلا يۈرەتتى. ئەڭ ئادەمنى چۆچىتىدىغان يېرى ـــ ئەركىن ئۇلار ئىمتىھاندىن بۇرۇن نەنسەنگە ساياھەتكە چىققاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تىك ياردىن چۈشۈپ كەتكەن، كىيىن جەسىتى تىپىلمىغاچ توختاپ قالغانىدى... ئۇلار شۇچاغدا ئىنتايىن قايغۇرغان، ھەتتا ئىمتىھان ھارپا كۈنىسىمۇ كېچىچە جىلغىنى ئىزدەپ چىققانىدى. لىكىن لوپنۇرغا ساياھەتكە كەلگەندىن بېرى، ئەركىن ئۇلارنىڭ خىيالىدىن ئاستا ئاستا كۆتۈرۈلگەن، تېمىلارمۇ تەبئى ھالدا ئۇنىڭدىن چەتنەيدىغان بولۇپ قالغانىدى! ئەمدى بۇ زادى نىمىش؟؟!! ئەنۋەرگە تىلىفون قىلغان راست ئەركىنمىدۇ؟؟ قاتىلچۇ؟؟ كۆپچىلىكنىڭ كاللىسىدا بۇ خۇددى مىڭلىغان يىپ ئىرماش چىرماش ئۆتكۈزۈلگەن كاللەكتەك مۇرەككەپ مەسلىگە ئايلاندى. كۆپچىلىك بارغانسىرى جىمىپ كەتتى . ئۇلارنى ئولتۇرغانچە سۈر باستى . ئابدۇللا ئاستا ئورنىدىن تۇردى ھەم باشقا بىر تاشلاندۇق ئۆيگە كىرىپ ھاجەت قىلىۋالدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن خالىدە دەرھال يەردىكى ئەنۋەرنىڭ يانفونىنى قولىغا ئالدى. ئۇنىڭ بۇنداق جىددىيلەشكەن ھالىتىنى كۆرگەن ئارزۇ ئەجەپلەندى: ـــ نىمىش قىلىسەن؟؟؟ خالىدە دەرھال ئارزۇنىڭ ئاغزىنى قولى بىلەن ئېتىۋىلىپ ئاستا شىۋىرىدى: ـــ ئەركىنگە تىلىفون قىلىمەن!!! ـــ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟؟؟!! ئارزۇ چۆچىگىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى. مۇرات مۇئەللىم ھەيرانلىق نەزىرىدە ئۇلارغا قارىدى. ـــ ياق. مەن ئەركىنگە تىلىفون قىلىمەن. ئۇنىڭغا ئۇنى ئابدۇللانىڭ قەستلىگەنلىكىنى، بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىمەن... ئاندىن بىز ھايات قالىمىز،، ئۇ بىزنى ئۆلتۈرمەيدۇ.. ھايات قالىمىز .. ئۇ شۇنداق دىگىنىچە خۇددى ئالجىپ قالغان كىشىدەك يانفوندىن ئاخشامقى نومۇرغا تىلىفون قايتۇرماقچى بولدى.دەل شۇچاغ ئابدۇللا يىنىپ كىردى... خالىدە ئابدۇللاغا تىكىلىپ قاراشقىمۇ پېتىنالماي يانفوننى ئوغۇرلۇقچە ئاستىغا تىقىۋالدى. كۆپچىلىك يەنە جىمىپ قىلىشتى.. ئارلىقتا سوغۇق ۋەھىمە تىخىمۇ كۈچىيىۋاتقاندەك بىلىندى. مۇرات مۇئەللىمنىڭ خىيال ئىكرانى يىنىك رەۋىشتە نەنسەندىكى ساياھەتكە قايتىپ كەلدى....... ـــ مۇئەللىم، قارىڭە ... ئەركىن نەق كاۋاپچىنىڭ ئۆزىلا ھە .. ھاھاھا.. مۇئەللىم خالىدەنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئون مىتىر نېرىدا تەرلەپ پىشىپ كاۋاپ قىلىۋاتقان ئەركىنگە قارىدى. ئەركىن مۈرىسىگە ئارتىلغان لۆڭگە بىلەن پىشانىدىكى تەرلىرىنى سۈرتكەچ چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ كاۋاپ پىشۇرۋاتتاتتى.. مۇرات مۇئەللىم بولسا بەش ئوقۇغۇچىسى بىلەن كىچىك سېلىنچىدا ئولتۇرۇپ قارتا ئوينىغاچ پاراڭلىشىۋاتتاتتى. ئۈرۈمچىدەك تار، دىمىق شەھەردىن زېرىكىپ باشلىرى ئايلىنىپ كەتكەن بۇ بىرتوپ ياش، ئىگىز ئىگىز قارىغايلار ئارىسىدىكى ياپيىشىل ئوت چۆپ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ سالقىن، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ باشقىچىلا روھلىنىپ كەتكەنىدى. بۇ چاغدا ئابدۇللا كىمدۇر بىرى بىلەن تىلىفوندا سۆزلىشىپ يىراقلاپ كەتتى. مۇرات مۇئەللىممۇ بىرىدىن تىلىفون كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ سىگنال ياخشىراق بولسۇن ئۈچۈن يۇقىرىغا قاراپ ماڭدى. ئالاھەزەل ئون مىنۇتتىن كىيىن مۇرات مۇئەللىم كىچىكرەك بىر چوقىدا تۇرۇپ پەستىكى بىر مەنزىرىنى كۆردى: ـــ ئابدۇللا ئەركىننى ئىتتىرىپ ياردىن چۈشۈرۋەتتى!!!!!!





1173 قېتىم كۆرۈلدى ketren ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-11 22:23:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-15 21:30:07 arzu
tugDma Dawamqu?
2015-8-14 11:41:59 نۇربىيە
شۇنداق ياخشى يىزىلىپتۇ؛ ئاخىرىنى ئۇقۇشقا تەشنامەن
2015-8-14 0:33:18 كەترەن
m971670731بۇ ئۈندىدارنى قېتىپ، ئۇ كەلدى !! !! !! توپىغا قېتىلىپ بەس مۇنازىرىگە قاتنىشىڭ.ئەڭ يىڭى قىسىملىرى يازغۇچىلار تورى بىلەن ماس قەدەمدە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ .. كەترەن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ